11-تەتقىق ماقالىسى
142-ناخشا ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، قىزغىن ۋەز قىلىڭ
«ھەزرىتىمىز … ئۇلارنى ئۆزى بارماقچى بولغان ھەربىر شەھەر ۋە ھەربىر جايغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى».—لۇقا 10:1.
مەركىزى ئىدىيە
بىز قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشتا تۆت جەھەتتىن ئەيسانى ئۈلگە قىلىشنى ئۆگىنىمىز.
1. خۇدانىڭ خەلقى بۇ دۇنيادىكى ئادەملەردىن قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتىۋالغانلاردىن پەرقلىنىدۇ (تىتۇس 2:14). بىراق، بەزىدە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. يەھۋاغا تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «بەزىدە ۋەز خىزمەتكە بارغۇم كەلمەي، ئۆزۈمنى زورلاپ بارىمەن». بەلكىم، سىزمۇ شۇ ئاقساقالغا ئوخشاش ھېس قىلىدىغانسىز؟
2. بەزىدە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 بەلكىم، ۋەز قىلىشقا قارىغاندا، مۇقەددەس خىزمەتنىڭ باشقا تۈرلىرىگە قاتنىشىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانسىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇشى مۇمكىن؟ يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش، ئاسراش ياكى رېمونت قىلىشقا قاتناشقاندا، تەبىئىي ئاپەتتىن ئۇچرىغانلارغا ياردەملەشكەندە ياكى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرغاندا، دەرھال نەتىجىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىمىز قانائەت تاپىدۇ. قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئىنتايىن خۇشال بولىمىز، چۈنكى ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقتىن مەمنۇن بولىمىز. ئۇلار ئىش-ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەپ، مىننەتدار بولىدۇ. ۋەز خىزمىتى بولسا، تامامەن باشقىچە. بەزى يەرلەردە نۇرغۇن يىللار ۋەز قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، ھەقىقەتكە قىزىقىدىغان ئادەملەر بەك ئاز تېپىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشنى رەت قىلىپ، ھەتتا بىزنى تىللاپ ھاقارەتلەيدىغان ئادەملەرمۇ بار. شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، بىزگە قارشى چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ (مەتتا 10:22). ئۇنداقتا، ۋەز خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ قىزغىن بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
3. لۇقا 13:6–9-ئايەتلەردىن ئەيسانىڭ قىزغىنلىقى توغرۇلۇق نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
3 قىزغىن ۋەز قىلىشنى ئەيسادىن ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ يەر يۈزىدە ۋەز قىلغاندا، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ھېچقاچان سوۋۇمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ قىزغىن ۋەز قىلغان (لۇقا 13:6–9-نى ئوقۇڭ). ئەيسا تەمسىل كەلتۈرۈپ، ھەتتا ئۆزىنى باغۋەن بىلەن سېلىشتۇرغان. باغۋەن ئەنجۈر دەرىخىنى ئۈچ يىل پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ، بىرەر تالمۇ مېۋە بەرمەپتۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەيسا يۈزىدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋەز قىلغان بولسىمۇ، بەك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ شاگىرتى بولغان، كۆپۈنچە ئادەملەر خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالمىغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا بەل قويۇۋەتمەي، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
4. بۇ ماقالىدە قانداق تۆت نەرسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، بىز ئەيسانىڭ بولۇپمۇ ئاخىرقى ئالتە ئاي ئىچىدە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز (لۇقا 10:1). بىز ئەيسانىڭ بەرگەن تەلىملىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى بۈگۈنكى كۈندە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. ھازىر ئەيسانىڭ قايسى تۆت جەھەتتىن بىزگە ئۈلگە قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: (1) ئۇ دىققەت ئېتىبارىنى يەھۋانىڭ ئىرادىسى قاراتقان، (2) ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى چۈشەنگەن ۋە شۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرگەن، (3) يەھۋاغا تايانغان ۋە (4) ئۇ جەزمەن كىشىلەر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، قىلچە ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن.
ئۇ دىققىتىنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە قاراتقان
5. ئەيسا ھاياتىدا يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
5 ئەيسا مەسىھ پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قىزغىن ۋەز قىلغان. چۈنكى، ئۇ بۇ ئىشنى يەھۋانىڭ ئۆزى تاپشۇرغانلىقىنى بىلەتتى (لۇقا 4:43). ئەيسا ھاياتىدا ۋەز خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. ئۇ ھەتتا يەر يۈزىدىكى ئاخىرقى بىرقانچە ئايلاردا، «شەھەرلەر ۋە يېزىلارغا كىرىپ، تەلىم بېرىپ»، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن (لۇقا 13:22). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يېڭى شاگىرتلىرىغا قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆگەتكەن.—لۇقا 10:1.
6. ۋەز خىزمىتىنىڭ باشقا تۈردىكى خىزمەتلەر بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
6 بۈگۈنكى كۈندە، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا بىزگە تاپشۇرغان ئەڭ مۇھىم ئىش (مەتتا 24:14؛ 28:19، 20). يەھۋاغا قىلغان ھەرقانداق خىزمىتىمىز ئەمەلىيەتتە ۋەز خىزمىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مەسىلەن، يىغىلىش زاللىرىنى سېلىنغاچقا، بىز ئادەملەرنى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا چاقىرالايمىز. بەيتەلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەز ئىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. تەبىئىي ئاپەتتە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقانلار، قېرىنداشلارغا ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ قايتا ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ۋەز خىزمەتنىڭ يەھۋا تاپشۇرغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىساق، داۋاملىق ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىمىز. ۋېنگرىيىدە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان يانوش مۇنداق دەيدۇ: «مەن تەشكىلاتتىكى ھېچقانداق ۋەزىپە ۋەز قىلىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەڭ مۇھىم تاپشۇرۇق ئىكەنلىكىنى پات-پات ئېسىمگە سېلىپ تۇرىمەن».
بۈگۈنكى كۈندە ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ بىزگە تاپشۇرغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە — ۋەز قىلىش (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7. يەھۋا نېمە ئۈچۈن ھارماي-تالماي ۋەز قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟ (1-تىموتىي 2:3، 4)
7 ۋەز خىزمىتىدە تېخىمۇ قىزغىن بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بىز ئادەملەرگە يەھۋا خۇدانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قارىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتنى تونۇپ، قۇتقۇزۇلۇشىنى خالايدۇ (1-تىموتىي 2:3، 4-نى ئوقۇڭ). شۇڭلاشقا، ئۇ ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغان بۇ خەۋەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋەز قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، «ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تەييارلاڭ» دېگەن كىتابچىدە نۇرغۇن پايدىلىق مەسلىھەتلەر بار. ئۇنىڭدا شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن ئادەملەر بىلەن قانداق سۆز باشلاش كېرەكلىكى ياخشى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئادەملەر ھازىر خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالمىسىمۇ، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن پۇرسىتى بولىدۇ. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە ئۇلار ئېيتقانلىرىمىزنى ئەسلەپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى باشلىشى مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر ھارماي-تالماي ۋەز قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇ بېشارەتلەرنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرگەن
8. پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئەيسانىڭ ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىگە قانداق تەسىر قىلغان؟
8 ئەيسا مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. مەسىلەن، ئۇ يەر يۈزىدە ۋەز قىلىش خىزمىتىنىڭ پەقەت ئۈچ يېرىم يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلگەن (دانىيال 9:26، 27). ئۇ يەنە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، قىينىلىپ ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلگەن (لۇقا 18:31–34). شۇڭلاشقا، ئۇ ئۆز ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئاخىرىغىچە ئورۇنلاش ئۈچۈن، غەيرەت-شىجائەت بىلەن ۋەز قىلغان.
9. پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى نېمە ئۈچۈن بىزنى قىزغىن ۋەز ئېيتىشقا ئۈندەيدۇ؟
9 بىزمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ياخشى چۈشەنسەك، ۋەز خىزمىتىگە قىزغىن قاتنىشىمىز. بىلگىنىمىزدەك، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا ناھايىتى ئاز قالدى. مۇقەددەس كىتابتا ئاخىرقى كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە دۇنيادا قانداق ئىش-ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ئالدىن-ئالا يېزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ۋە برىتانىيە بىلەن روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى بولۇۋاتقان توقۇنۇشلار، ئاخىرقى كۈنلەردە مۇقەددەس كىتابتىكى شىمالىي پادىشاھ ۋە جەنۇبىي پادىشاھ ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز (دانىيال 11:40). ئۇنىڭدىن باشقا، دانىيال 2:43–45-ئايەتلەردىكى غايەت زور ھەيكەلنىڭ پۇتلىرى ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچلىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بىز خۇدا پادىشاھلىقى پات-ئارىدا ئادەملەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارچە ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇ ۋاقىت كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئاز قالغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، قالغان ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بار كۈچىمىز بىلەن قىزغىن ۋەز قىلايلى!
10. مۇقەددەس كىتابتىكى يەنە قانداق بېشارەتلەر بىزنى قىزغىن ۋەز قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
10 بىز مۇقەددەس كىتابتىكى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان بېشارەتلىك سۆزلەر بىزنى ۋەز ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەز قىلىدىغان كېرىى ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ گۈزەل كېلەچەك توغرىسىدىكى ئاجايىپ ۋەدىلىرى مېنى ھەقىقەتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ خۇدانىڭ ئاجايىپ ۋەدىلىرى توغرۇلۇق بىلىشكە مۇھتاجلىقىنى چۈشىنىمەن». ئۇنىڭدىن باشقا، بېشارەتلىك سۆزلەر قورقماي تۈرلۈك ئىنسانلارغا ۋەز قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، چۈنكى، بىز ۋەز خىزمىتىنى يەھۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. ۋېنگىرىيىدىكى لالە ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: « يەشايا 11:6–9-ئايەتلەردە يېزىلغان سۆزلەر، مېنى ھەتتا خۇش خەۋەرنى قۇبۇل قىلمايدىغاندەك كۆرۈنگەن كىشىلەرگە ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھەرقانداق ئادەم ئۆزگىرەلەيدۇ». زامبىيىدە ياشايدىغان كرىستوفېر ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ماركۇس 13:10-ئايەتتە ئالدىن ئېيتىلغاندەك، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا جاكارلىنىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئىشقا ئۆز ھەسسەمنى قوشۇش مەن ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ!». قايسى بېشارەتلىك سۆزلەر سىزنى قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
ئۇ يەھۋاغا تايانغان
11. نېمە ئۈچۈن ئەيسا قىزغىن ۋەز قىلىش ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغان ئىدى؟ (لۇقا 12:49، 53)
11 ئەيسا مەسىھ يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلغان. ئۇ پەم-پاراسەت بىلەن ۋەز قىلغان بولسىمۇ، ھەممىلا كىشىلەرنىڭ پادىشاھلىق خۇش خەۋىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئاچچىقلىنىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەن (لۇقا 12:49، 53-نى ئوقۇڭ). دىنىي رەھبەرلەر ئەيسانى ۋەز قىلغانلىقى ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان (يۇھاننا 8:59؛ 10:31، 39). لېكىن، يەھۋانىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئەيسا ۋەز قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن يالغۇز ئەمەسمەن، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام مەن بىلەن بىللە … ئۇ مېنى يالغۇز تاشلىۋەتمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن».—يۇھاننا 8:16، 29.
12. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى زىيانكەشلىككە قارىماي، داۋاملىق ۋەز قىلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغان؟
12 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ھەردائىم يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرغان. ئۇ قايتا-قايتا ئۇلارنى ھەتتا دۈشمەنلەر قارشى چىققاندىمۇ، يەھۋانىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن (مەتتا 10:18–20؛ لۇقا 12:11، 12). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ شاگىرتلىرىنى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندىگەن (مەتتا 10:16؛ لۇقا 10:3). ئەيسا ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ، ئەگەر ئادەملەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشنى خالىمىسا، ئۇلارنى مەجبۇرلىماسلىقنى ئېيتقان (لۇقا 10:10، 11). ئەيسا يەنە، ئەگەر ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، قېچىپ كېتىشىنى ئېيتقان ئىدى (مەتتا 10:23). گەرچە ئەيسا ئۆزى غەيرەت-شىجائەتلىك بولۇپ، يەھۋاغا تايانغان بولسىمۇ، ئۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، خەۋپ-خەتەرلەرگە بىھۇدە تەۋەككۈل قىلمىغان.—يۇھاننا 11:53، 54.
13. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ؟
13 بۈگۈنكى كۈندە، زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشىمىزگە قارىماي، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش ئۈچۈن، بىز يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج (ۋەھىي. 12:17). نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ؟ كېلىڭلار، يۇھاننا 17-بابتىكى ئەيسانىڭ دۇئاسىنى كۆرۈپ چىقايلى. مەسىھ ئۆز دۇئاسىدا يەھۋادىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى قوغداشنى سورىغان ۋە يەھۋا بۇ دۇئاغا جاۋاب بەرگەن. ئەلچىلەرنىڭ پائالىيىتى كىتابىدا، يەھۋانىڭ ياردىمىدە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشىلىققا قارىماي، قىزغىن ۋەز ئېيتقانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا يەنە دۇئادا يەھۋادىن باشقا بىر توپ كىشىلەر، يەنى ئەلچىلەر ۋەز قىلغان خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلەرنى قوغداشنى ئۆتۈنۈپ سورىغان. سىزمۇ شۇ ئىشەنگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بار. يەھۋا مۇشۇ كەمگىچە ئەيسانىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئەلچىلەرگە ياردەم بەرگەندەك، سىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.—يۇھاننا 17:11، 15، 20.
14. ۋەز قىلىش قىيىن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن داۋاملىق قىزغىن ۋەز قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنسەك بولىدۇ؟
14 بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، قىزغىنلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش قىيىنلىشىپ كەتسىمۇ، ئەيسا بىزگە ۋەدە قىلغاندەك، بىز ھەرگىزمۇ ياردەمسىز قالمايمىز (لۇقا 21:12–15). ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئادەملەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلمايمىز. ئەكسىنچە، كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش ياكى ئاڭلىماسلىقنى قارار قىلىشىنى ئۆزىگە قويۇپ بېرىمىز. ھەتتا پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن يەرلەردىمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئەمەس، يەھۋاغا تايانغاچقا، ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خۇددى يەھۋا بىرىنچى ئەسىردىكى خىزمەتچىلىرىگە كۈچ-مەدەت بەرگەندەك، بىزگىمۇ كۈچ-مەدەت بېرىدۇ ۋە بىز «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تولۇق» تاماملىيالايمىز (2-تىموت. 4:17). يەھۋاغا تايانساق، بىز چوقۇم غەيرەت-شىجائەت بىلەن ۋەز قىلالايمىز.
پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن چاغدىمۇ، قېرىنداشلىرىمىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ (14-ئابزاسقا قاراڭ)a
ئۇ ئادەملەردىن ئۈمىد ئۈزمىگەن
15. ئەيسانىڭ ئادەملەردىن ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟
15 ئەيسا ئۈمىد ئۈزمەي، بەزى ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرگە چوقۇم قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭلاشقا، ئۇ غەيرەت قىلىپ، داۋاملىق قىزغىن ۋەز قىلالىغان. مەسىلەن، مىلادى 30-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەيسا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سېلىشقا تەييار بولغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ئۇلارنى ئورما ئۈچۈن پىشقان ئېتىزدىكى زىرائەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغان (يۇھاننا 4:35). تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ھوسۇلنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتقان (مەتتا 9:37، 38). كېيىنرەك، ئۇ قايتا تەكىتلەپ: «ھوسۇل ھەقىقەتەن بەك كۆپ، … شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن ئۆز ھوسۇلىنى يىغىش ئۈچۈن ئورمىچىلارنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنۈپ سوراڭلار»،— دېگەن (لۇقا 10:2). ئەيسا مەسىھ ئۈمىد ئۈزمەي، بەزى ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋە شۇنداق ئادەملەرنى تاپقاندا، ئىنتايىن خۇشال بولغان.—لۇقا 10:21.
16. ئەيسا كەلتۈرگەن تەمسىللەر ۋەز خىزمىتىگە ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (لۇقا 13:18–21) (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
16 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش قىزغىنلىقىنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەز خىزمىتىنىڭ قانداق ئاجايىپ نەتىجە ئەكېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ كەلتۈرگەن ئىككى تەمسىلنى كۆرۈپ چىقايلى (لۇقا 13:18–21-نى ئوقۇڭ). بىرىنچى تەمسىلدە، ئۇ خۇش خەۋەرنى چوڭ بىر دەرەخكە ئايلىنىدىغان قىچا ئۇرۇقى بىلەن سېلىشتۇرغان. دېمەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھېچكىم ئۇنى توسۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككىنچى تەمسىلىدە، ئۇ خۇش خەۋەرنى خېمىرتۇرۇچ بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى كەڭ تارقىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەرھال كۆزگە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. نەتىجىدە، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ چوقۇم مول نەتىجە ئەكېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن.
ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۈمىد ئۈزمەي بەزى ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (16-ئابزاسقا قاراڭ)
17. نېمە ئۈچۈن بىز داۋاملىق ھارماي-تالماي ۋەز قىلىشىمىز كېرەك؟
17 بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ۋەز خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈش بىزنى داۋاملىق ۋەز خىزمەتتە قىزغىن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھەر يىلى مىليونلىغان ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدۇ ۋە مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈز مىڭلىغان ئادەم چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ۋەز قىلىشنى باشلايدۇ. خۇش خەۋەرنى يەنە قانچىلىك ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، لېكىن، بىر نەرسىنى ئېنىق بىلىمىزكى: ھازىر يەھۋا دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ قالىدىغان زور بىر توپ خالايىقنى يىغىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 7:9، 14). ھوسۇلنىڭ ئېگىسى بولغان يەھۋا يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز ھارماي-تالماي، داۋاملىق ۋەز قىلايلى.
18. ئادەملەر بىزنىڭ مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ؟
18 ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرى خۇش خەۋەرنى قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئەلچىلەرنىڭ يۈرەكلىك ھالدا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خەلق «ئۇلارنىڭ ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنى» چۈشەنگەن (ئەلچى. 4:13). بىزمۇ ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، غەيرەت-شىجائەت بىلەن، يۈرەكلىك ھالدا قىلايلى، شۇنداق قىلساق، ئادەملەر بىزنىڭمۇ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنىمىزنى كۆرۈپ يېتىشى مۇمكىن.
141-ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدەيمىز
a رەسىمدە: بۇرادىرىمىز ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر كىشىگە ۋەز قىلىۋاتىدۇ.