5-بۆلۈم
نۇھ پەيغەمبەر زامانىدا، خۇدا سۆزىگە كىملەر قۇلاق سالدى؟ كىملەر سالمىدى؟
نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا، كۆپىنچە كىشىلەر يامان ئىشلارنى قىلغان. يارىتىلىش 6:5
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ بالىلىرى توغۇلدى ۋە يەر يۈزىدە ئادەملەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇ زاماندا، بەزى پەرىشتىلەر شەيتاننىڭ ئىسيانىغا قوشۇلدى.
ئۇلار ئەر كىشىلەرنىڭ سىياقىدىكى تەن بىلەن يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ئاياللار بىلەن توي قىلدى. شۇ ئاياللار ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان ياۋۇز ۋە كۈچلۈك ئوغۇللارنى تۇغدى.
يەر يۈزى بارغانسېرى يامانلىق قىلغۇچىلار بىلەن تولۇپ كەتتى. مۇقەددەس كىتاب: «پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى [كۆردى]»، دەيدۇ.
نۇھ خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، كېمە ياسىغان. يارىتىلىش 6:13، 14، 18، 19، 22
نۇھ توغرا ئىش قىلىدىغان ئادەم ئىدى. خۇدا يەھۋا ئۆزىنىڭ يامانلىق قىلغۇچىلارنى توپان سۈيى بىلەن يوق قىلماقچى بولغانلىقىنى نۇھقا ئېيتتى.
خۇدا يەنە نۇھ پەيغەمبەرنى چوڭ بىر كېمە ياساپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك جان-جانىۋارلارنى شۇ كېمىگە ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
نۇھ پەيغەمبەر ئىنسانلارنى توپان سۈيى كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. بىراق، ئۇلار قۇلاق سالمىدى. بەزىلەر نۇھنى زاڭلىق قىلىپ كۈلسە، باشقىلىرى ئۇنى ئۆچ كۆردى.
كېمە پۈتكەندە، نۇھ پەيغەمبەر جان-جانىۋارلارنى كېمە ئىچىگە ئېلىپ كىردى.