41-تەتقىق ماقالىسى
5-ناخشا مەسىھ — بىزنىڭ ئۈلگىمىز
ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«ئۇلار ئۇنى 40 كۈن ئۇدا كۆردى ھەم ئۇ ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بەردى».—ئەلچى. 1:3.
مەركىزى ئىدىيە
ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى 40 كۈن ئىچىدە نېمىلەرنى قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
1، 2. ئىمايۇس دېگەن يېزىغا ماڭغان ئەيسانىڭ ئىككى شاگىرتى كۈتۈلمىگەن قانداق ئىشقا يولۇققان؟
مىلادى 33-يىلى، 16-نىسان كۈنى. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت ۋە قورقۇنچ ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى. شاگىرتلاردىن ئىككىسى يېرۇسالىمدىن ئايرىلىپ، 11 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىمايۇس يېزىسىغا قاراپ ماڭغان. ئۇلار ئىنتايىن چۈشكۈن ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەن ۋە ئۇنى يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد باغلىغان. لېكىن، يېقىندا مەسىھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىققان. ئەمما، ئۇلار كۈتمىگەن بىر ئىش يۈز بەرگەن.
2 يولدا بىر ناتونۇش ئادەم ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. شاگىرتلار ئۇستازى ئەيساغا نېمە بولغانلىقىنى ئېيتىپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ناتونۇش كىشى ئۇلارنىڭ ھېچقاچان ئېسىدىن چىقمايدىغان سۆزلەرنى قىلىشقان باشلىغان. ئۇ مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن سۆز باشلاپ، مەسىھنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب چېكىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئىمايۇس يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بۇ ناتونۇش ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. شاگىرتلار مەسىھنىڭ ھايات ئىكەنىنى بىلگەندە، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ كۆرۈڭ!.—لۇقا 24:13–35.
3، 4. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا نېمە بولغان ۋە بىز بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (ئەلچىلەر 1:3)
3 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغان ئاخىرقى 40 كۈن ئىچىدە، بىر نەچچە قېتىم شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگەن (ئەلچىلەر 1:3-نى ئوقۇڭ). شاگىرتلار ئەسلىدە ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قايغۇ-ھەسرەت ۋە قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ئىدى. لېكىن، 40 كۈن ئىچىدە شاگىرتلار تامامەن ئۆزگەردى. ئەمدى ئۇلار شاد-خۇراملىق ئىچىدە، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە جاسارەت بىلەن خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلغان ۋە تەلىم بەرگەنa.
4 ئەيسانىڭ ئاشۇ 40 كۈن جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىنى تەپسىلىيراق كۆرۈپ چىقساق، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز: ئەيسا شۇ 40 كۈندە (1) شاگىرتلىرىغا ئىلھام-مەدەت بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؛ (2) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇرراق چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بەرگەن ۋە (3) ئۇلارنى ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن نېمە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ جەھەتلەردە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ
5. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىلھام-مەدەتكە مۇھتاج ئىدى؟
5 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىلھام-مەدەتكە مۇھتاج بولغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسانىڭ يېنىدا بولۇش ئۈچۈن شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى ئۆي-جايلىرى، ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ھۈنەر كەسىپلىرىنى تاشلىغان (مەتتا 19:27). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بولغاچقا، باشقىلار ئۇلارنى چەتكە قېقىپ، ناچار مۇئامىلە قىلغان (يۇھاننا 9:22). شاگىرتلار شۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە رازى بولغان ئىدى، سەۋەبى ئۇلار ئەيسانىڭ خۇدا ئەۋەتىشنى ۋەدە قىلغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن (مەتتا 16:16). لېكىن، ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان.
