10-ناخشا
«مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
(يەشايا 6:8)
1. بۈگۈن ئاھانەتلەر ئېيتار،
خۇدا ئىسمىغا ئىنسانلار.
خۇدا كۈچسىز، ئۇ رەزىل، دەپ.
نادانلار ھەم: «خۇدا يوق!»، دەپ.
كىم خاس ئىسىمنى قوغدايدۇ؟
كىم خۇدانى ئالقىشلايدۇ؟
«مانا مەن، رەب ئەۋەت مېنى!
مەدھىيىلەي مەڭگۈ سېنى!
(قايتۇرما)
يوق شان-شەرەپ بۇندىن ئارتۇق، رەب!
مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
2. خۇدا پەرۋاسىز، دەپ ئىنسان
ئەيب’لەر ئۇنى قالايمىقان.
ئۇلار بۇتقا سەجدە قىلار؛
خان-بەگلەرنى تەڭرى بىلەر.
كىم، ئاگاھ بول! يېقىنلاشتى
دەيدۇ، خۇدانىڭ جەڭ كۈنى؟
«مانا مەن، رەب ئەۋەت مېنى!
مەن يەتكۈزەي بۇ خەۋەرنى!
(قايتۇرما)
يوق شان-شەرەپ بۇندىن ئارتۇق، رەب!
مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
3. ياۋاش ئاھ ئۇرار ھەسرەتتە،
تولغاچ جاھان رەزىللىككە.
ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىزدەر؛
ھەقىقەت ئىلھام بەخش ئېتەر.
كىم ياۋاشلارنى يۆلەيدۇ؟
كىم ھەم ھەق يولغا باشلايدۇ؟
«مانا مەن، رەب ئەۋەت مېنى!
ئۆگىتەي ئۇلارغا ھەقنى!
(قايتۇرما)
يوق شان-شەرەپ بۇندىن ئارتۇق، رەب!
مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
(زەبۇر 10:4؛ ھەزقىيال 9:4-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).