كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 25-‏دە‌رس
  • خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ھاياتلىق قانداق باشلانغان؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى بىزنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 25-‏دە‌رس
25-‏دە‌رس.‏ يە‌ر شارىنىڭ بوشلۇ‌قتىن كۆرۈنىشى.‏

25-‏دە‌رس

خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئىنساننىڭ ھاياتى قىسقا ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولغاندۇ‌ر (‏ئايۇ‌پ 14:‏1)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى شۇ‌نداق ياشاش ئۈچۈن ياراتقانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نداق بولمىسا،‏ ئۇ نېمە مە‌قسە‌تتە بىزنى ياراتقان؟‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى بىر كۈنى ئە‌مە‌لگە ئاشامدۇ؟‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان جاۋابلارنى تاپايلى.‏

1.‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمە مە‌قسە‌تتە ياراتقان؟‏

يە‌ھۋا بىزنىڭ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر ئە‌ڭ ياخشى ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنى يە‌ر يۈزىدە ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى گۈزە‌ل ئېرە‌م بېغىغا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ ‏«خۇ‌دا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌پ:‏ ‹سىلە‌ر پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ كۆپىيىڭلار،‏ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار›،‏—‏ دېگە‌ن»‏ (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ،‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شى ۋە ھايۋاناتلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشىنى خالىغانىدى.‏ ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌ن بىلە‌ن،‏ ساغلام مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشىنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏

ھازىر شۇ‌نداق ھايات كە‌چۈرمىسە‌كمۇa‏،‏ ئە‌مما خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى مە‌قسىتى ئۆزگە‌رگىنى يوق (‏يە‌شايا 46:‏10،‏ 11)‏.‏ ئۇ ھېلىھە‌م ئۆزىگە ئىتائە‌تچان بولغان ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل شارائىتتا مە‌ڭگۈ ياشىشىنى خالايدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ھازىر مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى روھىي ئېھتىياج بىلە‌ن ياراتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىگىمىز بار (‏مە‌تتا 5:‏3‏–‏6‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ يولىدا مېڭىپ،‏ ئۇ‌نى سۆيۈشىمىزنى ۋە پۈتۈن قە‌لبىمىز بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏12؛‏ زە‌بۇ‌ر 25:‏14)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز شۇ‌نداق قىلساق،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىپ ياشىساق،‏ ھاياتىمىز ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز ئۇ خالىغاندە‌ك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن يە‌ر شارىنى ياراتقاندا،‏ ئۆزىنىڭ چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ نېمە مە‌قسە‌تتە يارىتىلغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ‌لار ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏

ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ياپ-‏يېشىل ئۆسۈملۈكلە‌ر ۋە ھايۋاناتلار بىلە‌ن تولغان گۈزە‌ل باغقا قاراۋاتىدۇ.‏

3.‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنىڭ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىنى مە‌قسە‌ت قىلغان

فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «خۇ‌دا يە‌رنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى —‏ ئۈزۈندە» (‏41:‏1)‏

  • يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن يە‌ر شارىنى شۇ‌نچىلىك گۈزە‌ل قىلىپ ياراتقان؟‏

ۋە‌ز 3:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تتىن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ئۆزگە‌رگىنى يوق

زە‌بۇ‌ر 37:‏11،‏ 29 ۋە يە‌شايا 55:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنىڭ ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

1.‏ ئۆگزىسى چۈشۈپ كە‌تكە‌ن،‏ دېرىزىلىرى چېقىلىپ كە‌تكە‌ن،‏ ھويلىسى ئە‌خلە‌تكە تولغان،‏ تاشلىۋېتىلگە‌ن ئۆي.‏ 2.‏ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلگە‌ن شۇ ئۆي پاكىز،‏ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.‏

تاشلىۋېتىلگە‌ن ئۆينى قايتا تىكلە‌شكە بولىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئىنسانلار تە‌رىپىدىن ۋە‌يران قىلىنغان يە‌ر شارىنى ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا يېڭىلايدۇ.‏ ئۇ يە‌ردە خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلە‌ر ياشايدۇ

5.‏ يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك ياشىساق،‏ ھاياتىمىز ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتىدۇ

ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى بىلىش بىزنى شاد-‏خوراملىققا چۆمدۈرىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

فىلىم:‏ «مە‌ن ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تاپتىم» (‏03:‏5)‏

  • ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ تېرۇ‌مى ئۆز ھاياتىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلغان؟‏

ۋە‌ز 12:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟‏»‏

  • سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدە مۇ‌كە‌ممە‌ل شارائىتتا مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بىز چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلساق،‏ ھازىرمۇ ۋە كېلە‌چە‌كتىمۇ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۈچۈن ئە‌سلى نېمىنى ئىرادە قىلغان؟‏

  • خۇ‌دانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

  • ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى قانداق تاپالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ئېرە‌م بېغى ئۆتمۈشتە ھە‌قىقە‌تە‌ن بولغانلىقى ھە‌ققىدىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئېرە‌م بېغى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تمۇ ياكى ھە‌قىقە‌تە‌ن بولغانمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار)‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ر شارى مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«يە‌ر شارى يوق بولۇ‌پ كېتە‌مدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

ھاياتنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

ئۆزىدە ھە‌ممە نە‌رسە تە‌ل دە‌پ ئويلىغان بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا نېمە كە‌ملىكىنى قانداق چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

‏«ھازىر ھاياتىمنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيىتىنى چۈشە‌ندىم»‏ (‏55:‏3)‏

a بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى كېيىنكى دە‌رستىن بىلە‌لە‌يسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش