كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ھ‌ئي 6-‏بۆل.‏ 15-‏17 ب.‏
  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
ھ‌ئي 6-‏بۆل.‏ 15-‏17 ب.‏

6-‏بۆلۈم

خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

خۇ‌دا يە‌رشارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزە‌ل ماكان قىلىپ يارىتىپ بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئاسمانلار يە‌ھۋانىڭ ئاسمانلىرى،‏ ئۇ ئىنسانلارغا يە‌ر يۈزىنى بە‌ردى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان‏.‏‏—‏ زە‌بۇ‌ر 115:‏16.‏

تۇ‌نجى ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتىنى يارىتىشتىن ئاۋۋال،‏ خۇ‌دا يە‌ر يۈزىدىكى ئېرە‌م دېگە‌ن بىر پارچە يە‌رنى تاللاپ،‏ گۈزە‌ل باغ بە‌رپا قىلغان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ فىرات ۋە دىجلە دە‌ريالىرى ئاشۇ ئېرە‌م دېگە‌ن جايدىن ئېقىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇa‏.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تنى ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنىڭ شە‌رقىي رايونىغا جايلاشقان دە‌پ قارىشىدۇ.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ ئېرە‌م باغ يە‌ر يۈزىدە بولغان!‏

پە‌رۋە‌ردىگار ئادە‌م-‏ئاتىنى يارىتىپ،‏ «ئېرە‌م بېغىنى پە‌رۋىش قىلىپ،‏ باغدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى» (‏يارىتىلىش 2:‏15)‏.‏ كېيىنچە،‏ خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئايالى ھاۋا-‏ئانىنى ياراتقان.‏ ئۇ مۇ‌شۇ بىر جۈپ ئىنسانغا:‏ «يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئە‌مر-‏پە‌رمان چۈشۈرگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ خۇ‌دا «يە‌رنى بىكارغا ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ياراتقان»‏‏.‏‏—‏ يە‌شايا 45:‏18.‏

ئە‌مما،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌ش ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى جە‌ننە‌تتىن قوغلاپ چىقارغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ جە‌ننە‌تتە ياشاش پۇ‌رسىتى يوقالغان.‏ ھە‌تتا،‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھى سە‌ۋە‌بلىك،‏ تېخىمۇ يامان ئاقىۋە‌ت پە‌يدا بولغان.‏ قانداق يامان ئاقىۋە‌ت؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار:‏ «بىر ئىنسان ئارقىلىق دۇ‌نيادا گۇ‌ناھ پە‌يدا بولدى ۋە گۇ‌ناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پە‌يدا بولدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆلۈم ھە‌ممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى گۇ‌ناھ قىلغان»،‏—‏ دە‌يدۇ‏.‏‏—‏ رىملىقلار 5:‏12.‏

يە‌ر يۈزى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن تولۇ‌شى كېرە‌ك —‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ بۇ دە‌سلە‌پكى مە‌قسىتىدىن ۋاز كە‌چتىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ خۇ‌دا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېغىزىمدىن چىققان سۆزۈم ھە‌م شۇ‌نداقتۇ‌ر؛‏ ئىرادە‌م جە‌زمە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشمىغىچە،‏ ئۇ‌نى ئە‌ۋە‌تكە‌ندىكى مە‌قسىتىمگە چوقۇ‌م يە‌تمىگىچە،‏ ئۇ ماڭا بىكاردىن-‏بىكار قايتىپ كە‌لمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 55:‏11)‏.‏ جە‌ننە‌ت يە‌ر يۈزىدە قايتىدىن بە‌رپا قىلىنىدۇ!‏

جە‌ننە‌تتىكى تۇ‌رمۇ‌ش قانداق بولىدۇ؟‏ تۆۋە‌ندە خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.‏

a يارىتىلىش 2:‏10–‏14-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ «ئېرە‌مدىن بىر دە‌ريا ئېقىپ چىقىپ باغنى سۇ‌غىراتتى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ يە‌ردە سۇ تۆتكە بۆلۈنۈپ ئاقاتتى.‏ بىرىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى پىشون بولۇ‌پ،‏ .‏ .‏ .‏ ئىككىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى گىھون بولۇ‌پ،‏ .‏ .‏ .‏ ئۈچىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى دىجلە بولۇ‌پ،‏ ئاسسۇ‌رنىڭ شە‌رق تە‌رىپىگە ئاقىدۇ ۋە تۆتىنچى دە‌ريانىڭ ئىسىمى فىرات»،‏ دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ باشتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دە‌ريانىڭ قە‌يە‌رگە جايلاشقانلىقى ۋە ئۇ‌لارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك باشقا ئېنىق مە‌لۇ‌ماتلار يوق.‏

سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • خۇ‌دا يە‌ر شارى ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن دە‌سلە‌پتە نېمىنى مە‌قسە‌ت قىلغان؟‏

  • خۇ‌دا ئۆزىنىڭ دە‌سلە‌پكى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

جە‌ننە‌تتىكى كىشىلە‌ر

كە‌لگۈسى يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌ت ماكان

پاكىزە-‏كۆركە‌م تۇ‌رالغۇ جاي ۋە كىشىنى مە‌منۇ‌ن قىلىدىغان خىزمە‌ت:‏ «ئۇ‌لار ئۆيلە‌رنى سېلىپ،‏ ئۇ‌لاردا ئۆزلىرى ئولتۇ‌رىدۇ.‏ .‏ .‏ .‏ مە‌ن تاللىغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىدۇ».‏—‏ يە‌شايا 65:‏21،‏ 22.‏

ئۇ‌رۇ‌ش،‏ جىنايە‌ت ۋە زوراۋانلىق يە‌نە بولماس:‏ يە‌ھۋا «يە‌ر يۈزىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ئۇ‌رۇ‌شلارنى توختىتىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 46:‏9)‏.‏ ئۇ ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغىنىدا،‏ «رە‌زىللە‌ر يە‌ر يۈزىدىن كېسىلىپ تاشلىنار».‏—‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏22.‏

ئۆلۈكلە‌ر ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدىن تىرىلدۈرىلىدۇ:‏ «قە‌برىلە‌ردە بولغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىقىدىغان ۋاقىت كېلىۋاتىدۇ»‏‏.‏‏—‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29.‏

قېرىلىق،‏ كېسە‌للىك ۋە ئۆلۈم يە‌نە بولماس:‏ «ھېچكىم:‏ «مە‌ن كېسە‌ل»،‏—‏ دېمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 33:‏24)‏.‏ «خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھە‌ربىر تامچە ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ».‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4.‏

يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك مول بولىدۇ:‏ «زېمىن ئۆز ھوسۇ‌لىنى بېرىدۇ؛‏ تە‌ڭرى،‏ بىزنىڭ خۇ‌دايىمىز بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ».‏—‏ زە‌بۇ‌ر 67:‏6.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش