كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 ئۆكتە‌بىر 6-‏11 ب.‏
  • يە‌ھۋا «كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارنى داۋالايدۇ»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا «كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارنى داۋالايدۇ»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ
  • يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ
  • يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ
  • يە‌ھۋا ئېتىقادداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ
  • يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىدىن تە‌سە‌للى تېپىڭ
  • بىز ئە‌سلا يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • گۇ‌مانلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • باشقا ئېغىر كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 ئۆكتە‌بىر 6-‏11 ب.‏

40-‏تە‌تقىق ماقالىسى

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا

يە‌ھۋا «كۆڭلى سۇ‌نغانلارنى داۋالايدۇ»‏

‏«ئۇ كۆڭلى سۇ‌نغانلارنى داۋالايدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ قويىدۇ‏».‏—‏زە‌بۇ‌ر 147:‏3.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌ق كىشىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ دە‌ردىمىزگە دە‌رمان بولىدىغانلىقى ۋە بىزنىڭ باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

1.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ نېمىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ خۇ‌شاللىقىمىز ۋە غە‌م-‏قايغۇ‌لىرىمىزدىن خە‌ۋە‌ردار (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏18)‏.‏ بە‌زىدە قە‌لبىمىز قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە تولۇ‌پ،‏ ئىچ-‏ئىچىمىزدىن ئۇ‌ھ تارتىپ يۈرىمىز،‏ ھە‌تتا شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياراتقۇ‌چىمىزغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ!‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌پ،‏ تە‌سە‌للى بېرىشكە ئالدىرايدۇ.‏

2.‏ يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ ۋە قە‌لب يارىمىز ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 زە‌بۇ‌ر 147:‏3-‏ئايە‌تتە،‏ يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نغانلارنىڭ قە‌لب «يارىلىرىنى تېڭىپ قويىدۇ» دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌ت ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ دىلى ئازار يېگە‌ن كىشىلە‌رگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشقا تە‌ييار ئىكە‌ن،‏ بىز چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌جرىبىلىك دوختۇ‌ر يارىلانغان كىشىنى داۋالاش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ دوختۇ‌رنىڭ داۋالىشى ئۈنۈملۈك بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئە‌لۋە‌تتە يارىلانغان كىشى چوقۇ‌م دوختۇ‌رنىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە ئىش قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا قانداق كۆرسە‌تمە بېرىدىغانلىقى ۋە ئاشۇ كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ

3.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ئۆزىنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلىدۇ؟‏

3 بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ بىز ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ كە‌تكە‌ن بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س،‏ كېرە‌كسىز ھېس قىلىشىدۇ.‏ خېلېنa ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئاتا-‏ئانامنىڭ مېھرىنى كۆرمە‌ي چوڭ بولدۇ‌م.‏ دادامنىڭ ئاچچىقى كە‌لسە،‏ بىزنى ئۇ‌راتتى.‏ ھە‌ر كۈنى بىزنى يارىماس دە‌پ تىللاپ ھاقارە‌تلە‌يتتى».‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ خېلېنغا ئوخشاش،‏ ھە‌ردائىم تە‌نقىد قىلىنىپ،‏ ھە‌تتا ناچار مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چراپ،‏ نە‌تىجىدە ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلىپ كېلىۋاتقانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىزگە ھە‌قىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش بە‌لكىم سىز ئۈچۈن ئاسان ئە‌مە‌س.‏

4.‏ زە‌بۇ‌ر 34:‏18-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

4 گە‌رچە باشقىلار كۆڭلىڭىزگە ئازار بە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌ر ۋە ئۇ سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭ!‏ ئۇ «كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر» ‏(‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى يۈرىكىڭىز ئېزىلگە‌ندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رىپىڭىزنى كۆرۈپ،‏ سىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44)‏.‏ سىز ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌زىز ۋە ئۇ سىزنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ،‏ شۇ‌ڭا سىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌ردائىم تە‌ييار.‏

5.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ باشقىلار كۆزگە ئىلمىغان كىشىلە‌رگە قىلغان مۇ‌ئامىلسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

5 ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىدىن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ر يۈزىدە ۋە‌ز قىلىپ يۈرگە‌ندە،‏ ئە‌يسا باشقىلار كۆزگە ئىلمىغان كىشىلە‌رگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق ۋە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان (‏مە‌تتا 9:‏9–‏12‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌زۇ‌ن مە‌زگىل كېسە‌ل ئازابى تارتىپ يۈرگە‌ن بىر ئايال ساقىيىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ كىيىمىگە قولىنى تە‌گكۈزگە‌نىدى.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى بىلىپ،‏ ئايالغا تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشە‌نچىسىنى ماختىغان (‏ماركۇ‌س 5:‏25–‏34)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى ئە‌زىز كۆرۈپ قە‌دىرلە‌يدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىڭىزگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا چوقۇ‌م ئىشىنىڭ!‏

6.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

6 ئە‌گە‌ر دائىم ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س كىشىدە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمە سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كۆڭلىڭىزگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ شۇ ئايە‌تلە‌ر يە‌ھۋانىڭ سىزنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇb (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏19)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زى مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتە‌لمە‌ي،‏ روھىڭىز چۈشۈپ كېتىشى ياكى باشقىلارغا ئوخشاش كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالماي ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى ئۆزىڭىزنى باشقىلار سېلىشتۇ‌رماڭ ۋە قىلالمايدىغان ئىشقا كىرىشىۋالماڭ.‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئىلگىرى خورلاشقا ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراپ،‏ كۆڭلۈڭىز ئازار يېگە‌ن بولسا،‏ ھە‌رگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلىمە‌ڭ!‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان ئە‌مە‌س،‏ زىيانكە‌شلىك قىلغان كىشىدىن ھېساب سورايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏12)‏.‏ بالىلىق چاغلىرىدا خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان ساندىرا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ مېنى قانداق كۆرسە،‏ مە‌نمۇ ئۆزۈمنى شۇ‌نداق كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن ياردە‌م سورايمە‌ن».‏

قولىدا كىچىك قۇ‌شقاچنى تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رغان بىر ئىسرائىل.‏

يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ

تۆۋە‌ندە ئايە‌تلە‌ر يە‌ھۋانىڭ سىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ:‏

  • زە‌بۇ‌ر 56:‏8.‏ كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا،‏ يە‌ھۋا كۆز ياشلىرىڭىزغا نە‌زە‌ر سالىدۇ.‏ ئۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏

  • لۇ‌قا 12:‏6،‏ 7.‏ يە‌ھۋا كىچىككىنە قۇ‌شقاچنى قە‌دىرلىگە‌نىكە‌ن،‏ سىزنى قە‌دىرلىمە‌سمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ نە‌زىرىدە ئاشۇ قۇ‌شقاچتىن كۆپ قە‌دىرلىك.‏ ئۇ سىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ سىزنى بېشىڭىزدىن تاپىنىڭىزغىچە ياخشى بىلىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بە‌ك چوڭقۇ‌ر!‏.‏

  • 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى ھېچنە‌رسىگە ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ قە‌لبىڭىزدىن بۈيۈكتۇ‌ر ۋە ئۇ سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏

7.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئىلگىرى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قىيىنچىلىقلارنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

7 يە‌ھۋانىڭ سىزنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىدىن ھە‌رگىزمۇ گۇ‌مانلانماڭ.‏ يە‌ھۋا ئاللىقاچان سىزگە ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىنى بە‌رگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏9)‏.‏ ئىلگىرى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌چ،‏ بە‌لكىم باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان خېلېن ئىلگىرى ئۆزى ياردە‌مگە ئېرىشكە‌نىدى،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ھازىر باشقىلارغا قانداق ياردە‌م بېرىشنى بىلىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى ئە‌رزىمە‌س ۋە باشقىلارغا ھېچقانداق پايدا يە‌تكۈزە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ يۈرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن مېنى باغرىغا باستى ۋە ھازىر مېنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ».‏ خېلېن ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ

8.‏ يە‌شايا 1:‏18-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏

8 يە‌ھۋانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال ياكى كېيىن ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە پۇ‌شايمان قىلىپ،‏ ئازابلىنىپ يۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌قە‌دە‌ر سۆيىدۇ‌كى،‏ بىز ئۈچۈن تۆلە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزنىڭ تۆلە‌م سوۋغىسىنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئە‌گە‌ر بىز ئاللىقاچان ئارىدىكى مە‌سىلىنى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھە‌لc قىلىپ بولغان بولساق،‏ ئۇ يە‌نە گۇ‌ناھلىرىمىزنى قايتا سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇ‌رمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يە‌شايا 1:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىمىزنى مە‌ڭگۈ ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏9،‏ 12؛‏ ئىبرانىي.‏ 6:‏10.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزنى ئۆتمۈشكە ئە‌مە‌س،‏ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌ككە قارىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 ئە‌گە‌ر ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلار ئۈچۈن ھازىرغىچە پۇ‌شايمان قىلىپ يۈرگە‌ن بولسىڭىز،‏ دىققىتىڭىزنى ھازىر قىلىۋاتقان ياكى كە‌لگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلارغا قارىتىڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئالساق،‏ ئۇ ئۆتمۈشتە ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكە‌شلىك قىلغىنى ئۈچۈن،‏ پۇ‌شايمان قىلىپ ئۆكۈنگە‌ن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌نلىكىنى پاۋلۇ‌س چۈشە‌نگە‌ن (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏12–‏15)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پاۋلۇ‌س يە‌نە ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ يۈرگە‌نمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پە‌رىسىي سۈپىتىدە قازانغان ئۇ‌تۇ‌قلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ كە‌تكە‌ندە‌ك،‏ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىنى ھە‌م ئويلاپ يۈرمىگە‌ن (‏فىلىپى.‏ 3:‏4–‏8،‏ 13–‏15)‏.‏ ئۇ جان كۆيدۈرۈپ ۋە‌ز خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان ۋە كۆزىنى كېلە‌چە‌ككە تىككە‌ن.‏ سىزمۇ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ئۆتۈپ كە‌تكە‌ن ئىشلارنى ئۆزگە‌رتە‌لمە‌يسىز.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر ئۆزىدە ياراتقۇ‌چىڭىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلالايسىز ۋە ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى ئاجايىپ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنالايسىز.‏

10.‏ ئە‌گە‌ر ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌ن بولسا،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

10 بە‌لكىم،‏ ئۆتمۈشتە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌چ،‏ ھازىر ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلە‌پ يۈرۈۋاتقانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ شۇ خاتالىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىڭ،‏ ئاشۇ كىشىدىن چىن كۆڭلىڭىزدىن كە‌چۈرۈم سوراڭ (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏11)‏.‏ ئۆزىڭىز زىيان يە‌تكۈزگە‌ن كىشى ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئاشۇ كىشىنىڭ ۋە سىزنىڭ داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالىشىڭلار ئۈچۈن،‏ ئۇ ھە‌ر ئىككىڭلارنى قايتا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

11.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

11 ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىڭ ۋە يە‌ھۋا سىزگە قانداق ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ خۇ‌دا يۇ‌نۇ‌سنى نىنە‌ۋى شە‌ھىرىگە بېرىشقا بۇ‌يرۇ‌غان،‏ ئۇ قارشى يۆلىنىشكە قېچىپ كە‌تكە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا تە‌ربىيە بە‌رگە‌ن،‏ ئۇ خاتالىقىنى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ساۋاق ئالغان (‏يۇ‌نۇ‌س 1:‏1–‏4،‏ 15–‏17؛‏ 2:‏7–‏10)‏.‏ يە‌ھۋا يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ردىن ۋاز كە‌چتىمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنى قايتا نىنە‌ۋى شە‌ھىرىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۇ قېتىم يۇ‌نۇ‌س دە‌رھال بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نغان.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ر ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقى ئۈچۈن پۇ‌شايمان قىلغان،‏ ئە‌مما يۇ‌نۇ‌س بۇ قېتىم يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلىشتىن باش تارتمىغان.‏—‏يۇ‌نۇ‌س 3:‏1–‏3.‏

يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ر دېڭىز بويىدا ئاسمانغا قاراپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستى بېشى ھۆل بولۇ‌پ كە‌تكە‌نىدى.‏

يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ر غايە‌ت زور بېلىقنىڭ قورسىقىدىن ئامان-‏ئېسە‌ن چىققاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا يە‌نە بىر قېتىم نىنە‌ۋى شە‌ھىرىگە بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈشنى ئېيتتى (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ

12.‏ ئە‌گە‌ر ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە قانداق ئېرىشتۈرىدۇ؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7)‏

12 ھاياتىمىزدا پاجىئە‌لىك ئىشلار يۈز بە‌رسە ياكى يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلىپ ھە‌سرە‌ت چېكىپ يۈرسە‌ك،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ رون ۋە كارول ئىسىملىك ئە‌ر-‏ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوغلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئىلگىرى نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىدۇ‌ق،‏ ئە‌مما ئوغلىمىزنىڭ ئۆلۈمى ئىنتايىن ئېغىر كە‌لدى.‏ ئۇ‌يقۇ‌سىز كېچىلە‌ردە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ تىلغا ئېلىنغان تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ھە‌قىقىي ھېس قىلدۇ‌ق».‏ ئە‌گە‌ر يۈرىكىڭىزنى زېدە قىلىدىغان ئېغىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈڭ.‏ مە‌يلى كۈندە قانچە قېتىم ۋە ھە‌ر قېتىم قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت دۇ‌ئا قىلماڭ،‏ يە‌ھۋا سىزنى تىڭشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏3؛‏ 88:‏1)‏.‏ قايتا-‏قايتا يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراڭ،‏ ئۇ ھە‌ردائىم سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏9–‏13.‏

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏16)‏

13 باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى ھالسىزلىنىپ،‏ ئۆزىڭىزنى كۈچ-‏ماغدۇ‌رسىز ھېس قىلامسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سىزگە كۈچ بېرىپ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ فىلورا بىلە‌ن ئېرى بىرلىكتە ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى (‏مىسسىئونېر)‏ بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئېرى زىنا قىلغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئاجرىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ فىلورا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئېرىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى ئويلاپ،‏ قە‌لبىم زېدە بولۇ‌پ،‏ ئاچچىق ھە‌سرە‌تكە تولۇ‌پ كە‌تتى.‏ ئوي-‏پىكىرىمنى باشقا ئىشلارغا قارىتىش بە‌ك قىيىن بولدى.‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بۇ قىيىنچىلىققا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىدىم.‏ دە‌سلە‌پتە قە‌ددىمنى رۇ‌سلاش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ فىلورا ئورنىدىن تۇ‌رغان».‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىپ كە‌لگە‌نلىكىنى ھېس قىلغان ۋە بۇ ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «زە‌بۇ‌ر 119:‏32-‏دىكى سۆزلە‌ر مېنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ:‏ «بۇ‌يرۇ‌قلىرىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن يۈگۈرە‌يمە‌ن.‏ چۈنكى،‏ سە‌ن كۆڭلۈمنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زىسە‌ن»».‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ سىزگە تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌نە نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ خۇ‌دانىڭ روھى سىزگە تە‌سىر قىلىدىغان ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىڭ.‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏8،‏ 9)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئالاھىدە دىققە‌ت قىلىڭ ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساندىرا نۇ‌رغۇ‌ن جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت،‏ دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يۈسۈپ توغرىسىدىكى بايانلار دائىم ماڭا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ كە‌لدى.‏ ئۇ ئادالە‌تسىزلىك ۋە باشقا سىناقلارنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ھېچنە‌رسىنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌شىغا يول قويمىغان».‏—‏يارىت.‏ 39:‏21–‏23.‏

يە‌ھۋا ئېتىقادداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ

15.‏ كىملە‌ر بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏ ئۇ‌لار بىزگە قانداق ياردە‌م قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

15 بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ (‏كولوسى.‏ 4:‏11)‏.‏ ئۇ‌لار ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىسپاتلىغان.‏ قېرىنداشلىرىمىز بىزگە ھە‌مراھ بولىدۇ،‏ ئىچ-‏باغرىمىزنى تۆكۈپ دە‌رد ئېيتساق،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ دە‌ردىمىزگە ھە‌مدە‌رد بولىدۇ.‏ بىز بىلە‌ن بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلىشى ياكى كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن بىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىشى مۇ‌مكىنd (‏رىملىقلار 15:‏4)‏.‏ بە‌زىدە قېرىنداشلار يە‌ھۋانىڭ ۋە‌زىيىتىمىزگە قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سېلىپ،‏ كۆڭلىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆزىمىزنى كۈچ ماغدۇ‌رسىز ھېس قىلىپ تۇ‌رغاندا،‏ قېرىنداشلار تاماق ئېتىپ ئە‌كېلىشى ياكى باشقا ئىشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

ئىككى ئاقساقال دوختۇ‌رخانىدا ياتقان بىر قېرىنداشنى يوقلاۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابلىرى ئوچۇ‌ق تۇ‌رىدۇ.‏

ھە‌قىقىي،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا يېتىلگە‌ن دوستلار ياردە‌م ۋە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


16.‏ باشقىلار بىزگە ياردە‌م بېرە‌لىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 بە‌زىدە قېرىنداشلارنىڭ بىزگە ياردە‌م بېرە‌لىشى ئۈچۈن،‏ خىجىل بولماي ئۇ‌لاردىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ قېرىنداشلارنى بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىمىزنى ۋە نېمىگە مۇ‌ھتاجلىقىمىزنى بىلمە‌سلىكى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 14:‏10)‏.‏ ئە‌گە‌ر كۆڭلىمىز ئازار يە‌پ،‏ ھە‌سرە‌ت چېكىپ يۈرسە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا يېتىلگە‌ن يېقىن دوستلىرىڭىزغا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىپ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.‏ ئۆزىڭىز يېقىن كۆرگە‌ن بىر-‏ئىككى ئاقساقال بىلە‌ن پاراڭلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏ بە‌زى ئايال قېرىنداشلار پىشىپ يېتىلگە‌ن ئايال قېرىنداش بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ كۆڭلى تە‌سە‌للى تېپىپ قالغان.‏

17.‏ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىمىزگە نېمە توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

17 ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رماڭ.‏ بە‌زىدە كۆڭلۈڭىز بە‌ك يېرىم بولغاچقا،‏ باشقىلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى خالىماي،‏ ئۆزىڭىزنى قاچۇ‌رۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانسىز.‏ بە‌زىدە ئېتىقادچى قېرىنداشلار سىزنى ناتوغرا چۈشىنىپ قېلىشى ياكى كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتىپ قويىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ياقۇ‌پ 3:‏2)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئارىلىشىشتىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچماڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لار ئارقىلىق سىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ.‏ چۈشكۈنلۈك ئازابىنى تارتقان گېۋىن ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دوستلىرىم بىلە‌ن پاراڭلىشىشنى ياكى ئۇ‌لار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمە‌ن».‏ ئە‌مما،‏ گېۋىن يە‌نىلا دوستلىرى بىلە‌ن ئارىلىشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.‏ شۇ‌نداق قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ ئاستا-‏ئاستا ئۆزىنى ياخشىراق ھېس قىلغان.‏ ئامىي ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىلگىرى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك،‏ مە‌ن باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشە‌نمە‌يمە‌ن.‏ لېكىن،‏ مە‌ن تىرىشىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى ۋە ئۇ‌لارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋاتىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىمە‌ن،‏ ئۆزۈممۇ خۇ‌شال بولىمە‌ن».‏

يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىدىن تە‌سە‌للى تېپىڭ

18.‏ كېلە‌چە‌كتە بىزنى قانداق ئىشلار كۈتمە‌كتە ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىز نېمە قىلالايمىز؟‏

18 بىزنى ئاجايىپ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتمە‌كتە!‏ مە‌يلى كېسە‌ل ئازابى تارتقان تە‌نلىرىمىز ياكى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تتە زېدە بولغان يۈرە‌كلىرىمىز بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا پات-‏يېقىندا ھە‌ممىسىنى پۈتۈنلە‌ي ساقايتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ بېشىمىزدىن ئۆتكە‌ن ئازابلىق كۈنلە‌ر ئېسىمىزگە كە‌لمە‌يدۇ (‏يە‌شايا 65:‏17)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆڭۈل يارىلىرىمىزنى تېڭىپ قويۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ئۇ تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن بىزگە تە‌سە‌للى ۋە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن ياخشى پايدىلىنىڭ.‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماڭكى،‏ ئۇ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نىڭغا سىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن گۇ‌مانلانماڭ!‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  ئۆزىمىزنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  •  ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزغا پۇ‌شايمان قىلىپ يۈرسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  •  ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزگە قانداق تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

a  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b  «‏يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

c  يە‌ھۋا بىلە‌ن مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشنى خالىساق،‏ گۇ‌ناھلىرىمىزغا ئاللىقاچان چىن كۆڭلىمىزدىن توۋا قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ گۇ‌ناھىمىزنى ئىقرار قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن كە‌چۈرۈم سورىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز لازىم.‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولساق،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللاردىن ھە‌م ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15.‏

d  «ھاياتىمىزنى يېتە‌كلە‌يدىغان ئايە‌تلە‌ر» (‏باشقا تىلدا)‏ «‏غە‌م-‏ئە‌ندىشە‏» ۋە «‏تە‌سە‌للى‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌لارغا قاراڭلار.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش