7-باب
ھاياتلىقنى خۇدا قەدىرلىگەندەك قەدىرلەمسىز؟
«ھاياتلىق بۇلىقى ئۆزۈڭدۇرسەن». — زەبۇر 36:9.
1، 2. (1) خۇدا بىزگە قانداق قىممەتلىك سوۋغاتنى ھەدىيە قىلغان؟ (2) نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئەقلىي-خۇلاسە قىلىش ئىقتىدارى بەك مۇھىم؟
پەرۋەردىگار ھاياتلىقنى بىز ئىنسانلارغا قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئەقىل-پاراسەتكە ھەم ئىگە قىلغان (يارىتىلىش 1:27). بىز مۇشۇ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغاچ، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇ قائىدە-پرىنسىپلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەتبىقلاش ئارقىلىق كىشى ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. كىشىنىڭ «ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە» ئادەتلەنگەنسېرى، خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ. — ئىبرانىيلار 5:14.
2 بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى چۈشىنىش ئەقلىي-ئىقتىدارى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى، بۇ دۇنيا ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتتىكى، كىشىلىك تۇرمۇشتا دۇچار بولىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىگە ماس قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تىبابەت- داۋالاش ئىلمى، بولۇپمۇ قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دورا-ئوكۇللار ۋە داۋالاشلار، شۇلارنىڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ. يەھۋاغا ئىتائەتچان بولۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق كىشىلەر مۇشۇ مەسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەگەر بىز مۇشۇ مەسىلە بىلەن باغلىنىشلىق مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى چۈشەنسەك، ئاقىلانە قارار چىقىرىش ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ئۆز ۋىجدانىمىزنى پاك ساقلاپ ياشاشقا مۇيەسسەر بولالايمىز (پەندى-نەسىھەت 2:6–11). تۆۋەندە بىرقانچە قائىدە-پرىنسىپلارنى كۆرۈپ باقايلى.
ھايات ۋە قان مۇقەددەستۇر
3، 4. مۇقەددەس كىتابتا قاننىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم قاچان كۆرسىتىلگەن؟ قايسى قائىدە-پرىنسىپلار ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى كۆرسەتكەن؟
3 ئادەم ئاتىنىڭ ئوغلى قابىل ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يەھۋا تۇنجى قېتىم قان بىلەن ھايات يەنى جاننىڭ زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. پەرۋەردىگار قابىلغا: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ»، دېگەن (يارىتىلىش 4:10). كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۋانىڭ نەزىرىدە ھابىلنىڭ قېنى ئۇنىڭ ھاياتى يەنى جېنىغا ۋەكىللىك قىلغان. ئەمما، ھابىل جېنىدىن جۇدا قىلىنغان. شۇڭا، ھابىلنىڭ قېنى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار يەھۋاغا داد-پەرياد قىلغان. — ئىبرانىيلار 12:24.
4 نۇھ پەيغەمبەر زامانىدىكى كەلكۈن سۈيىدىن كېيىن، يەھۋا ئىنسانلارغا ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئەمما، قېنىنى يېيىشنى چەكلەپ: «سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان تۆكۈلۈش بولسا، چوقۇم ھېساب ئالىمەن»، دېگەن (يارىتىلىش 9:4، 5). مۇشۇ بۇيرۇق، بۈگۈنكى كۈندە نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە يېتىپ كەلگەن ۋە يەنىلا كۈچكە ئىگە. خۇدا شۇ ئارقىلىق ئىلگىرى ھابىلغا ئېيتقان سۆزلىرىگە يۇشۇرۇنغان ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكىتلىگەن. ئاشۇ ھەقىقەت — پۈتكۈل تىرىك مەخلۇقاتلارنىڭ قېنى، ئۇلارنىڭ جېنى يەنى ھاياتىغا ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ بۇيرۇق، يەھۋا ھاياتلىق مەنبەسى بولغاچ، ھەرقانداق كىشى ھاياتقا ۋە قانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلسا، ھاياتلىق بەرگۈچى ئىگىمىزنىڭ شۇنداق كىشىلەردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. — زەبۇر 36:9.
5، 6. تەۋرات قانۇنى قاننىڭ مۇقەددەس ۋە قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (ھەمدە «جانىۋارلارنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەش» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
5 ئاشۇ ئىككى ئاساسىي ھەقىقەت تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن. لاۋىيلار 17:10، 11-ئايەتلەردە (ب ج)، مۇنداق دېيىلگەن: «بىرسى قان يېسە مەن قاننى يېگەن كىشىنىڭ زىدىغا ئۆز يۈزۈمنى ئۆرۈپ ئۇنى ئۆز قوۋمىدىن يوقىتىپ ئاتۇرمەن. چۈنكى ھەر جىسىم بولسا ئۇنىڭ جېنى قاندادۇر. مەن ئۇنى جانلىرىڭىز ئۈچۈن: [گۇناھنى يېپىش ئۈچۈن بەدەل] بەرسۇن دەپ بەردىم ئەمەسمۇ. مانا قان ئۆزى ئۇنىڭ ئىچىدە بار جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن [گۇناھنى يېپىش ئۈچۈن بەدەل] كەلتۈرۈر».a — «قاننىڭ گۇناھ ئۈچۈن كەفارەت بېرىش كۈچى»، دېگەن 88-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
6 ئەگەر بوغۇزلانغان جانىۋارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلمىسە، چوقۇم يەرگە تۆكۈش زۆرۈر بولغان. شۇنداق قىلىش ھاياتنى ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى يەھۋاغا قايتۇرۇشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان (تەكرار قانۇن 12:16؛ ھەزقىيال 18:4). بىراق، ئىسرائىللارنىڭ يېمەكچى بولغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن، ھەتتا ئاخىرقى بىر تامچە قاننى چىقىرىۋېتىشى تەلەپ قىلىنمىغان ئىدى. جانىۋارلار مۇۋاپىق بوغۇزلىنىپ، قېنى چىقىرىلىپ، ھاياتلىق بەرگۈچى ياراتقۇچى ئىگىگە ھۆرمەت كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئاندىن پاك ۋىجدان بىلەن جانىۋارلارنىڭ گۆشىنى يېگەن ئىدى.
7. داۋۇت قاننىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان ھۆرمىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
7 داۋۇت ‹خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ›، يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنلىرى يۇشۇرۇن كۆرسەتكەن قانغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنى چۈشەنگەن (ئەلچىلەر 13:22). بىر قېتىم داۋۇت ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكىنىدە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۈچ كىشى دۈشمەنلەرنىڭ بارگاھىغا بۆسۈپ كىرىپ، كۆلچەكتىن سۇ ئېلىپ كېلىپ داۋۇتقا بەرگەن. ئۇنداقتا، داۋۇت قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ: «ھەرگىز مۇنداق قىلمىغايمەن ئۆز جانلىرىنى خەتەرگە سېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ قېنى ئەمەسمۇ»، دەپ ئىچكىلى ئۇنمىغان. داۋۇت ئاشۇ سۇنى ئىچىشنى، ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلارنىڭ قېنىنى ئىچىش، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇسساپ-چاڭقىغىنىغا قارىماي، ئۇ سۇنى «خۇداۋەندىگە ھەدىيە دەپ تۆكۈپ»، يەرگە سىڭدۈرۋەتكەن. — 2-سامۇئىل 23:15–17، (ب ج).
8، 9. 1-ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگەردىمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟
8 نۇھقا قان يېمەسلىك توغرىسىدا ئەمر-پەرمان بېرىلىپ 900 يىلدىن كېيىن، ئاشۇ ئەمر-پەرمان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن ئەھدە ئارقىلىق قايتا تەكرارلانغان. شۇنىڭدىن يەنە 1500 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەھۋانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگەرمىگەن. ئۇ مۇقەددەس روھى بىلەن 1-ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچى كېڭىشىنى ئىلھاملاندۇرغاچ، ئۇلار: «[مۇقەددەس روھ] ۋە بىز مۇناسىپ كۆرۈپ توختاتتۇقكى بۇ لازىم بۇيرۇقلاردىن باشقا يۈك ئۈستىڭىزگە قويۇلمىسۇن يەنى بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشتىن ۋە قاندىن ۋە بوغۇلغان جانىۋارلاردىن ۋە زىنادىن ئۆزىڭىزنى ساقلىماق لازىمدۇر»، دەپ يازغان. — ئەلچىلەر 15:28، 29، (ب ج).
9 ناھايىتى ئېنىقكى، 1-ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەش قان توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يەنى قاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، قاننى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ بۇتقا چوقۇنۇش ۋە زىنا قىلىشقا ئوخشاش ئېغىر گۇناھى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق كۆزقاراشتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب قائىدە-قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە قىلغاچ، قان ئىشلىتىش توغرىسىدا چىقارغان قارارلىرى يەھۋانى خۇرسەن قىلىدۇ.
قاننىڭ تىببىي-داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى
قاننىڭ ئاساسىي تەركىبلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قارارىمنى، دوختۇرغا قانداق چۈشەندۈرەلەيمەن؟
10، 11. (1) قاننىڭ تۆت ئاساسىي تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىشقا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كۆزقارىشى قانداق ؟ (2) قانغا مۇناسىۋەتلىك قايسى مەسىلىدە، ئېتىقادچىلار ئۆزى شەخسەن قارار قىلىشى كېرەك؟
10 يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، «قاندىن ... ئۆزىڭىزنى ساقلىماق لازىمدۇر»، دېگەن بۇيرۇقنىڭ، قان بەرمەسلىك ۋە قان سالدۇرماسلىق يەنى قوبۇل قىلماسلىق، قان تەقدىم قىلماسلىق ۋە ئىلگىرى ئۆز تېنىدىن ئېلىنىپ ساقلانغان قاننى قايتا سالدۇرماسلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى ھۆرمەتلىگەچ، قاننىڭ تۆت ئاساسىي تەركىبىينىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ: قىزىل قان ھۈجەيرىسى (قىزىل قان دانچىلىرى)، ئاق قان ھۈجەيرىسى (ئاق قان دانچىلىرى)، قان پىلاستىنكىسى ۋە قان پلازمىسى (قان شىرنىسى).
11 بۈگۈنكى كۈندە، قاننى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي تەركىبلەرنى تېخىمۇ كىچىك تەركىبىي ماددىلارغا ئايرىپ ئىشلىتىش ئومۇملاشتى. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاشۇ كىچىك تەركىبلەرنى قوبۇل قىلسا بولامدۇ؟ ئۇلار ئاشۇلارنى «قان»، دەپ قارامدۇ؟ بۇنى ھەربىر كىشى چوقۇم شەخسەن ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، كىشىنىڭ ئۆز قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، قان دىئالىزلاش، قان سۇيۇلدۇرۇش ۋە چىقىپ كېتىۋاتقان قاننى تەنگە قايتۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئېتىقادچىلار ئۆزى شەخسەن قارار قىلىشى كېرەك. — «قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار ۋە تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەلىرى» ناملىق قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.
12. ھەر كىشى ۋىجدانىغا ئاساسەن قارار قىلىدىغان مەسىلىلەرگە قانداق كۆز قارىشىمىز كېرەك؟ ھەمدە قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟
12 ئۆزىمىز شەخسەن قارار قىلغان ئىشلارغا، پەرۋەردىگار يەھۋا ئازراقمۇ ئەھمىيەت بەرمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ ئوي-پىكىر ۋە مەقسەت-مۇددىئايىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 17:3؛ 21:2؛ 24:12). شۇڭلاشقا، مەلۇم دورا-ئوكۇل ياكى تىببىي- داۋالاشنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ، شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب تەربىيىلەپ تاۋلىغان ۋىجدانىمىزنىڭ چىقارغان ساداسىغا ھەم قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 14:2، 22، 23). ئەلۋەتتە، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراش، قارارلىرىنى بىزگە زورلاپ تاڭماسلىقى، بىزمۇ باشقىلاردىن: ‹ئەگەر سىز مېنىڭدەك ئەھۋالدا بولسىڭىز، قانداق قىلار ئىدىڭىز؟›، دەپ سورىماسلىقىمىز كېرەك. شۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ھەربىر يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچى «ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك».b — گالاتىيالىقلار 6:5؛ رىملىقلار 14:12؛ «مەن قاننى مۇقەددەس كۆرەمدىمەن؟»، دېگەن 93-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
يەھۋانىڭ قانۇنى كۆيۈمچان ئاتىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ
13. يەھۋانىڭ قانۇن ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرى ئۇ توغرىسىدا نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟
13 مۇقەددەس كىتاب قانۇنى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرى، يەھۋانىڭ دانا قانۇن چىقارغۇچى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۆيۈمچان ئاتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ (زەبۇر 19:7–11). «قاندىن ئۆزىڭىزنى ساقلاڭلار»، دېگەن بۇيرۇق — گەرچە تەن-ساغلاملىقنى ئاسراشنىڭ بىر قائىدە-نىزامى سۈپىتىدە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنى قان سېلىشنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن قوغدايدۇ (ئەلچىلەر 15:20، ب ج). ئەمەلىيەتتە، تىببىي-داۋالاش ساھەسىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ئالىملار، قان ئىشلەتمەي ئوپېراتسىيە قىلىشنى ھازىرقى زامان داۋالاش ئىلىمىدىكى «ئالتۇن ئۆلچەم»، يەنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، دەپ قاراشماقتا. تىببىي-داۋالاش ئىلىمىنىڭ شۇنداق زور تەرەققىي قىلىشى، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىگە، يەھۋانىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە، كۆيۈمچان ئاتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. — يەشايا 55:9؛ يۇھاننا 14:21، 23.
14، 15. (1) قايسى قانۇنلار خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؟ (2) مۇشۇ قانۇنلارغا ئاساسەن يەكۈنلەنگەن قائىدە-پرىنسىپلاردىن تۇرمۇشىڭىزدا قانداق پايدىلىنالايسىز؟
14 ئاللا يەھۋانىڭ ئۆز خەلقى بولغان قەدىمقى ئىسرائىللارغا غەمخورلۇق قىلىپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنلاردا ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن، ئاللا ئىسرائىللاردىن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى چۆرىدەپ يورغا تام ياساپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى كۆپىنچە ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە بولاتتى (تەكرار قانۇن 22:8؛ 1-سامۇئىل 9:25، 26؛ نەھەمىيا 8:16؛ ئەلچىلەر 10:9). خۇدا يەنە خەتەرلىك ئۈسكەك كالىلارغا ياخشىراق كۆز-قۇلاق بولۇشنى بۇيرۇق قىلغان (چىقىش 21:28، 29). مۇشۇنداق تەلەپلەرگە پەرۋا قىلماسلىق — باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئاقىۋەتتە قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
15 مۇشۇ قانۇنلارغا ئاساسەن يەكۈنلەنگەن قائىدە-پرىنسىپلارنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىدە پايدىلىنالايسىز؟ ماشىنىڭىزنىڭ شەرت- شارائىتى، ماشىنا ھەيدەش ئادىتىڭىز، تۇرالغۇ ئۆيىڭىز، بېقىۋاتقان ھايۋان، خىزمەت ئورنىڭىز ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇن-تاماشىلار توغرىسىدا بىر ئويلاپ كۆرۈڭ. بەزى دۆلەتلەردە، كۆتۈلمىگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك نۇرغۇن ياشلار ناھايىتى بالدۇرلا بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشماقتا. چۈنكى ئۇلار، ھەمىشە ئورۇنسىز خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئەمما، خۇدانىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاپ، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ياشلار خەتەرلىك ئىش- پائالىيەتلەر بىلەن كۆڭۈلنى خۇش قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئۇلار، ‹ياشلار خەۋپ-خەتەرگە باش ئەگمەيدۇ›، دەيدىغان ئەخمەقلەرنىڭ ئوي-خىيالىدا بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنى كېلىشمەسلىكتىن يىراق تۇتۇپ، ياشلىق باھارىنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. — ۋەز 11:9، 10.
16. بالا چۈشۈرۈش ياكى ھامىلە چۈشۈرۈش توغرىسىدا، مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى قائىدە-پرىنسىپىغا مۇراجىئەت قىلالايمىز؟ (بەت ئاستى ئىزاھاتىغا قاراڭ).
16 ھەتتا، ئانا قورسىقىدىكى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ ھاياتى، يەھۋانىڭ نەزىرىدە قەدىر-قىممەتلىكتۇر. قەدىمقى زاماندا ئىسرائىللار ئارىسىدا، ئەگەر بىر كىشى ھامىلدار ئايالغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ، مەيلى ئۇ ئايال ياكى تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەبچى بولسا، خۇدا ئاشۇ كىشىنى ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جىنايەتچى، دەپ قارىغان ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشى «جانغا جان» تۆلەپ بېرىشى كېرەك بولغانc (چىقىش 21:22، 23). ئۇنداقتا، ھەر يىلى سان-ساناقسىز تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقلارنىڭ، كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئەخلاقسىز جىنسىي تۇرمۇش ئەركىنلىكىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياتلىق بەرگۈچى يەھۋانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.
17. ئەگەر بىر ئايال، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ھامىلە چۈشۈرگەن بولسا، ئۇ ئايالغا قانداق تەسەللىي بېرەلەيسىز؟
17 ئۇنداقتا، بىر ئايال مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ھامىلە چۈشۈرگەن بولسىچۇ؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولالامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولالايدۇ! ئەمەلىيەتتە، چىن قەلبىدىن گۇناھىغا توۋا قىلغانلار، ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنى سەۋەبلىك، يەھۋانىڭ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا بولىدۇ (زەبۇر 103:8–14؛ ئەفەسلىكلەر 1:7). ھەتتا، ئەيسا مەسىھ: «مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم»، دېگەن. — لۇقا 5:32.
كۆڭۈلدىكى ئۆچمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلاش!
18. نۇرغۇنلىغان قان تۆكۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
18 يەھۋا بىزنىڭ باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەندىن باشقا، قەلبىمىزدىكى ئۆچمەنلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىزنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى، ئۆچمەنلىك نۇرغۇن قان تۆكۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شاگىرت يۇھاننا: «قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر»، دەپ يازغان (1-يۇھاننا 3:15). قەلبىدە ئۆچمەنلىك ساقلايدىغان كىشى پەقەت ئۆز بۇرادەرلىرىدىن بىزار بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداق كىشى دۈشمەنلىك قىلىپ ئۆز بۇرادەرلىرى ئۈستىدىن يەھۋانىڭ ھۆكۈمىگە لايىق ئىشنى قىلدى، دەپ زەھەرخەندىلىك بىلەن يالغان-ياۋىداق تۆھمەت-شىكايەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن (لاۋىيلار 19:16؛ تەكرار قانۇن 19:18–21؛ مەتتا 5:22). شۇڭلاشقا، كۆڭلىمىزدە ئازراقمۇ ئاداۋەت ساقلىماي، ئۆچمەنلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش بەكمۇ مۇھىم! — ياقۇپ 1:14، 15؛ 4:1–3.
19. مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياشايدىغانلار، زەبۇر 11:5 ۋە فىلىپىلىكلەر 4:8، 9-ئايەتلەرگە قانداق كۆزقاراشتا بولىدۇ؟
19 ھاياتنى يەھۋا قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ھەرخىل شەكىلدىكى زوراۋانلىقلاردىن ھەم يىراق تۇرىدۇ. زەبۇر 11:5-ئايەت: «[يەھۋا] ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىنى»، دەيدۇ. بۇ ئايەت يەھۋانىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىنى بىزگە كۆرسىتىپلا قالماي، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قائىدە-پرىنسىپ بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. مۇشۇ قائىدە-پرىنسىپ، ياراتقۇچىنى سۆيگۈچىلەرنى ھەرخىل شەكىلدىكى زوراۋانلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان ئويۇن- تاماشىلاردىن خالىي بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب يەنە، يەھۋا «خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا»، دەيدۇ (فىلىپىلىكلەر 4:8، 9). مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئېڭى ۋە قەلبىنى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئىشلار بىلەن تولدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىگە خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ.
قان قەرزگە بوغۇلغان تەشكىلاتلاردىن يىراق تۇرۇش
20–22. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا قانداق مەيداننى ساقلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
20 ئاللانىڭ نەزىرىدە، شەيتاننىڭ دۇنياسى قان قەرزگە بوغۇلغان. مۇقەددەس كىتابتا، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي تۈزۈلمىلىرى ۋەھشىي مەخلۇق سۈرىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ مىليونلىغان سان-ساناقسىز كىشىلەرنى، ھەتتا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن (دانىيال 8:3، 4، 20–22؛ ۋەھىيلەر 13:1، 2، 7، 8). سودا تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، مۇشۇ ۋەھشىي مەخلۇققا ئوخشاش سىياسىي كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىي قىرغۇچى قوراللارنى ياساپ، بايلىق توپلاشقان. شۇڭا، بۇ دۇنيا «شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر»، دېگەن سۆزنىڭ قىلچىمۇ خاتا يېرى يوق! — 1-يۇھاننا 5:19.
21 ئەيساغا ئەگەشكەنلەر «بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر»، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرى ۋە ئۇرۇشلاردا بىتەرەپلىك مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزى شەخسەن ياكى كوللېكتىپ قان تۆكۈشكە شېرىك بولماي، ھەرقانداق قان قەرزدىن خالىي بولالايدۇd (يۇھاننا 15:19؛ 17:16). ھەمدە ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلار ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغاندا، زوراۋانلىق بىلەن ئۇرۇپ-سوقۇپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا قارشى قوپمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. — مەتتا 5:44؛ رىملىقلار 12:17–21.
22 ھەممىدىن مۇھىمى، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى «كاتتا بابىل»دىن يىراق تۇرىدۇ. چۈنكى، كاتتا بابىل بارلىق يالغان دىنلارنىڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيىسى. ئۇ نۇرغۇن قان تۆكۈشلەرگە سەۋەب بولغاچ، قان قەرزگە ئەڭ كۆپ بوغۇلغان. شۇڭا، خۇدانىڭ سۆزى: «تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ»، دەيدۇ ۋە «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم!»، دەپ بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ۋەھىيلەر 17:6؛ 18:2، 4، 24.
23. كاتتا بابىلدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
23 كاتتا بابىلدىن ئايرىلىپ چىقىش — يالغان دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشتىن باشقا، يالغان دىن ئەيىبلىمەيدىغان، ھەتتا ئوچۇق ئاشكارا تەشەببۇس قىلىدىغان جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن مال-دۇنيا قوغلىشىشتەك رەزىل ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (زەبۇر 97:10؛ ۋەھىيلەر 18:7، 9، 11–17). دەرۋەقە، مۇشۇنداق ئىشلار نۇرغۇنلىغان قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچىدۇر!
24، 25. قان قەرزگە بوغۇلغان كىشى توۋا قىلسا، ئاللا نېمىگە ئاساسەن ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ؟ قەدىمقى زاماندىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نېمىنى بېشارەت بەرگەن؟
24 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى، ھەربىرىمىز ياكى بۇنداق ياكى ئۇنداق شەيتاننىڭ رەزىل دۇنياسىنى قوللاپ، قان قەرزلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر شېرىك بولغانمىز. بىراق، يامان يوللىرىمىزدىن يېنىپ، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈپ، ھاياتىمىزنى خۇداغا بېغىشلىغاچ، ئۇنىڭ ئىلتىپات قىلىشىغا ۋە روھىي جەھەتتىن قوغدىشىغا ئېرىشتۇق (ئەلچىلەر 3:19). مۇقەددەس كىتابتا تىلغان ئېلىنغان پاناھگاھ شەھىرى شۇنداق قوغداشنىڭ بېشارىتى بولغان. — سانلار 35:11–15؛ تەكرار قانۇن 21:1–9.
25 نېمە ئۈچۈن پاناھگاھ شەھىرى، ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟ ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن بىرى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، پاناھگاھ شەھەرلىرىدىن بىرگە قېچىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ ۋەقە تەكشۈرۈلۈپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تاساددىبىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھگاھ شەھىرىدە ياشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، باش روھانىي ئۆلگەندىن كېيىن، ئەگەر ئاشۇ شەھەردىن ئايرىلىپ باشقا جايغا بېرىشنى خالىسا، شۇنداق قىلىش ئەركىنلىكى بولغان ئىدى. ئاشۇ ئورۇنلاشتۇرۇش — مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ ئىنسان ھاياتىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مىسالىدۇر! بۈگۈنكى كۈندە ھايات ۋە قاننىڭ مۇقەددەسلىكى توغرىسىدىكى ئاللانىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى تاساددىبىي سادىر قىلىپ قالساق، ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى بىزنى ئۆلۈمدىن قوغداپ قالالايدۇ. قەدىمقى پاناھگاھ شەھىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دەل مۇشۇنداق قوغداشنىڭ بېشارىتى بولغان ئىدى. سىز مۇشۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەدىرلەمسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ شۇنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتىسىز؟ شۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — باشقىلارنى بۈگۈنكى كۈندىكى پاناھگاھ شەھىرىدە ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش. بۇ ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى، چوڭ بالايىئاپەت بولىدىغان زامان يېتىپ كەلمەكتە! — مەتتا 24:21؛ 2-كورىنتلىقلار 6:1، 2.
پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق ھاياتنى قەدىرلەش
26–28. بۈگۈنكى كۈندە، ئەھۋالىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەزقىيال پەيغەمبەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن قانداق ئوخشاشلىقى بار؟ قانداق قىلىپ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىيالايمىز؟
26 بۈگۈنكى كۈندە، خۇدا خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئۆتمۈشتىكى ھەزقىيال پەيغەمبەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىتىدۇ. يەھۋا ھەزقىيالنى ئىسرائىل ئاھالىسىگە كۆزەتچى قاراۋۇل قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز ئاغزىمدىن بىر سۆز ئاڭلىساڭ، مېنىڭ تەرىپىمدىن بېرىپ ئۇلارنى ئاگاھ قىلغايسەن»، دېگەن ئىدى. ئەگەر ھەزقىيال خۇدا تاپشۇرغان ۋەزىپىگە سەل قارىغان بولسا، خۇدا يېرۇسالېم شەھىرى بىلەن ھېساب قىلىشقاندا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ قان قەرزى ئۇنىڭ بوينىغا چۈشەتتى (ھەزقىيال 33:7–9، ب ج). بىراق، ھەزقىيال خۇداغا بويسۇنۇپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپىنى ئورۇندىغاچ، قان قەرزگە بوغۇلمىغان ئىدى.
27 بىز شۇ تاپتا شەيتاننىڭ بارچە دۇنياسى ئاخىرلىشىش پەيتتىدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، يەھۋانىڭ گۇۋاھچىلىرى تىرىشىپ، خۇدانىڭ «ئىنتىقام كۈنى» ۋە پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكتە. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئىلاھىي خىزمەتنى قىلىشنى مەجبۇرىيەت ۋە ئالاھىدە ئىمتىياز دەپ قارايدۇ (يەشايا 61:2، ب ج؛ مەتتا 24:14). مۇشۇ مۇھىم خىزمەتكە سىزمۇ پائال قاتنىشامسىز؟ ئەلچى پاۋلۇس خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلغاچ، نەتىجىدە ئۇ: «ھېچ بىرىنىڭ قېنىغا مەن قەرزدار ئەمەسمەن چۈنكى ھېچ نېمىنى يوشۇرماي خۇدانىڭ ھەممە ئىرادىسىنى سىزلەرگە بېشارەت بەردىم»، دېيەلىگەن ئىدى (ئەلچىلەر 20:26، 27، ب ج). بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك!
28 ئەلۋەتتە، ئەگەر بىز يەھۋانىڭ ئىللىق مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلساق، ھايات ۋە قانغا يەھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا قاراپ قەدىرلىگەندىن باشقا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇشىمىز ھەم زۆرۈر. كېيىنكى باب مۇشۇ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
a خۇدانىڭ ئېيتقان، «ھەر جىسىم بولسا ئۇنىڭ جېنى قاندادۇر»، دېگەن سۆزى توغرىسىدا، ئامېرىكىدىكى بىر ئىلىم-پەن ژۇرنىلى (Scientific American) مۇنداق دەيدۇ: «قاننى سىمۋوللۇق مەنىدە جان يەنى ھاياتلىق دەپ قاراش توغرا بولغاندەك، ئۇدۇل مەنىدىمۇ شۇنداق دەپ چۈشىنىش توغرا. چۈنكى، ھەربىر خىل قان ھۈجەيرىسى ھاياتلىق ئۈچۈن كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ».
b يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «ئويغىنىش!» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق) ژۇرنىلى، 2006-يىل 8-ئاي، 3–12-بەتلەردىكى سانىغا قاراڭ.
c مۇقەددەس كىتاب سۆزلۈكلىرى لۇغىتىنى تۈزگۈچىلەر تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: مۇشۇ ئىبرانىيچە تېكىست، يەنى چىقىش 21:23-ئايەت، «كۆرسەتكىنى پەقەت ئايالنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشى ئەمەس». ھەمدە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مۇقەددەس كىتابتا، خۇدا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمە، يەنى ھامىلىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولغانلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ، دېيىلگەن ئەمەس.
d 5-بابقا قاراڭ، «سىلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس!».
e كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار ۋە تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەلىرى» ناملىق قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.