كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 13-‏باپ 125-‏133 ب.‏
  • خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھاياتقا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش
  • قانغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش
  • قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىلىشى
  • ھاياتلىقنى خۇ‌دا قە‌دىرلىگە‌ندە‌ك قە‌دىرلە‌مسىز؟‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 13-‏باپ 125-‏133 ب.‏

13-‏باب

خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى

  • خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏

  • خۇ‌دا بالا چۈشۈرۈشكە قانداق قارايدۇ؟‏

  • بىز ھاياتقا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز؟‏

1.‏ بارلىق مە‌خلۇ‌قاتلارنى كىم ياراتقان؟‏

يە‌ھۋا «بىر ھە‌ق خۇ‌دا» ۋە ئۇ «تىرىك خۇ‌دا» دە‌پ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقان (‏يە‌رە‌مىيا 10:‏10)‏.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا بارلىق مە‌خلۇ‌قاتلارنىڭ ياراتقۇ‌چى ئىگىسىدۇ‌ر.‏ ئاسماندىكى روھىي مە‌خلۇ‌قلار خۇ‌داغا:‏ «ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى سە‌ن ياراتتىڭ ۋە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلە‌ن ۋۇ‌جۇ‌دغا كېلىپ يارىتىلدى» دېگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11)‏.‏ داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر ناخشا ئېيتىپ خۇ‌دانى:‏ «ھاياتنىڭ بۇ‌لىقى» دە‌پ مە‌دھىيلىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏ ھاياتلىق،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاللا يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن سوۋغاتتۇ‌ر.‏

2.‏ خۇ‌دا بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

2 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزگە ھاياتلىق بېرىپ قالماي،‏ يە‌نە بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏28)‏.‏ ئۇ بىزنى يە‌يدىغان تاماق،‏ ئىچىدىغان سۇ،‏ نە‌پە‌سلىنىش ئۈچۈن ھاۋا،‏ ياشايدىغانغا زېمىن بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏15–‏17)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى بىزنىڭ ھاياتلىقتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشمىز ئۈچۈن قىلغان.‏ ھاياتلىقتىن ھە‌قىقىي ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىنى ئۆگىنىپ،‏ ئاشۇ قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18.‏

ھاياتقا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش

3.‏ ھابىل ئۆلتۈرۈلگە‌ندە خۇ‌دا قانداق كۆز قاراشتا بولدى؟‏

3 ئاللا بىزنىڭ ئۆز ھاياتىمىزنى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ھۆرمە‌تلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا ياشىغان زاماندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوغلى قابىل ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھابىلغا قاتتىق غە‌زە‌پلە‌نگە‌ندە،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا قابىلنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ غە‌زە‌پلىنىشنىڭ ئۇ‌نى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏ قابىل ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا پە‌رۋا قىلماي،‏ «ھابىلغا زىد [قارشى] قوپۇ‌پ ئۇ‌نى ئۆلتۈردى» (‏يارىتىلىش 4:‏3–‏8)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قابىلنى ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگە‌نلىكى ئۈچۈن جازالىغان ئىدى.‏ —‏ يارىتىلىش 4:‏9–‏11.‏

4.‏ مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نلىرى ئىچىدىكى قايسى قانۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئالاھىدە تە‌كىتلىگە‌ن؟‏

4 تە‌خمىنە‌ن ئىككى مىڭ تۆت يۈز يىلدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقى قانداق ئىبادە‌ت قىلسا قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ‌لارغا قانۇ‌ن چۈشۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ ئاشۇ قانۇ‌نلار مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يە‌تكۈزۈلگە‌چكە،‏ ئۇ‌لار بە‌زىدە مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نى دە‌پمۇ ئاتىغان.‏ ئاشۇ قانۇ‌نلارنىڭ بىرىدە:‏ «قە‌تلى [قاتىللىق] قىلمىغىن» دېيىلگە‌ن (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 5:‏17)‏.‏ مۇ‌شۇ قانۇ‌ن ئىسرائىللارغا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىنسان ھاياتىنى ئە‌تىۋارلايدىغانلىقىنى شۇ‌نىڭدە‌ك ئۇ‌لارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى چوقۇ‌م ئە‌تىۋارلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏

5.‏ بىز بالا چۈشۈرۈشكە نىسبە‌تە‌ن قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

5 ئۇ‌نداقتا تۇ‌غۇ‌لمىغان بالىنىڭ ھاياتىچۇ؟‏ ئۇ ئە‌تىۋارلىقمۇ؟‏ مۇ‌سا قانۇ‌نىغا ئاساسلانغاندا،‏ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌ش جىنايە‌تتۇ‌ر.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌تتا تۇ‌غۇ‌لمىغان ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ھاياتى ھە‌م قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ‏(‏چىقىش 21:‏22،‏ 23؛‏ زە‌بۇ‌ر 127:‏3)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ بالا چۈشۈرۈش ياكى ھامىلە چۈشۈرۈش ئاللانىڭ كۆز ئالدىدا خاتا.‏a

6.‏ بىز نېمە ئۈچۈن باشىقىلارغا ئۆچمە‌نلىك قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ھاياتقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قاراش باشقىلارنى ھۆرمە‌ت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھە‌ر كىم ئۆز بۇ‌رادىرىنى يامان كۆرسە ئادە‌م ئۆلتۈرگۈچىدۇ‌ر ۋە ھېچ بىر ئادە‌م ئۆلتۈرگۈچىدە ئە‌بە‌دىي تىرىكلىكنىڭ [بولمىغانلىقىنى] بىلۇ‌رسىزلە‌ر» دە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏15)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىساق،‏ قە‌لبىمىزدىكى باشقىلارغا بولغان ئۆچمە‌نلىكنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلىۋېتىشىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئۆچمە‌نلىك كۆپىنچە زوراۋانلىق پە‌يدا قىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏11،‏ 12)‏.‏ بىر-‏بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏

7.‏ قايسى بە‌زى قىلمىشلار ھاياتقا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغاننى كۆرسىتىدۇ؟‏

7 بىز قانداق قىلىپ ئۆز ھاياتىمىزغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ ئادە‌تتە،‏ كىشىلە‌ر ئۆلۈشنى خالىمايدۇ،‏ ئە‌مما بە‌زى كىشىلە‌ر ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى قوغلىشىپ ئۆلۈمگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر كۆڭۈل ئېچىپ ئىچ پۇ‌شۇ‌قىنى چىقىرىش مە‌قسىتىدە تاماكا ۋە نە‌شە چېكىدۇ ۋە ياكى باشقا زە‌ھە‌رلىك نە‌رسىلە‌رنى چېكىدۇ.‏ ئاشۇ نە‌رسىلە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ بە‌دىنىگە زىيان يە‌تكۈزۈپ ھە‌مىشە جاننى ئالىدۇ.‏ بە‌دە‌ننى زە‌يىپلە‌شتۈرىدىغان شۇ‌نداق نە‌رسىلە‌رنى چېكىدىغان قىلمىشلارغا ئادە‌تلە‌نگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ نە‌زىرىدە ھايات مۇ‌قە‌ددە‌س ئە‌مە‌س.‏ بۇ‌لار خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ناپاك قىلمىشلاردۇ‌ر ‏(‏رىملىقلار 6:‏19؛‏ 12:‏1؛‏ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1)‏.‏ ئىبادىتىمىزنى خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشى ئۈچۈن ئاشۇ‌نداق قىلمىشلاردىن ۋاز كىچىشىمىز زۆرۈر.‏ گە‌رچە ۋاز كېچىش تە‌س بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بىز موھتاج بولىدىغان ياردە‌منى بېرىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ ھاياتلىقنى ئۇ‌نىڭدىن كە‌لگە‌ن سوۋغات سۈپىتىدە كۆرۈش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى ئە‌تىۋارلايدۇ.‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن بىزدە ھە‌ردائىم بىخە‌تە‌رلىك ئېڭى بولۇ‌شى لازىم؟‏

