9-باب
«جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار»
«ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ». — كولوسىلىقلار 3:5.
1، 2. يەھۋانىڭ خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، بىلئام قانداق ھىيلە-مىكىرنى كۆڭلىگە پۈككەن؟
بېلىقچى ھەر دائىم ئۆزى ياقتۇرىدىغان جايغا كېلىپ بېلىق تۇتاتتى. قايسى تۈردىكى بېلىقنى تۇتۇش توغرىسىدا بېلىقچىنىڭ كۆڭلىدە سان بولغاچ، ئۇ بىرخىل يەمچۈكنى تاللاپ، قارمىقىنى سۇغا تاشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قارماق يىپى تارتىشىپ، قارماق دەستىسى ئېگىلگەندە، بېلىقچى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەن ھالدا، قارماق يىپىنى تېزلىكتە يىغىپ بېلىقنى تۇتتى. چۈنكى، ئۇ يەمچۈكنى خاتا تاللىمىغان ئىدى.
2 بۇ مىسال، قەدىمدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1473-يىلىدا، بىلئام دەپ ئاتالغان بىر كىشى، ئاللانىڭ خەلقىنى قارمىقىغا ئىلىندۇرۇش ئۈچۈن يەمچۈك تېپىشقا كۆپ باش قاتتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىن بىلەن چېگرىلىنىدىغان موئاب تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ، بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. بىلئام ئۆزىنى ئاللا يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى دەپ جاكارلىغان. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئىسرائىللارنى قارغاپ لەنەت ئوقۇشقا ياللانغان ئاچكۆز ئادەم ئىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار يەھۋا ئىشلارغا ئارىلىشىپ، بىلئامنى ئىسرائىللارغا پەقەت ياخشىلىقلا تىلەيدىغان قىلىپ قويغان. بىراق، بىلئام مۇكاپات ئۈچۈن بېرىلىدىغان مال-دۇنياغا قەتئىي ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاللا ئۆزى ئىسرائىل خەلقىگە لەنەت ئوقۇسۇن دەپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن. نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىلئام موئابلىقلارنىڭ ياش خوتۇن-قىزلىرىنى يەمچۈك قىلىپ، ئىسرائىللارنى قارماققا ئىلىندۇرماقچى بولغان. — سانلار 22:1–7؛ 31:15، 16؛ ۋەھىيلەر 2:14.
3. بىلئام قايسى دەرىجىدە ئۆز نىيىتىگە يېتەلىگەن؟
3 ئۇ نىيىتىگە يېتەلىدىمۇ؟ مەلۇم دەرىجىدە يېتەلىدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن نەچچە ئون مىڭ ئەرلەر قارماققا ئىلىنىپ، «موئاب قىزلىرى بىلەن زىنا قىلغىلى تۇردى». ھەتتا، ئۇلار كۆپىيىش ياكى شەھۋانىيەت ئىلاھى بائالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، موئابلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە بولسا، ۋەدە قىلغان زېمىننىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغاندا، ئىسرائىل خەلقىدىن 24000 كىشى ھالاك قىلىندى. نېمە دېگەن زور پاجئە يۈز بەرگەن، ھە! — سانلار 25:1–9، (ب ج).
4. نەچچە ئون مىڭ ئىسرائىللارنىڭ، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟
4 بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟ سەۋەبى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبى ئىپلاسلىققا تولۇپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ، چۆل-باياۋانلاردا يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تەمىنلەپ، ۋەدە قىلغان زېمىنغا بىخەتەر باشلاپ كەلگەن خۇداسى يەھۋانى تاشلىغان (ئىبرانىيلار 3:12). ئەلچى پاۋلۇس، ئاشۇ ۋەقەنى ئەسلەپ مۇنداق يازغان: «بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى».a — 1-كورىنتلىقلار 10:8.
5، 6. نېمە ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئۆتكۈزگەن گۇناھى توغرىسىدىكى ۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟
5 سانلار كىتابىدىكى مۇشۇ ۋەقە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئاللا يەھۋانىڭ خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ساۋاق. چۈنكى، بىزمۇ ۋەدە قىلىنغان ماكاننىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز (1-كورىنتلىقلار 10:11). مەسىلەن، قەدىمقى زاماندىكى موئابلىقلارغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيا ئەخلاقسىز شەھۋانىي قىلمىشلارغا تولدى، ھەتتاكى موئابلىقلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشمەكتە. شۇنىڭدەك، ھەر يىلى ئون مىڭلىغان ئاللا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق توزىقىغا چۈشۈپ كەتمەكتە (2-كورىنتلىقلار 2:11). كۆز-كۆز قىلىپ كۆرەڭلەپ، بىر مىدىيان ئايالنى ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىدىن يېتىلەپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرگەن زىمرىغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خەلقى بىلەن ئارىلىشىدىغان بەزى كىشىلەر ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە تەسىر قىلماقتا. — سانلار 25:6، 14؛ يەھۇدا 4.
6 ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ زاماندىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى تونۇپ يەتتىڭىزمۇ؟ ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كەلگەن يېڭى دۇنيا، يەنى جەننەت ماكاننىڭ بوسۇغىسىدىن پات-ئارىدا ئاتلاپ كىرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يەتتىڭىزمۇ؟! ئەگەر شۇلارنى كۆرۈپ يەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بارچە كۈچىڭىز بىلەن خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشقا تىرىشىپ، «جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار»، دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇڭ. — 1-كورىنتلىقلار 6:18.
موئاب تۈزلەڭلىكىنىڭ مەنزىرىسى
جىنسىي ئەخلاقسىزلىق دېگەن نېمە؟
7، 8. «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق»، دېگەن نېمە؟ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
7 مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق» (گرېكچە، پورنېئا) — خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بولغان، نىكاھنىڭ سىرتىدىكى جىنسىي ئالاقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ زىنا قىلىش، پاھىشىلىك قىلىش ۋە توي قىلماي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئېغىز بوشلۇقى ياكى مەقەت يولى ياردىمىدە شۇنداق مەقسەتكە يېتىش، نىكاھلىق جورىسى ئەمەس كىشىنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنى ئەركىلىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش جىنسلىقلار، ھەتتا ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.b
8 مۇقەددەس كىتاب ئېنىق ئېيتقان: جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلارغا خۇدا خەلقى ئارىسىدا ئورۇن يوق، ئۇلار جامائەتتە قالالمايدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلمەيدۇ (1-كورىنتلىقلار 6:9؛ ۋەھىيلەر 22:15). ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە كۆپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئىززەت-ھۆرمىتى يەرگە ئۇرۇلۇشى ۋە نىكاھتا سوغاقچىلىق پەيدا بولۇپ، ۋىجدان ئازابى تارتىشى، نىكاھسىز ھامىلدار بولۇشى ياكى جىنسىي كېسەل بولۇشى، ھەتتا ئۆلۈشى مۇمكىن (گالاتىيالىقلار 6:7، 8). شۇنداق بەختسىزلىككە باشلايدىغان يولدا مېڭىش ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلىقتۇر! ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن ئادەملەر شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە يولۇقۇپ، تۇنجى خاتا قەدەمنى باسقىنىدا، ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولارىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ.
شەھۋانىي نەرسىلەرگە يولۇقۇش — تۇنجى قەدەم
9. بەزىلەردەك شەھۋانىي نەرسىلەرگە يولۇقۇش زىيانلىق ئەمەس، دەپ قاراش توغرىمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟
9 كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىش — گېزىت خەۋىرى، ناخشا-مۇزىكا ۋە تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، ئىنتېرنېت تورى شەھۋانىي نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن.c بەزىلەر شەھۋانىي نەرسىلەرگە يولۇقۇش زىيانلىق ئەمەس دېيىشىدۇ، شۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە، توغرا ئەمەس! شۇنداق نەرسىلەرگە يولۇقۇش كىشىنى، ئانانىزم قىلىش يەنى قولدا لەززەتلىنىش ياكى قولدا زىنا قىلىشتەك ناچار ئادەتكە ئۆگىتىدۇ ۋە ‹پەسكەش ھەۋەسلەرنى› كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە، شۇنداق جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا خۇمار بولۇپ قېلىش، نورمالسىز جىنسىي تەلەپتە بولۇش، نىكاھتا ماسلىشالماسلىق، ھەتتا ئائىلە بۇزۇلۇشقا ئوخشاش ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنd (رىملىقلار 1:24–27؛ ئەفەسلىكلەر 4:19). بىر تەتقىقاتچى دوختۇر، جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا خۇمار بولۇپ قېلىشنى راك كېسىلىگە سېلىشتۇرۇپ: «ئۇ داۋاملىق كېڭىيىپ، ئۆسۈپ چوڭىيىدۇ، ئادەتتە خۇمار ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ. داۋالاپ ساقايتىشمۇ بەك قىيىن»، دېگەن.
ئىنتېرنېت تورىنى، ئائىلىدە ھەممە كىشى كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا ئىشلىتىش ئاقىلانىلىقتۇر
10. ياقۇپ يازغان خەت 1:14، 15-ئايەتلەردىكى قائىدە-پرىنسىپنى قانداق ئەمەلىي قوللىنالايمىز؟ («پاك ياشاش ئۈچۈن كۈچ-مەدەتكە ئېرىشىش» رامكىغا قاراڭ)
10 ياقۇپ يازغان خەت 1:14، 15-ئايەتلەردىكى، مۇنۇ سۆزلەرنى ئويلاپ كۆرەيلى: «كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ». شۇ سەۋەب، ئەگەر خاتا ئارزۇ-ھەۋەس، ئوي-خىياللار كاللىڭىزدا پەيدا بولغاندا، شۇلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىڭ! مەسىلەن، ئويلىمىغان پەيتتە، ئۇشتۇمتۇت شەھۋانىي تەسۋىرلەرنى كۆرۈپ قالغىنىڭىزدا، دەرھال كۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىپ، كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ ياكى تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. شەھۋانىي ھەۋەس كۈچىيىپ، تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشتىن ئىلگىرى، قانداق قىلىپ بولمىسۇن، پەسكەش ھەۋەس ئوتىنى بارلىق كۈچىڭىز بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىڭ! — مەتتا 5:29، 30.
11. پەسكەش ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن كۈرەش قىلغىنىمىزدا، يەھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيمىز؟
11 بىز ئىنسان تەبىئىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيمىز. ئەمما، يەھۋاغا ھەممە بەش قولدەك ئايان بولغاچ، ئۇ بىزگە مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: «ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ» (كولوسىلىقلار 3:5). دەرۋەقە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان پەسكەش ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى تاشلاش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، ئاسماندىكى كۆيۈمچان، سەۋرچان ئاتىمىزدىن ياردەم تىلىيەلەيمىز (زەبۇر 68:19). شۇڭا، كاللىڭىزدا ناپاك ئوي-خىياللار پەيدا بولغىنىدا، دەرھال «ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ» ياردەم بېرىشى ئۈچۈن يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىڭ ھەمدە ئوي-خىيالىڭىزنى باشقا ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ. — 2-كورىنتلىقلار 4:7؛ 1-كورىنتلىقلار 9:27؛ «ناچار ئادەتنى قانداق تاشلىيالايمەن؟»، دېگەن 118-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
12. ‹كۆڭۈل› نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ‹كۆڭلىمىزنى› ساقلاپ قوغدىشىمىز كېرەك؟
12 دانا پادىشاھ سۇلايمان پەيغەمبەر: «ھەممە ساقلايدۇرغانىڭدىن كۆڭلۈڭنى چىڭ ساقلىغىن چۈنكى ھاياتنىڭ [بۇلىقى] شۇدۇر»، دېگەن ئىدى (پەندى-نەسىھەت 4:23، ب ج). ‹كۆڭۈل› بولسا، بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىز بولغاچ، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا قانداق كىشى ئىكەنىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلىشىمىز — باشقا كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىمىزگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىغا ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ ‹كۆڭلىمىزگە› قانداق باھا بېرىشىگە باغلىق. ئاڭلىماققا، مۇشۇ ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھەقىقەتتۇر. ساداقەتمەن كىشى ئايۇپ بىر ئايالغا ھەرگىز شەھۋانىي كۆز بىلەن قارىمىغايمەن، دەپ ئۆز كۆزى بىلەن ‹ئەھدە باغلىغان›، يەنى كېلىشىم تۈزگەن (ئايۇپ 31:1، ب ج). بىز ئۈچۈن ئۇ ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر! ئاللانىڭ يەنە بىر خىزمەتچىسىمۇ ئايۇپقا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇپ: ‹كۆزلىرىمنى [ئەھمىيەتسىز] ئىشقا قاراشتىن توسقىن›، دەپ دۇئا قىلغان. — زەبۇر 119:37، (ب ج).
دىنانىڭ ئەقىلسىزلىق قىلىشى
13. دىنا كىم؟ نېمە ئۈچۈن، ئۇ دوست تاللاشتا ئەقىلسىزلىق قىلغان، دەيمىز؟
13 مۇشۇ كىتابنىڭ 3-بابىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، دوستلىرىمىز بىزگە ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20؛ 1-كورىنتلىقلار 15:33). ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ قىزى دىنانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى (يارىتىلىش 34:1). گەرچە، دىنا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئەقىلسىزلىق قىلىپ، قانانلىق قىزلار بىلەن دوست بولۇشقان. موئابلىقلارغا ئوخشاش، ئەخلاقسىزلىق قىلىشتا قانانلىقلارنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن (لاۋىيلار 18:6–25). «ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى» بولغان شەكەم باشقا قانانلىق ئەرلەردەك، دىنامۇ قانانلىق قىزلارغا ئوخشاش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشنى رەت قىلمايدۇ، دەپ قارىغان. — يارىتىلىش 34:18، 19.
14. دىنانىڭ دوست تاللىشى قانداق پاجئەلىك ۋەقەنى پەيدا قىلغان؟
14 ئېھتىمال، دىنا شەكەمنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان. لېكىن، شەكەم خۇددى باشقا قانانلىق ئەرلەردەك شەھۋانىي ھەۋەس قوزغالغاندا، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشنى ناھايىتى تەبىئىي ئىش دەپ قارىغاچقا، «ئۇ دىنانى كۆرۈپ، تۇتۇۋېلىپ نومۇسىغا تەگدى». گەرچە، ئاشۇ ۋاقىتتا دىنا ھەرقانچە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. كېيىنچە، شەكەم دىناغا «كۆيۈپ قېلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلدى»، ئەمما بۇ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى (يارىتىلىش 34:1–4). ئاقىۋەتتە، ئازاب-ئوقۇبەت تارتىش دىنانىڭ ئۆزى بىلەنلا تۈگىمىگەن. ئەكسىچە، ئۇنىڭ دوست تاللىشى بىلەن باشلانغان ۋەقەلەر، پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، ئائىلىگە ھاقارەت ئېلىپ كەلگەن. — يارىتىلىش 34:7، 25–31؛ گالاتىيالىقلار 6:7، 8.
15، 16. خۇدا ئاتا-قىلىدىغان دانالىققا قانداق ئېرىشەلەيمىز؟ («چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرىدىغان ئايەتلەر» رامكىغا قاراڭ).
15 دىنا ئاشۇ ئىشلاردىن قاتتىق ساۋاققا ئىگە بولدى دېيىلسە، ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش بەدىلىگە شۇ مۇھىم ساۋاققا ئىگە بولغان. ئەمما، يەھۋانى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىش ئارقىلىق تۇرمۇش ئۆگىنىشى ھاجەتسىز. چۈنكى، ئۇلار يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، «دانالار بىلەن ھەمراھ» بولۇپ يۈرۈشنى تاللايدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20، ب ج). مۇشۇ سەۋەب، ئۇلار «ياخشىلىقنىڭ ھەممە يوللىرىنى» چۈشىنەلەيدۇ ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ۋە ئازاب چېكىشتىن خالىي بولالايدۇ. — پەندى-نەسىھەت 2:6–9، (ب ج)؛ زەبۇر 1:1–3.
16 خۇدا ئاتا قىلىدىغان دانالىققا ئېرىشىشكە تەشنا بولغۇچىلار، ھەمىشە دۇئا-ئىبادەت قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ۋە ‹ئىشەنچلىك قۇل› تەمىنلىگەن كىتاب-ماتېرىياللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق تەشنالىقىنى قانائەت تاپقۇزالايدۇ (مەتتا 24:45؛ ياقۇپ 1:5). كەمتەر بولۇش بەك مۇھىم. كەمتەر كىشى مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھەتلىك سۆزلىرىگە قۇلاق سالىدۇ (2-پادىشاھلار 22:18، 19). مەسىلەن، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشى، بەلكىم ئۆز كۆڭلىنىڭ ھىيلىگەر ۋە ئىشەنچسىز بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن (يەرەمىيا 17:9). ئەمما، ئۇ ئېتىقادچى ئەقىلسىزلىق قىلغىنىدا، مېھرىبانلىق بىلەن بېرىلگەن نەسىھەت ۋە ياردەمنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلارمۇ؟
17. ئائىلىدە قانداق ئەھۋال پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ ئاتا قىزىغا قانداق چۈشەندۈرسە بولىدۇ؟
17 مۇنداق بىر ئەھۋالنى خىيال قىلىپ كۆرەيلى. ئاتا قىزىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەمراھلىقىسىز، ئىمانداش يىگىت بىلەن يالغۇز ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. قىز جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىراق، دادا سىز، ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ بىز ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمايمىز!»، دېگەن. بەلكىم، قىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ۋە نىيتى پاكتۇر. لېكىن، ئۇ ‹خۇدا ئاتا قىلغان ھېكمەت بىلەن ماڭدىمۇ؟›، «جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار»، دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالدىمۇ؟ ياكى ئەخمەقلىق قىلىپ، ‹ئۆز ئەقلىگە ئىشەنچ قىلدىمۇ؟› (پەندى-نەسىھەت 28:26، ب ج). ئېھتىمال سىز، مۇشۇ ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان، مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا قائىدە-پرىنسىپلارنى بىلىدىغانسىز. — پەندى-نەسىھەت 22:3؛ مەتتا 6:13؛ 26:41 گە قاراڭ.
يۈسۈپ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق قاچقان
18، 19. يۈسۈپ قانداق ئازدۇرۇلۇشقا يولۇققان؟ ئۇ قانداق تاقابىل تۇردى؟
18 دىنانىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى يۈسۈپ، خۇدانى سۆيۈپ، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق قاچقان. ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر (يارىتىلىش 30:20–24). يۈسۈپ بالىلىق چاغلىرىدا، ئاچىسىنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، مىسىردا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئايالى «ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر» بىلەن يۈسۈپنى ئازدۇرغان. ئەمما، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەر ۋە يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئارزۇ-ئۈمىدى، ئۇنى ئازدۇرۇلۇشتىن قوغداپ قالغان. يۈسۈپ شۇ ئائىلىنىڭ قۇلى بولغاچ، ئەلۋەتتە خىزمىتىنى قىلماسلىققا ئىلاجى يوق ئىدى ۋە شۇنداقلا كېتىپ قالالمايتتى! شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا، يۈسۈپ ئەقىل- پاراسەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ خوجايىنى پوتىفارنىڭ ئايالىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان، ھەتتا ئايالنىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن. — يارىتىلىش 39:7–12.
19 ئويلاپ كۆرۈڭ: ئەگەر يۈسۈپ شۇ ئايال بىلەن زىنا قىلىشنى ھەمىشە خىيال قىلىپ يۈرگەن بولسا، ئۇ پاكلىقىنى ساقلىيالايتتىمۇ؟ ئېھتىمال ساقلىيالمايتتى. يۈسۈپ گۇناھقا باشلايدىغان ناپاك ئوي-خىياللارنى قىلىشنىڭ ئورنىغا، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قەدىرلىگەن. بۇنى يۈسۈپنىڭ پوتىفارنىڭ ئايالىغا قىلغان سۆزىدىن كۆرۈۋالالايمىز. يۈسۈپ: «خوجايىنىم ... سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟»، دېگەن ئىدى. — يارىتىلىش 39:8، 9.
20. يەھۋا، يۈسۈپنىڭ ئەھۋالىنى قانداق ئۆزگەرتكەن؟
20 ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا يۈرگەن ياش يىگىتنىڭ ھەر كۈنى پاك ياشاپ، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغانلىقىنى كۆرگەن ئاللا يەھۋا نەقەدەر خۇشال بولغاندۇ، ھە! (پەندى-نەسىھەت 27:11). كېيىنچە، يەھۋا ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەچ، يۈسۈپ زىنداندىن ئازاد قىلىنىپ، مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى ۋە ئاشلىق باشقۇرغۇچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن! (يارىتىلىش 41:39–49). زەبۇرنىڭ 97:10-ئايىتىدە (ب ج)، مۇنداق دېيىلگەن: «ئەي سىز خۇداۋەندىنى ياخشى كۆرگۈچىلەر يامانلىقنى يامان كۆرۈڭلار. ئۇ [يەھۋا] بولسا ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جانلىرىنى ساقلاپ يامانلارنىڭ قولىدىن ئۇلارنى قۇتقۇزادۇر». بۇ سۆزلەر چىن ھەقىقەتتۇر!
21. ئافرىقىدىكى ياش ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز پاك ئەخلاقنى قانداق ساقلاپ قالغان؟
21 شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئاللا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ «يامانلىقنى يامان كۆرۈپ ياخشىلىقنى دوست تۇتۇپ»، ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە (ئاموس 5:15، ب ج). ئافرىقىدىكى بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشنى ئەسلەپ، مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەرگەن: ماتېماتىكا ئىمتىھان ۋاقتىدا، بىر قىز ساۋاقدىشى ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان، قىلچىمۇ نومۇس ھېس قىلماي، ياردىمىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىش تەكلىپى بەرگەن. ئۇ: «مەن دەرھال ئۇ قىزنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم، مەن پاكلىقىمنى ساقلاپ، ئىززەت-ھۆرمىتىمنى قەدىرلىدىم، بۇلار ماڭا ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ بەك قىممەتلىكتۇر»، دېگەن. بەلكىم، گۇناھ «ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن» قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنداق ۋاقىتلىق خۇشاللىق نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ (ئىبرانىيلار 11:25). ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشۇ ۋاقىتلىق خۇشاللىقنى، يەھۋاغا بويسۇنۇپ ياشاش ئارقىلىق ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك خۇشاللىققا سېلىشتۇرساق، شۇ ۋاقىتلىق خۇشاللىق تارازىدا توختىمايدۇ. — پەندى-نەسىھەت 10:22.
مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش
22، 23. (1) خۇدا خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئامال-چارە يوق ئەمەس؟ (2) گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى قانداق ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ؟
22 بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل تەبىئەتكە ئىگىمىز. شۇڭا، يامان ئارزۇ- ھەۋەسلىرىمىزنى تىزگىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا مەجبۇرمىز (رىملىقلار 7:21–25). يەھۋا ھەممە ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار ۋە «تۇپراق بولغىنىمىزنى ياد قىلۇر» (زەبۇر 103:14، ب ج). بەزى ۋاقىتتا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى ئېغىر گۇناھ قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا ئامال-چارە يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە، يوق ئەمەس! خۇددى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش، گۇناھ قىلغان كىشى، قىلغان خاتا ئىشىنىڭ ئاچچىق مېۋىسىنى تېتىشى مۇمكىن. ئەمما، كىمكى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، «ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ تاشلىسا»، ئاللا يەھۋا ھەمىشە شۇنداق كىشىلەرنى «ئەپۇ قىلغىلى تەييار». — پەندى-نەسىھەت 28:13، (ب ج)؛ زەبۇر 86:5، (ب ج)؛ ياقۇپ 5:16.
23 ئۇنىڭدىن باشقا، مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە «ھەدىيىلەرنى» ئاتا قىلغان — يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ روھىي ئېھتىياجىدىن خەۋەر ئالىدىغان پىشىپ يېتىلگەن روھىي پادىچىلارنى سوۋغا قىلغان. ئاشۇ روھىي پادىچىلار خۇدا تەلەپ قىلغان ئۆلچەملەرگە لايىق ياشاپ، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:8، 12؛ ياقۇپ 5:14، 15). شۇ پادىچىلارنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بولسا، گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش — يەنى مۇقەددەس كىتاب سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، روھىي پادىچىلارنىڭ ياردىمىدە گۇناھكار «ئەقىل تاپادۇر». شۇنداق بولغاندا، ئۇ قايتا گۇناھ ئۆتكۈزمەيدۇ. — پەندى-نەسىھەت 15:32، (ب ج).
‹ئەقىل تېپىش›
24، 25. (1) پەندى-نەسىھەت 7:6–23-ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن يىگىتنىڭ «ئەقىلسىز» ئىكەنلىكىنى، نېمە كۆرسىتىدۇ؟ (2) قانداق قىلىپ «ئەقىل» تاپالايمىز؟
24 مۇقەددەس كىتاب، بەزى كىشىلەرنى «ئەقىلسىز» دېگەن، ۋە بەزىلەرنى «ئەقىل تاپادۇر»، دەپ تەرىپلىگەن (پەندى-نەسىھەت 7:7، ب ج). چۈنكى، «ئەقىلسىز» كىشىلەر ياراتقۇچىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ يېتەلمىگەچ ۋە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا تەجرىبىسى كەمچىل، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىشتا تېخى خام بولغاچ، خۇددى پەندى-نەسىھەت 7:6–23-ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ياش يىگىتتەك، ئاسانلا ئېغىر گۇناھ يولىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، ‹ئەقىل تاپىدىغان كىشى› ھەمىشە ئاللا يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، يەنى ئەقلىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ. شۇنداق كىشى گەرچە نامۇكەممەل بولسىمۇ، بارچە كۈچى بىلەن ئۆز ئوي-پىكىرلىرى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نىشانلىرىنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەقبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئۇ «ئۆز جېنىنى دوست تۇتادۇر»، يەنى ئۆز-ئۆزىگە كۆيۈنۈپ، بەخت «سائادەتلىكنى تاپادۇر». — پەندى-نەسىھەت 19:8، (ب ج).
25 ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ توغرىلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنەمدىمەن؟ ئۆلچەملەرنى تۇتۇشنىڭ چەكسىز بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلدىممۇ؟» (زەبۇر 19:7–10؛ يەشايا 48:17، 18). ئەگەر سىز، ھەتتا كىچىككىنە گۇماندا بولسىڭىز، شۇ گۇماندىن خالاس بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىغا پەرۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئېڭىڭىزنى پاك ئوي-پىكىرلەر بىلەن تولدۇرۇپ، توغرا، ئادىل، پاك، سۆيۈنگىدەك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشنى چوڭقۇر خىيال قىلىڭ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق، مۇقەددەس كىتابنىڭ: «خۇداۋەندىنىڭ قانداق ياخشى ئىكەنىنى سىناپ كۆرۈڭلار»، دېگەن سۆزلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ بېقىڭ (زەبۇر 34:8، ب ج؛ فىلىپىلىكلەر 4:8، 9). شۇنداق قىلغانسېرى، ئاللاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىغا ۋە ياراتقۇچى ئۆچ كۆرگەن نەرسىنى ئۆچ كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزغا جەزم قىلالايسىز. يۈسۈپمۇ ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى. بىراق، نۇرغۇن يىللار داۋامىدا، يەھۋانىڭ شەكىلگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن يۈسۈپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىزدىگەچ، ئۆزىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق تۇتالىغان. ئەلۋەتتە، سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز! — يەشايا 64:8.
26. كېيىنكى بابلاردا، قايسى مۇھىم مەسىلە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
26 پەرۋەردىگارىمىز جىنسىي ئەزالىرىمىزنى ئويۇنچۇق سۈپىتىدە ياراتقان ئەمەس، بەلكى پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن لەززەت ئېلىپ، ھۇزۇرلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان (پەندى-نەسىھەت 5:18). خۇدانىڭ نىكاھقا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى ئىككى بابتا مۇھاكىمە قىلىمىز.
a سانلار كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان 24000 كىشى، يەھۋا بىۋاستە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلەردىن باشقا، بەلكىم ھاكىملار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان «خەلقنىڭ ھەممە سەردارلىرى»، يەنى يېتەكچىلىرى بولغان 1000 كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. — سانلار 25:4، 5، (ب ج).
b ناپاكلىق ۋە شەھۋانىيلىق نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 2006-يىل 7-ئاي 15-كۈن سانى «ئوقۇرمەنلەردىن سوئاللار»، دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.
c بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەر»، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان تەسۋىرىي سۈرەت، يېزىق ياكى ئاۋازلار قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىش، مەسىلەن بىر كىشىنىڭ شەھۋانىي ھالەتلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرىتى ۋە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ، ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان يىرگىنچلىك جىنسىي ئالاقە قىلىشى تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
d قولدا زىنا قىلىش توغرىسىدىكى كۆپرەك مەلۇماتلارنى «قولدا زىنا قىلىشتەك ناچار ئادەتنى تاشلاش» ناملىق قۇشۇمچە ئىزاھاتلاردىن كۆرۈڭ.