06-دەرس
ھاياتلىق قانداق باشلانغان؟
يەھۋا — «ھاياتلىق بۇلىقى» (زەبۇر 36:9). سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ بەزىلەر ھاياتلىق مەقسەتسىزلا پەيدا بولغان، ياراتقۇچى يوق دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىز تاسادىپىيلىق بولىدۇ. بىراق، ئەگەر پەرۋەردىگار يەھۋا ھاياتلىقنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭدا چوقۇم بىر مەقسەت بار، شۇنداق ئەمەسمۇa؟ مۇقەددەس كىتابتا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە نېمە يېزىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. كائىنات قانداق پەيدا بولغان؟
مۇقەددەس كىتاب: «دەسلەپتە خۇدا ئاسمانلار بىلەن يەرنى ياراتتى» (يارىتىلىش 1:1). نۇرغۇن ئالىملار ئالەمنىڭ باشلىنىشى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خۇدا ئۇنى قانداق ياراتقان؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت كۈچى، يەنى مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىپ ئاسماندىكى سامان يولى سىستېمىسى، يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ئالەم بوشلۇقىنى ياراتقان.—يارىتىلىش 1:2.
2. خۇدا نېمە ئۈچۈن يەرنى ياراتقان؟
يەھۋا «يەرنى بىكارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان» (يەشايا 45:18). ئۇ يەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن راھەت ۋە مەڭگۈ ياشايدىغان ماكان قىلىپ بەرگەن (يەشايا 40:28؛ 42:5-نى ئوقۇڭ). ئىلىم-پەن يەر شارىنىڭ باشقا ھەرقانداق سەييارىدىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت يەر شارىلا ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
3. ئىنسانلارنى نېمە ھايۋاناتلاردىن پەرقلىق قىلغان؟
يەھۋا يەرنى ياراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ھاياتلىقنى ياراتقان. ئۇ ئاۋۋال يەرنى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلار بىلەن تولدۇرغان. كېيىن، خۇدا ئۆز ئوبرازىدىكى ئادەمنى ياراتقان (يارىتىلىش 1:27-نى ئوقۇڭ). ئىنسانلار قانداق ئۆزگىچە يارىتىلغان؟ بىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىكەنمىز، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئادىللىققا ئوخشاش ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيمىز. ئۇ يەنە بىزنى تىللارنى ئۆگىنىش، گۈزەل نەرسىلەردىن ھۇزۇر ئېلىش ۋە مۇزىكىدىن زوقلىنىش قابىلىيىتى بىلەن ياراتقان. بىزنىڭ ھايۋاناتلاردىن پەرقىمىز، ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلالايمىز.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ھاياتلىقنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆرۈپ بېقىڭ. ئىنسانلارنىڭ پەزىلەتلىرى خۇدا ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. ھاياتلىق يارىتىلغان
ئادەملەر تەبىئەتتىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىجاد قىلغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ماختاشلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇنداقتا، شۇ تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلار ئۈچۈن كىمنى ماختاش كېرەك؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
ئىنسانلار تەبىئەتتىن ئۆرنەك ئېلىپ، نېمىلەرنى ئىجاد قىلغان؟
ھەر بىر ئۆينى بىرسى پىلانلايدۇ ۋە سالىدۇ. بىراق، تەبىئەتتە مەۋجۇت شەيئىلەرنى كىم پىلانلىغان ۋە ياسىغان؟ ئىبرانىيلار 3:4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
تەبىئەت دۇنياسىدىكى قايسى ياراتمىلار سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ؟
پۈتكۈل كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
سىز بىلەمسىز؟
jw.org تور بېكىتىگە كىرىپ، «ئاجايىپ ياراتمىلار» ۋە «ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا تېگىشلىك ئوي-پىكىرلەر» ناملىق سەھىپىلەردىن، بۇ ماۋزۇلار ھەققىدە ماقالىلەرنى ۋە فىلىملەرنى تاپالايسىز.
ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر
5. مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش توغرىسىدىكى مەلۇمات ئەقىلگە ئۇيغۇن
مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش كىتابى، 1-بابتا، يەر ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى تەسۋىرلەنگەن. سىز يېزىلغان شۇ مەزمۇنلارغا ئىشىنەمسىز ياكى ئۇلار بىر ئەپسانە-رىۋايەتمۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
مۇقەددەس كىتاب، يەر شارى ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار 24 سائەتنى ئۆلچەم قىلغان 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغان، دەپ ئۆگىتەمدۇ؟
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش ھەققىدىكى مەلۇمات ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
يارىتىلىش 1:1-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
ئالىملار كائىناتنىڭ باشلىنىشى بولغان دەيدۇ. ئۇلار چىقارغان خۇلاسە بىلەن ھازىر مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىڭىز بىر-بىرىگە ماس كېلەمدۇ؟
بەزىلەر، «خۇدا بەلكىم ھاياتلىقنى تەدرىجىي تەرەققىيات ئارقىلىق ياراتقان»، دەپ ئويلايدۇ. يارىتىلىش 1:21، 25، 27-ئوقۇڭ ۋە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
مۇقەددەس كىتاب، خۇدا ئاددىي جانلىقنى يارىتىپ، كېيىن جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بېلىققا، سۈت ئەمگۈچىلەرگە ۋە ئاخىرىدا ئىنسانغا ئايلىنىشىغا يول قويغان دەپ ئۆگىتەمدۇ؟ ياكى خۇدا ھەممە جانلىقلارنى ئۆز تۈرى بىلەن ياراتقانمۇ؟
6. ئىنسانلار خۇدانىڭ ئۆزگىچە ياراتمىسى
بىز ھەممىگە قادىر خۇدا ياراتقان ھايۋاناتلاردىن پەرقلىنىمىز. يارىتىلىش 1:26-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
بىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغاچ، مېھىر-مۇھەببەت، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش قابىلىيىتىمىز بار. بۇلار يەھۋانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئەپسانە-رىۋايەتلەر».
سىز قانداق ئويلايسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
يەھۋا كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىقنى ياراتقان.
تەكرارلاش
مۇقەددەس كىتاب كائىناتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە نېمە ئۆگىتىدۇ؟
خۇدا ئاددىي جانلىقنى يارىتىپ، ئۇنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىغا يول قويغانمۇ ياكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانلىقلارنى تۈرى بويىچە ياراتقانمۇ؟
ئىنسانلار قانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلار ياراتقۇچىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«تەبىئەتتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟» («ئويغىنىش!»، 2006-يىل، سىنتەبىر)
بىر دادىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئوغلىغا قانداق چۈشەندۈرۈپ بەرگىنىنى كۆرۈڭ.
ئويلاپ كۆرۈڭ، تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەر ئىككىسى توغرىمۇ؟
تاش قاتمىلار ياكى ئىلىم-پەن تەجرىبىلىرى ھاياتلىقنىڭ يارىتىلغان ياكى تاسادىپىي پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
«مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى — بەش مۇھىم سوئال» (كىتابچە)
a خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھەققىدە 25-دەرستە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.