كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 5-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«جە‌ننە‌تتە كۆرۈشىمىز!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 5-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

5-‏دە‌رس

خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏

1.‏ خۇ‌دا يە‌رشارىنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟‏

ېره‌م بېغىدا بولغان هه‌م كېيىن باغدىن قوغپ چىقىرىلغان ئاده‌م ئاتا بىله‌ن هاۋا ئانا

يە‌ھۋا ئىنسانىيە‌تكە يە‌رشارىنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ر يۈزى بىز ئىنسانلارنىڭ ماكانى.‏ خۇ‌دا تۇ‌نجى بىر جۈپ،‏ يە‌نى ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن ياراتقان ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئاسماندا ياشاشقا پە‌رىشتىلە‌رنى ياراتقان (‏ئايۇ‌پ 38:‏ 4،‏ 7)‏.‏ خۇ‌دا تۇ‌نجى ئادە‌منى ئېرە‌م باغ،‏ دە‌پ ئاتالغان بە‌كمۇ چىرايلىق جە‌ننە‌تكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانىدى (‏يارىتىلىش 2:‏15–‏17)‏.‏ يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ئۇ‌نىڭ كە‌لگۈسى پە‌رزە‌نتلىرىنى يە‌رشارىدا ئە‌بە‌دىي شاد-‏خۇ‌رام ياشاشتە‌ك گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ككە ئىگە قىلغان.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ 115:‏16-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

دە‌سلە‌پتە،‏ ئېرە‌م باغلا جە‌ننە‌ت بولغان.‏ تۇ‌نجى بىر جۈپ ئىنسان پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌شى ۋە شۇ‌نىڭ بىلـە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌لار يە‌رشارىنى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى بىر جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلاندۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ يە‌رشارى ھە‌رگىزمۇ گۇ‌مران قىلىنمايدۇ.‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ماكانىدۇ‌ر.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 104:‏5-‏​ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏خۇ‌دا يە‌رنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ نېمە ئۈچۈن ھازىر يە‌رشارى بىر جە‌ننە‌ت ماكان ئە‌مە‌س؟‏

ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ياراتقۇ‌چىغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاچ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى شۇ باغدىن قوغلاپ چىقارغان.‏ جە‌ننە‌ت يوق بولدى،‏ ھېچ بىر ئىنسان ئۇ‌نى ئە‌سلىگە قايتۇ‌رالىغان ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «مانا دۇ‌نيا بولسا يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان»،‏ دە‌يدۇ.‏​—‏ ئايۇ‌پ 9:‏24،‏ ب ج.‏ ​‏—‏ يارىتىلىش 3:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ه‌سلىگه كه‌لتوٰروٰلگه‌ن يه‌ردىكی جه‌ننه‌تته ئويله‌رنی سېلىۋاتقان ئاده‌مله‌ر

يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتىدىن ۋاز كە‌چتىمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ ھە‌ممىگە قادىردۇ‌ر.‏ ئۇ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ (‏يە‌شايا 45:‏18)‏.‏ كە‌لگۈسىدە ئۇ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏11،‏ 34-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ جە‌ننە‌ت قانداق قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلىدۇ؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇ‌پ باشقۇ‌رىدىغان مە‌زگىلدە،‏ جە‌ننە‌ت يە‌ر يۈزىدە قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلىدۇ.‏ ئارماگېدون،‏ دە‌پ ئاتىلىدىغان بىر جە‌ڭدە،‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرىگە باش بولۇ‌پ،‏ بارلىق خۇ‌دا بىلە‌ن قارشىلاشقۇ‌چىلارنى يوق قىلىدۇ.‏ ئاندىن ئە‌يسا شە‌يتاننى 1000 يىللىق كىشە‌نلە‌يدۇ.‏ شۇ يوق قىلىشتا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئامان قالىدۇ،‏ چۈنكى ئە‌يسا يولباشچىلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى قوغدايدۇ.‏ شۇ‌ندا،‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ.‏​‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏1–‏3؛‏ 21:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر قاچان يوق بولىدۇ؟‏

خۇ‌دا يە‌ر يۈزىدىكى رە‌زىللىكنى قاچان ئاخىرلاشتۇ‌رىدۇ؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌ش ۋاقتى يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامە‌تنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ دۇ‌نيانىڭ ھازىرقى ئە‌ھۋالى ئىنسانىيە‌تكە تە‌ھدىت ئېلىپ كە‌لمە‌كتە ۋە شۇ‌نى كۆرسە‌تتىكى،‏ بىز دە‌ل «زامان ئاخىرىنىڭ» كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز.‏​‏—‏ مە‌تتا 24:‏3،‏ 7–‏14،‏ 21،‏ 22‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئە‌يسا ئاسماندا يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان مە‌زگىلدە،‏ ئۇ بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ (‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7؛‏ 11:‏9)‏.‏ ئە‌يسا پادىشاھ بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندىن باشقا،‏ ئۇ يە‌نە باش روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىپ،‏ خۇ‌دانى سۆيگۈچىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ۋاستىسى بىلە‌ن خۇ‌دا ئاغرىق،‏ قېرىلىق ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ.‏​‏—‏​يە‌شايا 25:‏8؛‏ 33:‏24-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ كىملە‌ر كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە ياشايدۇ؟‏

ىباده‌ت ئويىده ته‌لىم ئېلىۋاتقان ئاده‌مله‌ر

ئىبادە‌ت ئۆيىدە سىز خۇ‌دانى ياخشى كۆرۈدىغان ھە‌م ئۇ‌نى مە‌منۇ‌ن قىلىشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چرىتىسىز

خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولغۇ‌چىلار كە‌لگۈسىدە جە‌ننە‌تتە ياشايدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏17)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى كە‌متە‌ر كىشىلە‌رنى تېپىپ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ مە‌قبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا مىليونلىغان كىشىلە‌رنى كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈچۈن تە‌ييار قىلىۋاتىدۇ (‏سە‌فنىيا 2:‏3)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىدا‏،‏ كىشىلە‌ر ياخشى ئە‌ر ۋە ئاتا،‏ ياخشى ئايال ۋە ئانا بولۇ‌شنى ئۆگە‌نمە‌كتە.‏ پە‌رزە‌نتلە‌ر بىلە‌ن ئاتا-‏ئانىلار بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردىن قانداق مە‌نپە‌ئە‌تلىنىشنى ئۆگە‌نمە‌كتە.‏​‏—‏ مىخا 4:‏1–‏4-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 3-‏بابىدىن تاپالايسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش