149-ناخشا
تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
(لۇقا 22:20)
تۇرىمىز رەب يەھۋا
تەختىڭنىڭ ئالدىدا.
كۆرسەتتىڭ مېھىر-مۇھەببەت
بۈيۈك ئۇسۇلدا.
سۆيۈملۈك ئوغلۇڭنى
قۇربان قىلدىڭ
بىزنىڭ ياشىشىمىز ئۈچۈن.
ئارتۇق يوق سوۋغات بۇندىن.
(قايتۇرما)
پىدا قىلدى ھاياتىنى.
ئازاتلىققا ئاچتى يولنى.
چىن يۈرەكتىن
مەڭگۈ بىلدۈرىمىز مىننەتدارلىق.
ئەيسا ئۆز خاھىشى بىلەن
يەرگە كەلدى.
ئىنساننى ياخشى كۆرگەنلىكتىن
تۆلەم بەردى.
ھېچ ئۈمىد يوق ئىدى بىزدە
كەلمەي تۇرۇپ
قۇتقۇزۇشقا مەسىھ بىزنى.
ئۆلۈم يوق بولۇر.
(قايتۇرما)
پىدا قىلدى ھاياتىنى.
ئازاتلىققا ئاچتى يولنى.
چىن يۈرەكتىن
مەڭگۈ بىلدۈرىمىز مىننەتدارلىق.
(شۇنداقلا ئىبر. 9:13، 14؛ پېت. 1-خ. 1:18، 19نى قاراڭ.)