8 ئە‌گە‌ر ھاياتنى ھۆرمە‌تلىسە‌ك،‏ بىزدە دائىم بىخە‌تە‌رلىك ئېڭى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بىز ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىش ياكى ھاياجانلىنىش ئۈچۈن تە‌ۋە‌ككۈل قىلماسلىقىمىز ياكى بىخە‌ستە‌لىك قىلماسلىقىمىز لازىم.‏ قاراملىق بىلە‌ن ماشىنا ھە‌يدە‌شتىن ياكى زوراۋانلىق قىلمىشلاردىن ۋە ياكى خە‌تە‌رلىك تە‌نتە‌ربىيە پائالىيە‌تلىرى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشتىن خالىي بولىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 11:‏5)‏.‏ خۇ‌دا قە‌دىمكى ئىسرائىل خە‌لقىگە جاكارلىغان قانۇ‌ندا:‏ «سە‌ن بىر يېڭى ئۆينى ياسىساڭ ئۆگزە‌ڭگە بىر يورغا تامنى ياسىغىن بولمىسا بىركىم ئۇ‌نىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىگە قان تۆكۈشنىڭ گۇ‌ناھىنى كە‌لتۈرمە‌كچى بولۇ‌رسە‌ن» دېيىلگە‌ن (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 22:‏8)‏.‏ ئاشۇ قانۇ‌ندىكى قائىدە-‏نىزاملار بويىچە بولغاندا،‏ ئۆيىڭىزنىڭ ئە‌سلىھە‌لىرىنى ياخشى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆيلە‌رنىڭ پە‌لە‌مپە‌يلىرى ياخشى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئورنىتىلسا،‏ كىشىلە‌رنىڭ يىقىلىپ بە‌دە‌نلىرىنىڭ ئېغىر يارلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسى بولسا،‏ ماشىنىنى بىخە‌تە‌ر ھە‌يدە‌شكە بولىدىغانلىقىغا ھە‌ردائىم كاپالە‌تلىك قىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۆيلىرىڭىزنىڭ ۋە ماشىنىڭىزنىڭ،‏ ئۆزىڭىزگە ياكى باشقىلارغا خېيىم-‏خە‌تە‌ر ئېلىپ كېلىشدىن ساقلىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏

9.‏ ئە‌گە‌ر بىز ھاياتنى ھۆرمە‌تلىسە‌ك،‏ ھايۋانلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىمىز؟‏

9 ھايۋانلارنىڭ ھاياتىچۇ؟‏ ھايۋانلارنىڭ ھاياتى ھە‌م ياراتقۇ‌چىنىڭ نە‌زىردە ئۇ‌لۇ‌غدۇ‌ر.‏ خۇ‌دا،‏ ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنى ئوزۇ‌قلۇ‌ق ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك ياكى ھايۋانلار ئېلىپ كېلىدىغان خە‌تە‌ردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغان (‏يارىتىلىش 3:‏21؛‏ 9:‏3؛‏ چىقىش 21:‏28)‏.‏ لېكىن،‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ھايۋانلارنى خارلاش ياكى ئۆلتۈرۈش خاتا.‏ ھايۋانلارنى خارلاپ ئۆلتۈرۈش ھاياتنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىنى ھۆرمە‌تلىمىگە‌نلىكنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏10.‏

قانغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش

10.‏ خۇ‌دانىڭ قايسى بۇ‌يرۇ‌قى،‏ قان بىلە‌ن جاننىڭ ناھايىتى قويۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

10 قابىل ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا قابىلغا:‏ «ئىنىڭنىڭ قېنى يە‌ردىن ماڭا پە‌رىيات قىلادۇ‌ر» دېگە‌ن (‏يارىتىلىش 4:‏10)‏.‏ خۇ‌دا ئېيتقان ھابىلنىڭ قېنى،‏ ھابىلنىڭ جېنىنى كۆرسىىتىدۇ.‏ قابىل ھابىلنىڭ جېنىنى ئالغان،‏ قابىل چوقۇ‌م جازالىنىشى كېرە‌ك.‏ ھابىلنىڭ قېنى يە‌نى ھابىلنىڭ جېنى يە‌ھۋاغا ئادىللىق ئۈچۈن نالە-‏پە‌رىيە‌ت قىلغان.‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدىكى كە‌لكۈن سۈيىدىن كېيىن،‏ قان بىلە‌ن جان ئوتتۇ‌رىسىدىكى مۇ‌ناسىۋە‌ت قايتا كۆرسىتىلگە‌ن.‏ كە‌لكۈن سۈيى كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار پە‌قە‌ت مېۋە-‏چېۋە،‏ سە‌ي-‏كۆكتات،‏ ئاشلىق-‏زىرائە‌ت ۋە شاكاللىق مېۋىلە‌رنىلا ئوزۇ‌قلۇ‌ق قىلغان ئىدى.‏ كە‌لكۈن سۈيىدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ بالىلىرىغا:‏ «ھە‌ر مىدىرلايدۇ‌رغان جاندارنى سىزلە‌رگە تائام بولسۇ‌ن.‏ مە‌ن سىزلە‌رگە كۆكە‌رگە‌ن گىياھنى بە‌رگە‌ندە‌ك ئە‌مدى مۇ‌نىڭ ھە‌ممىسىنى سىزلە‌رگە بە‌ردىم» دېگە‌ن.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا:‏ «ئە‌مما جېنى يە‌نى قېنى ئىچىدە بار گۆشنى يېمە‌ڭلار» دە‌پ چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قى چۈشۈرگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏29؛‏ 9:‏3،‏ 4)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا جان يە‌نى ھاياتلىق بىلە‌ن قاننىڭ ناھايىتى زىچ مۇ‌ناسىۋىتى بار.‏

11.‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنىدىن باشلاپ خۇ‌دا قاننى قانداق ئىشلىتىشنى چە‌كلىگە‌ن؟‏

11 بىز قاننى يېمە‌سلىك ئارقىلىق قانغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە چۈشۈرگە‌ن قانۇ‌ندا:‏ بىر كىشى يېيىشكە رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان بىر ياۋايى ھايۋان ياكى بىر ئۇ‌چار قۇ‌شنى ئوۋلاپ تۇ‌تسا،‏ «قاننى ئېقىتىپ ئۇ‌نى توپا بىلە‌ن يېپىپ قويسۇ‌ن .‏.‏.‏ [ئىسرائىللارغا] ئېيتۇ‌رمە‌نكى:‏ سىز بولسىڭىز ھېچ بىر گۆشنىڭ قېنىنى يېمە‌ڭلار» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏لاۋىيلار 17:‏13،‏ 14)‏.‏ خۇ‌دا ئىسرائىللارغا قانۇ‌ن چۈشۈرۈشتىن 800 يىل ئىلگىرى،‏ تۇ‌نجى قېتىم نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رگە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يېمە‌سلىك ھە‌ققىدە چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قى چۈشۈرگە‌ن بولۇ‌پ،‏ نە‌چچە يۈز يىل ئۆتۈپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قى يە‌نىلا كۈچكە ئىگە بولغان.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ قانغا بولغان كۆز قارىشى ناھايىتى ئېنىق:‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ،‏ بىراق قېنىنى يېسە بولمايدۇ.‏ ئۇ‌لار ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يە‌رگە چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌شۇ‌نداق قىلغانلىق مە‌خلۇ‌قاتلارنىڭ جېنىنى ئاللا يە‌ھۋاغا قايتۇ‌رغانلىق بولىدۇ.‏

12.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بېرىلگە‌ن قان توغرىسىدىكى قايسى بۇ‌يرۇ‌ق بۈگۈنكى كۈندە يە‌نىلا كۈچكە ئىگە؟‏

12 ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ قان توغرىسىدىكى چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا رىئايە قىلىش كېرە‌ك.‏ مىلادى 1-‏ئە‌سىردە،‏ جاي-‏جايلاردىكى بارلىق ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكلىرى قايسى بۇ‌يرۇ‌ققا رىئايە قىلىش كېرە‌كلىكىنى بە‌لگىلە‌ش ئۈچۈن ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان ئاقساقاللار بىر جايغا جە‌م بولغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن:‏ «روھئالقۇ‌ددۇ‌س [مۇ‌قە‌ددە‌س روھ] ۋە بىز مۇ‌ناسىپ كۆرۈپ توختاتتۇ‌قكى بۇ لازىم بۇ‌يرۇ‌قلاردىن باشقا يۈك ئۈستىڭىزگە قويۇ‌لمىسۇ‌ن يە‌نى بۇ‌تلارغا قۇ‌ربانلىق قىلىنغان گۆشتىن ۋە قاندىن ۋە بوغۇ‌لغان [قېنى سىرتىغا چىقىرىلمىغان] جانىۋارلاردىن ۋە زىنادىن ئۆزىڭىزنى ساقلىماق لازىم» (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29؛‏ 21:‏25)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ چوقۇ‌م ‹قاندىن ئۆزىمىزنى ساقلىشىمىز› كېرە‌ك.‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا،‏ قاندىن ساقلىنىشىمىز خۇ‌ددى بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە زىنا قىلىشتىن خالىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك بولغانغا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏

ئە‌گە‌ر دوختۇ‌ر سىزگە ھاراق-‏شارابتىن ساقلىنىڭ دېسە،‏ سىز ئۇ‌نى تومۇ‌رىڭىزغا ئوكۇ‌ل قىلىپ ئۇ‌رامسىز؟‏

13.‏ مىسال ئارقىلىق قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قىنىڭ نېمە ئۈچۈن قان سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

13 قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قى قان سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌نداق بىر مىسال قىلايلى:‏ دوختۇ‌ر سىزنىڭ ھاراق-‏شارابلىق يە‌نى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى ئىچىشتىن ساقلىنىشىڭىزنى ئېيتتى دە‌پ پە‌رە‌ز قىلساق،‏ بۇ سىز ھاراق ئىچمە‌سلىكىڭىز كېرە‌ك.‏ لېكىن،‏ سىز ئۇ‌نى تومۇ‌رىڭىزغا ئوكۇ‌ل قىلىپ ئۇ‌رسىڭىز بولىدۇ دېگە‌نلىكمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نداق دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س!‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قاندىن ساقلىنىش دېگە‌نلىك،‏ قاننىڭ ھە‌رقانداق شە‌كىلدە بە‌دىنىمىزگە كىرىشىدىن ساقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌پ ئاللانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشغا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن قان سېلىشنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

14،‏ 15.‏ ئە‌گە‌ر دوختۇ‌ر بىر ئېتىقادچىغا چوقۇ‌م قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلىشنى ئېيتسا،‏ ئۇ ئېتىقادچى قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

14 ئە‌گە‌ر بىر ئېتىقادچى قاتتىق يارىلانسا ياكى چوڭ ئوپېراتسىيە‌گە چۈشىدىغان بولۇ‌پ قالسىچۇ،‏ قانداق قىلىدۇ؟‏ دوختۇ‌ر،‏ ئۇ چوقۇ‌م قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك،‏ بولمىسا ئۇ ئۆلىدۇ دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۆلۈشنى خالىمايدۇ.‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن قىممە‌تلىك ھاياتلىق سوۋغىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن،‏ قالايمىقان قان ئىشلە‌تمە‌يدىغان باشقا تۈردىكى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئېتىقادچى ھە‌رخىل داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى ياكى دورىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ،‏ قان ئىشلە‌تمە‌يدىغان داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لنى تاللايدۇ.‏

15 يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چى كۆز ئالدىدىكى مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا بىر ئاز ئۇ‌زۇ‌نراق ياشاشنى دە‌پ ئاللا يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زامدۇ؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «ھە‌ركىم ئۆز جېنىنى قۇ‌تقازغىلى خالىسا ئۇ‌نى يىتتۈرۈر ۋە ھە‌ركىم مېنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى يىتتۈرسە ئۇ‌نى تاپار» دېگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏25‏)‏.‏ بىز ئۆلۈشنى خالىمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئاللانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌پ ئۆز ھاياتىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نساق،‏ بە‌لكىم بىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقنى يوقىتىپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىغا ئىشە‌نچ قىلساق زىيان تارتمايمىز.‏ بىز تولۇ‌پ تاشقان ئىشە‌نچ بىلە‌ن ھە‌رقانداق سە‌ۋە‌ب تۈپە‌يلى ئۆلۈپ كە‌تسە‌ك،‏ بىزگە ھاياتلىق بە‌رگۈچى يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ئۇ قىيامە‌ت كۈنىدە بىزنى تىرىلدۈرۈپ قىممە‌تلىك ھاياتلىق سوۋغىتىغا قايتا ئېرىشتۈرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29؛‏ ئىبرانىيلار 11:‏6)‏.‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نچ قىلىش ھە‌قىقە‌تە‌ن دانالىقتۇ‌ر!‏

16.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قان توغرىسىدىكى نېمە ھە‌قىقە‌تكە قە‌تئىي ئىشىنىدۇ؟‏

16 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرى قاندىن ساقلىنىش بۇ‌يرۇ‌قىغا قاتتىق ئە‌مە‌ل قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌رقانداق شە‌كىلدىكى قاننى يېمە‌يدۇ ۋە قان سېلىپ داۋالاشنى رە‌ت قىلىدۇ.‏b ئۇ‌لار ئاشۇ قاننى ياراتقۇ‌چىنىڭ،‏ بىز ئىنسانلارغا نېمىنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت يە‌تكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌مسىز؟‏

قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىلىشى

17.‏ قە‌دىمدە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلغان قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىلىش ئۇ‌سۇ‌لى قايسى بولغان؟‏

17 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۈشۈرۈلگە‌ن قانۇ‌ندا قاننىڭ بىرلا مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىلىشى ئالاھىدە تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ قە‌دىمدە ئىسرائىل خە‌لقى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغاندا قانداق قىلىش كېرە‌كلىكى بۇ‌يرۇ‌ق قىلىنغان:‏ «جىسىم بولسا ئۇ‌نىڭ جېنى قاندادۇ‌ر.‏ مە‌ن ئۇ‌نى جانلىرىڭىز ئۈچۈن:‏ كە‌فارە‌ت ‏[گۇ‌ناھنىڭ يۇ‌يۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن تۆلە‌يدىغان بە‌دە‌ل] بە‌رسۇ‌ن دە‌پ بە‌ردىم ئە‌مە‌سمۇ.‏ مانا قان ئۆزى ئۇ‌نىڭ ئىچىدە بار جاننىڭ ۋاستىسى بىلە‌ن كە‌فارە‌ت كە‌لتۈرۈر» (‏لاۋىيلار 17:‏11)‏.‏ ئىسرائىل خە‌لقى گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ دە‌سلە‌پكى چاغلادا ئۇ‌لار بىر جانىۋارنى قۇ‌ربانلىق قىلىپ ئۇ‌نىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىبادە‌ت چېدىرىدىكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىغا قان چېچىش ئارقىلىق كە‌چۈرۈمگە ئېرىشكە‌ن.‏ بىراق،‏ كېيىن خۇ‌دانىڭ ئىبادە‌تخانىسىدىكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدا ھە‌م شۇ‌نداق قىلغان.‏ گۇ‌ناھدىن پاك بولۇ‌ش ئۈچۈن جانىۋارنى قۇ‌ربانلىق قىلىش قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىشى بولغان.‏

18.‏ ئە‌يسانىڭ تۆككە‌ن قېنى ئارقىلىق بىز قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ۋە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

18 ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۈشكە‌ن قانۇ‌ننىڭ ئاستىدا ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ جانىۋارلارنى قۇ‌ربانلىق قىلمايدۇ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىغا چاچمايدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏1)‏.‏ ئە‌مما،‏ قە‌دىمكى ئىسرائىللار زامانىدا قاننىڭ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىغا چېچىلىشى،‏ خۇ‌دانىڭ ئوغلى مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ قىممە‌تلىك قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولغان.‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 5-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئە‌يسا قۇ‌ربانلىق سۈپىتىدە ئۆز قېنىنى تۆكۈپ بىز ئۈچۈن ھاياتىنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ ئاسمانغا چىققان،‏ ھە‌مدە ئۆز قېنىنى تۆكۈش بە‌دىلى ئارقىلىق خۇ‌داغا بىر مە‌رتىۋە مە‌ڭگۈلۈك بە‌دە‌لنى تۆلىگە‌ن (‏ئىبرانىيلار 9:‏11،‏ 12)‏.‏ ئاشۇ بىزنىڭ گۇ‌ناھىمىزنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ۋە بىزنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16)‏.‏ قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇ‌ۋاپىق ئىشلىتىلىشىنىڭ ئىسپاتلىنىشى نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىم،‏ ھە!‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏18،‏ 19)‏.‏ پە‌قە‌تلا ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بە‌دە‌ل تۆلە‌ش ئۈچۈن تۆككە‌ن قېنىغا ئىشە‌نچ قىلىش ئارقىلىق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

ھاياتقا ۋە قانغا بولغان ھۆرمىتىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

19.‏ ھە‌رقانداق ئادە‌منىڭ قان قە‌رزدىن پاك بولۇ‌ش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ھاياتلىق سوۋغىتىغا كۆپ مىننە‌تدارمىز!‏ مۇ‌شۇ بىزنى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىش ئارقىلىق مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇ‌رسىتى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇ‌رمامدۇ؟‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ندە‌ك،‏ بىزمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ بۇ بىزنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قىزغىنلىق ۋە غە‌يرە‌ت-‏شىجائە‌تلىك بىلە‌ن باشقىلارغا يە‌تكۈزۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ ‏(‏ھە‌زقىيال 3:‏17–‏21)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌شاللىق بىلە‌ن مۇ‌شۇ مە‌جبۇ‌رىيە‌تنى ئادا قىلساق،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك:‏ «ھېچ بىرىنىڭ قېنىغا مە‌ن قە‌رزدار ئە‌مە‌سمە‌ن چۈنكى ھېچ نېمىنى يوشۇ‌رماي خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە ئىرادىسىنى سىزلە‌رگە بېشارە‌ت بە‌ردىم» دە‌پ بىزمۇ ئېيتالايمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏26،‏ 27)‏.‏ باشقىلارغا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز ئېيتىش،‏ بىزنىڭ ھاياتقا ھە‌مدە قانغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىزنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لىدۇ‌ر.‏

ھاياتقا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن

  • ھامىلىنى ئۆلتۈرمە‌سلىك

  • قە‌لبىمىزدىكى باشقىلارغا بولغان ئۆچمە‌نلىكنى يىلتىزدىن چىقىرىپ تاشلاش

  • ئادە‌تكە ئايلانغان ناپاك قىلىقلاردىن ۋاز كېچىش

a ئە‌ر-‏ئايال پىلانلىق پە‌رزە‌نت كۆرۈش ئۈچۈن بە‌زى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تە‌دبىرلىرىنى قوللانسا،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا قارشى ئە‌مە‌س.‏

b قان سېلىش ئورنىغا باشقىچە داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇ‌چۇ‌رلارنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «قان ھاياتىڭىزنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ قالالايدۇ» دېگە‌ن كىتابچىنىڭ 13–‏17-‏بېتىدىن كۆرۈڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ھاياتلىق خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن بىر سوۋغات.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 36:‏9؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11.‏

  • بالا چۈشۈرۈش خاتا،‏ تېخى تۇ‌غۇ‌لمىغان بالىنىڭ ھاياتى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏ —‏ چىقىش 21:‏22،‏ 23؛‏ زە‌بۇ‌ر 127:‏3.‏

  • ھاياتقا خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر يە‌تكۈزمە‌سلىك ۋە قان يېمە‌سلىك ئارقىلىق ھاياتقا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 5:‏17؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش