كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 نويابىر 20-‏25 ب.‏
  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلە‌ش
  • ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌ش
  • جامائە‌تكە خىزمە‌ت قىلىش
  • كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌تكە يە‌تكۈچە تىرىشىڭ
  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ‏«ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 نويابىر 20-‏25 ب.‏

47-‏تە‌تقىق ماقالىسى

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏

‏«كىمكى يېتە‌كچى بولۇ‌ش ئۈچۈن لاياقە‌تلىك بولۇ‌شقا ئىنتىلسە،‏ ئۇ ياخشى بىر ئىشنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ»‏‏.‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بىر بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىشى ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانداق تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1،‏ 2.‏ ئاقساقاللار قانداق «ياخشى ئىشنى» قىلىدۇ؟‏

ئە‌گە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئاللىقاچان گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمە‌ت قىلىۋاتقانسىز.‏ سىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «ياخشى ئىشنى» ئارزۇ قىلىۋاتامسىز؟‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1.‏

2 ئاقساقال قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏ ئۇ جامائە‌ت باش بولۇ‌پ ۋە‌ز قىلىدۇ؛‏ يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان پادىلاردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ؛‏ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇ‌پ،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاقساقاللارنى «ھە‌دىيە‌لە‌ر» دە‌پ ئاتالغان.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏8.‏

3.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌ش ئۈچۈن قايسى تە‌لە‌پلە‌رگە لاياقە‌تلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ (‏1-‏تىموتىي 3:‏1–‏7؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5–‏9)‏

3 بىر بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌ش تە‌يىنلىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا مە‌لۇ‌م بىر ئىش ئورنىغا كىرىش ئارىسىدا پە‌رق بار.‏ سىز بىر ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز،‏ خۇ‌جايىن تە‌لە‌پ قىلغان قابىلىيە‌تلىرىڭىز بولسا،‏ سىزنى ئىشقا ئالىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىش ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىشتە‌ك قابىلىيە‌تلە‌رنىڭ بولۇ‌شىلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا 1-‏تىموتىي 3:‏1–‏7 ۋە تىتۇ‌س 1:‏5–‏9 ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ يېزىلغان تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ر ئاساسىدا،‏ ئۈچ جە‌ھە‌تتىن ئاقساقاللاردىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ جامائە‌ت ئىچى-‏سىرتىدا ياخشى نام-‏ئاتاققا ئىگە بولۇ‌ش (‏2)‏ ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌ش (‏3)‏ ۋە جامائە‌تكە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش.‏

ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلە‌ش

4.‏ «ئە‌يىبسىز» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

4 ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغانلار ‏«‏ئە‌يىبسىز»‏ بولۇ‌شى لازىم.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇ‌پ،‏ جامائە‌تتە ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ‏«جامائە‌ت سىرتىدىكىلە‌ر ئالدىدا ياخشى گۇ‌ۋاھلىقىغا سازاۋە‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك».‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغانلار ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى تە‌نقىد قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىزنىڭ راستچىل ۋە ياخشى ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزدىن گۇ‌مانلىنىشىغا بانا-‏سە‌ۋە‌بى بولماسلىقى كېرە‌ك (‏دانىيال 6:‏4،‏ 5)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «جامائە‌تنىڭ ئىچى-‏سىرتىدىكىلە‌ر ئارىسىدا ياخشى نام-‏ئاتىقىم بارمۇ؟‏» دە‌پ سوراڭ.‏

5.‏ «ياخشىلىقنى سۆيىدىغان» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

5 ئە‌گە‌ر ‏«ياخشىلىقنى سۆيىدىغان»‏ بىرى بولسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ ياخشى تە‌رىپىنى بايقاپ،‏ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنى ماختايسىز.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تېپىپ،‏ ھە‌تتا سىزدىن كۈتىمىگە‌ن ئىشلارنى تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن قىلىسىز (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏8؛‏ تىتۇ‌س 1:‏8)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ پە‌زىلە‌ت ئاقساقاللار ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى،‏ جامائە‌تتە قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نداش كۆپ ۋاقىت تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏1–‏3)‏.‏ ئۇ‌لار باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆپ قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار تېخىمۇ زور شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35.‏

