14-تەتقىق ماقالىسى
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
«كىمگە ئىبادەت قىلىشنى ئۆزۈڭلار تاللاڭلار»
«مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز».—يەشۇئا 24:15.
مەركىزى ئىدىيە
نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى ئەسكە ئېلىش.
1. ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (يەشايا 48:17، 18)
ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر! شۇڭا، ئۇ ھازىر ۋە كېلەچەكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (ۋەز 3:12، 13). ئۇ بىزنى بەزى ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالايدىغان قابىلىيەتلەر بىلەن ياراتقان بولسىمۇ، ئۆز-ئۆزىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ياكى ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە توغرا-خاتاغا قارىتا ئۆلچەملەرنى بەلگىلەش قابىلىيىتىنى بەرمىگەن (ۋەز 8:9؛ يەرەم. 10:23). يەھۋا چوقۇم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇ بەلگىلىگەن ئۆلچەملەر بويىچە ياشىساق، بىزنىڭ ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.—يەشايا 48:17، 18-نى ئوقۇڭ.
2. شەيتان بىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ ۋە يەھۋا خۇدا نېمە قىلغان؟
2 شەيتان بىزنىڭ يەھۋا بولمىسىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى باشقۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ (يارىت. 3:4، 5). شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يەھۋا بىر مەزگىل ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئېچىنارلىق ئاقىۋىتىنى كۆرۈش قىيىن ئەمەس. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇساق، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇشال-خۇرام ياشىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. شۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل ئۈلگە ئەيسا مەسىھتۇر. بۇ ماقالىدە، ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز ۋە ئاخىرىدا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغانلىقىمىزنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئەيسا نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغان؟
3. شەيتان ئەيسانى ئازدۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان ۋە ئەيسا نېمە تاللىغان؟
3 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، كىمگە ئىبادەت قىلىشنى ئۆزى قارار قىلىش ئۈچۈن تاللاشقا دۇچ كەلگەن. ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ كۆپ ئۆتمەي، شەيتان ئۇنىڭغا: «ئەگەر تىزلىنىپ، ماڭا بىر قېتىم سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن»،— دېگەن. شۇ چاغدا، ئەيسا جاۋابەن: «كۆزۈمدىن يوقال، شەيتان! چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: ‹خۇدايىڭ يەھۋاغا سەجدە قىلغىن ۋە پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن› دەپ يېزىلغان»،— دېگەن (مەتتا 4:8–10). ئەيسا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قارار قىلغان؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
4، 5. ئەيسانىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىشىنىڭ بەزى سەۋەبلىرى قايسىلار؟
4 ئەيسا نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغان؟ ئاساسلىق سەۋەبى، يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت! ئۇ ئاسماندىكى ئاتىسىنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن ۋە ئۇلار ئارىسىدا مۇستەھكەم رىشتە بار ئىدى (يۇھاننا 14:31). بۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا توغرا يول يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (يۇھاننا 8:28، 29؛ ۋەھىي. 4:11). ئەيسا شۇنى ئېنىق بىلگەن، يەنى يەھۋا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئۇ ئىشەنچىلىك ۋە سېخىي ياراتقۇچى! (زەبۇر 33:4؛ 36:9؛ ياقۇپ 1:17). يەھۋا ھەر دائىم ئەيساغا ھەقىقەتنى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىنى بەرگەن (يۇھاننا 1:14). ئەكسىنچە، شەيتان ئىنسانىيەتنى گۇناھقا باشلاپ، ئۆلۈمگە ئىتتەرگەن. ئۇ بىر يالغانچى، ئاچكۆز ۋە شەخسىيەتچى (يۇھاننا 8:44). يەھۋا كىم ۋە شەيتان كىم؟ ئەيسا ئۇلارنى ياخشى بىلگەچكە، شەيتانغا ئوخشاش يەھۋاغا قارشى چىقىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان.—فىلىپى. 2:5–8.
5 ئەيسانىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — ئۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلسا، نەتىجىدە ئاجايىپ گۈزەل ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن (ئىبرانىي. 12:2). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قالسا، ئاتىسىنىڭ ئىسىمى مۇقەددەس قىلىنىپ، ئىنسانىيەت گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولىدىغانلىقىنى بىلگەن.
نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك؟
6، 7. بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئىنسانلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىبادەت قىلىشىمىزغا لايىق؟
6 بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە ۋەز قىلغاندا ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش.—ئەلچى. 17:19، 20، 30، 34.
7 ئەلچى پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىكى كىشىلەرگە: «ئۇ [خۇدا] ئۆزى بارلىق ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس ۋە ھەممە نەرسىلەرنى بەرگۈچىدۇر»،— دەپ چۈشەندۈرگەن. كېيىن، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز»،— دېگەن. يەھۋا ياراتقۇچى ئىگىمىز، ئۇ «بىر ئادەمدىن بارچە مىللەتلەرنى ياراتقان». شۇڭلاشقا، پەقەت يەھۋا ئىبادەت قىلىشىمىزغا لايىق.—ئەلچى. 17:25، 26، 28.
8. يەھۋا ھەرگىزمۇ نېمە قىلمايدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 يەھۋا ياراتقۇچى ۋە پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى بولغاچقا، ئۇ بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇرلاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. لېكىن، يەھۋا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، پەقەت ياراتقۇچىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەربىرىمىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، توغرا تاللاش قىلىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلارنى تەمىنلەپ بەرگەن. ئۇ مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ دوست بولۇشىنى خالايدۇ (1-تىموت. 2:3، 4). شۇڭا، يەھۋا ھازىرغىچە بىزنى باشقىلارغا ئۆز ئىرادىسى ۋە كېلەچەكتە ئىنسانىيەتنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز قىلىشقا ئۆگىتىۋاتىدۇ (مەتتا 10:11–13؛ 28:19، 20). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغان بىزلەرنى جامائەت قىلىپ تەشكىللەپ، خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆيۈمچان ئاقساقاللارنى بەرگەن.—ئەلچى. 20:28.
9. يەھۋانىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى نېمە كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
9 يەھۋانىڭ ھەتتا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدىغانلارغا قىلغان مۇئامىلىسى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ: قەدىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە مىلياردلىغان ئىنسانلار توغرا-خاتاغا قارىتا ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەملەر بويىچە ياشاشنى تاللاپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ، يەھۋا ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ھايات كەچۈرۈشى ۋە خۇشال-خۇرام ياشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ (مەتتا 5:44، 45؛ ئەلچى. 14:16، 17). ئۇلار دوستلارنى تۇتۇش، ئوي-ئوچاقلىق بولۇپ پەرزەنت كۆرۈش، جاپالىق ئىشلەپ ئەجىر-مېھنىتىنىڭ مېۋىسىنى تېتىشقا ئوخشاش يەھۋا بەرگەن سوۋغاتلاردىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە (زەبۇر 127:3؛ ۋەز 2:24). بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتىدۇر (چىق. 34:6). ھازىر نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغانلىقىمىزنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى ۋە ئۇ بىزنى قانداق بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى ئەسكە ئالايلى.
نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىدۇق؟
10. (1) يەھۋا ئىبادەت قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟ (مەتتا 22:37) (2) يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقىغا نېمە ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىسىز؟ (زەبۇر 103:13، 14)
10 ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى — بىزمۇ چىن قەلبىمىزدىن ياراتقۇچىمىزنى سۆيىمىز (مەتتا 22:37-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بىلگەنسېرى، بىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز. مەسىلەن، ئۇ بىزنى كەچۈرۈشكە تەييار. ئىسرائىل خەلقى يەھۋاغا بويسۇنمىغاندا، ئۇ ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىڭلار»،— دەپ نەسىھەت قىلغانىدى (يەرەم. 18:11). ئۇ بىزنىڭمۇ نامۇكەممەل ۋە تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى ئېسىگە ئالىدۇ (زەبۇر 103:13، 14-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ۋە باشقا كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئويلانغاندا، بۇ سىزنى ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلمامدۇ؟
11. ئاسماندىكى ئاتىمىزغا خىزمەت قىلىشنى تاللىشىمىزنىڭ يەنە قانداق سەۋەبلىرى بار؟
11 بىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىدۇق، چۈنكى بۇ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق (مەتتا 4:10). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلساق، نەتىجىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىساق، ئۇنىڭ ئىسىمىنىڭ ئۇلۇغلىنىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز ۋە شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قالماي، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايمىز. ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىساق، كېلەچەكتە ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلالايمىز.—يۇھاننا 17:3.
