كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئو18 2 № 10-‏ب.‏
  • 7.‏ قىممە‌ت قارىشى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • 7.‏ قىممە‌ت قارىشى
  • ئويغىنىش!‏—‏2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • دېگە‌ن نېمە؟‏
  • نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
  • نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
ئويغىنىش!‏—‏2018
ئو18 2 № 10-‏ب.‏
ئاتا ئوغلی بىله‌ن كومپاسنی ئىشلىتىپ يونىلىشنی ئېنىقلاۋاتىدوُ

ئە‌خلاق قىممە‌ت قارىشى ئىشە‌نچىلىك كومپاسقا ئوخشاش بالىڭىزنىڭ توغرا يولدىن چە‌تنە‌پ كە‌تمە‌سلىكىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن

7.‏ قىممە‌ت قارىشى

دېگە‌ن نېمە؟‏

قىممە‌ت قارىشى بىر كىشى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىدا چوقۇ‌م ئە‌مە‌ل قىلىپ ياشاش ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن ئۆلچە‌م ياكى قائىدە-‏پرىنسىپلاردۇ‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز ھە‌ممە ئىشتا راستچىل بولۇ‌شنى ئۆلچە‌م قىلىپ ياشاشقا تىرىشىسىز،‏ بە‌لكىم بۇ ئە‌خلاق ئۆلچىمىنى بالىلىرىڭىزنىڭمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرۈشىنى خالايدىغانسىز.‏

قىممە‌ت قارىشى ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق ئۆلچىمىنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ كۈچلۈك ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق ئۆلچىمى بىلە‌ن ياشايدىغان كىشى ئە‌مگە‌كچان،‏ ئادىل ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئادە‌تتە بىر كىشى كىچىكىدىن باشلىسا،‏ بۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئاسانراق يېتىلدۈرە‌لە‌يدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «بالىنى ئۆزى ماڭىدىغان يول ئۈچۈن كۆندۈرسە‌ڭ،‏ قېرى بولغاندا ئۇ‌نىڭدىن چىقمايدۇ‌ر».‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

يېڭى پە‌ن-‏تېخنىكا زامانىدا ئە‌خلاق قىممە‌ت قارىشى چوڭ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە‏.‏ «ھە‌رقانداق ۋاقىتتا ۋە جايدا،‏ بالىلار ئېلېكترونلۇ‌ق مە‌ھسۇ‌تلار ئارقىلىق زىيانلىق مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌چرىشالايدۇ.‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار كۆز ئالدىمىزدا ئولتۇ‌رۇ‌پ شۇ‌نداق ئە‌دە‌بسىز نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى مۇ‌مكىن»،‏—‏ دە‌يدۇ كارېن.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «قويۇ‌ق تائام يېتىلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن،‏ يە‌نى ئادە‌ت بىلە‌ن ياخشىنى ۋە ياماننى ئايرىشقا زېھىنلىرىنى كۆندۈرگە‌نلە‌ر ئۈچۈندۇ‌ر».‏—‏ئىبرانىيلار 5:‏14.‏

ئە‌خلاق كۆزقارىشى ھە‌م مۇ‌ھىم.‏ باشقىلارغا «رە‌ھمە‌ت»،‏ «مە‌رھە‌مە‌ت» ۋە «كە‌چۈرۈڭ» دېگە‌ندە‌ك ئاددىي،‏ ئە‌مما كۆڭۈل بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلە‌يدىغان ئېيتىپ تۇ‌رۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىق كېرە‌ك.‏ كىشىلە‌ر بىر-‏بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا،‏ يانفون،‏ كومپيۇ‌تېر ۋە تېلېۋىزور دېگە‌ندە‌ك ماددىي نە‌رسىلە‌رگە بە‌كرە‌ك ۋاقىت چىقىرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌خلاق قىممە‌ت قارىشى بولۇ‌ش ئالتۇ‌ندىن ئە‌ۋزە‌ل.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ئادە‌ملە‌ر سىلە‌رگە قانداق قىلىشنى خالىساڭلار،‏ سىلە‌ر ھە‌م ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق قىلىڭلار».‏—‏لۇ‌قا 6:‏31.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئە‌خلاق قىممە‌ت قارىشىنى يېتىلدۈرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ياش قۇ‌رامىغا يە‌تمىگە‌ن ئۆسمۈرلە‌رگە توي قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكى ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈلسە،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى بۇ‌نىڭدىن قاچۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

مە‌سلىھە‌ت.‏ يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ كىشىلىك ئە‌خلاق قىممە‌ت قارىشى ھە‌ققىدە پاراڭلىشىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خە‌ۋە‌رلە‌ردە قانداقتۇ بىر ئېغىر جىنايە‌ت توغرىسىدا سۆزلىسە،‏ سىز بالىڭىزغا:‏ «بە‌زى كىشىلە‌ر باشقىلارغا شۇ‌نچە قاتتىق غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ سېنىڭچە،‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر شۇ‌نداق بولۇ‌پ كە‌تتى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

‏«ئە‌گە‌ر بالىلار نېمە ياخشى ۋە نېمە ياماننى بىلمىسە،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى تاللاش قىيىن بولىدۇ» (‏براندون)‏.‏

ئە‌خلاق كۆزقارىشىنى ئۆگىتىڭ.‏ ھە‌تتا كىچىك بالىلارمۇ «رە‌ھمە‌ت»،‏ «مە‌رھە‌مە‌ت» ۋە «كە‌چۈرۈڭ» دېگە‌ندە‌ك سۆزلە‌رنى ئېيتىپ،‏ باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ بىر كىتابتا:‏ «بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە،‏ مە‌كتە‌پ ۋە جە‌مئىيە‌تنىڭ بىر ئە‌زاسى ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌نسېرى،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىلا ئە‌مە‌س باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئە‌تىنى ئويلايدىغان بولۇ‌پ،‏ ئە‌تراپىدىكىلە‌رگە ياخشىلىق قىلىشقا كۆپرە‌ك مايىل بولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏«‏Parenting Without Borders‏»)‏.‏

مە‌سلىھە‌ت.‏ بالىلىرىڭىزنى كىچىكىدىن ئائىلىدىكى بە‌زى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگە‌تسىڭىز،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىسىز.‏

‏«بالىلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىشقا باشلىسا،‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌ستە‌قىل تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ندە،‏ نېمە قىلارىنى بىلمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ قالمايدۇ» (‏تارا)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش