8-بۆلۈم
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى سىزنى نېمىگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسا بىزنى مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆلدى. يۇھاننا 3:16
ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بەزى ئاياللار ئۇنىڭ قەبرىسىگە يوقلاپ باردى، قەبرە بوش تۇراتتى. پەرۋەردىگار يەھۋا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنىدى.
كېيىن، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆرۈندى.
يەھۋا خۇدا، ھەقىقەتەن ئەيسانى كۈچ-قۇدرەتلىك، ئۆلمەس روھى شەخس سۈپىتىدە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنىدى. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى ۋە ئۇنى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال 7:13، 14
ئەيسا ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلەم تۆلىدى (مەتتا 20:28). ئاشۇ تۆلەم سەۋەبلىك، خۇدا بىزگە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىنى بەردى.
يەھۋا ھەزرىتى ئەيسانى يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. يەر يۈزىدىن تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ ياشايدىغان 144000 ساداقەتمەن ئېتىقادچىلار ئەيسا بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەيسا ۋە 144000 ئېتىقادچى ئاسماندىكى ئادىل ھۆكۈمەت، يەنى خۇدا پادىشاھلىقىنى قۇرىدۇ. — ۋەھىيلەر 14:1–3.
خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇرۇش، جىنايەت، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق يەنە بولمايدۇ. بارچە خەلق ھەقىقىي شاد-خۇرام تۇرمۇشقا ئىگە بولىدۇ. — زەبۇر 145:16.