12، 13. جېين ۋە پامنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟
12 ھەتتا بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرەلەيمىز. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ مۇھەببەت بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. جېين ۋە پامa ئىسىملىك ئاچا-سىڭىللارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، جېين 11 ياش، پام 10 ياشتا ئىدى. ئاتا-ئانىلىرى ھەقىقەتكە قىزىقمىغان بولسىمۇ، ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشىگە روخسەت قىلغانىدى. ئەمما، ئاتا-ئانىسى شۇنداق بىر شەرت قويغان، يەنى ئۇلار چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەپتە ئاخىرىدا چېركاۋغا بېرىشى كېرەك ئىدى. جېين مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر ساۋاقداشلىرىمنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەچكە، ئۇلارغا ئوخشاش زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشتىن ئۆزۈمنى يىراق تۇتالىدىم».
13 بىرقانچە يىللاردىن كېيىن، ئاچا-سىڭىل ئىككىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. كېيىنرەك ھەر ئىككىسى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاچ، ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. جېين ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن دوستلىرىنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. 2-تىموتىي 2:19-ئايەتتە يېزىلغاندەك: ‹يەھۋا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تونۇيدۇ›». شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا ئۇنى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا سادىق خىزمەت قىلغانلارغا ھەردائىم غەمخورلۇق قىلىدۇ!
14. گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز يەھۋانىڭ ئىسىمىغا چۈشۈرۈلگەن داغنى چىقىرىپ تاشلاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
14 بىز يەھۋانىڭ ئىسىمىغا چۈشۈرۈلگەن داغنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇشنى خالايمىز. شۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: سىزنىڭ مېھرىبان، سېخى ۋە كەچۈرۈمچان دوستىڭىز بار. بىر كۈنى باشقىلارنىڭ دوستىڭىز توغرۇلۇق يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىڭىز. بۇ ۋەزىيەتتە نېمە قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە، ئۇنى نام-ئابرويىنى قوغداشقا تىرىشىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ياراتقۇچى يەھۋا توغرۇلۇق يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىپ، ئۇنىڭ نام-ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بولساق، يەھۋا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئېيتىپ، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىسىمىنى قوغدايمىز (زەبۇر 34:1؛ يەشايا 43:10). بىز شۇنداق قىلساق، يەھۋانى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
سىز يەھۋانىڭ ئىسىمىنى قوغداشقا ياردەم بېرەمسىز؟ (14-ئابزاسقا قاراڭ)b
15. ئەلچى پاۋلۇس ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قىلغاندا، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟ (فىلىپىلىكلەر 3:7، 8)
15 بىز يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز. شۇڭلاشقا، خۇشاللىق بىلەن ھاياتىمىزدا بەزى مەقسەت ياكى ئارزۇ-ئىستىكىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇسنى ئالساق، ئۇ مەسىھنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئورنىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىغان (گالاتىيا. 1:14). نەتىجىدە، ئۇ مەنىلىك ھايات كەچۈرۈپ، ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىش مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. پاۋلۇس يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىغا ھېچقاچان پۇشايمان قىلمىغان، بىزمۇ ئەسلا پۇشايمان قىلمايمىز.—فىلىپىلىكلەر 3:7، 8-نى ئوقۇڭ.
16. جۇلىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
16 ئەگەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ئۇ بىزنى بەرىكەتلەيدۇ. جۇلىيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. جۇلىيا كىچىكىدىن چېركاۋدا ناخشا ئېيتقان. بىر ئوپېرا ناخشىچىسى ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىشنى باشلىغان. كۆپ ئۆتمەي، جۇلىيانىڭ داڭقى چىققان، ياش تۇرۇپلا داڭلىق تىياتىرخانىلاردا ناخشا ئېيتقان. كېيىن، ئۇ داڭلىق مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ يۈرگەندە، بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا خۇدا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلاپ، خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، جۇلىيا ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللاپ، ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى ناخشا ئېيتىشقا ئەمەس، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىغان. شۇنداق قارارنى چىقىرىش ئاسانغا توختىمىغان. جۇلىيا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا ‹يەھۋاغا خىزمەت قىلىمەن دەپ خۇدا بەرگەن تالانتىڭنى ئىشلەتمىسەڭ، بۇ نادانلىق بولىدۇ› دېگەنىدى. لېكىن مەن ھاياتىمنى پۈتۈنلەي يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىدىم». 30 يىل بۇرۇن چىقارغان قارارى توغرۇلۇق جۇلىيا ھازىر نېمە دەيدۇ؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن، چۈنكى كېلەچەكتە ئۇ مېنىڭ بارچە ئارزۇ-ئىستەكلىرىمنى چوقۇم قانائەت تاپقۇزىدۇ».—زەبۇر 145:16.
ھاياتىمىزدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، بەختلىك ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرىمىز (16-ئابزاسقا قاراڭ)c
يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
17. ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغانلار ۋە قىلمايدىغانلار ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
17 بىز زامان ئاخىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشاۋاتىمىز. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق سۆزلەرنى يازغان: «چۈنكى، ‹يەنە ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن، كېلىۋاتقان يېتىپ كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ›» (ئىبرانىي. 10:37). بۇ بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغانلار ئۈچۈن ياراتقۇچىغا خىزمەت قىلىشنى تاللىشىغا بېرىلگەن ۋاقىت ئاز قالدى (1-كورىنت. 7:29). يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىغانلار ئۈچۈن بولسا، ئازاب-ئوقۇبەتلەر «ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن» پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ.
18. ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
18 ئەيسا ئىنسانلارنى شاگىرتى بولۇشقا دەۋەت قىلىپ قالماي، داۋاملىق ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشقا ھەم دەۋەت قىلغان (مەتتا 16:24). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خۇداغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساق، ۋاز كەچمەي داۋاملىق شۇنداق قىلىشقا بەل باغلايلى. يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ بەرگەن ۋەدىمىزنى داۋاملىق ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ ئاسان بولمىسىمۇ، بىراق بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ھازىر مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىپ قالماي، كۆڭلىمىز ھەم قانائەت تاپىدۇ.—زەبۇر 35:27.
19. جوننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟
19 بەزىلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىساق، بەك كۆپ قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايدۇ. ياشلار، سىلەرمۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلساڭلار، نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇرۇق قالىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ جون ئىسىملىك ياش بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىلگىرى، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسام، ئويۇن-تاماشىلاردىن قۇرۇق قالىمەن دەپ ئويلايتتىم. قارىماققا، مەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان نۇرغۇن بالىلار ياشلار ئولتۇرۇشىغا بارالايدۇ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرەلەيدۇ ياكى زوراۋانلىق مەزمۇن قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى ئوينىيالايدۇ. مەن بولسام، ۋاقتىمنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۆتكۈزىمەن». شۇنداق ئوي-خىياللار جونغا قانداق تەسىر قىلغان؟ ئۇ: «مەن يوشۇرۇن يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدىم ۋە بىر مەزگىل خۇشال-خۇرام بولغان بولساممۇ، كۆپ ئۆتمەي ھەقىقىي خۇشاللىقنى ھېس قىلمىدىم. شۇڭا، قايتىدىن ئۆزۈم پەرۋاسىزلىق قىلغان مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم ۋە يەھۋاغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، يەھۋا ھەربىر دۇئايىمغا جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتىدۇ».
20. نېمە قىلىشقا قەتئىي باغلىشىمىز كېرەك؟
20 زەبۇر يازغۇچىسى يەھۋانى مەدھىيىلەپ: «نەقەدەر بەختلىك! سەن تاللىغانلار، ھويلىلىرىڭدا ئولتۇرسۇن دەپ ئۆز يېنىڭغا ئېلىپ كەلگەنلەر»،— دەپ ناخشا ئېيتقان (زەبۇر 65:4). «مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز»،— دېگەن يەشۇئانى ئۈلگە قىلىپ، بىزمۇ داۋاملىق يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا قەتئىي بەل باغلايلى.—يەشۇئا 24:15.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
b رەسىملەردە: بىر توپ ئادەملەرنىڭ چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن مەيداننىڭ سىرتىدا ۋارقىراپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماتېرىياللار ھارۋىسىغا يېقىنلىشىپ، قېرىنداشلارنى ھەقىقەت توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشاۋاتىدۇ.
c رەسىمدە: بۇ سېلىشتۇرما رەسىملەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن جۇلىيا ھاياتىدا نېمە قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.