كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 246-‏ب.‏-‏249-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏
  • قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ۋە تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ۋە تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرى
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ھاياتلىقنى خۇ‌دا قە‌دىرلىگە‌ندە‌ك قە‌دىرلە‌مسىز؟‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 246-‏ب.‏-‏249-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ۋە تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرى

كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار.‏ قاننىڭ تۆت ئاساسىي تە‌ركىبىي —‏ قىزىل قان ھۈجە‌يرىسى (‏قىزىل قان دانچىلىرى)‏،‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىسى (‏ئاق قان دانچىلىرى)‏،‏ قان پىلاستىنكىسى ۋە قان پلازمىسى (‏قان شىرنىسى)‏.‏ تۆت ئاساسىي تە‌ركىبلە‌ردىن كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ئايرىپ ئېلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قىزىل قان ھۈجە‌يرىسى —‏ ھىموگلوبىن (‏قىزىل قان)‏ ئاقسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئادە‌م ۋە ھايۋاننىڭ ھىموگلوبىنىدىن ياسالغان دورىلار،‏ ئېغىر قانسىرىغان ئاغرىق ياكى كە‌م قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلمە‌كتە.‏

قان پلازمىسى —‏ 90 پىرسە‌نت سۇ بولۇ‌پ،‏ ھورمۇ‌ن،‏ ئانئورگانىك تۇ‌زلار،‏ ئېنزىملار،‏ ئوزۇ‌قلۇ‌ق ماددىلار،‏ مىنېراللار ۋە قە‌نت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پلازما قاننى ئۇ‌يۇ‌تىدىغان ئېلېمېنتلار،‏ كېسە‌لگە قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار ۋە ھە‌رخىل ئاقسىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئالبۇ‌مىن (‏ئاق ئاقسىل)‏ شۇ ئاقسىللارنىڭ بىرىدۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر بىرى كېسە‌لگە گىرىپتار بولسا،‏ دوختۇ‌رلار شۇ كېسە‌لگە ئىممۇ‌نىتېت كۈچى بار ئادە‌ملە‌رنىڭ قان پلازمىسىدىن ئېلىنغان گامما گلوبۇ‌لىننى ئوكۇ‌ل قىلىپ ئۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر ۋە راك كېسە‌للىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىنتېرفېرونلار ۋە ئىنتېرلېۋكىنلار بە‌زىدە ئاق قان ھۈجە‌يرىسىدىن ئايرىپ ئېلىنىدۇ.‏

ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قاننىڭ كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلىرى بىلە‌ن باغلىنىشى بولغان داۋالاشنى قوبۇ‌ل قىلامدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌شۇ توغرىسىدا تە‌پسىلىي بىرنە‌رسە خاتىرىلە‌نمىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ركىم ئاللا ئالدىدا ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ بە‌زىلە‌ر پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگە‌ن،‏ تە‌ندىن چىققان قاننى ‹سۇ‌دە‌ك يە‌رگە تۆكۈۋېتىڭلار›،‏ دېگە‌ن قانۇ‌نىغا ئاساسلىنىپ،‏ قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى قوبۇ‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 12:‏22–‏24،‏ ب ج)‏.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر،‏ قاننى ۋە ئۇ‌نىڭ ئاساسىي تە‌ركىبلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلغىنى بىلە‌ن،‏ كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار جانلىقلارنىڭ قېنى تېخىمۇ ئىنچىكىلە‌پ تە‌ركىبلە‌رگە ئايرىغاندا،‏ ئاشۇ كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلار ئە‌مدى جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا ۋە‌كىللىك قىلالمايدۇ،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏

كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى قوبۇ‌ل قىلىش ياكى قىلماسلىقىنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏ مە‌ن كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنى رە‌ت قىلىشنىڭ،‏ بە‌زى كېسە‌للىككە قارشى ۋە قاننى توختىتىش رولى بار دورىلارنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌مدىم؟‏ قاننىڭ ئاساسىي تە‌ركىبلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلارنىڭ مە‌لۇ‌م بىرىنى ياكى بىرنە‌چچىسىنى قوبۇ‌ل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىمنى دوختۇ‌رغا چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏

تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرى.‏ قان سۇ‌يۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش يە‌نى تە‌ندىن قاننى تارتىپ چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا تە‌نگە قاننىڭ مىقدارىنى كۆپە‌يتىدىغان دورا-‏ئوكۇ‌ل سۇ‌يۇ‌قلۇ‌قلىرىنى كىرگۈزۈپ،‏ ئاندىن كېيىن ئاشۇ تارتىپ چىقارغان قاننى قايتىدىن تە‌نگە قايتۇ‌رۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌لىدۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئوپېراتسىيە جە‌ريانىدا تە‌ندىن چىقىپ كېتىۋاتقان قاننى يىغىۋېلىپ،‏ تازىلاپ پاكىزلىغاندىن كېيىن،‏ قايتىدىن كېسە‌لنىڭ تېنىگە قايتۇ‌رۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌لى قوللىنىلىدۇ.‏ مۇ‌شۇ‌لار تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرىدە قوللىنىدىغان ئۇ‌سۇ‌للاردۇ‌ر.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌للارنى ھە‌ربىر دوختۇ‌ر تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن ئىشلىتىشنى مۇ‌ۋاپىق كۆرگە‌چ،‏ ئېتىقادچى ئۆز دوختۇ‌رىنىڭ قايسى يول بىلە‌ن قوللانماقچى ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلىشى لازىم.‏

مە‌لۇ‌م ئوپېراتسىيە ئۇ‌سۇ‌لىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏ ‹ئە‌گە‌ر تېنىمدىن مە‌لۇ‌م مىقداردىكى قان تارتىپ چىقىرىلسا،‏ ھە‌تتا ئاشۇ چىققان قاننىڭ ئايلىنىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالسا،‏ شۇ قاننى تېنىمنىڭ بىر قىسمى،‏ ئۇ‌نى ‹سۇ‌دە‌ك يە‌رگە تۆكۈۋېتىشنىڭ› ھاجىتى يوق دە‌پ قارىسام،‏ ۋىجدانىم يول قويامدۇ؟‏ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 12:‏23،‏ 24)‏.‏ ئە‌گە‌ر داۋالىنىش جە‌ريانىدا،‏ تېنىمدىكى مە‌لۇ‌م مىقداردىكى قان تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن،‏ دورا-‏ئوكۇ‌ل سۇ‌يۇ‌قلۇ‌قلىرى بىلە‌ن ئارىلاشتۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ قايتىدىن تېنىمگە قايتۇ‌رۇ‌لسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويىچە تە‌ربىيىلىنىپ تاۋلانغان ۋىجدانىم ئازابلىنامدۇ؟‏ قېنىمدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى رە‌ت قىلىشنىڭ،‏ قان تە‌كشۈرۈش،‏ قاننى دىئالىزلاش ياكى ئوكسىگېن تە‌مىنلە‌يدىغان يۈرە‌ك-‏ئۆپكە مۇ‌سكۇ‌لى (‏سۈنئىي ئاپپارات)‏ قاتارلىقلارنى قوبۇ‌ل قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلە‌مدىم؟‏›‏

‏]247-‏بېتىدىكی رامكا[‏

تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌لىرى جە‌ريانىدا،‏ ھە‌ربىر ئېتىقادچى ئۆز قېنى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بارلىق مە‌سىلىلە‌ردە ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار چىقىرىشى لازىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا يە‌نە،‏ ئاز مىقداردا تە‌ندىن قان ئېلىپ،‏ بە‌زى دورا-‏ئوكۇ‌ل سۇ‌يۇ‌قلىقىنى ئارىلاشتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ قايتا تە‌نگە قايتۇ‌رۇ‌شتە‌ك تىببىي تە‌كشۈرۈش ۋە ئە‌ڭ يېڭى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىدىمۇ شە‌خسە‌ن ئۆزى قارار چىقىرىشى زۆرۈر.‏

دوختۇ‌ردىن سوراشقا تېگىشلىك سوئاللار

ئە‌گە‌ر تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە‌سى ياكى داۋالاشقا مۇ‌ھتاج بولسىڭىز،‏ قوللىنىدىغان ئۇ‌سۇ‌للار قان بىلە‌ن تە‌ييارلانغان دورا-‏ئوكۇ‌للارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانۇ‌نىي ھۆججە‌تلە‌رنى تولدۇ‌رغانلىقىڭىزنى جە‌زملە‌شتۈرۈڭ:‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋالاش كۆرسە‌تمە كارتىسى،‏ سىزنىڭ قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغان مە‌يدانىڭىزنى ئىپادىلە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغان ھۆججە‌ت بولۇ‌پ،‏ سىزنى قوغدايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دوختۇ‌رىڭىزدىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏

  • دىنىي-‏ئېتىقادىم سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھە‌رقانداق ئە‌ھۋالدا قان سېلىشنى (‏قىزىل قان ھۈجە‌يرىسى،‏ ئاق قان ھۈجە‌يرىسى،‏ قان پىلاستىنكىسى ۋە قان پلازمىسى)‏ قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقىمنى بارلىق تىببىي خادىملار بىلە‌مدۇ؟‏

  • ئە‌گە‌ر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا-‏ئوكۇ‌للار قاننىڭ كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا،‏ ئۇ‌لار قايسىلار؟‏ تە‌ركىبلە‌رنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟‏ شۇ دورا-‏ئوكۇ‌للارنى قانداق ۋە قانچىلىك ئىشلىتىش كېرە‌ك؟‏

  • ۋىجدانىم قاننىڭ كىچىك تە‌ركىبىي ماددىلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا يول قويسا،‏ قانداق خە‌ۋپ-‏خە‌تىرى بار؟‏ يە‌نە باشقا داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى بارمۇ؟‏

يۇ‌قىرىدىكى مە‌سىلىلە‌ردە قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ قە‌لبىڭىزدىكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ يە‌ھۋا،‏ تولۇ‌ق ئىشە‌نچ بىلە‌ن تىلىگە‌نلە‌رگە،‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن‏.‏ —‏ ياقۇ‌پ 1:‏5،‏ 6.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش