كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 مارت 8-‏13 ب.‏
  • يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشنى ئۆگىنە‌يلى!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشنى ئۆگىنە‌يلى!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىش
  • كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ
  • ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ڭ
  • ئە‌لچى پېترۇ‌سقا ئوخشاش داۋاملىق ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىقنى پە‌رقلە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 مارت 8-‏13 ب.‏

10-‏تە‌تقىق ماقالىسى

26-‏ناخشا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈر!‏

يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشنى ئۆگىنە‌يلى!‏

‏«مە‌سىھ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌ن ئىكە‌ن،‏ دېمە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىرادە بىلە‌ن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇ‌رۇ‌ڭلار»‏‏.‏—‏1-‏پېتر.‏ 4:‏1.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئە‌لچى پېترۇ‌س ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشنى قانداق ئۆگە‌نگە‌ن ۋە بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ يە‌ھۋانى سۆيۈش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

‏«‏خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ،‏ پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلە‌ن سۆيگىن» (‏لۇ‌قا 10:‏27)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئېيتقاندە‌ك،‏ بۇ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئە‌مر.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى پۈتۈن قە‌لبىمىز،‏ يە‌نى ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىز،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز بىلە‌ن سۆيۈشىمىز لازىم.‏ يە‌نە خۇ‌داغا پۈتۈن جېنىمىز ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى پۈتۈن زېھنىمىز بىلە‌ن سۆيۈشىمىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ھە‌ممە ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋادە‌ك ئويلاشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىنى ھېچقاچان تولۇ‌ق چۈشىنە‌لمە‌يمىز.‏ لېكىن،‏ بىز مە‌سىھنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى بىلىۋالساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭمۇ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئاتىسىنىڭ كۆز قارىشىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏16.‏

2 ئە‌يسا مە‌سىھ پۈتۈن زېھنى بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيگە‌ن.‏ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلگە‌ن ۋە ھە‌تتا ئازاب چېكىشكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ ئاشۇ ئىرادىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييار بولغان.‏ ئە‌يسا پۈتۈن زېھنىنى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا قاراتقان بولۇ‌پ،‏ ئۇ ھېچنە‌رسىنىڭ دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇ‌رىۋېتىشىگە يول قويمىغان.‏

3.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگە‌نگە‌ن ۋە پېترۇ‌س ئېتىقادداشلارنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏1)‏

3 پېترۇ‌س بىلە‌ن باشقا ئە‌لچىلە‌ر دائىم ئە‌يسانىڭ يېنىدا بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ پېترۇ‌س بىرىنچى خېتىدە ئېتىقادداشلىرىنى ئە‌يساغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر ياكى ئىرادە بىلە‌ن قوراللىنىشقا ئۈندىگە‌ن ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پېترۇ‌س خېتىدە «قوراللاندۇ‌رۇ‌ڭلار» دېگە‌ن ھە‌ربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ‌نى قوللانغان.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تونۇ‌پ يېتىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلساق،‏ بىزدە كۈچلۈك بىر قورال بار بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىز گۇ‌ناھكار تە‌بىئىتىمىز ۋە شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى بۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىگە قارشى كۈرە‌ش قىلالايمىز.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏3–‏5؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏12.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىنىمىز.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرى قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۈلگە قىلىشنى،‏ (‏2)‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ۋە (‏3)‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ساغلام پىكىرلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىز.‏

يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىش

5.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە پېترۇ‌سنىڭ ئوي-‏پىكىرى يە‌ھۋانىڭكى ئوي-‏پىكىرىگە ئوخشىمىغان؟‏

5 پېترۇ‌سنىڭ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز چۈشە‌نچىسىگە ئاساسلانغانلىقى توغرىسىدىكى بىر ۋە‌قە‌نى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئە‌لچىلىرىگە ئۆزىنىڭ يېرۇ‌سالىمغا بارىدىغانلىقى ۋە ئۇ يە‌ردە دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ خورلۇ‌ققا ئۇ‌چراپ قىينىلىپ،‏ ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 16:‏21‏)‏.‏ پېترۇ‌س ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بە‌لكىم ئۇ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئۆلۈشىگە يول قويمايدۇ دە‌پ ئويلىغاندۇ (‏مە‌تتا 16:‏16‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ ئە‌يسانى بىر چە‌تكە تارتىپ:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ خۇ‌دا سىزنى ساقلاپ،‏ بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئە‌سلا كە‌لمىسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏22‏)‏.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە،‏ پېترۇ‌س يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلىمىغاچقا،‏ ئە‌يسا بىلە‌نمۇ ئوي-‏پىكىرى بىر يە‌ردىن چىقمىغان.‏

6.‏ ئە‌يسا ئۆز ئوي-‏پىكىرىنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىگە ئوخشاشلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

6 ئە‌يسانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى ئاتىسىنىڭكىگە ئوخشاش بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ پېترۇ‌سقا:‏ «كۆزۈمدىن يوقال،‏ شە‌يتان!‏ سە‌ن ماڭا پۇ‌تلىكاشاڭ تاش.‏ چۈنكى سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇ‌دانىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىدۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا ئازاب چېكىپ ئۆلۈشى كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ن،‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ پېترۇ‌سنىڭ ياخشى نىيە‌ت بىلە‌ن ئېيتقان سۆزلىرىنى رە‌ت قىلغان.‏ پېترۇ‌س بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغان؟‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ بۇ بىز ئۈچۈنمۇ مۇ‌ھىم بىر ساۋاق.‏

7.‏ پېترۇ‌س ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭكى بىلە‌ن ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

7 ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ پېترۇ‌س ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئوخشاش ئويلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا باشقا مىللە‌ت كىشىلىرىنىڭ ئۆز خە‌لقىگە قوشۇ‌لۇ‌شىنى قارار قىلىپ،‏ پېترۇ‌سنى كورنىلىينىڭ ئۆيىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئادە‌تتە ئىسرائىللار باشقا مىللە‌تتىن چىققان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلاشمىغان،‏ شۇ‌ڭا خۇ‌دانىڭ بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن،‏ پېترۇ‌س ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ پېترۇ‌س يە‌ھۋانىڭ باشقا خە‌لقلە‌رگە قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ شۇ ھامان كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ پېترۇ‌س دە‌رھال خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌ن يە‌رگە بارغان (‏ئە‌لچى.‏ 10:‏28،‏ 29)‏.‏ ئۇ كورنىلىي ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆيدىكىلىرىگە ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئۇ‌لار چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 10:‏21–‏23،‏ 34،‏ 35،‏ 44–‏48.‏

كورنىلىي پېترۇ‌س بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرىنى ئۆيىنىڭ يۇ‌قىرىقى قە‌ۋىتىگە باشلاپ مېڭىۋاتىدۇ.‏

پېترۇ‌س كورنىلىينىڭ ئۆيىگە كىرىۋاتىدۇ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏8)‏

8 يىللار ئۆتۈپ،‏ پېترۇ‌س قېرىنداشلارغا «ھە‌ممىڭلار بىر نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تتە بولۇ‌ڭلار» دە‌پ يازغان ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌ربىرىمىز خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىنى ئۆزلە‌شتۈرسە‌ك،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىر يە‌ردىن چىقىدۇ.‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ھاياتىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ جامائىتىڭىزدىكى بىر قېرىنداش تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى باشلىماقچى بولدى دە‌يلى.‏ شۇ چاغدا،‏ سىز ئۇ‌نىڭغا ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ دە‌پ قىزغىنلىقىغا سۇ چاچامسىز ياكى ئۇ‌نى ماختاپ،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌مسىز؟‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ

9،‏ 10.‏ ئە‌يسا كە‌متە‌رلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

9 ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كېچىدە ئە‌يسا مە‌سىھ پېترۇ‌س ۋە باشقا ئە‌لچىلە‌رگە كە‌متە‌ر بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن ئاخىرقى قېتىم بىللە تاماق يېيىش ئۈچۈن،‏ پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننانى كە‌چلىك داستىخاننى تە‌ييارلاشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لار داستىخانغا ئولتۇ‌رۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ مېھمانلارنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌ش ئۈچۈن داس ۋە لۆڭگىلە‌رنىمۇ تە‌ييارلىغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كىم كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن كۆپچىلىكنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يىدۇ؟‏

10 ئە‌يسا ھېچ ئىككىلە‌نمە‌ي بۇ ئىشنى قىلىپ،‏ كە‌متە‌رلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئادە‌تتە قۇ‌للار قىلىدىغان بۇ ئىشنى قىلىپ،‏ ئە‌لچىلە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تونىنى كىيىمىنى يېشىپ،‏ لۆڭگىنى بېلىگە باغلاپ،‏ ئاندىن داسقا سۇ قۇ‌يۇ‌پ،‏ شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌شقا باشلىغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏4،‏ 5)‏.‏ 12 ئە‌لچىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌شقا بىراز ۋاقىت كە‌تسىمۇ،‏ ئە‌يسا بۇ ئىشنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئاخىرغىچە قىلغان.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلماقچى بولۇ‌ۋاتقان يە‌ھۇ‌دا ئىشقارىيوتنىڭ پۇ‌تىنى يۇ‌يغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌رگە نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشە‌ندىڭلارمۇ؟‏ سىلە‌ر مېنى ‹ئۇ‌ستاز› ۋە ‹ھە‌زرىتىم› دە‌پ ئاتايسىلە‌ر.‏ راست ئېيتىسىلە‌ر،‏ ھە‌قىقە‌تە‌نمۇ شۇ‌نداق.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر مە‌ن ھە‌زرە‌ت ۋە ئۇ‌ستاز بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌قلۇ‌ق سىلە‌رنىڭ پۇ‌تلىرىڭلارنى يۇ‌غاندىكىن،‏ سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌شۇ‌ڭلار كېرە‌ك».‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏12–‏14.‏

ھە‌قىقىي كە‌متە‌رلىك قە‌لبىمىزدە ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌ش بىلە‌نمۇ ئىپادىلىنىدۇ

11.‏ پېترۇ‌س كە‌متە‌رلىكنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏5)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

11 پېترۇ‌س ئە‌يسادىن كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسمانغا قايتىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌س تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىدىن توكۇ‌ر بولغان بىر كىشىنى ساقايتقان (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8،‏ 9؛‏ 3:‏2،‏ 6–‏8)‏.‏ بۇ مۆجىزىگە پۈتۈن خە‌لق ھە‌يران بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏11)‏.‏ پېترۇ‌س بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ خە‌لقنىڭ ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئويلىغانمۇ؟‏ نام-‏ئابرويغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولسىمۇ،‏ پېترۇ‌س ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭ [ئە‌يسانىڭ] ئىسىمى ئارقىلىق،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز ئارقىلىق سىلە‌ر كۆرۈپ تۇ‌رغان ۋە تونۇ‌يدىغان بۇ ئادە‌مگە كۈچ كىردى» (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏12–‏16)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ پېترۇ‌س ئۆز خېتىدە ئېتىقادداشلارنى كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندىگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ شۇ سۆز-‏ئىبارىنى يازغان پە‌يتتە،‏ ئە‌يسانىڭ بېلىگە لۆڭگىنى باغلاپ،‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغان چاغدىكى ھالىتىنى ئېسىگە ئالغاندۇ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئىبادە‌تخانىدا تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىدىن توكۇ‌ر،‏ ئە‌مما ھازىر ساقايتىلغان كىشى تۇ‌رغاندا،‏ پېترۇ‌س قولى بىلە‌ن ئاسماننى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

مۆجىزە قىلغاندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌س كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن شان-‏شە‌رە‌پنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بە‌رگە‌ن.‏ بىزمۇ كۆز-‏كۆز قىلىش ئۈچۈن ياكى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى چىن كۆڭلىمىزدىن ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


12.‏ پېترۇ‌سقا ئوخشاش كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

12 پېترۇ‌سنى ئۈلگە قىلىپ،‏ بىزمۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئادە‌م ئۆزىنىڭ كە‌متە‌رلىكىنى سۆزلىرى بىلە‌ن كۆرسە‌تسە،‏ بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ھە‌قىقىي كە‌متە‌رلىك قە‌لبىمىزدە ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌ش بىلە‌نمۇ ئىپادىلىنىدۇ.‏ بىز باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلساق،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن قىلىمىز.‏ ھە‌تتا ھېچكىم بايقىمىغان چاغدىمۇ خۇ‌داغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلساق،‏ بۇ ھە‌قىقىي كە‌متە‌ر كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏1–‏4‏.‏

ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ڭ

13.‏ ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ش دېگىنىمىز نېمە؟‏ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏7)‏ ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى قارار چىقارغاندا،‏ ئۆزىنىڭ ئە‌قىل-‏پاراسىتىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ھاياتىدا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ھە‌ممە نە‌رسىدىن مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويىدۇ.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۆز-‏ئۆزىگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى دائىم كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭ ئۇ‌نىڭغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

14.‏ بىر قېتىم پېترۇ‌س يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزىگە تايانغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

14 ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كېچىسى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شاگىرتلىرىنى:‏ «بۈگۈن كېچە ھە‌ممىڭلار مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك مېنى تاشلاپ كېتىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا،‏ پېترۇ‌س دە‌رھال:‏ «ھە‌ممىسى سىزنى تاشلاپ كە‌تسىمۇ،‏ مە‌ن سىزنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏ شۇ كېچىسى ئە‌يسا يېنىدىكى بىرنە‌چچە شاگىرتىغا:‏ «ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شتىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋاملىق سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌پ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 26:‏31،‏ 33،‏ 41‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر پېترۇ‌س ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ دۇ‌ئا قىلغان بولسا،‏ يۈرە‌كلىك ھالدا ئۆزىنى ئە‌يسانىڭ شاگىرتى ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلالىغان بولاتتى.‏ ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌پ،‏ دۇ‌ئا قىلمىغاچقا،‏ ئۈچ قېتىم ئە‌يسادىن تانغان ۋە كېيىن ۋىجدان قاتتىق ئازابلىنىپ،‏ پۇ‌شايمان قىلغان.‏—‏مە‌تتا 26:‏69–‏75‏.‏

15.‏ ئە‌يسا ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى ساغلام ئوي-‏پىكىرىنى ساقلىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

15 ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغان بولسىمۇ،‏ ھېچقاچان ئۆزىگە تايانمىغان.‏ ئۇ پۈتۈنلە‌ي يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاپ،‏ قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ جاسارە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىيالىغان (‏مە‌تتا 26:‏39،‏ 42،‏ 44؛‏ يۇ‌ھاننا 18:‏4،‏ 5)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كېچىسى قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقى،‏ بىر ئۆمۈر پېترۇ‌سنىڭ ئېسىدىن چىقمىغان.‏

16.‏ پېترۇ‌س ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌شنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏7)‏

16 ۋاقىت ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ پېترۇ‌سمۇ دائىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ كۆپرە‌ك يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پېترۇ‌س ۋە باشقا ئە‌لچىلە‌رگە كۆرۈنۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نداشقا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھ چۈشىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا شۇ ئىش يۈر بە‌رمىگۈچە يېرۇ‌سالىمدىن كە‌تمە‌ي،‏ كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرىغان (‏لۇ‌قا 24:‏49؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏4،‏ 5)‏.‏ كۈتۈپ تۇ‌رغان شۇ مە‌زگىلدە،‏ پېترۇ‌س نېمە ئىش قىلغان؟‏ پېترۇ‌س ۋە باشقا ئېتىقادداشلار دائىم بىللە جە‌م بولۇ‌پ،‏ بىرلىكتە دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىشقان (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏13،‏ 14)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ پېترۇ‌س بىرىنچى خېتىدە قېرىنداشلارنى ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌پ،‏ دائىم خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ پېترۇ‌س يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگىنىپ،‏ جامائە‌تنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م تۈۋرۈكىگە ئايلانغان.‏—‏گالاتىيا.‏ 2:‏9.‏

17.‏ مە‌يلى قانداق تۇ‌غما قابىلىيىتىمىز بار بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىمىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

17 ساغلام-‏ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم.‏ مە‌يلى قانداق تۇ‌غما قابىلىيىتىمىز بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىپ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بىز مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن يوليورۇ‌ق سورىشىمىز لازىم.‏ چۈنكى،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئە‌ڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏

پېترۇ‌س دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بىزمۇ يە‌ھۋادىن،‏ بولۇ‌پمۇ مۇ‌ھىم قارارلارنى قىلغاندا ياردە‌م سورىساق،‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏a


18.‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 خۇ‌دايىمىز بىزنى ئۆزىنىڭ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلالايدىغان قابىلىيە‌ت بىلە‌ن ياراتقان،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ (‏يارىت.‏ 1:‏26)‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئۇ‌نى مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تتە ئۈلگە قىلالمايمىز (‏يە‌شايا 55:‏9)‏.‏ لېكىن،‏ بىزمۇ پېترۇ‌سقا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۈلگە قىلىش،‏ كە‌متە‌ر ۋە ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتە‌يلى!‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

  •  كە‌متە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

  •  ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

a رە‌سىمدە:‏ قېرىندىشىمىز ئىشقا قوبۇ‌ل قىلىش يۈز تۇ‌رانە سۆھبىتىگە كىرىشتىن ئاۋۋال ئۈنسىز دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش