3-بۆلەك
ئىنسانىيەتنىڭ توپان سۈيىدىن ئامان قېلىشى
خۇدانىڭ رەزىل دۇنيانى ھالاك قىلىشى، ئەمما نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىشى
ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، گۇناھ ۋە رەزىللىكلەر تېزلىكتە يەر يۈزىدە تارقىلىشقا باشلىدى. يالغۇز ھانۇخ (ئىدرىس) پەيغەمبەرلا خۇدا يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگار بىر كۈنى بارچە رەزىل كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، دەپ ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن، رەزىللىك يەنىلا كەڭ تارقىلىپ، ھەتتا تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. بەزى پەرىشتىلەر ئاسماندىكى ۋەزىپە ئورنىنى تاشلاپ، ئىنسان سىياقىغا كېرىپ يەر يۈزىدىكى قىزلارنى ئاچكۆزلۈك بىلەن خوتۇنلۇققا ئالغان ئىدى. ئۇلار شۇنداق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يەھۋاغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئاشۇنداق بىنورمال بىرىكىش نەتىجىسىدە، نېفىلىم دەپ ئاتالغان كۈچتۈڭگۈر زومىگەر، شالغۇت نەسىل دۇنياغا تۇغۇلغان. ئۇلار يەر يۈزىدە زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈپ قاتىللىق قىلىشلارنى كۆپەيتىۋەتكەن ئىدى. خۇدا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدە ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەسكىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ ئەپسۇسلانغان ئىدى.
ھانۇخ پەيغەمبەر ئۆلگەندىن كېيىن، ئاشۇ رەزىل زاماندا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كىشى مەيدانغا كەلدى. ئۇ دەل نۇھ پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشىدى. خۇدا، ئاشۇ زاماندا رەزىل كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى قارار قىلغىنىدا، نۇھ، ئۇنىڭ ئائىلسى ۋە يەر يۈزىدىكى جانلىقلارنى قوغداپ قېلىشنى خالىدى. شۇڭا، ئۇ نۇھ پەيغەمبەرگە چوڭ بىر ساندۇق شەكلىك كېمە ياساشنى ئېيتتى. يەر يۈزىنى توپان سۈيى بېسىپ كەلگەندە، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر، تۈرلۈك-تۈمەن جانلىقلار بىلەن ئاشۇ كېمە ئىچىدە جان ساقلاپ قالالايتتى. نۇھ پەيغەمبەر خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، نەچچە ئون يىل كېمە ياسىغان ۋە «ئادالەتنىڭ بېشارەت بەرگۈچىسى» بولغان ئىدى (2-پېترۇس 2:5). ئۇ، كىشىلەرنى توپان سۈيى كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، كىشىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان ئىدى. ۋاقىت-سائىتى كېلىپ نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، جانلىقلار بىلەن بىرگە كېمىگە كىردى. ئاندىن كېيىن، خۇدا كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يامغۇر يېغىشقا باشلىغان ئىدى.
پۈتكۈل يەر يۈزى سۇغا چۆكۈپ كەتكۈچىلىك 40 كېچە 40 كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدى. رەزىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى. بىر نەچچە ئايلاردىن كېيىن، سۇلار پەسىيىپ كېمە بىر تاغنىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختىدى. كېمىدىكىلەر كېمىگە كىرگەندىن باشلاپ تاكى كېمە ئىچىدىن ئامان-ئىسەن چىققىچە، دەل بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇھ پەيغەمبەر، پەرۋەردىگار يەھۋاغا قۇربانلىق قىلدى. خۇدا جاۋابەن، يەر يۈزىدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنى قايتا توپان بالاسى ئارقىلىق يوق قىلىۋەتمەيمەن، دەپ نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كاپالەتلەندۈردى. ھەمدە يەھۋا ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن- ھۈسەننى ئۆز ۋەدىسىنى ئەسكە سېلىپ تۇرىدىغان بەلگە بولسۇن ئۈچۈن پەيدا قىلدى.
توپان سۈيىدىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەنە ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى بۇيرۇقلارنى بەردى. ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشىگە خۇدا رۇخسەت قىلدى. بىراق، ئۇ قاننى يېيىشنى چەكلىدى. ئۇ ھەمدە نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يەر يۈزىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىشىنى بۇيرۇغان ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىتائەتسىزلىك قىلدى. كىشىلەر نىمرود ئىسىملىك بىرسىنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا ئويۇشۇپ، بابىل شەھىرىدە يەنى كېيىنچە بابىلون دەپ ئاتالغان شەھەردە غايەت زور بىر مۇنار ياساشنى باشلىدى. ئۇلارنىڭ نىيىتى بولسا خۇدانىڭ يەر يۈزىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىڭلار، دېگەن بۇيرۇقىغا قارشى تۇرۇش بولدى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورتاق سۆزلىشىدىغان تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋىتىپ، ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان قىلىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمىگەچ، ياساۋاتقان مۇنارنى تاشلاپ، ھەرياققا تارقىلىپ كەتتى.
—ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6–11-باب؛ يەھۇدا 14، 15-ئايەتلەرگە ئاساسەن.