كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 ئۆكتە‌بىر 12-‏17 ب.‏
  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ
  • باشقىلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ
  • بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن كىشىلە‌ر بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ
  • ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ قىزغىن ۋە‌ز قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • بېرىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ تە‌مىنى تېتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسانىڭ نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 ئۆكتە‌بىر 12-‏17 ب.‏

41-‏تە‌تقىق ماقالىسى

5-‏ناخشا مە‌سىھ —‏ بىزنىڭ ئۈلگىمىز

ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«ئۇ‌لار ئۇ‌نى 40 كۈن ئۇ‌دا كۆردى ھە‌م ئۇ ئۇ‌لارغا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌ردى».‏‏—‏ئە‌لچى.‏ 1:‏3.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئە‌يسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنكى 40 كۈن ئىچىدە نېمىلە‌رنى قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ ئىمايۇ‌س دېگە‌ن يېزىغا ماڭغان ئە‌يسانىڭ ئىككى شاگىرتى كۈتۈلمىگە‌ن قانداق ئىشقا يولۇ‌ققان؟‏

مىلادى 33-‏يىلى،‏ 16-‏نىسان كۈنى.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئېغىر قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ۋە قورقۇ‌نچ ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلمە‌ي قالغانىدى.‏ شاگىرتلاردىن ئىككىسى يېرۇ‌سالىمدىن ئايرىلىپ،‏ 11 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىمايۇ‌س يېزىسىغا قاراپ ماڭغان.‏ ئۇ‌لار ئىنتايىن چۈشكۈن ئىدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌ن ۋە ئۇ‌نى يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدۇ دە‌پ ئۈمىد باغلىغان.‏ لېكىن،‏ يېقىندا مە‌سىھ ئۆلتۈرۈلۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىققان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار كۈتمىگە‌ن بىر ئىش يۈز بە‌رگە‌ن.‏

2 يولدا بىر ناتونۇ‌ش ئادە‌م ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ماڭدى.‏ شاگىرتلار ئۇ‌ستازى ئە‌يساغا نېمە بولغانلىقىنى ئېيتىپ،‏ قاتتىق ئۈمىدسىزلە‌نگە‌نلىكىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ ناتونۇ‌ش كىشى ئۇ‌لارنىڭ ھېچقاچان ئېسىدىن چىقمايدىغان سۆزلە‌رنى قىلىشقان باشلىغان.‏ ئۇ مۇ‌سا ۋە باشقا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ يازمىلىرىدىن سۆز باشلاپ،‏ مە‌سىھنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب چېكىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ ئىمايۇ‌س يېزىسىغا يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ ناتونۇ‌ش ئادە‌م ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارىلىغان.‏ شاگىرتلار مە‌سىھنىڭ ھايات ئىكە‌نىنى بىلگە‌ندە،‏ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ كۆرۈڭ!‏.‏—‏لۇ‌قا 24:‏13–‏35.‏

3،‏ 4.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا نېمە بولغان ۋە بىز بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏3)‏

3 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغان ئاخىرقى 40 كۈن ئىچىدە،‏ بىر نە‌چچە قېتىم شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شاگىرتلار ئە‌سلىدە ئە‌يسا ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ۋە قورقۇ‌نچ ئىچىدە قالغان ئىدى.‏ لېكىن،‏ 40 كۈن ئىچىدە شاگىرتلار تامامە‌ن ئۆزگە‌ردى.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە،‏ تولۇ‌پ تاشقان ئىشە‌نچ ۋە جاسارە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلغان ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌نa‏.‏

4 ئە‌يسانىڭ ئاشۇ 40 كۈن جە‌ريانىدا قىلغان ئىشلىرىنى تە‌پسىلىيراق كۆرۈپ چىقساق،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بۇ ماقالىدە تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ ئە‌يسا شۇ 40 كۈندە (‏1)‏ شاگىرتلىرىغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؛‏ (‏2)‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە (‏3)‏ ئۇ‌لارنى ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئېلىشقا تە‌ييارلاش ئۈچۈن نېمە قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌شۇ جە‌ھە‌تلە‌ردە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ

5.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە مۇ‌ھتاج ئىدى؟‏

5 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسانىڭ يېنىدا بولۇ‌ش ئۈچۈن شاگىرتلارنىڭ بە‌زىلىرى ئۆي-‏جايلىرى،‏ ئائىلىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ۋە ھۈنە‌ر كە‌سىپلىرىنى تاشلىغان (‏مە‌تتا 19:‏27‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بولغاچقا،‏ باشقىلار ئۇ‌لارنى چە‌تكە قېقىپ،‏ ناچار مۇ‌ئامىلە قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 9:‏22)‏.‏ شاگىرتلار شۇ‌نداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە رازى بولغان ئىدى،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تىشنى ۋە‌دە قىلغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏16‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە،‏ نېمە قىلارىنى بىلمە‌ي قالغان.‏

6.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن نېمە ئىش قىلغان؟‏

6 ئە‌يسا شاگىرتلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌ڭ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ تىرىلگە‌ن كۈنىدىن باشلاپ،‏ ئاشۇ دوستلىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ قە‌برىسىنىڭ ئالدىدا يىغلاۋاتقان مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌مگە كۆرۈنگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 20:‏11،‏ 16)‏.‏ بۇ ماقالىنىڭ دە‌سلە‌پكى ئابزاسلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى شاگىرتقا كۆرۈنگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سقا كۆرۈنگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏34)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا تۇ‌نجى قېتىم مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌مگە كۆرۈنگە‌ندە نېمە ئىش بولغان ۋە ئۇ قالدۇ‌رغان ئۈلگىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ كېلىڭ،‏ بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.‏

7.‏ يۇ‌ھاننا 20:‏11–‏16-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ 16-‏نىسان سە‌ھە‌ردە ئە‌يسا مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌منىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇ‌رغان ۋە بۇ ئۇ‌نى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 يۇ‌ھاننا 20:‏11–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ 16-‏نىسان كۈنى تاڭ سە‌ھە‌ردە،‏ بىرنە‌چچە ئاياللار ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى قويۇ‌لغان قە‌برىگە باردى (‏لۇ‌قا 24:‏1،‏ 10)‏.‏ شۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌ممۇ بار ئىدى.‏ مە‌ريە‌م قە‌برىگە كىرىپ،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى يوقلىقىنى كۆردى.‏ ئاندىن،‏ ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھانناغا خە‌ۋە‌ر قىلدى.‏ ئىككىسى ئۇ‌چقاندە‌ك قە‌برىگە يۈگۈرۈپ كە‌تتى،‏ مە‌ريە‌ممۇ ئۇ‌لارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كە‌لدى.‏ ئىككى ئە‌لچى ھە‌قىقە‌تە‌ن قە‌برىدە جە‌سە‌تنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ريە‌م شۇ يە‌ردە قېلىپ،‏ يىغلاپ تۇ‌راتتى.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسانىڭ بىر چە‌تتە قاراپ تۇ‌رغانلىقىنى مە‌ريە‌م بىلمە‌يتتى.‏ ئە‌يسا بۇ ساداقە‌تمە‌ن ئايالنىڭ تۆككە‌ن كۆز يېشىدىن قاتتىق تە‌سىرلە‌ندى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌ريە‌مگە كۆرۈنۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان بىر ئىشنى قىلدى.‏ ئۇ مە‌ريە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ھىم بىر ئىشنى تاپشۇ‌ردى،‏ يە‌نى شاگىرتلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى خە‌ۋە‌ر قىلىشقا ئە‌ۋە‌تتى.‏—‏يۇ‌ھاننا 20:‏17،‏ 18.‏

ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌ن ئە‌يسا بوش قە‌برىنىڭ سىرتىدا مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏

ئېتىقاد قېرىنداشلارنىڭ قانداق كۈنلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆز-‏قۇ‌لاق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ بىز ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

8 بىز ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سىردىشىپ،‏ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رساق،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز.‏ جوسېلىن ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ سىڭلىسى ئېچىنىشلىق بىر ۋە‌قە‌دە قازا قىلغان ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىر مە‌زگىل ئۆتكە‌ن بولسىمۇ،‏ مە‌ن قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ،‏ ھېچ ئۆزۈمنى تاپالماي قالغان ئىدىم».‏ ئە‌مما،‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال بۇ‌نى بايقىغان ۋە جوسېلىننى مېھمانغا چاقىرغان.‏ ئۇ دە‌ردىنى تۆككە‌ندە،‏ ئۇ‌لار سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن زە‌ن قويۇ‌پ ئاڭلىغان ۋە تە‌سە‌للى بېرىپ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ جوسېلىن يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ چاغدا،‏ ئۆزۈمنى قاپقاراڭغۇ دېڭىزدا بوران-‏چاپقۇ‌ن ئىچىدە قالغاندە‌ك ھېس قىلغان ئىدىم.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا شۇ ئە‌ر-‏ئايالنى قوللىنىپ،‏ مېنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش كېمىسىگە تارتىپ چىقاردى.‏ ئۇ‌لار بە‌رگە‌ن ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىم قايتا كۈچە‌يدى».‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز دە‌ردىنى تۆكۈپ بە‌رگە‌ندە،‏ بىزمۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بېرە‌يلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا قىزغىن خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏رىملىقلار 12:‏15.‏

باشقىلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ

9.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئە‌يسا ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

9 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى خۇ‌دانىڭ سۆزىنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقان (‏يۇ‌ھاننا 17:‏6)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ جىنايە‌تچى قاتارىدا ئۆلتۈرگە‌نلىكىنى يە‌نىلا چۈشە‌نمىگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌يسا شۇ‌نى ياخشى بىلە‌تتى،‏ شاگىرتلار يە‌ھۋاغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نى چىن قە‌لبىدىن سۆيە‌تتى.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چوڭقۇ‌رراق چۈشە‌نمىگە‌چ،‏ شۇ‌نداق ئىككىلىنىپ گۇ‌مان قىلغان (‏لۇ‌قا 9:‏44،‏ 45؛‏ يۇ‌ھاننا 20:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئاساسىدا چوڭقۇ‌ر پىكىر يۈرگۈزۈپ،‏ توغرا چۈشە‌نچە ھاسىل قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ھازىر،‏ ئىمايۇ‌س يېزىسىغا ماڭغان ئىككى شاگىرتىغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ نېمە قىلغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

10.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏لۇ‌قا 24:‏18–‏27)‏

10 لۇ‌قا 24:‏18–‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئە‌يسا دە‌رھاللا ئىككى شاگىرتىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكە‌نىنى ئېيتمىغان.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا سوئاللارنى قويغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ۋە ئوي-‏خىياللىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى خالىغان.‏ ئۇ‌لار شاگىرتلار ئۆزلىرىنى ئوي-‏پىكىرىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار ئە‌سلىدە ئە‌يسانى ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ خە‌لقنى رىملىقلارنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن قۇ‌تقۇ‌زىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ئايە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنىڭ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نb‏.‏ شۇ كۈنى كە‌چتە،‏ ئە‌يسا باشقا شاگىرتلارغا كۆرۈنگە‌ندىمۇ بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۇ‌لارغا چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏33–‏48)‏.‏ بۇ بايانلاردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ بىز ئە‌يسانىڭ تە‌لىم بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان نورتىيغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

11 ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بىرىنچىدىن،‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ قانداق ئوي-‏پىكىر ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ سوئاللارنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىيىتىدە،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى قانداق ئىزدە‌پ تاپسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.‏ لېكىن،‏ بىۋاستە نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتماڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ئايە‌تلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىدا قوللانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ ھازىر بىرلىكتە گانادا ياشايدىغان نورتىي ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

12 نورتىي 16 يېشىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىنى باشلىغان.‏ بىراق،‏ كۆپ ئۆتمە‌ي ئۆيىدىكىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا قارشى چىققان.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌نىڭ تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىدىغان بۇ‌رادە‌ر مە‌تتا 10‏-‏بابنى قوللىنىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ نورتىي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆيدىكىلە‌ر قارشى چىقىشقا باشلىغاندا،‏ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىمغا ئىشە‌ندىم».‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر يە‌نە نورتىينىڭ مە‌تتا 10:‏16‏-‏دىكى سۆزلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ نورتىي ئۆيىدە دىن توغرۇ‌لۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بولغاندا،‏ ئېھتىياتچان بولۇ‌ش ۋە باشقىلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ نورتىي چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ بىراق،‏ دادىسى ئۇ‌نىڭ ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شىنى خالايتتى.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتقان بۇ‌رادە‌ر نورتىيغا نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان،‏ ئە‌كسىچە سوئاللارنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى پرىنسىپلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ نورتىي قانداق قارار چىقارغان؟‏ ئۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ بىراق،‏ دادىسى ئۇ‌نى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان.‏ بۇ ئىش ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنىڭ توغرا قارار چىقارغىنىمغا ئىشىنىمە‌ن».‏ بىزمۇ باشقىلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىپ،‏ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏16–‏19.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى قىلىۋاتقان كىشىنى چوڭقۇ‌ر ئە‌قلىي تە‌پە‌ككۇ‌ر قىلىشقا ئۈندە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئاشۇ كىشى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۆي بېزە‌شكە ئىشلىتىدىغان نە‌رسىلە‌رنى ئە‌خلە‌تكە تاشلاۋاتىدۇ.‏

باشقىلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏e


بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن كىشىلە‌ر بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ

13.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسمانغا چىقىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش خىزمىتى داۋام قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏8)‏

