خۇدانىڭ ئىرادىسى قانداق؟
خۇدا بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ تىنچ-ئامان ۋە شاد-خۇرام ياشىشىمىزنى خالايدۇ!
بەلكىم سىز «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟»، دەپ ئويلايدىغانسىز؟ مۇقەددەس كىتاب خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خۇدا بارچە خەلقنىڭ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۆگىنىشنى ئىرادە قىلغان. — زەبۇر 37:11، 29؛ يەشايا 9:7.
خۇدا بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.
خۇددى كۆيۈمچان بىر ئاتا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ياراتقۇچى ئىگىمىز شاد-خۇراملىقتىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (يەشايا 48:17، 18). ئۇ: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان. — 1-يۇھاننا 2:17.
خۇدا ئۆز يوللىرىدا مېڭىشىمىزنى خالايدۇ.
مۇقەددەس كىتاب، ‹ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرەلىشىمىز ئۈچۈن›، ياراتقۇچىمىزنىڭ ‹ئۆز يوللىرى توغرىسىدا بىزگە بىلدۈرۈشنى› خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (يەشايا 2:2، 3، ب ج). ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، «ئۆز ئىسمى ئۈچۈن ... بىر قوۋم»، يەنى بىر توپ كىشىلەرنى تەشكىللىگەن. — ئەلچىلەر 15:14، ب ج.
خۇدا بىزنىڭ ئۇيۇشۇپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.
يەھۋاغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىش كىشىلەرنى بۆلۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مېھرى-مۇھەببەتكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ (يۇھاننا 13:35). بۈگۈنكى كۈندە، كىملەر جاي-جايلاردىكى كىشىلەرنى ئۇيۇشۇپ خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا ئۆگىتىدۇ؟ قولىڭىزدىكى كىتابچە ئارقىلىق بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىپ بېقىڭ.