6.‏ «مېھماندوست» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏ئىبرانىيلار 13:‏2،‏ 16؛‏ رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

6 يېقىن دوست-‏يارە‌نلىرىڭىزگىلا ئە‌مە‌س،‏ ئانچە قويۇ‌ق ئارىلىشىپ كە‌تمە‌يدىغانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلسىڭىز،‏ ‏«‏مېھماندوست»‏ ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىسىز (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏9)‏.‏ بىر كىتاب مېھماندوست ئادە‌منى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭ ئۆيىنىڭ ۋە قە‌لبىنىڭ ئىشىكى ناتونۇ‌ش ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن ھە‌رقاچان ئوچۇ‌ق».‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «باشقىلار مېنى جامائە‌تكە كە‌لگە‌ن مېھمانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مېھماندوست ئادە‌م دە‌پ تونامدۇ؟‏» ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏2،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مېھماندوست ئادە‌م ھە‌رقانداق كىشىگە،‏ مە‌سىلە‌ن كە‌مبە‌غە‌ل قېرىنداشلارغا،‏ جامائە‌تكە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا كە‌لگە‌ن مېھمان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە باشقا تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلارغا قولىدىن كېلىشىچە مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىدۇ.‏—‏يارىت.‏ 18:‏2–‏8؛‏ پە‌ند.‏ نە 3:‏27؛‏ لۇ‌قا 14:‏13،‏ 14؛‏ ئە‌لچى.‏ 16:‏15؛‏ رىملىقلار 12:‏13.‏

بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال ئۆزلىرى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى ئۈچۈن ھازىرلىغان ياتاق ئۆيىنى ئۇ‌لارغا كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

مېھماندوست ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌شاللىق بىلە‌ن رايونغا جاۋابكار ئاقساقال ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالىنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


7.‏ ئاقساقال ئۆزىنىڭ «پۇ‌لپە‌رە‌س» ئە‌مە‌سلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

7 ‏«پۇ‌لپە‌رە‌س بولمىسۇ‌ن»‏ دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ ھاياتىدا پۇ‌ل-‏مال ۋە بايلىق ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا بولماسلىقى،‏ مە‌يلى باي ياكى گاداي بولۇ‌شتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ۋاقتىڭىز،‏ كۈچىڭىز ۋە باشقا بارلىقىڭىزنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش،‏ ئائىلىڭىزنى بېقىش ۋە جامائە‌تتە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ (‏مە‌تتا 6:‏24؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15–‏17)‏.‏ ئۆزىڭىزنى مۇ‌نداق تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ:‏ «پۇ‌ل مېنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك پۇ‌ل مۇ‌ھىم؟‏ تۇ‌رمۇ‌شتا زۆرۈر نە‌رسىلە‌رگە ئېرىشسە‌م،‏ شۈكۈر قانائە‌ت قىلىمە‌نمۇ؟‏ ياكى بولمىسا،‏ ھە‌ردائىم كۆپرە‌ك تېپىشنى ياكى بايلىق توپلاشنى ئويلايمە‌نمۇ؟‏».‏—‏1-‏تىموت.‏ 6:‏6،‏ 17–‏19.‏

8.‏ ھە‌ر ئىشتا «ئۆزىگە چە‌ك قويالايدىغان» ۋە «ئۆزىنى تۇ‌تالايدىغان» ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

8 ئاقساقاللار ھە‌ر ئىشتا ‏«ئۆزىگە چە‌ك قويالايدىغان»‏ ۋە ‏«‏ئۆزىنى تۇ‌تالايدىغان»‏ بولۇ‌شۇ‌ڭلار كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپ يە‌پ-‏ئىچىش،‏ كىيىنىش ياكى ياسىنىش ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا بېرىلىپ كە‌تمە‌سلىكى،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ مودا ئېقىمىنى قوغلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قولى بولۇ‌پ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار (‏لۇ‌قا 21:‏34؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏4)‏.‏ باشقىلار ئاچچىقىڭلارنى كە‌لتۈرگە‌ندە،‏ ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار.‏ ئاقساقاللار ‏«ھاراقكە‌ش»‏ بولماسلىقى،‏ يە‌نى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆپ ھاراق ئىچىدىغان ئادە‌م دېگە‌ن يامان ئاتاقنى ئالماسلىقى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌نداق دە‌پ ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏ «تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئادىتىم مېنىڭ ئۆزىگە چە‌ك قويالايدىغان ۋە ئۆزىنى تۇ‌تالايدىغان ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏»‏

9.‏ «ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك» ۋە «تە‌رتىپلىك» ئادە‌م نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

9 ‏«ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك»‏ ئادە‌م بولسىڭىز،‏ پە‌رقلىق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە قارىتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنىڭ نېمە دە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌پە‌ككۇ‌ر يۈرگۈزۈپ،‏ توغرا چۈشە‌نچە ۋە خۇ‌لاسە كېلىسىز،‏ ئالدىراپ-‏سالدىراپلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌تتە ئۆلچە‌پ بىر كېسىسىز (‏پە‌ند.‏  نە 18:‏13)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ دانا قارار چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئە‌كس-‏ئە‌تتۈرىسىز.‏ ‏«تە‌رتىپلىك»‏ ئادە‌م بولسىڭىز،‏ ھە‌ر ئىشنى پىلانلىق قىلىپ،‏ ۋاقىتقا رىئايە قىلىسىز.‏ باشقىلار سىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك ۋە ئىشلارنى كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە قىلىدىغان بىرى ئىكە‌نلىكىڭىزنى بىلىدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىپ ئۆتكە‌ن پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرسىڭىز،‏ ياخشى نام-‏ئاتاققا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياخشى ئائىلە بېشى قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌ش

10.‏ بىر ئە‌ر «ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇ‌رالايدىغان» بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

10 ئە‌گە‌ر توي قىلغان بولسىڭىز،‏ ئاقساقال بولۇ‌شىڭىز ئۈچۈن ئائىلە ئە‌زالىرىڭىزمۇ ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلىشى بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ئاقساقاللار ‏«ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇ‌رالايدىغان بولسۇ‌ن»‏‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئاقساقال بولغان كىشى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئائىلە ئە‌زالىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ،‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان ئائىلە بېشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ بۇ مۇ‌نتىزىم رە‌ۋىشتە ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزۈش،‏ ئايالى بىلە‌ن پە‌رزە‌نتلىرى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمە‌تلىرىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئە‌گە‌ر بىر كىشى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇ‌رۇ‌شنى بىلمىسە،‏ ئۇ قانداقمۇ خۇ‌دانىڭ جامائىتىدىن خە‌ۋە‌ر ئالالايدۇ؟‏».‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏5.‏

11،‏ 12.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى دادىنىڭ ئاقساقال بولۇ‌ش لاياقىتىگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

11 ئە‌گە‌ر سىز ئاتا بولۇ‌پ،‏ 18 ياشقا تولمىغان بالىلىرىڭىز بولسا،‏ ئۇ‌لار ‏«ئىتائە‌تچان ۋە ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاقلىق تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن»‏ بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌لارغا تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش سىزنىڭ مە‌جبۇ‌رىيىتىڭىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بالىلىق ئۆي بازار،‏ بالىسىز ئۆي مازار.‏ بىراق،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن پە‌رزە‌نتلىرىڭىزگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بە‌رسىڭىز،‏ ئۇ‌لار گە‌پ ئاڭلايدىغان،‏ ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاقلىق ۋە گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىك ئادە‌م بولىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بالىلارنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كە‌چۈرۈشنى ئۆگىنىشى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن ياردە‌م بېرىشىڭىز لازىم.‏

12 ‏«پە‌رزە‌نتلىرى ئىمانلىق،‏ ئە‌خلاقسىزلىق ۋە ئىتائە‌تسىزلىك بىلە‌ن ئە‌يىبلە‌نمىگە‌ن كىشى بولسۇ‌ن»‏‏.‏ ئە‌گە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان بالا ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە،‏ بۇ دادىسىنىڭ جامائە‌تتىكى خىزمىتىگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر دادا بالىسىنىڭ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىسىگە سە‌ل قارىغان بولسا،‏ ئۇ ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلشقا لايىق كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏—‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ (‏باشقا تىلدا)‏ 1996-‏يىلى،‏ 15-‏ئۆكتە‌بىر سانى 21-‏بە‌ت،‏ 6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ.‏

كوللاژ:‏1.‏ ئائىلە بېشى ئايالى ۋە بالىلىرى بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار jw.org تور بېكىتىمىزدىن «يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستى بولۇ‌ڭ —‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆيىنى ياخشى كۆرۈڭ» ناملىق فىلىمنى كۆرۈۋاتىدۇ.‏ 2.‏ كېيىنرە‌ك،‏ دادىسى ئىككى ئوغلى بىلە‌ن يىغىلىش زالنى تازىلاۋاتىدۇ.‏ دادىسى بىلە‌ن بىر ئوغلى چاڭ-‏توزان سۈمۈرگۈچ بىلە‌ن تازىلاۋاتىدۇ،‏ باشقا ئوغلى بولسا،‏ چاڭ-‏توزاننى سۈرتۈشكە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

ئائىلە باشلىقلىرى پە‌رزە‌نتلىرىگە يە‌ھۋاغا ۋە جامائە‌تتە قېرىنداشلار خىزمە‌ت قىلىشنىڭ ھە‌رخىل يوللىرىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


جامائە‌تكە خىزمە‌ت قىلىش

13.‏ «غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان» ۋە «ئۆز بېشىمچى» ئە‌مە‌س كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

13 گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى نامايان قىلغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌ت ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ھە‌دىيە.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ‏«غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان»‏ ئادە‌م جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدۇ.‏ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئوي-‏پىكىرلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ ئاقساقال بولسىڭىز،‏ ئاقساقاللار يىغىلىشىدا بىر مە‌سىلىنى مۇ‌زاكىرە قىلىۋاتقاندا،‏ باشقىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىگە قوشۇ‌لمىسىڭىز،‏ ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا زىت كە‌لمىسە،‏ سىز كۆپچىلىكنى قۇ‌للاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌مسىز؟‏ ئاقساقال ‏«ئۆز بېشىمچى»‏ بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ مېنىڭكى راست دە‌پ،‏ سۆزىڭىزدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماي،‏ باشقىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنىمۇ نە‌زە‌رگە ئېلىڭ (‏يارىت.‏ 13:‏8،‏ 9؛‏ پە‌ند.‏  نە 15:‏22)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقال ‏«جېدە‌لخور»‏ ۋە ‏«ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان»‏ بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ قوپال سۆزلە‌پ تالاش-‏تارتىش قىلماڭ،‏ قىزىق قانلىق بىلە‌ن جېدە‌ل-‏ماجىرا قىلماڭ.‏ تىنچلىقپە‌رۋە‌ر ئادە‌م سۈپىتىدە،‏ ئە‌ڭ ئېغىر ۋە‌زىيە‌تتىمۇ تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىڭ (‏ياقۇ‌پ 3:‏17،‏ 18)‏.‏ باشقىلارغا جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ ھە‌تتا ئىمان-‏ئېتىقادىمىزغا قارشى چىققۇ‌چىلارغا مۇ‌لايىم ۋە ئىللىق سۆزلە‌رنى قىلىڭ.‏—‏ھاكىم.‏ 8:‏1–‏3؛‏ پە‌ند.‏ نە 20:‏3؛‏ 25:‏15؛‏ مە‌تتا 5:‏23،‏ 24‏.‏

14.‏ «يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى ۋە «ۋاپادار» بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمىلە‌رنى بىلدۈرىدۇ؟‏

14 ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر ‏«يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى كېرە‌ك»‏‏.‏ بۇ چۆمۈلدۈرۈلگە‌نلىكىڭىزگە ئۇ‌زۇ‌ن يىل بولغان بولۇ‌شى كېرە‌ك دېگە‌ننى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلگە‌ن كىشى بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئاقساقال بولۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ سىز ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش كە‌متە‌ر،‏ ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشقا تە‌ييار،‏ يە‌ھۋا سىزگە كۆپرە‌ك ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رغىچە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ تۇ‌رالايدىغان بولۇ‌شىڭىز لازىم (‏مە‌تتا 20:‏23؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏5–‏8)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاپ،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى بېرىۋاتقان كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ‏«ۋاپادار»‏ ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئىسپاتلاڭ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏15.‏

15.‏ ئاقساقال چوقۇ‌م نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا ماھىر بولۇ‌ش كېرە‌كمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئاقساقال چوقۇ‌م ‏«تە‌لىم بېرىشكە لاياقە‌تلىك بولسۇ‌ن»‏‏،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بۇ چوقۇ‌م ماھىر ناتىق بولۇ‌شى كېرە‌ك دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممىسىلا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا ماھىر بولۇ‌شى ناتايىن،‏ بىراق ۋە‌ز خىزمىتى ۋە قېرىنداشلارنى يوقلاپ پادىچىلىق زىيارىتى قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌لىم ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان بولۇ‌شى لازىم (‏1-‏تىموتىي 3:‏2؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 12:‏28،‏ 29 بىلە‌ن ٸە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏11-‏ئايە‌تنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ گە‌رچە ئىنتايىن ياخشى ناتىق بولمىسىڭىزمۇ،‏ ئۆز قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

16.‏ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تە‌لىم بېرىش ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

16 ‏«خۇ‌دانىڭ ئىشە‌نچىلىك سۆزىنى مە‌ھكە‌م تۇ‌تىدىغان كىشى بولسۇ‌ن».‏ تېخىمۇ ياخشىراق تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ مە‌يلى سە‌ھنىدە پروگراممىلارغا رىياسە‌تچىلىك قىلىش نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش ۋە شە‌خسە‌ن نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە بولسۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئاساسە‌ن سۆز قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە تە‌شكىلاتىمىز نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللارنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ.‏ بولۇ‌پمۇ نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزدا ئايە‌تلە‌ر قانداق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىپ،‏ شۇ ئاساستا باشقىلارغا تە‌لىم بېرىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏28؛‏ 16:‏23؛‏ تىتۇ‌س 1:‏9)‏.‏ تە‌لىملىرىڭىزنى تىڭشىغۇ‌چىلارنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.‏ تە‌جرىبىسى مول ئاقساقاللاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ پىكىرلىرىگە قۇ‌لاق سېلىڭ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏17)‏.‏ ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ‏«ئىلھام بېرە‌لە‌يدىغان»‏ بولۇ‌شى لازىم.‏ بە‌زىدە زۆرۈر بولغاندا مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان،‏ ھە‌تتا تە‌نبىھ بېرىپ ‏«ئە‌يىبلىيە‌لە‌يدىغان»‏ بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مە‌يلى قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بولمىسۇ‌ن،‏ ئاقساقاللار ھە‌ردائىم مۇ‌لايىم ۋە مېھرىبان بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دا سۆزىگە تايىنىپ تە‌لىم بە‌رسىڭىز،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازىمىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ماھىر تە‌لىم بە‌رگۈچى بولالايسىز.‏—‏مە‌تتا 11:‏28–‏30؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏24.‏

كوللاژ:‏1.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بىلە‌ن بىر ئاقساقال قېرىندىشىمىزنى يوقلاپ ئۆيىگە كە‌لدى.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ئۇ‌نىڭغا سۆز قىلىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابى ئوچۇ‌ق تۇ‌رىدۇ.‏ 2.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ئە‌ينە‌ك ئالدىدا نۇ‌تۇ‌قىنى مە‌شىق قىلىۋاتىدۇ.‏

ياردە‌مچى خىزمە‌تچى تە‌جرىبىلىك ئاقساقالدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ تە‌لىم بېرىشنى ئۆگىنىش پۇ‌رسىتىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ئە‌ينە‌ك ئالدىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ جامائە‌تتە ئېيتماقچى بولغان نۇ‌تۇ‌قىنى مە‌شىق قىلىۋاتىدۇ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌تكە يە‌تكۈچە تىرىشىڭ

17.‏ (‏1)‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ،‏ ئاقساقال بولۇ‌ش مە‌قسىتىگە يېتىشىگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ مە‌لۇ‌م بىر بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌ۋسىيە قىلماقچى بولغاندا،‏ ئاقساقاللار نېمىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى كېرە‌ك؟‏ (‏«‏باشقىلارنى باھالىغاندا كىچىك پېئىل بولۇ‌ڭلار‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

17 ئاقساقاللارغا قويۇ‌لغان تە‌لە‌پلە‌رنى كۆرۈپ،‏ بە‌زى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ئۆزىنى ھە‌رگىزمۇ ئاقساقال بولۇ‌شقا لاياقە‌تلىك بولالمايدىغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ئويلىسىڭىز،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى سىزنىڭ شۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە نامايان قىلىشىڭىزنى كۈتمە‌يدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمىدە شۇ تە‌لە‌پلە‌رگە لاياقە‌تلىك بولالايسىز (‏فىلىپى.‏ 2:‏13)‏.‏ سىز بولۇ‌پمۇ قايسى پە‌زىلە‌تنى تېخىمۇ ياخشىراق نامايان قىلىشنى خالايسىز؟‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سوراڭ.‏ شۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ھە‌ققىدە يېزىلغان ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌پ ئىزدىنىڭ ۋە ئاقساقاللاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراپ،‏ تە‌كلىپ-‏پىكىرلىرىنى ئاڭلاڭ.‏

باشقىلارنى باھالىغاندا كىچىك پېئىل بولۇ‌ڭلار

ئاقساقاللار مە‌لۇ‌م بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ تە‌لە‌پلە‌رگە لاياقە‌تلىك بولغان-‏بولمىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدە ئۆزلىرى قانداق ھالە‌تتە ئىكە‌نلىكىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئە‌ستە تۇ‌تىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار «ھە‌ددىدىن زىيادە ئادىل» بولۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏16؛‏ رىملىقلار 12:‏3)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە لاياقە‌تلىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار ئۆزلىرى ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌ۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ تە‌لە‌پلە‌رگە مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە لاياقە‌تلىك بولۇ‌شىنى كۈتمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كۆرسىتىلگە‌ن پە‌زىلە‌تلە‌رگە يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە لاياقە‌تلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سورايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ تە‌ۋسىيە قىلىنغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ھايات كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىغا ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت بولالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايدۇ.‏

18.‏ بارچە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قايسى مە‌قسە‌تكە يېتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىنىدۇ؟‏

18 بىز ھە‌ممىمىز،‏ ھە‌تتا ئاللىقاچان ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ‌رادە‌رلە‌رمۇ،‏ بۇ ماقالىدە كۆرۈپ چىققان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىڭلار (‏فىلىپى.‏ 3:‏16)‏ سىز ياردە‌مچى خىزمە‌تچىمۇ؟‏ قېرىنداشلارغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىڭ!‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە جامائە‌تتە قېرىنداشلارغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ سىزنى تە‌ربىيىلە‌پ تاۋلاپ،‏ شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ (‏يە‌شايا 64:‏8)‏.‏ ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىپ،‏ كۆرسە‌تكە‌ن بارچە تىرىشچانلىقىڭىزنى يە‌ھۋا مول بە‌رىكە‌تلىگە‌ي!‏

تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز …‏

  •  1-‏تىموتىي 3:‏1–‏7؟‏

  •  تىتۇ‌س 1:‏5–‏9؟‏

  •  ئىبرانىيلار 13:‏2،‏ 16؟‏

53-‏ناخشا ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش