47-ناخشا
خۇش خەۋەرنى جاكارلا!
(ۋەھىيلەر 14:6، 7)
1. ئۇزۇن يوشۇرۇلغان شاھلىق ھەقىقىتى،
ۋەدە قىلىنغان ئەۋلاد ئاشكارا بولدى.
رەب يەھۋا ھەقنى سۆيەر، شەپقەت كۆرسىتەر.
ئۇ نامۇكەممەل ئىكەنىمىزنى بىلەر.
ئۇ ئۆز ئوغلىنى يەرگە شاھ تەيىنلىدى؛
باشلار شاھلىق ھاكىمىيەت، كەلسە دەل ۋاقتى.
ئوغلىغا كېلىنچەك تەييار قىلدى خۇدا؛
شان-شەرەپ قۇچتى تاللانغان كىچىك پادا.
2. بۇ شاھلىق خەۋىرى بېشارەت قىلىنغان.
يەھۋا ئىرادىسى، شۇنى قىلىش ئايان.
پەرىشتىلەر بەك خۇشال بىز بىلەن بىللە،
خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ياردەم بەرمەكتە.
خۇدا ئىسمىنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى ماختاش،
بۇ ۋەزىپە ھەم ئىمتىياز، تارتمايلى بىز باش!
شان-شەرەپ يەھۋا ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇش
ۋە ھازىر شاھلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈش.
(ماركۇس 4:11؛ ئەلچىلەر 5:31؛ 1-كورىنتلىقلار 2:1، 7-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).