1-دەرس
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قانداق كىشىلەر؟
دانىيە
تەيۋەن
ۋېنېسۇئېلا
ھىندىستان
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرەرسىنى تونۇمسىز؟ بەزىلىرىمىز قوشنىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىز بولۇشىمىز مۇمكىن. بەلكىم ئىلگىرى بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆزلەشكەنسىز. ئۇنداقتا بىز زادى كىم؟ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز؟
بىز ئاددىي ئادەملەر. بىز ھەرخىل ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە كىشىلەردۇرمىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولۇشتىن ئىلگىرى، بەزىلىرىمىز ھەرخىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان ۋە يەنە بەزىلىرىمىز خۇداغا ئىشەنمىگەن. بىراق، ھەممىمىز ۋاقىت چىقىرىپ مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى ھەققىدە قىزىقىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەنگەن (ئەلچىلەر 17:11). ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى شەخسەن ئۆزىمىز قارار قىلغان.
مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش بىزنى پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. باشقىلارغا ئوخشاش، بىزمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز ۋە كەمچىلىكلىرىمىز بار. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئەمەلىي تەتبىقلاش بىزنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ (زەبۇر 128:1، 2). بۇ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.
خۇدانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە ياشايمىز. مۇقەددەس كىتاب ئۆلچەم-قائىدىلىرى باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، سەمىمىي ۋە مېھرىبان بولۇشقا ئوخشاش ياخشى مىجەز-خۇلقلارنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. كىشىنى بەخت-سائادەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەدەب-ئەخلاق كۆزقارىشىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلىنى ئىناقلاشتۇرىدۇ. ساغلام ئىدىيىلىك جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقۇچىلارنى يېتىشتۈرىدۇ. بىز «خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى . . . تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى» چوڭقۇر چۈشەنگەچ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە سىياسىي ئايرىمچىلىقلاردىن خالىي بولغان، ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارالىق ھەقىقىي چوڭ ئائىلىسى بولۇپ ئۇيۇشقان. بىز ئاددىي ئادەملەر بولساقمۇ، ئۆزگىچە بىر توپ كىشىلەر بولۇپ تەشكىللەنگەن. — ئەلچىلەر 4:13؛ 10:34، 35.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن قانداق ئورتاقلىقى بار؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىن قانداق ئۆلچەم-قائىدىلەرنى ئۆگەنگەن؟