145-ناخشا
ۋەز قىلىشقا تەييارلىنايلى
(يەرەمىيا 1:17)
تاڭ سەھەر.
بىز چىقماقچى
خۇش خەۋەر جاكارلاشقا.
قاراڭغۇ تالا
ۋە يامغۇر ياغماقتا؛
ئۆيدە قېلىپ ئۇخلىساق، ئاسان
بولاتتى.
(قايتۇرما)
ئىجابىي كۆزقاراش، تەييارلىق
ھەم تۇراقلىق دۇئا
بىزگە كېرەك بولغان ئىلھامنى
سوۋغات قىلار.
يالغۇز ئەمەس بىز، ياردەم بېرەر
پەرىشتىلەر، ئەيسا.
سادىق دوستۇڭ بولسا يېنىڭدا،
تەۋرەنمەيسەن.
چۆمىمىز
خۇشاللىققا،
بۇلارنى ئەستە تۇتساق.
ئەمگىگىمىزنى
يەھۋا ھېچ ئۇنتۇماس،
مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىمۇ
ئۇنتۇماس.
(قايتۇرما)
ئىجابىي كۆزقاراش، تەييارلىق
ھەم تۇراقلىق دۇئا
بىزگە كېرەك بولغان ئىلھامنى
سوۋغات قىلار.
يالغۇز ئەمەس بىز، ياردەم بېرەر
پەرىشتىلەر، ئەيسا.
سادىق دوستۇڭ بولسا يېنىڭدا،
تەۋرەنمەيسەن.
(شۇنداقلا ۋەز 11:4؛ مەت. 10:5، 7؛ لۇقا 10:1؛ تىت. 2:14نى قاراڭ.)