كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ماي 26-‏31 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«ئۆز ئىسمى بىلە‌ن ئاتىلىدىغان خە‌لق»‏
  • ‏«سىلە‌ر مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم»‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئە‌يسا ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم بولغان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ‏«يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌ڭلار!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ‏«كىمگە ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆزۈڭلار تاللاڭلار»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلسۇ‌ن!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ماي 26-‏31 ب.‏

23-‏تە‌تقىق ماقالىسى

138-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ سېنىڭ ئىسمىڭ

يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏

‏«‹سىلە‌ر مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم›،‏—‏ دە‌يدۇ يە‌ھۋا»‏ .‏—‏يە‌شايا 43:‏10.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا چۈشۈرۈلگە‌ن داغ چىقىرىلىپ تاشلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

1،‏ 2.‏ ئە‌يسا ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى مۇ‌ھىم بولغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نىسپە‌تە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىدىن مۇ‌ھىمراق ھېچنە‌رسە بولمىغان.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتە،‏ ھېچبىر ئىنسان ئە‌يساغا ئوخشاش ئە‌جىر سىڭدۈرمىگە‌ن.‏ ئالدىنقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ۋە ئادىل خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا تە‌ييار بولغان (‏ماركۇ‌س 14:‏36؛‏ ئىبرانىي.‏ 10:‏7–‏9)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندا،‏ ئۇ بارچە ھوقۇ‌قنى ئاسماندىكى ئاتىسىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ بېرىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏26–‏28)‏.‏ ئە‌يسانىڭ بۇ قىلغان بارچە ئىشلىرى ئاتىسىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ نە‌قە‌دە‌ر چوڭقۇ‌رلۇ‌قىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

2 ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە ئاتىسىنىڭ ئىسىمى بىلە‌ن كە‌لگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏43؛‏ 12:‏13)‏.‏ ئۇ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلدۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 17:‏6،‏ 26)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن تە‌لىم بېرىپ،‏ مۆجىزىلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 10:‏25)‏.‏ يە‌نە ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ «ماڭا بە‌رگە‌ن ئىسىمىڭ بىلە‌ن ئۇ‌لارنى قوغدىغىن» دېگە‌نىدى (‏يۇ‌ھاننا 17:‏11)‏.‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغان.‏ دېمە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلمىسە ۋە ئۇ‌نى قوللانمىسا،‏ ئۆزىنى قانداقمۇ «مە‌ن ئە‌يسانىڭ شاگىرتى» دېيە‌لە‌يدۇ؟‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بىز ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىۋاتقانلارنى نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمى بىلە‌ن ئاتالغان خە‌لق دە‌پ ئاتايدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىسىمى قانچىلىك مۇ‌ھىم بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

‏«ئۆز ئىسمى بىلە‌ن ئاتىلىدىغان خە‌لق»‏

4.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا ئاسمانغا قايتىپ كېتىشتىن ئاۋۋال شاگىرتلىرىغا قانداق ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان؟‏ (‏2)‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق سوئال پە‌يدا بولىدۇ؟‏

4 ئە‌يسا ئاسمانغا كۆتىرىلىشتىن ئاۋۋال شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكە‌ندە،‏ سىلە‌ر كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە تولۇ‌پ،‏ يېرۇ‌سالىم،‏ پۈتۈن يە‌ھۇ‌دىيە ۋە سامارىيە،‏ ھە‌تتا يە‌ر يۈزىنىڭ چە‌ت ياقىلىرىغىچە مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم بولىسىلە‌ر» (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8)‏.‏ دېمە‌ك،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر پە‌قە‌ت ئىسرائىل زېمىنىدا ئە‌مە‌س،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە يە‌تكۈزۈلۈپ،‏ بارچە مىللە‌ت كىشىلىرى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولاتتى (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «‏مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم بولىسىلە‌ر».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يېڭىدىن ئە‌يساغا ئە‌گە‌شكە‌ن شاگىرتلار پە‌قە‌ت ئە‌يسانىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرى بولۇ‌شى كېرە‌كمۇ ياكى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭمۇ گۇ‌ۋاھچىلىرى بولۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏ بۇ سوئالغا ئە‌لچىلە‌ر كىتابى 15-‏بابتا يېزىلغان ۋە‌قە‌لە‌ر جاۋاب بېرىدۇ.‏

5.‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر بىلە‌ن ئاقساقاللار مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلىشى كېرە‌كلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

5 مىلادى 49-‏يىلى،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللار بىر يە‌رگە جە‌م بولۇ‌پ،‏ «ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شنى خالايدىغان يات مىللە‌ت كىشىلىرى خە‌تنە قىلدۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏» دېگە‌ن مۇ‌ھىم بىر سوئال ئۈسىتدە مۇ‌ھاكىمە قىلىشقان.‏ مۇ‌ھاكىمە ئاخىرلاشقاندا،‏ ئە‌يسانىڭ ئىنىسى ياقۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىمون ھېلىلا خۇ‌دانىڭ تۇ‌نجى قېتىم يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌سلە‌رگىمۇ كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ ئۆز ئىسىمى ئۈچۈن ئۇ‌لار ئارىسىدىن بىر خە‌لقنى قانداق تاللىغانلىقىنى تە‌پسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى».‏ ياقۇ‌پ سۆزىدە كىمنىڭ ئىسىمىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان؟‏ ياقۇ‌پ ئارقىدىنلا ئاموس پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزلىرىنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «‹باشقا بارچە مىللە‌تلە‌ردىن چىققان ۋە مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن ئاتالغان ئىنسانلار بىرلىكتە ئىخلاس بىلە‌ن يە‌ھۋانى ئىزدە‌يدۇ›،‏ دە‌پ .‏ .‏ .‏ يە‌ھۋا ئېيتىدۇ»‏ (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏14–‏18)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ يېڭى شاگىرتلار پە‌قە‌ت يە‌ھۋانى تونۇ‌پ قالماي،‏ شۇ ئىسىم بىلە‌ن ئاتىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌لار كىشىلە‌رگە خۇ‌دانىڭ ئىسىمى توغرۇ‌لۇ‌ق گۇ‌ۋاھلىق بېرىشى ۋە كىشىلە‌رمۇ ئۇ‌لارنى شۇ ئىسىم بىلە‌ن تونۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏

ياقۇ‌پ يېرۇ‌سالىمدىكى بە‌زى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ ئىككى بۇ‌رادە‌رنىڭ قولىدا ئورام يازمىلار ئوچۇ‌ق ھالدا،‏ ياقۇ‌پنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاۋاتىدۇ.‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ يىغىلىشىدا بۇ‌رادە‌رلە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن ئاتىلىدىغان خە‌لق بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېنىق چۈشە‌نگە‌ن (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


6،‏ 7.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە نېمە ئۈچۈن كە‌لگە‌ن؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىگە كېلىشىنىڭ قانداق باشقا مۇ‌ھىمراق سە‌ۋە‌بى بولغان؟‏

6 ئە‌يسانىڭ ئىسىمىنىڭ مە‌نىسى «يە‌ھۋا —‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش».‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق دۇ‌نيانى قۇ‌تقۇ‌زماقچى بولغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كېلىپ،‏ ئۆز جېنىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌يسا تۆلە‌م ئارقىلىق ئىنسانىيە‌تنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏16.‏

7 بىراق،‏ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيە‌ت تۆلە‌م موھتاج بولغان؟‏ ئېرە‌م بېغىدا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌دىن بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالايمىز.‏ ئالدىنقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغىنىمىزدە‌ك،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا خۇ‌داغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن مە‌ھرۇ‌م قالغان (‏يارىت.‏ 3:‏6،‏ 24)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا گۇ‌ناھكار ئىنسانلارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شتىنمۇ مۇ‌ھىمراق سە‌ۋە‌ب بىلە‌ن يە‌رگە يۈزىگە كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ چۈشۈرۈلگە‌ن ئىدى (‏يارىت.‏ 3:‏4،‏ 5)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئە‌ۋلادلىرىنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شى ناھايىتى مۇ‌ھىم بىر ئىش بىلە‌ن باغلىنىشلىق بولغان.‏ ئۇ بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشى.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋاكالىتە‌ن سۆزلىگە‌چكە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىدا ناھايىتى مۇ‌ھىم رول ئوينىغان.‏

بىر كىشى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلمىسە ۋە ئۇ‌نى قوللانمىسا،‏ قانداقمۇ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىسى بولالايدۇ؟‏

8.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌ممە شاگىرتلىرى نېمىنى ئېتىراپ قىلىشى شە‌رت؟‏

8 مە‌يلى يە‌ھۇ‌دىيلار ياكى يات مىللە‌تلە‌ر بولسۇ‌ن،‏ ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى شە‌رت (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا ئوخشاش يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن ئاتىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌نە ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشى لازىم.‏ ئۇ‌لارنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شى بۇ‌لار بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏21،‏ 22)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسانىڭ بارلىق ساداقە‌تمە‌ن شاگىرتلىرى يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئاسىدا مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س:‏ «مە‌ن سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇ‌لارغا بىلدۈردۈم،‏ يە‌نە داۋاملىق بىلدۈرىمە‌ن‏.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سە‌ن ماڭا كۆرسە‌تكە‌ن مۇ‌ھە‌ببىتىڭ ئۇ‌لاردا بولسۇ‌ن ۋە مە‌ن ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرلىك ئىچىدە بولاي».‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏26.‏

‏«سىلە‌ر مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم»‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

9 ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرى سۈپىتىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن مۇ‌ھىم دە‌پ قارىشىمىز لازىم.‏ بۇ پە‌قە‌ت كۆز قارىشىمىز ياكى ئوي-‏پىكىرىمىزدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزدە ئىپادىلىنىشى زۆرۈر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىپ،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچىلىقى ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

10.‏ بىز يە‌شايا 42–‏44-‏بابلاردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏يە‌شايا 43:‏9؛‏ 44:‏7–‏9؛‏ رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

10 يە‌شايا 42—‏44-‏بابلاردىن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى قىلىش نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بۇ بابلاردا كۆچمە مە‌نىدە سوت ئېچىلىپ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلمىغان كىشىلە‌رنى ئۆزلىرى چوقۇ‌نىدىغان ئىلاھلارنىڭ ھە‌قىقىي خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپات بېرىشكە چاقىرغان.‏ يە‌ھۋا يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىنى تە‌ستىقلايدىغان گۇ‌ۋاھچىلارنى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتقان.‏ بىراق،‏ بىرمۇ گۇ‌ۋاھچى چىقمىغان!‏—‏يە‌شايا 43:‏9؛‏ 44:‏7–‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

كوللاژ:‏ پە‌رىشتىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش ئۈچۈن ھە‌سسە قوشۇ‌ۋاتقان دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى قېرىنداشلارغا قاراۋاتىدۇ.‏ 1.‏ ئە‌ر-‏ئايال ماتېرىياللار ھارۋىسى بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ياش قېرىنداش ساۋاقدىشىغا jw.org ئالاقە كارتوچكىسىنى بېرىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ بۇ‌رادە‌ر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىغا ئولتۇ‌رغاندا،‏ يېنىدا ئولتۇ‌رغان كىشىگە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئالاھىدە ساقچىلار بۇ‌رادە‌رنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.‏ 5.‏ دوختۇ‌رخانىدا ياتقان قېرىنداش دوختۇ‌رغا قان سېلىشقا قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى چۈشە‌ندۈرۈۋاتىدۇ.‏

بىز ئېيتقان سۆزلىرىمىز بىلە‌ن قىلغان ئىشلىرىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقىي خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى دە‌لىللە‌يمىز (‏10،‏ 11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


11.‏ يە‌شايا 43:‏10–‏12-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە نېمە دە‌يدۇ؟‏

11 يە‌شايا 43:‏10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆزى خە‌لقىگە:‏ «سىلە‌ر مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىم،‏  .‏  .‏  مە‌ن بولسام خۇ‌دامە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن مۇ‌نۇ سوئالنى سورىغان:‏ «مە‌ندىن باشقا يە‌نە ئىلاھ بارمۇ؟‏» (‏يە‌شايا 44:‏8)‏.‏ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ بىز گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ بىردىنبىر ھە‌ق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىگە گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غدۇ‌ر.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىمىز.‏ شە‌يتان قانداق قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن بىزگە بېسىم قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز ئۆمۈر بويى يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن ياراتقۇ‌چىمىزنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏

12.‏ يە‌شايا 40:‏3،‏ 5-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

12 بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ياكى نام-‏ئابرويىنى قوغدىساق،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌نە «يە‌ھۋانىڭ يولىنى [ئاچىدىغان ياكى تە‌ييارلايدىغان] بىر كىشى كېلىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان ئىدى (‏يە‌شايا 40:‏3)‏.‏ بۇ بېشارە‌ت قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيا شۇ يولنى تە‌ييارلىغان،‏ ئۇ كىشىلە‌رنى ئە‌يساغا ئە‌گىشىشكە تە‌ييارلىغان.‏ ئە‌يسا ئۆزى ئە‌ۋە‌تكە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋاكالىتە‌ن سۆز قىلغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا يە‌ھيا ئە‌مە‌لىيە‌تتە يە‌ھۋانىڭ يولىنى تە‌ييارلىغان (‏مە‌تتا 3:‏3؛‏ ماركۇ‌س 1:‏2–‏4؛‏ لۇ‌قا 3:‏3–‏6)‏.‏ يە‌نە شۇ بېشارە‌تتە ‏«يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقى جە‌زمە‌ن نامايان بولىدۇ» دېيىلگە‌ن (‏يە‌شايا 40:‏5)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى شۇ‌نچىلىك مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانى كۆرگە‌ن ئىنسانلارغا يە‌ھۋا ئۆزى يە‌ر يۈزىگە كە‌لگە‌ندە‌ك كۆرگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏45.‏

13.‏ ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

13 ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرى.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن ئاتىلىپ،‏ بارچە ئىنسانلارغا ئۇ‌نىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز ئېيتىمىز.‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن تە‌لتۆكۈس گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌يسا ئۈچۈنمۇ گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ كىشىلە‌رنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىش ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ قانداق مۇ‌ھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ئە‌يسا ئە‌ڭ ياخشى گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىشىمىز كېرە‌ك (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏5)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم

14.‏ زە‌بۇ‌ر 105:‏3-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا قارىتا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز؟‏

14 بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىدىن پە‌خىرلىنىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 105:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن پە‌خىرلىنىپ ماختانساق،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 9:‏23،‏ 24؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 1:‏31؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 10:‏17)‏.‏ «يە‌ھۋا بىلە‌ن ماختىنىش» دېگە‌ن سۆزلە‌ر،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىز بولغانلىقىدىن پە‌خىرلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىدىن نومۇ‌س قىلماي،‏ ئە‌كسىچە ئاشۇ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمىنى جاكارلاش ۋە ئۇ‌نىڭ نام-‏ئابرويىنى قوغداشنى چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ دە‌پ بىلىپ،‏ خىزمە‌تداشلىرىمىز،‏ سىنىپداشلىرىمىز،‏ قولۇ‌م-‏قوشنىلىرىمىز ۋە باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىشىمىز كېرە‌ك!‏ بىراق،‏ شە‌يتان بىزنىڭ باشقىلارغا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىشىمىزنى قە‌تئىي خالىمايدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 11:‏21؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17)‏.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلىرى ھە‌تتا ئىنسانلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌نتۇ‌پ كېتىشىنى خالايدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 23:‏26،‏ 27)‏.‏ بىراق،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌ش پۇ‌رسىتىنى ھە‌رگىزمۇ قولدىن بە‌رمە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 5:‏11؛‏ 89:‏16.‏

15.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى چاقىرىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 بىز داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى چاقىرىمىز (‏يوئېل 2:‏32؛‏ رىملىقلار 10:‏13،‏ 14)‏.‏ يە‌ھۋانى ئىسىمىنى چاقىرىش پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى بىلىش ياكى شۇ ئىسىم بىلە‌ن ئۇ‌نى ئاتاشنى ئە‌مە‌س،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ يە‌نى يە‌ھۋا زادى قانداق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىش،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىش ۋە ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م ۋە يوليورۇ‌ق سوراش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ (‏زە‌بۇ‌ر 20:‏7؛‏ 99:‏6؛‏ 116:‏4؛‏ 145:‏18)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ۋە ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىدا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە ئېرىشىپ،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ قالالايدۇ.‏—‏يە‌شايا 12:‏4؛‏ ئە‌لچى.‏ 2:‏21،‏ 38.‏

16.‏ بىز شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟‏

16 بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشكە تە‌ييار (‏ياقۇ‌پ 5:‏10،‏ 11)‏.‏ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى قالساق،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايمىز.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا شە‌يتان خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌يىبلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئادە‌م ھە‌ممە بار نە‌رسىلىرىنى ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ» (‏ئايۇ‌پ 2:‏4)‏.‏ شە‌يتان بۇ سۆزلە‌رنى قىلىش ئارقىلىق،‏ ئىنسان پە‌قە‌ت ئۆزىگە قولاي بولغان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدۇ،‏ بىراق تۇ‌رمۇ‌شىدا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە،‏ ئۇ‌نى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى.‏ شە‌يتان قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتماي،‏ شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە جاۋاب قايتۇ‌رالايمىز.‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م ئۆز ئىسىمى ئۈچۈن بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏11.‏

17.‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏12-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز؟‏

17 پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌يمىز (‏پە‌ند ن.‏ 30:‏9؛‏ يە‌رە‌م.‏ 7:‏8–‏11)‏.‏ بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى بىلە‌ن تونۇ‌لغاچقا،‏ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزدە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌يمىز،‏ ياكى ئە‌كسىنچە ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا داغ چۈشۈرىمىز ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىزگە ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزغا دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ گە‌رچە بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏

18.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يە‌نە نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

18 ئۆز نام-‏ئابرويىمىزغا قارىغاندا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى تېخىمۇ مۇ‌ھىم (‏زە‌بۇ‌ر 138:‏2)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌مىشە بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز لازىم؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى ئۆچ كۆرۈشى ۋە يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بىلە‌ن ھاقارە‌تلىشى مۇ‌مكىنa‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش ئۈچۈن ئە‌يسا جىنايە‌تچى قاتارىدا مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چراپ خورلۇ‌ق تارتىشقا،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ ئۆلۈشكە رازى بولغان.‏ ئۇ شە‌رمە‌ندە قىلىنىشقا پە‌رۋا قىلمىغان،‏ يە‌نى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىگە قانداق قاراشتا بولۇ‌شىدىن ئە‌نسىرىمىگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏2–‏4)‏.‏ ئۇ دىققىتىنى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا قاراتقان.‏—‏مە‌تتا 26:‏39‏.‏

19.‏ سىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا قارىتا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

19 بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى دە‌پ ئاتالغانلىقىمىزدىن پە‌خىرلىنىمىز.‏ بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن ھاقارە‌تلە‌نسە‌كمۇ،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏ ئۆز نام-‏ئابرويىمىزغا قارىغاندا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان مە‌يلى قانداق ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنىپ،‏ بىزنى توسۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلسا-‏قىلسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌شكە قە‌تئىي بە‌ل باقايلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىزمۇ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ھاياتىمىزدا يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

  •  بىز نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلاپ كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

9-‏ناخشا ئالقىشلاڭ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى!‏

a  ئۈچ دوستى ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌يىبلىگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز نام-‏ئابرويى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئويلىغاچقا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى قوغدىمىغانىدى.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ ئايۇ‌پ پە‌رزە‌نتلىرى ۋە مال-‏دۇ‌نياسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا،‏ ئۇ «گۇ‌ناھ قىلمىدى ۋە خۇ‌دانى ئە‌يىبلىمىدى» (‏ئايۇ‌پ 1:‏22؛‏ 2:‏10)‏.‏ بىراق،‏ كېيىنرە‌ك ئۈچ دوستى ئۇ‌نى يامان ئىش قىلدىڭ دە‌پ ناھە‌ق ئە‌يىبلىگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزىنى قوغداپ،‏ قوپال گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشقا قارىغاندا،‏ ئۆزىنىڭ نام-‏ئابرويىنى قوغداشنى مۇ‌ھىمراق ھېسابلىغانىدى.‏—‏ئايۇ‌پ 6:‏3؛‏ 13:‏4،‏ 5؛‏ 32:‏2؛‏ 34:‏5.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش