قۇشۇمچە ئىزاھات
بايراققا سالام بېرىش، ئاۋاز بېرىش ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت
بايراققا سالام بېرىش. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بايراققا سالام بېرىش ياكى سەجدە قىلىش بىر خىل دىنىي چوقۇنۇشتۇر، يەنى نىجاتلىق ئاللا يەھۋادىن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ياكى سىياسىي رەھبەرلەردىن كېلىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ (يەشايا 43:11؛ 1-كورىنتلىقلار 10:14؛ 1-يۇھاننا 5:21). شۇنداق رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان قەدىمقى بابىلون پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە دىنىي قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، غايەت زور بىر ھەيكەل تىكلەپ، خۇددى بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت شېئىرى ئورۇندالغانغا ئوخشاش، مۇزىكا چېلىنغاندا بارچە پۇقرالارنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. بىراق، ئۈچ ئىبرانىي ياش — شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا قارىماي ھەيكەلگە سەجدە قىلىشنى رەت قىلغان. — دانىيال كىتابى 3-باب.
تارىخشۇناس كارلتون. خېيسنىڭ ئېيتىشچە، بىزنىڭ زامانىمىزدا، «بايراق — ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادىنىڭ ئاساسىي سىمۋولى ياكى چوقۇنۇش نىشانى بولغان. بايراقنى ئالدىدىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئەرلەر باش كىيمىنى قولىغا ئالىدۇ؛ بايراقنى مەدھىيلەپ شائىرلار شېئىرلارنى يازسا، بالىلار ناخشىلار ئېيتىدۇ». ئۇ يەنە، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ خۇددى بىر دىنغا ئوخشاش، «مۇقەددەس كۈنلىرى»، مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى؛ «ئەۋلىيا-ئەنبىيالىرى ۋە قەھرىمانلىرى»، ھەتتا «چوقۇنۇش جايلىرى» بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. برازىلىيەدە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھەربىي ئەمەلدار بىر ئاممىۋى مۇراسىمدا: «خۇددى ئانا ۋەتەنگە چوقۇنغاندەك ... كىشىلەر بايراقنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ»، دەپ سۆز قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، (The Encyclopedia Americana) ئامېرىكانا قامۇسى: «خۇددى كرېستقا ئوخشاش، بايراق ھەم مۇقەددەستۇر»، دەپ تەكىتلىگەن.
شۇ قامۇسنىڭ يېڭى نەشىرىدە: دۆلەت شېئىرى، «ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىلاھىي يولباشچىلىق سوراش ۋە خەلق ياكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان»، دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇ سەۋەب، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بايراققا سالام بېرىش ۋە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇش قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادىنى، دىنىي چوقۇنۇش، دەپ قارىغانلىقى ئۇلارنىڭ غەرەز ئۇقمىغانلىقى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ بايراققا سالام بېرىش ۋە دۆلەتكە سادىق بولۇش قەسىمى بېرىشنى رەت قىلىشى ھەققىدىكى، «ئامېرىكا خەلقىنىڭ روھى»، دېگەن كىتابتا: «ئالىي سوت مەھكىمىسى بىرنەچچە قېتىم سوت ئاچقاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ كۈندىلىك مۇراسىملارنىڭ دىنىي تۈس ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى»، دەپ بايان قىلىنغان.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابقا زىت، دەپ قارىغان مۇراسىملارغا قاتناشمايدۇ. ئەمما، باشقىلار قاتناشسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار يەنە دۆلەت بايرىقىنى سىمۋول سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپ، «خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى» بولغانلىقى سەۋەبلىك، «ھۆكۈمەتكە» يەنى قانۇنلىق ھوقۇق يۈرگۈزگۈچىلەرگە بويسۇنىدۇ (رىملىقلار 13:1–4). شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان بىزلەر نەسىھەتگە قۇلاق سېلىپ، «پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى» داۋاملاشتۇرىمىز. سەۋەبى، شۇنداق قىلساق، «بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ». — 1-تىموتىي 2:2.
سىياسىي سايلاملاردا ئاۋاز بېرىش. ئاللا يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار، باشقىلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇلار سايلامغا قارشى چىقمايدۇ ھەمدە سايلانغان ئەمەلدارلارغا بويسۇنىدۇ. ئەمما، ئۇلار دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماي بىتەرەپلىكنى قەتئىي ساقلايدۇ (مەتتا 22:21؛ 1-پېترۇس 3:16). ئەگەر دۆلەت، پۇقرالارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلسا ۋە باشقىلار سايلامغا قاتناشمىغانلارغا كۈچلۈك قارشى چىقسا، ئۇنداقتا خۇدا خىزمەتچىلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەسلەپ كۆرسەك، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو دۇرا تۈزلەڭلىكىگىچە بارغان ئىدى. بەزى ئېتىقادچىلار شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، ۋىجدانى يول قويسا، سايلامغا بېرىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار بىتەرەپ بولۇپ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. ئۇلار تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ‹بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس›. — يۇھاننا 15:19.
ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەسىھ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. — يۇھاننا 18:36؛ 2-كورىنتلىقلار 5:20.
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسى بىلەن باغلىنىپ، ئىمان-ئېتىقادتا بىر بولغان. — 1-كورىنتلىقلار 1:10؛ كولوسىلىقلار 3:14.
ئەمەلدارلارنى سايلىغانلار، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا شېرىك بولىدۇ. — 1-سامۇئىل 8:5، 10–18؛ 1-تىموتىي 5:22-ئايەتلەر كۆرسىتىدىغان قائىدە-پرىنسىپقا دىققەت قىلىڭ.
يەھۋا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھ تەلەپ قىلىشىنى، ئۆز پەرۋەردىگارىنى رەت قىلغانلىق، دەپ قارىغان. — 1-سامۇئىل 8:7.
ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى پاك ۋىجدان بىلەن، ھەرخىل سىياسىي كۆزقاراشتىكى كىشىلەرگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىشى كېرەك. — مەتتا 24:14؛ 28:19، 20؛ ئىبرانىيلار 13:18.
ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت. بەزى دۆلەتلەر ھەربىي مەجبۇرىيەتنى رەت قىلغانلارنى بەلگىلىك ۋاقىت ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ. شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئاللاغا دۇئا قىلىش كېرەك. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسە، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشتىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئىشتا ئېنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن قارار چىقىرىشى لازىم. — پەندى-نەسىھەت 2:1–5؛ 11:14.
خۇدانىڭ سۆزى ئېتىقادچىلارنى غەرەز ئۇقىدىغان بولۇشقا ئۈندەپ: «ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن»، دېگەن (تىتۇس 3:1، 2). بۇنى ئەستە تۇتۇش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: ‹ماڭا بۇيرۇلغان ئىجتىمائىي خىزمەتنى قوبۇل قىلسام، بىتەرەپلىكنى ساقلىيالامدىم؟ ياكى ساختا دىنغا ئارىلىشىپ قالامدىم؟› (مىخا 4:3، 5؛ 2-كورىنتلىقلار 6:16، 17). ‹بۇ خىزمەتنى قىلسام، خۇدا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش قىيىن بولامدۇ؟ ھەتتا شۇلارنى ئادا قىلالماي قالامدىم؟› (مەتتا 28:19، 20؛ ئەفەسلىكلەر 6:4؛ ئىبرانىيلار 10:24، 25). ‹مۇشۇ خىزمەتنى قىلسام، ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرالايمەنمۇ، ھەتتا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولالامدىم؟›. — ئىبرانىيلار 6:11، 12.
ئەگەر بىر ئېتىقادچى قېرىنداش تۈرمىگە چۈشۈشنىڭ ئورنىغا، ۋىجدانىغا ئاساسەن ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى قارار قىلسا، باشقا ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ قارارىنى ھۆرمەتلىشى لازىم (رىملىقلار 14:10). بىراق، ئۇنىڭ ۋىجدانى شۇنداق مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە يول قويمىسا، باشقىلار يەنىلا ئۇنىڭ قارارىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. — 1-كورىنتلىقلار 10:29؛ 2-كورىنتلىقلار 1:24.