6. ئەيسا مەسىھ تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلغان؟
6 ئەيسا شاگىرتلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭلاشقا، ئۇ تىرىلگەن كۈنىدىن باشلاپ، ئاشۇ دوستلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا باشلىغان. مەسىلەن، ئۇ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا يىغلاۋاتقان مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنگەن (يۇھاننا 20:11، 16). بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئابزاسلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى شاگىرتقا كۆرۈنگەن. كېيىنرەك، ئەلچى پېترۇسقا كۆرۈنگەن (لۇقا 24:34). ئۇنداقتا، ئەيسا تۇنجى قېتىم مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنگەندە نېمە ئىش بولغان ۋە ئۇ قالدۇرغان ئۈلگىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ كېلىڭ، بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.
7. يۇھاننا 20:11–16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 16-نىسان سەھەردە ئەيسا مەجدەللىك مەريەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرغان ۋە بۇ ئۇنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
7 يۇھاننا 20:11–16-نى ئوقۇڭ. 16-نىسان كۈنى تاڭ سەھەردە، بىرنەچچە ئاياللار ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان قەبرىگە باردى (لۇقا 24:1، 10). شۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەممۇ بار ئىدى. مەريەم قەبرىگە كىرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتى يوقلىقىنى كۆردى. ئاندىن، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ پېترۇس بىلەن يۇھانناغا خەۋەر قىلدى. ئىككىسى ئۇچقاندەك قەبرىگە يۈگۈرۈپ كەتتى، مەريەممۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كەلدى. ئىككى ئەلچى ھەقىقەتەن قەبرىدە جەسەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. ئەمما، مەريەم شۇ يەردە قېلىپ، يىغلاپ تۇراتتى. شۇ چاغدا، ئەيسانىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىنى مەريەم بىلمەيتتى. ئەيسا بۇ ساداقەتمەن ئايالنىڭ تۆككەن كۆز يېشىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا مەريەمگە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان بىر ئىشنى قىلدى. ئۇ مەريەم بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا مۇھىم بىر ئىشنى تاپشۇردى، يەنى شاگىرتلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.—يۇھاننا 20:17، 18.
ئېتىقاد قېرىنداشلارنىڭ قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ (7-ئابزاسقا قاراڭ)
8. بىز ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
8 بىز ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرساق، ئەيسانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز. جوسېلىن ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئېچىنىشلىق بىر ۋەقەدە قازا قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر مەزگىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەن قايغۇ-ھەسرەت پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ھېچ ئۆزۈمنى تاپالماي قالغان ئىدىم». ئەمما، بىر جۈپ ئەر-ئايال بۇنى بايقىغان ۋە جوسېلىننى مېھمانغا چاقىرغان. ئۇ دەردىنى تۆككەندە، ئۇلار سەۋرچانلىق بىلەن زەن قويۇپ ئاڭلىغان ۋە تەسەللى بېرىپ يەھۋا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جوسېلىن يەنە مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدا، ئۆزۈمنى قاپقاراڭغۇ دېڭىزدا بوران-چاپقۇن ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. بىراق، يەھۋا شۇ ئەر-ئايالنى قوللىنىپ، مېنى قۇتقۇزۇش كېمىسىگە تارتىپ چىقاردى. ئۇلار بەرگەن ئىلھام-مەدەت بىلەن، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىم قايتا كۈچەيدى». ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز دەردىنى تۆكۈپ بەرگەندە، بىزمۇ سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارغا تەسەللى بېرەيلى. شۇنداق قىلساق، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىپ، داۋاملىق يەھۋاغا قىزغىن خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.—رىملىقلار 12:15.
باشقىلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ
9. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە ئەيسا ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
9 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقان (يۇھاننا 17:6). بىراق، ئۇلار ئەيسانىڭ جىنايەتچى قاتارىدا ئۆلتۈرگەنلىكىنى يەنىلا چۈشەنمىگەن ئىدى. ئەيسا شۇنى ياخشى بىلەتتى، شاگىرتلار يەھۋاغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيەتتى. بىراق، مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇرراق چۈشەنمىگەچ، شۇنداق ئىككىلىنىپ گۇمان قىلغان (لۇقا 9:44، 45؛ يۇھاننا 20:9). شۇڭا، ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ مۇقەددەس يازمىلار ئاساسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ھازىر، ئىمايۇس يېزىسىغا ماڭغان ئىككى شاگىرتىغا كۆرۈنگەندە، ئەيسانىڭ نېمە قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
10. ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بەرگەن؟ (لۇقا 24:18–27)
10 لۇقا 24:18–27-نى ئوقۇڭ. دىققەت قىلسىڭىز، ئەيسا دەرھاللا ئىككى شاگىرتىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنىنى ئېيتمىغان. بۇنىڭ ئورنىغا سوئاللارنى قويغان. نېمە ئۈچۈن؟ بەلكىم، ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئوي-خىياللىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى خالىغان. ئۇلار شاگىرتلار ئۆزلىرىنى ئوي-پىكىرىنى ئېيتقان. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانى ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولۇپ، خەلقنى رىملىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزىدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق، ئەمدى ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئايەتلەرنى ئىشلىتىپ، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەدە قىلىنغان مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەنb. شۇ كۈنى كەچتە، ئەيسا باشقا شاگىرتلارغا كۆرۈنگەندىمۇ بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن (لۇقا 24:33–48). بۇ بايانلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
11، 12. (1) بىز ئەيسانىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ). (2) بىر بۇرادەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان نورتىيغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
11 ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىرىنچىدىن، بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ قانداق ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ (پەند. نە 20:5). ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىدە، ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ئايەتلەرنى قانداق ئىزدەپ تاپسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ. لېكىن، بىۋاستە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتماڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان ئايەتلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇلارنى ھاياتىدا قوللانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىڭ. ھازىر بىرلىكتە گانادا ياشايدىغان نورتىي ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.
12 نورتىي 16 يېشىدا، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىنى باشلىغان. بىراق، كۆپ ئۆتمەي ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىققان. ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇنىڭ تەتقىق ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان بۇرادەر مەتتا 10-بابنى قوللىنىپ، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. نورتىي مۇنداق دەيدۇ: «ئۆيدىكىلەر قارشى چىقىشقا باشلىغاندا، ھەقىقەتنى تاپقانلىقىمغا ئىشەندىم». بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاشۇ بۇرادەر يەنە نورتىينىڭ مەتتا 10:16-دىكى سۆزلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، نورتىي ئۆيىدە دىن توغرۇلۇق گەپ-سۆزلەر بولغاندا، ئېھتىياتچان بولۇش ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. نورتىي چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى خالىغان. بىراق، دادىسى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىنى خالايتتى. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ تەتقىق ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتقان بۇرادەر نورتىيغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان، ئەكسىچە سوئاللارنى قويۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىكى پرىنسىپلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. نورتىي قانداق قارار چىقارغان؟ ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى قارار قىلغان. بىراق، دادىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ توغرا قارار چىقارغىنىمغا ئىشىنىمەن». بىزمۇ باشقىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلساق، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.—ئەفەس. 3:16–19.
باشقىلارنى مۇقەددەس كىتاب ئۈستىدە چوڭقۇر ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ (11-ئابزاسقا قاراڭ)e
بۇرادەرلەرنىڭ «ھەدىيەلەر سۈپىتىدە» بېرىلگەن كىشىلەر بولۇشىغا ياردەم بېرىڭ
13. ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش خىزمىتى داۋام قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ (ئەفەسلىكلەر 4:8)
13 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ئاتىسى تاپشۇرغان ئىشنى مۇكەممەل ئورۇندىغان (يۇھاننا 17:4). بىراق، ئۇ ھېچقاچان شۇنداق ئوي-پىكىردە بولمىغان: «پەقەت مەنلا يەھۋا تاپشۇرغان ئىشنى توغرا قىلالايمەن». ئەيسا يەر يۈزىدە ئۈچ يېرىم يىل ۋەز قىلغان مەزگىلدە، شاگىرتلىرىغا قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆتكەن. ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا ئىشىنىپ، خۇش خەۋەر ھەققىدە ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش، يەھۋانىڭ پادىسىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى تاپشۇرغان. شۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى 20 نەچچە ياشلاردا ئىدى (ئەفەسلىكلەر 4:8-نى ئوقۇڭ). ئەيسا يەر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈندە، بۇ تىرىشچان ۋە ساداقەتمەن ئەرلەرنىڭ «ھەدىيەلەر سۈپىتىدە» بېرىلگەن كىشىلەر بولۇشىغا قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
14. ئەيسا يەر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈندە، ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمىلەرنى ئۆگەتكەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۇدۇل، ئەمما مېھرىبانلىق بىلەن نەسىھەت بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ بەزى شاگىرتلار ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە قارىتا گۇماندا بولۇپ، ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ئەيسا ئۇلارغا نەسىھەت بېرىپ، كۆڭلىدىكى گۇماندىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن (لۇقا 24:25–27؛ يۇھاننا 20:27). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شاگىرتلارنى دىققەت-ئېتىبارىنى كۆپرەك يەھۋانىڭ پادىسىدىن خەۋەر ئېلىشقا قارىتىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇلارنى پۇل تېپىشقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان (يۇھاننا 21:15). ئۇ يەنە ئۇلارغا ئۆز ۋەزىپىسىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرى بىلەن سېلىشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتكەن (يۇھاننا 21:20–22). ئۇلارنىڭ خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بەزى خاتا چۈشەنچىلىرىنى تۈزىتىپ، دىققىتىنى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن (ئەلچى. 1:6–8). ئاقساقاللار ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، بۇرادەرلەرنىڭ كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا لاياقەتلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىڭ (14-ئابزاسقا قاراڭ)
15، 16. (1) ئاقساقاللار ئەيسا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (2) پاترىك ئۆزىگە بېرىلگەن نەسىھەتنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟
15 ئاقساقاللار ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ بۇرادەرلەر جامائەتتە كۆپرەك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق بولالىشى ئۈچۈن، ئاقساقاللار ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆگىتىشى كېرەك. تېخى ياش بۇرادەرلەرنىمۇ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش زۆرۈرc. لېكىن، ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى كۈتمەيدۇ. ئاقساقاللار مېھرىبانلىق بىلەن مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بەرسە، ياش بۇرادەرلەر كۆپرەك تەجرىبە توپلىيالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىچىك پېئىل ۋە ئىشەنچىلىك ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىپ، باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا تەييار بولىدۇ.—1-تىموت. 3:1؛ 2-تىموت. 2:2؛ 1-پېتر. 5:5.
16 نەسىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن پاترىك ئىسىملىك بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ تېخى ياش ۋاقتىدا، ھەتتا ئايال قېرىنداشلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، قوپال مۇئامىلە قىلغان. ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئاقساقال ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن، ئەمما ئۇدۇل نەسىھەت بەرگەن. پاترىك مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقال ماڭا ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشىم توغرۇلۇق نەسىھەت بەرگىنى ئۈچۈن خۇشال بولدۇم. مەن ئىلگىرى باشقىلار ئۆزۈم خالىغان خىزمەتنى قىلىش شان-شەرىپىگە ئېرىشكەندە، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتەتتىم. ئەمما، شۇ ئاقساقال بەرگەن نەسىھەت ماڭا دىققىتىمنى جامائەتتە قانداقتۇ بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا ئەمەس، كەمتەرلىكنى ئۆگىنىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا كۆپرەك سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قارىتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بەردى». نەتىجىدە، پاترىك 23 يېشىدا جامائەتتە ئاقساقال بولۇشقا تەيىنلەنگەن.—پەند. نە 27:9.
17. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ئىشەنگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
17 ئەيسا شاگىرتلىرىغا پەقەت ۋەز قىلىشنىلا ئەمەس، باشقىلارغا تەلىم بېرىش ۋەزىپىسىنىمۇ تاپشۇرغان (مەتتا 28:20). بەلكىم، شاگىرتلار ئۆزلىرىنى ئاشۇ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ ئويلىغان. لېكىن، ئەيسا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدىغانلىقىدىن گۇمانلانماي، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا تولۇق ئىشىندىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاتام مېنى قانداق ئەۋەتكەن بولسا، مەنمۇ سىلەرنى شۇنداق ئەۋەتىۋاتىمەن».—يۇھاننا 20:21.
18. ئاقساقاللار ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
18 ئاقساقاللار ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ تەجرىبىلىك ئاقساقاللار باشقا بۇرادەرلەرگە بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ (فىلىپى. 2:19–22). مەسىلەن، ئۇلار ياش بۇرادەرلەرنى يىغىلىش زالىنى تازىلاپ ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا چاقىرسا بولىدۇ. ئاقساقاللار بۇرادەرلەرگە مەلۇم بىر ئىشنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئۇ ئىشنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇلغان ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. يېقىندا ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگەن مەتىيۇۋ ئۆزىگە تەجرىبىلىك ئاقساقاللار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قانداق ئورۇنداشنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ قالماي، شۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆگەنگەندە، بەزىدە خاتا قىلىپ قويغان بولساممۇ، بۇرادەرلەر شۇ خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، تېخىمۇ ئالغا بېسىشىمغا ياردەم بەردى. ھەقىقەتەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم»d.
19. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
19 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغان ئاخىرقى 40 كۈندە، قىزغىن باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت ۋە تەلىم بەرگەن ئىدى. بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلايلى (1-پېتر. 2:21). ئۇ ئۆزى بىزگە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇنداق ۋەدە بەرگەن: «مەن بۇ زاماننىڭ ئاخىرىغىچە ھەردائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن».—مەتتا 28:20.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
a مۇقەددەس كىتابنىڭ تۆت خۇش خەۋەر كىتابلىرى ۋە باشقا يازمىلىرىدا ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن شاگىرتلىرىغا كۆپ قېتىپ كۆرۈنگەنلىكى يېزىلغان. مەسىلەن، مەجدەللىك مەريەمگە (يۇھاننا 20:11–18)، باشقا ئاياللارغا (مەتتا 28:8–10؛ لۇقا 24:8–11)، ئىككى شاگىرتىغا (لۇقا 24:13–15)، پېترۇسقا (لۇقا 24:34)، توماس يوق چاغدا ئەلچىلىرىگە (يۇھاننا 20:19–24)، توماس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغاندا، ئەلچىلىرىگە (يۇھاننا 20:26)، يەتتە شاگىرتلىرىغا (يۇھاننا 21:1، 2)، 500 دىن كۆپرەك شاگىرتلىرىغا (مەتتا 28:16؛ 1-كورىنت. 15:6)، ئىنىسى ياقۇپقا (1-كورىنت. 15: 7)، ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىگە (ئەلچى. 1:4)، بەيتانىياغا يېقىن ئەتراپتا ئەلچىلىرىگە كۆرۈنگەن (لۇقا 24:50–52). بەلكىم، ئەيسا باشقا ۋاقىتلاردىمۇ شاگىرتلارغا كۆرۈنگەن بۆلۈشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار خاتىرىلەنمىگەن.—يۇھاننا 21:25.
b مەسىھ ھەققىدىكى ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن، org.jw تور بېكىتىدىكى «مەسىھ ھەققىدىكى بېشارەتلەر ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىگە گە قاراڭ.
c بەزى ئەھۋاللاردا، 25 دىن 30 ياشقىچە بولغان لاياقەتلىك بۇرادەرلەر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلىنىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار جامائەتتە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىپ تەجرىبە توپلىغان بولۇشى كېرەك.
d ياش بۇرادەرلەر كۆپرەك مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىشقا لاياقەتلىك بولۇشىغا قانداق ياردەم بەرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەتلەرنى، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2018-يىل ئاۋغۇست ئېيى سانى، 11–12-بەتلەردىكى 15–17-ئابزاسلار ۋە 2015-يىل 15-ئاپرېل سانى 3–15-ئابزاسلاردىن تېپىشقا بولىدۇ.
e رەسىمدە: بىر بۇرادەر مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئايەتلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئۇ كىشى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۆي بېزەشكە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشنى قارار قىلدى.