13 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئاتىسى تاپشۇ‌رغان ئىشنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئورۇ‌ندىغان (‏يۇ‌ھاننا 17:‏4)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ ھېچقاچان شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولمىغان:‏ «پە‌قە‌ت مە‌نلا يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان ئىشنى توغرا قىلالايمە‌ن».‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ئۈچ يېرىم يىل ۋە‌ز قىلغان مە‌زگىلدە،‏ شاگىرتلىرىغا قانداق ۋە‌ز قىلىشنى ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىپ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش،‏ يە‌ھۋانىڭ پادىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش قاتارلىق مۇ‌ھىم مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى تاپشۇ‌رغان.‏ شۇ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شاگىرتلارنىڭ بە‌زىلىرى 20 نە‌چچە ياشلاردا ئىدى ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈندە،‏ بۇ تىرىشچان ۋە ساداقە‌تمە‌ن ئە‌رلە‌رنىڭ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن كىشىلە‌ر بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

14.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈندە،‏ ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا ئۇ‌دۇ‌ل،‏ ئە‌مما مېھرىبانلىق بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بە‌زى شاگىرتلار ئۇ‌نىڭ ئۆلۈپ تىرىلگە‌نلىكىگە قارىتا گۇ‌ماندا بولۇ‌پ،‏ ئىشە‌نمە‌يۋاتقانلىقىنى بايقىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ كۆڭلىدىكى گۇ‌ماندىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏25–‏27؛‏ يۇ‌ھاننا 20:‏27)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ شاگىرتلارنى دىققە‌ت-‏ئېتىبارىنى كۆپرە‌ك يە‌ھۋانىڭ پادىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا قارىتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ۋە ئۇ‌لارنى پۇ‌ل تېپىشقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 21:‏15)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌لارغا ئۆز ۋە‌زىپىسىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالغان ۋە‌زىپىلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماسلىقنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 21:‏20–‏22)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى بە‌زى خاتا چۈشە‌نچىلىرىنى تۈزىتىپ،‏ دىققىتىنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشقا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏6–‏8)‏.‏ ئاقساقاللار ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

ئوت ئۈستىدە بېلىق پىشىۋاتقاندا،‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن دېڭىز بويىدا پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ كۆپرە‌ك مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى زىممىسىگە ئېلىشقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


15،‏ 16.‏ (‏1)‏ ئاقساقاللار ئە‌يسا مە‌سىھنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ (‏2)‏ پاترىك ئۆزىگە بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟‏

15 ئاقساقاللار ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌تتە كۆپرە‌ك مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق بولالىشى ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار ياردە‌م بېرىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئۆگىتىشى كېرە‌ك.‏ تېخى ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىمۇ تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرۈش زۆرۈرc‏.‏ لېكىن،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىنى كۈتمە‌يدۇ.‏ ئاقساقاللار مېھرىبانلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت ۋە نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر كۆپرە‌ك تە‌جرىبە توپلىيالايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ كىچىك پېئىل ۋە ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م بولۇ‌شنى ئۆگىنىپ،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييار بولىدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏2؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏5.‏

16 نە‌سىھە‌تنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن پاترىك ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ تېخى ياش ۋاقتىدا،‏ ھە‌تتا ئايال قېرىنداشلارغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلىپ،‏ قوپال مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئاقساقال ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ‌دۇ‌ل نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ پاترىك مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقال ماڭا ئۆزۈمنى ئۆزگە‌رتىشىم توغرۇ‌لۇ‌ق نە‌سىھە‌ت بە‌رگىنى ئۈچۈن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ مە‌ن ئىلگىرى باشقىلار ئۆزۈم خالىغان خىزمە‌تنى قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشكە‌ندە،‏ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتە‌تتىم.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ئاقساقال بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت ماڭا دىققىتىمنى جامائە‌تتە قانداقتۇ بىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا ئە‌مە‌س،‏ كە‌متە‌رلىكنى ئۆگىنىپ،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا كۆپرە‌ك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە قارىتىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ نە‌تىجىدە،‏ پاترىك 23 يېشىدا جامائە‌تتە ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9.‏

17.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

17 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا پە‌قە‌ت ۋە‌ز قىلىشنىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارغا تە‌لىم بېرىش ۋە‌زىپىسىنىمۇ تاپشۇ‌رغان (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شاگىرتلار ئۆزلىرىنى ئاشۇ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌ندىيالايدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلانماي،‏ ئۆزىنىڭ ئۇ‌لارغا تولۇ‌ق ئىشىندىغانلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتام مېنى قانداق ئە‌ۋە‌تكە‌ن بولسا،‏ مە‌نمۇ سىلە‌رنى شۇ‌نداق ئە‌ۋە‌تىۋاتىمە‌ن».‏—‏يۇ‌ھاننا 20:‏21.‏

18.‏ ئاقساقاللار ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

18 ئاقساقاللار ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ تە‌جرىبىلىك ئاقساقاللار باشقا بۇ‌رادە‌رلە‌رگە بە‌زى ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرىدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏19–‏22)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنى يىغىلىش زالىنى تازىلاپ ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا چاقىرسا بولىدۇ.‏ ئاقساقاللار بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مە‌لۇ‌م بىر ئىشنى تاپشۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا ئۇ ئىشنى قانداق قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى چوقۇ‌م ياخشى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌ك.‏ يېقىندا ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن مە‌تىيۇ‌ۋ ئۆزىگە تە‌جرىبىلىك ئاقساقاللار تۈرلۈك ۋە‌زىپىلە‌رنى قانداق ئورۇ‌نداشنى تە‌پسىلىي ئۆگىتىپ قالماي،‏ شۇ‌لارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا ئىشە‌نگە‌نلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدار بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ بە‌زىدە خاتا قىلىپ قويغان بولساممۇ،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر شۇ خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ،‏ تېخىمۇ ئالغا بېسىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم»‏d‏.‏

19.‏ بىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغان ئاخىرقى 40 كۈندە،‏ قىزغىن باشقىلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21)‏.‏ ئۇ ئۆزى بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ن بۇ زاماننىڭ ئاخىرىغىچە ھە‌ردائىم سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن».‏—‏مە‌تتا 28:‏20‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدىكى بولغان ئاخىرقى 40 كۈندە …‏

  •  باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

  •  باشقىلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۆگىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

  •  شاگىرتلارغا ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

149-‏ناخشا تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز

a  مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تۆت خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابلىرى ۋە باشقا يازمىلىرىدا ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن شاگىرتلىرىغا كۆپ قېتىپ كۆرۈنگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌مگە (‏يۇ‌ھاننا 20:‏11–‏18)‏،‏ باشقا ئاياللارغا (‏مە‌تتا 28:‏8–‏10؛‏ لۇ‌قا 24:‏8–‏11)‏،‏ ئىككى شاگىرتىغا (‏لۇ‌قا 24:‏13–‏15)‏،‏ پېترۇ‌سقا (‏لۇ‌قا 24:‏34)‏،‏ توماس يوق چاغدا ئە‌لچىلىرىگە (‏يۇ‌ھاننا 20:‏19–‏24)‏،‏ توماس ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بولغاندا،‏ ئە‌لچىلىرىگە (‏يۇ‌ھاننا 20:‏26)‏،‏ يە‌تتە شاگىرتلىرىغا (‏يۇ‌ھاننا 21:‏1،‏ 2)‏،‏ 500 دىن كۆپرە‌ك شاگىرتلىرىغا (‏مە‌تتا 28:‏16؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏6)‏،‏ ئىنىسى ياقۇ‌پقا (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏ 7)‏،‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏4)‏،‏ بە‌يتانىياغا يېقىن ئە‌تراپتا ئە‌لچىلىرىگە كۆرۈنگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏50–‏52)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسا باشقا ۋاقىتلاردىمۇ شاگىرتلارغا كۆرۈنگە‌ن بۆلۈشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق ئۇ‌لار خاتىرىلە‌نمىگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 21:‏25.‏

b  مە‌سىھ ھە‌ققىدىكى ئە‌مە‌لگە ئاشقان بېشارە‌تلە‌رنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ org.‏jw تور بېكىتىدىكى «‏مە‌سىھ ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلە‌ر ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟‏‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌دىكى ماقالىگە گە قاراڭ.‏

c  بە‌زى ئە‌ھۋاللاردا،‏ 25 دىن 30 ياشقىچە بولغان لاياقە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىپ تە‌جرىبە توپلىغان بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏

d  ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر كۆپرە‌ك مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئېلىشقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بە‌رسە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى،‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 2018-‏يىل ئاۋغۇ‌ست ئېيى سانى،‏ 11–‏12-‏بە‌تلە‌ردىكى 15–‏17-‏ئابزاسلار ۋە 2015-‏يىل 15-‏ئاپرېل سانى 3–‏15-‏ئابزاسلاردىن تېپىشقا بولىدۇ.‏

e رە‌سىمدە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئايە‌تلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ كىشى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۆي بېزە‌شكە ئىشلىتىدىغان نە‌رسىلە‌رنى تاشلىۋېتىشنى قارار قىلدى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش