6-بۆلۈم
توپان سۈيىدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟
خۇدا يامانلىق قىلغۇچىلارنى يوق قىلدى، ئەمما نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى. يارىتىلىش 7:11، 12، 23
40 كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، پۈتكۈل يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ كەتتى. يامانلىق قىلغان بارلىق ئادەملەر ئۆلدى.
ئىسيانچى پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان سىياقىدىكى تېنىنى تاشلاپ، جىنلارغا ئايلىنىپ كەتتى.
كېمە ئىچىدىكىلەر ھايات قالدى. گەرچە، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قېرىپ ئاخىرى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇدا كەلگۈسىدە ئۇلارنى تىرىلدۈرۈپ قايتا ھاياتلىق بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بار.
كەلگۈسىدە خۇدا يامانلىق قىلغۇچىلارنى يەنە يوق قىلىپ، توغرا يولدا ماڭغۇچىلارنى ساقلاپ قالىدۇ. مەتتا 24:37–39
شەيتان ۋە جىنلار ئىنسانلارنى داۋاملىق ئازدۇرىدۇ.
خۇددى نۇھنىڭ زامانىدىكىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بەرگەن كۆرسەتمىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر رەت قىلماقتا. يەھۋا پات-ئارىدا بارچە يامانلىق قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. — 2-پېترۇس 2:5، 6.
بەزى ئادەملەر نۇھقا ئوخشاش، خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىدۇ. ئۇلار كىملەر؟ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى.