كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 4-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى بىزنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • تۆلە‌م —‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغىسى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 4-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

4-‏دە‌رس

ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏

1.‏ ئە‌يسا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏

1.‏ ئاسماندىكی ئه‌يسا؛‏ 2.‏ مه‌رىيه‌م ۋه يوٰسوٰپ بىله‌ن بوۋاق ئه‌يسا؛‏ 3.‏ بالىرغا ته‌لىم بېرىۋاتقان ئه‌يسا

ئە‌يسانىڭ قايسى خىسلە‌تلىرى ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىگە تارتتى؟‏ (‏مە‌تتا 11:‏29؛‏ ماركۇ‌س 10:‏13—‏16)‏.‏

ئە‌يسا باشقا ئىنسانلاردىن پە‌رقلىق،‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ ئاسماندا پە‌رىشتە بولۇ‌پ ياشىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 8:‏23)‏.‏ يە‌ھۋا تۇ‌نجى بولۇ‌پ ئە‌يسانى ياراتقان.‏ ھە‌مدە ئۇ باشقا ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى ئە‌يسانى ئىشلىتىپ ياراتقانىدى.‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ ھاياتى بىۋاستە خۇ‌دادىن كە‌لگە‌چ،‏ ئۇ كۆچمە مە‌نىدە خۇ‌دانىڭ ئوغلى،‏ دە‌پ ئاتالغان (‏مە‌تتا 16:‏16‏)‏.‏ ئۇ «مە‌سىھ» ياكى مايلانغۇ‌چى،‏ دە‌پمۇ ئاتالغان.‏ مە‌سىھ سۆزنىڭ مە‌نىسى:‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن تاللىنىپ ئالاھىدە ۋە‌زىپە ئورنىغا قويۇ‌لغان كىشى.‏​‏—‏​پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 8:‏22،‏ 23،‏ 30؛‏ كولوسىلىقلار 1:‏15،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كە‌لگە‌ن؟‏

خۇ‌دا ئاسماندىن ئە‌يسانىڭ ھاياتىنى يە‌ر يۈزىدىكى مە‌ريە‌م ئىسىملىك پاك يە‌ھۇ‌دىي قىزنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ ئىنسان ئاتىسى بولغان ئە‌مە‌س (‏لۇ‌قا 1:‏30–‏35)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە،‏ (‏1)‏ خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكىلى؛‏ (‏2)‏ ھە‌تتا بىزنىڭ مۈشكۈل ئە‌ھۋالدا،‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىشىمىز ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇ‌رغىلى؛‏ (‏3)‏ ئۆز مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى قۇ‌ربان قىلىپ،‏ بە‌دە‌ل يە‌نى تۆلە‌م بە‌رگىلى كە‌لگە‌ن.‏​‏—‏ مە‌تتا 20:‏28‏-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بىز تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مۇ‌ھتاج؟‏

تۆلە‌م —‏ كىشىنى ئۆلۈمنىڭ تە‌ھدىتىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن تۆلە‌شكە تېگىشلىك بە‌دە‌ل (‏چىقىش 21:‏29،‏ 30)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى مە‌قسىتى ئۆلۈم ۋە قېرىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئە‌مە‌س.‏ بىز شۇ‌نى قانداق بىلىمىز؟‏ خۇ‌دا تۇ‌نجى ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتىغا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «گۇ‌ناھ»،‏ دە‌پ كۆرسىتىلگە‌ن ئىشنى قىلسا ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م گۇ‌ناھ قىلمىغان بولسا،‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ ئۆلمىگە‌ن بولاتتى (‏يارىتىلىش 2:‏16،‏ 17؛‏ 5:‏5)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ئارقىلىق ئۆلۈم ئىنسانىيە‌ت ئارىسىغا كىرگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ ۋە ئۇ‌نىڭ بە‌دىلى بولغان ئۆلۈمنى ئۆزىنىڭ ئە‌ۋلادلىرىغا تارقاتقان.‏ بىز ئادە‌م-‏ئاتىدىن مىراس ئالغان ئۆلۈم جازاسىدىن ئازاد بولۇ‌ش ئۈچۈن بىر تۆلە‌مگە مۇ‌ھتاجمىز.‏​‏—‏ رىملىقلار 5:‏12؛‏ 6:‏23-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كىم شۇ تۆلە‌منى تۆلە‌پ بىزنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلالۇ‌ر؟‏ كىشى ئۆلسە،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ گۇ‌ناھلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن بە‌دە‌ل تۆلە‌يدۇ.‏ ھېچبىر نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن بە‌دە‌ل تۆلىيە‌لمە‌يدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 49:‏7–‏9-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن ئۆلگە‌ن؟‏

ازاپ توٰۋروٰگىده جان بېرىۋاتقان ئه‌يسا،‏ كېيىن ئوُ هاياتقا كايتا تىرىلدوٰروٰلوٰپ،‏ ئاسماندا پادىشاھ سوٰپىتىده هاكىمدارلىق قىلىۋاتىدوُ

بىزگە ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ ئە‌يسا مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭغا نىسبە‌تە‌ن ئۆلۈپ،‏ ئۆز گۇ‌ناھى ئۈچۈن بە‌دە‌ل تۆلە‌ش شە‌رت ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ ھېچقانداق گۇ‌ناھ سادىر قىلمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن ئۆلگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ ئە‌ڭ يېقىنى ئە‌يسانى بىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئىنسانىيە‌تكە بولغان ئاجايىپ چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ۋە گۇ‌ناھىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق ھە‌زرىتى ئە‌يسامۇ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 5:‏18،‏ 19-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

5.‏ ھازىر ئە‌يسا نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئاغرىقلارنى ساقايتىپ،‏ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈپ،‏ كىشىلە‌رنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى يە‌ڭگىللە‌تكە‌ن.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ كە‌لگۈسىدە بارلىق ئىتائە‌تچان كىشىلە‌رگە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌نىدى (‏مە‌تتا 15:‏30،‏ 31؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28)‏.‏ ئە‌يسا ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى تىرىلدۈرۈپ ئاسماندىكى ھاياتلىققا قايتۇ‌رغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏19،‏ 20)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان ھوقۇ‌قنى بە‌رگىچە،‏ خۇ‌دانىڭ ئوڭ يېنىدا ساقلاپ تۇ‌رغان (‏ئىبرانىيلار 10:‏12،‏ 13)‏.‏ ھازىر ئە‌يسا ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىۋاتىدۇ،‏ ھە‌مدە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولسا دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا شۇ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلىماقتا.‏​‏—‏ دانىيال 7:‏13،‏ 14؛‏ مە‌تتا 24:‏14‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

پات-‏ئارىدا،‏ ئە‌يسا پادىشاھلىق ھوقۇ‌قىنى ئىشلىتىپ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ۋە ئۇ‌لارنى پە‌يدا قىلغۇ‌چىلارنى يوق قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌نلە‌ر يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتىكى ھاياتلىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏9–‏11-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 4 ۋە 5-‏بابلىرىغا قاراڭ‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش