قۇشۇمچە ئىزاھات
قولدا زىنا قىلىشتەك ناچار ئادەتنى تاشلاش
قولدا زىنا قىلىش يەنى ئانانىزم قىلىش ياكى قولدا لەززەتلىنىش، يەھۋانى رەنجىتىدىغان ناچار ئادەت. بۇ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قانائەت تاپقۇزۇش ئىستىكىنى ئاشۇرۇپ، ئاڭ سېزىمىنى چىرىكلەشتۈرىدۇ.a بۇنداق ناچار ئادەتكە ئۆگەنگۈچىلەر، باشقىلارنى ئاستا-ئاستا ئۆز شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ قورالى ئورنىدا كۆرۈشى مۇمكىن. ئۇلار جىنسىي ئالاقىنى ئىككى كىشى ئارىسىدىكى سۆيگۈدىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس، بەلكى بىرخىل ۋاقىتلىق لەززەتلىنىش ۋە شەھۋانىي ھەۋىسىنى بېسىش، دەپ قارايدۇ. بىراق، شۇنداق ئۇسۇلدا ھەۋەسنى بېسىش پەقەت ۋاقىتلىقلا. ئەمەلىيەتتە، قولدا زىنا قىلىش «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق» قىلمىشلىرىنى تاشلاشنىڭ ئورنىغا، تەننىڭ شۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. — كولوسىلىقلار 3:5.
ئەلچى پاۋلۇس: «قەدىرلىك قېرىنداشلار، ... تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى»، دەپ يازغان (2-كورىنتلىقلار 7:1). مۇشۇ نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىش قىيىنغا چۈشسە، ھەرگىزمۇ مەيۈسلىنىپ كەتمەڭ. يەھۋا، ھەر دائىم «ئەپۇ قىلغىلى تەييار» ۋە ياردەم قولىنى سىزدىن ئايىمايدۇ (زەبۇر 86:5؛ لۇقا 11:9–13). بۇ ناچار ئادەتنى قايتىلاپ قالغىنىڭىزدا، ۋىجدانىڭىز سىزنى ئەيىبلىسە ھەمدە شۇ ئادەتنى تاشلاشقا تىرىشسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. شۇ ھەم ئىسىڭىزدە بولسۇنكى: «خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» (1-يۇھاننا 3:20). خۇدا پەقەت گۇناھ قىلغىنىمىزغىلا ئەمەس، بەلكى ھەر جەھەتتىن بىزگە نەزەر سالىدۇ. بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىز خۇداغا بەش قولدەك ئايان بولغاچ، ئۇنىڭدىن رەھىم-شەپقەت تىلىگىنىمىزدە، ئۇ بىزگە ھېسداشلىق قىلىپ دۇئالىرىمىزنى تىڭشايدۇ. شۇڭا، خۇددى چاتاققا يولۇققان بالا ئاتىسىدىن ياردەم سورىغان كەبى، سىزمۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن ئاللا يەھۋاغا توختىماي ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىڭ. يەھۋا سىزگە پاك ۋىجدان ئاتا قىلىدۇ (زەبۇر 51:1–12، 17؛ يەشايا 1:18). ئەلۋەتتە، سىز دۇئالىرىڭىزغا مۇۋاپىق ئىش-ھەرىكەت قىلىشىڭىز، مەسىلەن، شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە يولۇقماسلىق ۋە يامان تەسىر قىلىدىغان باردى-كەلدى قىلىشلاردىن خالىي بولۇشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك.b
ئەگەر قولدا زىنا قىلىش ناچار ئادىتىنى تاشلىيالمىسىڭىز، مۇشۇ ئىش ھەققىدە ئېتىقادچى ئاتا-ئانىڭىز ياكى ئىمان-ئېتىقادتا يېتىلگەن كۆيۈمچان دوستىڭىزغا ئېيتىڭ.c — پەندى-نەسىھەت 1:8، 9؛ 1-سالونىكالىقلار 5:14؛ تىتۇس 2:3–5.
a قولدا لەززەتلىنىش، ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى سىلاش ياكى سۈركەش ئارقىلىق ئادەتتە جىنسىي ھېسسىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ناچار ئادەتتۇر.
b ناچار مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە يولۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى سۈپىتىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيدە كومپيۇتېرنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويىدۇ. بەزىلەر ناچار مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى توسۇپ قالىدىغان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى سېتىۋالىدۇ. ئەمما، يۇمشاق دېتاللارغا پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
c تۆۋەندىكلەر قولدا زىنا قىلىش ناچار ئادىتىنى تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى: ئوي-پىكىرنى باشقا ئىشلارغا قارىتىشقا مەجبۇرلاش (فىلىپىلىكلەر 4:8). نامۇۋاپىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغايدىغان نەرسىلەرگە قاراشتىن خالىي بولۇش (زەبۇر 119:37). ‹ئۇلۇغ قۇدرەت› ئۈچۈن دۇئا قىلىش (2-كورىنتلىقلار 4:7). يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش. — 1-كورىنتلىقلار 15:58.