كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ھ‌ئي 2-‏بۆل.‏ 4-‏5 ب.‏
  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • قانداق قىلىپ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏
  • ئىمان بىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى كۆرسىتىش
    بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!‏
    بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
ھ‌ئي 2-‏بۆل.‏ 4-‏5 ب.‏

2-‏بۆلۈم

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏

ئە‌ر كىشى پۇ‌لغا قاراۋاتىدۇ

پۇ‌لغا ئوخشاش،‏ ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ چوقۇ‌م ھە‌قىقىي قىممىتى بولۇ‌شى كېرە‌ك

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد —‏ خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا ئىشىنىش بىلە‌نلا چە‌كلە‌نمە‌يدۇ.‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر خۇ‌داغا ئىشىنىشىدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار قە‌ستە‌ن يامان ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق «ئىمان-‏ئېتىقاد» خۇ‌ددى ساختا پۇ‌لغا ئوخشاش بولۇ‌پ،‏ قارىماققا ھە‌قىقىي،‏ راستتە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە قىممىتى يوق.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان بولىدۇ.‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن مۇ‌شۇ يازمىلار ياراتقۇ‌چى ئىگە توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىزگە بىلدۈرۈپ،‏ بىزنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌شىمىزغا ئىمكانىيە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ.‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ قانۇ‌ن-‏ ئۆلچە‌ملىرى،‏ ئىرادىسى ۋە ھە‌قىقە‌تلىرىنى بىزگە ئاشكارا قىلىدۇ.‏ ئاشۇ ھە‌قىقە‌تلە‌ر بۇ‌لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:‏

  • ئاللا بىر.‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ڭدىشى يوق.‏

  • ئە‌يسا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئە‌مە‌س.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبىرى.‏

  • خۇ‌دا ھە‌ر تۈرلۈك بۇ‌تپە‌رە‌سلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏

  • ھە‌ربىر ئىنسان قىيامە‌ت كۈنىدە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.‏

  • خۇ‌دا سان-‏ساناقسىز كىشىلە‌رنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۇ‌لار جە‌ننە‌تتە ياشايدۇ.‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد بىزنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىشلار خۇ‌دانى ئۇ‌لۇ‌غلاپ،‏ باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ.‏ بۇ ساۋابلىق ئىشلار مۇ‌نۇ‌لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:‏

  • خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش.‏

  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى،‏ بولۇ‌پمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈش

  • يامان ئوي-‏پىكىر ۋە ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنى تاشلاش

  • قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رۇ‌ش

  • باشقىلارغا خۇ‌دا توغرىسىدا ئۆگىتىش

بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشانغان ئايالغا تاماق ئە‌كە‌لدى

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

قانداق قىلىپ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

ئە‌ر كىشى مە‌شق قىلىۋاتىدۇ

ئىمان-‏ئېتىقاد،‏ مۇ‌سكۇ‌لغا ئوخشاش،‏ چېنىقتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ

خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراش.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌داغا:‏ «ئۆتۈنە‌ي،‏ سېنى تونۇ‌شۇ‌م ئۈچۈن ۋە داۋاملىق نە‌زىرىڭدە ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن،‏ ماڭا ئۆز يوللۇ‌رۇ‌ڭنى كۆرسىتىپ بە‌رa‏»،‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلغان.‏ خۇ‌دا مۇ‌سانىڭ دۇ‌ئاسىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ مۇ‌سا ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ خۇ‌دا سىزنىڭمۇ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ۋاقىت چىقىرىپ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ تە‌ۋرات،‏ زە‌بۇ‌ر،‏ ئىنجىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ كىتاب كۆپلىگە‌ن تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغان ۋە دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممە جايلىرىدا كە‌ڭ تارقىتىلغان.‏ سىزدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شقا تە‌تبىقلاش.‏ ئىمان-‏ئېتىقاد،‏ خۇ‌ددى مۇ‌سكۇ‌لغا ئوخشاش،‏ چېنىقتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ.‏ ھە‌ر ئىشتا ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزغا ئاساسە‌ن يول تۇ‌تسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ نە‌سىھە‌تلىرىنىڭ نە‌قە‌دە‌ر پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىز ۋە شۇ تە‌رىقىدە ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى نە‌سىھە‌تلىك سۆزلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن سان-‏ساناقسىز كىشىلە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى ياخشىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ تۆۋە‌ندە بىرنە‌چچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

a چىقىش 33:‏13.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد نېمىگە ئاساسلانغان؟‏

  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد قانداق ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

  • قانداق قىلىپ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌دا ئۆز سۆزلىرىنى قوغدايدۇ

خۇ‌دا ئۆز سۆزلىرى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساپ،‏ توغرا ساقلاپ،‏ بىزلە‌رگە يە‌تكۈزگە‌ن.‏ خۇ‌دا ھە‌ممىگە قادىر،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز كىتابىنى قوغداشقا قۇ‌درىتى يېتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئوت-‏چۆپلە‌ر قۇ‌رۇ‌پ،‏ گۈل-‏چېچە‌كلە‌ر سولىشىپ كېتىدۇ،‏ ئە‌مما خۇ‌دايىمىزنىڭ سۆزى ئە‌بە‌دىي قالىدۇ»،‏—‏ دە‌پ بايان قىلىدۇ‏.‏‏—‏ يە‌شايا 40:‏8.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش