2-دەرس
بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتالغان؟
نۇھ
ئىبراھىم ۋە سارە
مۇسا
ئەيسا مەسىھ
نۇرغۇن كىشىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 2700 يىل ئىلگىرى ھەق خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى، ئۇنىڭ ‹گۇۋاھچىلىرى›، دەپ ئاتالغان (يەشايا 43:10–12). بىز 1931-يىلغىچە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەر، دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىمنى قوللاندۇق؟
بۇ نام خۇدايىمىزنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ قەدىمقى قول يازمىلىرىدا، خۇدانىڭ، يەھۋا، دېگەن ئىسمىنى نەچچە مىڭ قېتىم ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئەمما، كۆپلىگەن تەرجىمە نۇسخىلاردا بۇ ئىسىمنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار، رەب ياكى خۇدا، دېگەنگە ئوخشاش نام-ئۇنۋانلار ئىشلىتىلگەن. قەدىمدە ھەق خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يەھۋا، دەپ ئاشكارىلاپلا قالماستىن، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەبەدكىچە بۇ مېنىڭ ئىسمىم» (چىقىش 3:15، ب ج). بۇ ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنى بارلىق يالغان ئىلاھلاردىن پەرقلەندۈرگەن. بىز خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.
بۇ نام بۇرچىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەققانىي ئادەم ھابىلدىن باشلاپ، قەدىمقى ئىخلاسمەن كىشىلەر يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەسىرلەر داۋامىدا، ‹چوڭ بۇلۇتتەك گۇۋاھچىلار› قاتارىغا نۇھ، ئىبراھىم، سارە، مۇسا، داۋۇت ۋە باشقىلار قوشۇلغان (ئىبرانىيلار 11:4–12:1). خۇددى بىرەيلەن گۇناھسىز كىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەندەك، بىز ھەم خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەت ئۈچۈن باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.
مەسىھنى ئۈلگە قىلىمىز. مۇقەددەس كىتاب، ئەيسانى «سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى»، دەپ ئاتىغان (ۋەھىيلەر 3:14). ئەيسا ئۆزى ‹خۇدا ئىسمىنى بىلدۈردۈم› داۋاملىق خۇدا توغرۇلۇق ‹ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىمەن›، دېگەنىدى (يۇھاننا 17:26، بج؛ 18:37). شۇڭا، مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى يەھۋا ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشى كېرەك. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەل شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىمنى قوللانغان؟
يەر يۈزىدە قاچاندىن باشلاپ يەھۋا ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولغان؟
كىم يەھۋا ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولغان؟