كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 نويابىر 14-‏19 ب.‏
  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏
  • نېمە ئۈچۈن ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولماقچىسىز؟‏
  • باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏
  • ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏
  • ‏«ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بېرىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ تە‌مىنى تېتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 نويابىر 14-‏19 ب.‏

46-‏تە‌تقىق ماقالىسى

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏

‏«بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر»‏‏.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىشكە ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌شىغا دە‌ۋە‌ت قىلىش.‏

1.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خىزمە‌ت ياردە‌مچىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولغان؟‏

جامائە‌تلە‌ردە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ساداقە‌تمە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رنى قە‌دىرلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فىلىپى شە‌ھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خە‌ت يازغاندا،‏ ئاقساقاللار بىلە‌ن بىرلىكتە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگىمۇ سالام يوللىغان ئىدى.‏—‏فىلىپى.‏ 1:‏1.‏

2.‏ لۇ‌ئىس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىنى دېگە‌ن؟‏

2 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياش ياكى ياشانغان بولسۇ‌ن،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ جامائە‌ت ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىشتىن زور خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دېۋېن 18 ياشتا،‏ لۇ‌ئىس 50 ياشلاردا ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولغان.‏ لۇ‌ئىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن جامائە‌تتە ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ،‏ قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلغىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن پە‌خىرلىنىمە‌ن.‏ ئىلگىرى قېرىنداشلار ماڭا تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ كە‌لگە‌ن ئىدى،‏ مانا ھازىر نۆۋە‌ت ماڭا كە‌لدى».‏ بۇ بارلىق ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ يۈرە‌ك سۆزلىرىدۇ‌ر.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 ئە‌گە‌ر سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌ر بولسىڭىز،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىز؟‏ ئالدىڭىزغا شۇ‌نداق مە‌قسە‌ت قويۇ‌شنى خالامسىز؟‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان قايسى تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌شىڭىز؟‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏ بىراق،‏ ئالدى بىلە‌ن ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر جامائە‌تتە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

4.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

4 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا تە‌يىنلىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە ئاقساقاللارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بە‌زى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قېرىنداشلار ۋە‌ز قىلىدىغان رايونلارنىڭ خە‌رىتىسىنى ۋە نە‌شىرى ماتېرىياللارنى تە‌ييارلاش؛‏ بە‌زىلىرى يىغلىش زالىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ۋە رېمونت قىلىپ ئاسراش؛‏ باشقىلىرى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا كە‌لگە‌نلە‌رنى قارشى ئېلىش ۋە ئاۋاز كۈچە‌يتىش ئۈسكىنلىرى ۋە مىكروفون يە‌تكۈزۈپ بېرىش،‏ سە‌ھنىنى ھازىرلاشتە‌ك ئە‌مە‌لىي ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيۈشى ۋە ئۇ‌نىڭ ئادىل ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرى بويىچە ياشىشى لازىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى چىن قە‌لبىدىن سۆيۈشى كېرە‌ك (‏مە‌تتا 22:‏37–‏39‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

كوللاژ:‏ خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى جان كۆيدۈرۈپ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى چىقىرىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ باشقا بۇ‌رادە‌ر ھاجە‌تخانىنى تازىلاۋاتىدۇ.‏ 3.‏ يە‌نە باشقا بىر بۇ‌رادە‌ر بولسا يىغىلىشقا كە‌لگە‌نلە‌رنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ يە‌نە بىر بۇ‌رادە‌ر يىغىلىش زالىدىكى ئاۋاز كۈچە‌يتىش ئۈسكۈنلىرىنى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ئە‌يسانى دوراپ باشقىلىرىغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


5.‏ سىز ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شنىڭ تە‌لە‌پلىرى يېزىلغان (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏8–‏10،‏ 12،‏ 13)‏.‏ ئە‌گە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردىكى تە‌لە‌پلە‌رنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە شۇ تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.‏ ئە‌مما،‏ ئاۋۋال،‏ نېمە ئۈچۈن ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولماقچى بولغانلىقىڭىزنى،‏ يە‌نى نىيىتىڭىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشىڭىز لازىم.‏

نېمە ئۈچۈن ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولماقچىسىز؟‏

6.‏ نېمە سىزنى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏مە‌تتا 20:‏28‏؛‏ مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىم)‏

6 ئە‌يسا مە‌سىھ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ ئاتىسى يە‌ھۋانى ۋە باشقىلارنى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌ن.‏ بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌يسانى باشقىلار ئۈچۈن جاپالىق خىزمە‌ت قىلىشقا،‏ ھە‌تتا باشقىلار تۆۋە‌ن كۆرگە‌ن ئىشلارنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏مە‌تتا 20:‏28‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏5،‏ 14،‏ 15)‏.‏ ئە‌گە‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنىمۇ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلسا،‏ يە‌ھۋا سىزنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ سىزنىڭ شۇ كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىڭىزگە يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏14؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏5.‏

ئە‌يسا ئە‌لچىلە‌ردىن بىرىنىڭ پۇ‌تىنى يۇ‌يۇ‌ۋاتقاندا،‏ باشقىلىرى بولسا،‏ كۆزلىرى ئىشە‌نمە‌ي قاراپ تۇ‌رىدۇ.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە نام-‏ئاتاققا ئىنتىلماي،‏ باشقىلارغا كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا ئۆگە‌تكە‌ن (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


7.‏ نېمە ئۈچۈن بىر بۇ‌رادە‌ر شە‌خسىيە‌تچى خاھىشتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

7 بۈگۈنكى كۈندە،‏ دۇ‌نيادا كىشىلە‌ر ئۆزىنى مە‌شھۇ‌ر،‏ ھە‌ممىگە تونۇ‌تۇ‌شقا تىرىشقان ئادە‌ملە‌رگە ھە‌ۋە‌س قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لاردىن پە‌خىرلىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌گە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلسا،‏ ھە‌رگىزمۇ نام-‏شۆھرە‌ت ۋە مە‌رتىۋىگە ئىنتىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداق بولمىغاندا،‏ ئۇ بۇ‌رادە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ياكى ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نسە،‏ يە‌ھۋانىڭ پادىلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشتا زۆرۈر بولغان بە‌زى ئىشلارنى قىلىشنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ كە‌متە‌رلىكنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان شۇ ئىشلارنى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س،‏ ئابرويۇ‌منى چۈشۈرىدۇ دە‌پ قارايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏12)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىز تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە شە‌خسىيە‌تچى كىشىلە‌رنى بە‌رىكە‌تلىمە‌يدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏24،‏ 33؛‏ 13:‏4،‏ 5.‏

8.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆز ئە‌لچىلىرىگە قانداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

8 ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستلىرى ئارىسىدا بە‌زى ۋە‌زىپىلە‌رگە ئىنتىلگە‌نلە‌ر بولغان،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرى ناتوغرا ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچىلە‌ردىن ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئە‌يسادىن ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ئۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇ‌ن بېرىشىنى سورىغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ شۇ ئۆتۈنۈشىنى ماختىمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ 12 ئە‌لچىسىنىڭ ھە‌ممىسى چاقىرىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاراڭلاردا كىم يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك بولۇ‌شنى خالىسا،‏ ئۇ باشقىلارغا خىزمە‌تكار بولسۇ‌ن.‏ ئاراڭلاردا كىم بىرىنچى بولۇ‌شنى خالىسا،‏ ھە‌ممىڭلارغا قۇ‌ل بولسۇ‌ن» (‏ماركۇ‌س 10:‏35–‏37،‏ 43،‏ 44)‏.‏ توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،‏ قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئىنتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌ت ئۈچۈن ئاجايىپ بە‌رىكە‌ت بولىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏8.‏

باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

9.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولمىسا،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

9 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيىسىز،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايسىز.‏ بىراق،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغاچ،‏ شۇ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىش قانچىلىك زور خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر» (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35)‏.‏ ئۇ ئۆزى بۇ سۆزلە‌رگە لايىق ياشىغان،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىپ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىقنى تاپقان.‏ سىزمۇ ئۇ‌نىڭدە‌ك خۇ‌شاللىق تاپالايسىز.‏

10.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تاپقانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ماركۇ‌س 6:‏31–‏34)‏

10 ئە‌يسا باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىق تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر مىسالىنى  كۆرۈپ چىقىڭ ‏(‏ماركۇ‌س 6:‏31–‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىر كۈنى ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرى قاتتىق ھېرىپ چارچىغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار جىمجىت بىر يە‌رگە بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام ئالماقچى بولغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىمىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌ر شۇ يە‌رگە ئۇ‌لاردىن بۇ‌رۇ‌ن بېرىۋالغان.‏ ئە‌يسا شۇ كىشىلە‌رگە تە‌لىم بېرىشنى رە‌ت قىلسا ياكى بىرنە‌چچە ئېغىر ۋە‌ز-‏نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى قىلىپلا ئۇ‌لارنى ئۆيلىرىگە يولغا سېلىۋە‌تسە بولاتتى،‏ چۈنكى ئۇ ۋە ئە‌لچىلىرىنىڭ «تاماق يېيىشكە ۋاقتى يوق ئىدى».‏ بىراق،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت تۈرتكىسىدە،‏ ئە‌يسا ‏«كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىشكە» باشلىغان،‏ ھە‌تتا «كە‌چ كىرىپ» كە‌تكۈچە تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏ماركۇ‌س 6:‏35)‏.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى شۇ‌نداق قىلشقا مە‌جبۇ‌ر بولغانلىقى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىغانلىقى ئۈچۈن قىلغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى سۆيگە‌چكە،‏ ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىشنى خالىغان‏.‏ باشقىلارغا  خىزمە‌ت قىلىش ئە‌يساغا زور خۇ‌شاللىق ئاتا قىلغان.‏

11.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە قانداق ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ماركۇ‌س 6:‏31–‏34)‏

11 ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىپلا قالماي،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىپ بېلىق بىلە‌ن ناننى كۆپە‌يتكە‌ن ۋە شاگىرتلىرى شۇ يېمە‌كلىكلە‌رنى خالايىققا تارقاتقان (‏ماركۇ‌س 6:‏41)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا باشقىلارغا قانداق خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌لار باشقىلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م قىلىشنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لىگە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بۈگۈنكى كۈندە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر دە‌ل شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلماقتا.‏ شاگىرتلار ئە‌يسا بىلە‌ن مۆرىنى-‏مۆرىگە تىرە‌پ خىزمە‌ت قىلىپ،‏ بېلىق ۋە نان بىلە‌ن كىشىلە‌رنى تويدۇ‌رغاندا،‏ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏ (‏ماركۇ‌س 6:‏42)‏.‏ بۇ ئە‌يسا باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىنى ئۆزىنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىدىن يۇ‌قىرى قويغانلىقىنى پە‌قە‌ت بىرلا مىسالى.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ باشتىن-‏ئاخىرى باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان (‏مە‌تتا 4:‏23؛‏ 8:‏16‏)‏.‏ ئە‌يسا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىشتىن ئۆزىگە زور خۇ‌شاللىق تاپقان.‏ سىزمۇ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ باشقىلارغا پىداكارلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلسىڭىز،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى سىزمۇ شۇ‌نداق خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئە‌يسا ئايالغا تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ياش ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ۋە‌ز خىزمىتىدە مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇ‌رغان ياشانغان بۇ‌رادە‌رگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى سىزنى جامائە‌تتە ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏a


12.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تكە ھە‌سسە قوشىدىغان قابىلىيىتىم يوق دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

12 ئە‌گە‌ر مېنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتىم يوق دە‌پ ئويلىسىڭىز،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ.‏ ھە‌ربىر كىشىنىڭ چوقۇ‌م جامائە‌تكە ھە‌سسىسىنى قوشۇ‌شقا ئىمكانىيە‌ت بېرىدىغان گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرى ياكى ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رە‌پلىرى بولىدۇ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ 1-‏كورىنتلىقلار 12:‏12–‏30 ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ شۇ سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئاشۇ سۆزلە‌ردىن يە‌ھۋانىڭ ھە‌ربىر خىزمە‌تچىسىنىڭ جامائە‌تتە ئۆز ئورنىڭىز ۋە قە‌دىر-‏قىممىتىڭىز بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتە‌لە‌يسىز.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ھازىرچە تېخى لاياقە‌تلىك بولالمىسىڭىز،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ.‏ قولىڭىزدىن كېلىشىچە،‏ يە‌ھۋاغا ۋە قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئاقساقاللار سىزنىڭ قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان ھالدا،‏ سىزگە ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رىدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏4–‏8.‏

13.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە قويۇ‌لغان تە‌لە‌پلە‌رگە لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش شۇ‌نچە قىيىنمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

13 يە‌نە ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئە‌رزىيدىغان بىر مۇ‌ھىم نۇ‌قتا بار:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە قويۇ‌لغان تە‌لە‌پلە‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ھە‌م قويۇ‌لغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىمىز،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىمىز ۋە خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرى بويىچە ياشىشىمىز لازىم.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىر بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن زادى نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

14.‏ ئە‌ستايىدىل بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏1-‏تىموتىي 3:‏8–‏10،‏ 12)‏

14 ھازىر بىرلىكتە،‏ 1-‏تىموتىي 3:‏8–‏10،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ تىلغا ئېلىنغان بە‌زى تە‌لە‌پلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ‏«ئە‌ستايىدىل بولۇ‌شى»‏ كېرە‌ك.‏ بۇ سۆز-‏ئىبارىنى «مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان» ياكى «ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ كۈلۈشىڭىزگە ياكى چاقچاق قىلىشىڭىزغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏ۋە‌ز 3:‏1،‏ 4)‏.‏ بارلىق تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىلە‌رگە ئە‌ستايىدىل قاراپ،‏ ئۇ‌لارنى مە‌سئۇ‌لىيە‌تچانلىق بىلە‌ن ئورۇ‌ندىسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ،‏ جامائە‌تتە قېرىنداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز.‏

15.‏ «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە «ھارام پايدىنى تە‌مە قىلىدىغان ئاچكۆز بولمىسۇ‌ن» دېگە‌نلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 ‏«ئىككى يۈزلىمىچى»‏ بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ بۇ راستچىل ۋە ئىشە‌نچىلىك،‏ ئېيتقان سۆزىدە تۇ‌رىدىغان ۋە ئالدامچىلىق قىلمايدىغان ئادە‌م بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏32)‏.‏ ‏«ھارام پايدىنى تە‌مە قىلىدىغان ئاچكۆز بولمىسۇ‌ن»‏‏.‏ بۇ باشقىلار بىلە‌ن سودا-‏تىجارە‌ت،‏ قە‌رز ئېلىش-‏بېرىش دېگە‌ندە‌ك ئىشلاردا راستچىل بولۇ‌ش ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تتىن پايدىلىنىپ،‏ كۆپرە‌ك پايدا ئېلىپ پۇ‌ل تېپىشقا ئۇ‌رۇ‌نماسلىقنى بىلدۈرىدۇ.‏

16.‏ (‏1)‏ «شاراب ئىچىشكە ئامراق … بولمىسۇ‌ن» دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ «پاك ۋىجدانى» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

16 ‏«شاراب ئىچىشكە ئامراق»‏ بولماسلىقى لازىم.‏ بۇ ئۆزىگە چە‌ك قويالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا شارابخور دېگە‌ن نام-‏ئاتاقنى ئالمىغان بىرى بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ‏.‏ «پاك ۋىجدانى»‏ بولۇ‌شى لازىم.‏ بۇ خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشىشنى؛‏ گە‌رچە نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىڭىزمۇ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېلىدىغان كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

17.‏ «ئۇ‌لارنىڭ سىناپ كۆرۈڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌ر بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏1-‏تىموتىي 3:‏10؛‏ رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

17 ‏«ئالدى بىلە‌ن ئۇ‌لارنى سىناپ كۆرۈڭلار»‏ دېگە‌ن سۆزلە‌ر،‏ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان ۋە ئىشە‌نچىلىك بىرى ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئاقساقاللارغا كۆرسىتىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئاقساقاللار قانداقتۇ بىر ئىشنى تاپشۇ‌رسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرى ۋە تە‌شكىلاتنىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌ڭ.‏ نېمىلە‌رنى قىلىش ۋە قاچان تۈگىتىش كېرە‌كلىكىنى ئېنىقراق چۈشىنىۋېلىڭ.‏ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ھە‌ربىر ئىشنى ئە‌ستايىدىل ئورۇ‌ندىسىڭىز،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بارغانسېرى ئالغا ئىلگىرلىگە‌نلىكىڭىزنى ۋە مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى بايقايدۇ.‏ ئاقساقاللارمۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئۆگىتىشنىڭ پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمە‌سلىكى كېرە‌ك ‏(‏1-‏تىموتىي 3:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جامائىتىڭىزدە 10–‏14 ياش ئارىسىدا ياكى ئۇ‌نىڭدىنمۇ كىچىك چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بالىلار بارمۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئادىتى بارمۇ؟‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ياخشى تە‌ييارلىق قىلىپ كېلە‌مدۇ؟‏ دائىم جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلىۋاتقان بولسا،‏ ئۇ‌لارغا يېشىغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ ئۇ‌لارنىڭ لاياقە‌تلىك بولغان-‏بولمىغانلىقى سىنىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار 20 ياشقا كىرمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ ياردە‌مچى  خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا لاياقە‌تلىك بولالىشى مۇ‌مكىن.‏

ياش بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تتە جاۋاب بېرىۋاتقان بىرىگە مىكروفوننى تۇ‌تۇ‌پ بېرىۋاتىدۇ.‏

ئاقساقاللار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى «سىناپ» كۆرە‌لە‌يدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


18.‏ «ئە‌يىبسىز» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

18 ‏«ئە‌يىبسىز»‏ بولۇ‌ش،‏ ھېچكىمنىڭ سىزنى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلدى دە‌پ ئە‌يىبلە‌يدىغانغا ئاساسى بولماسلىقى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌زىدە مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ناھە‌ق ئە‌يىبلە‌شكە ئۇ‌چرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھمۇ شۇ‌نداق ئە‌يىبلە‌شلە‌رگە ئۇ‌چرىغان ۋە ئۇ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏20)‏.‏ لېكىن،‏ سىز ئە‌يساغا ئوخشاش داۋاملىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شتا پاك،‏ بولسىڭىز،‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاققا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏—‏مە‌تتا 11:‏19‏.‏

19.‏ «بىر ئايالنىڭ ئېرى» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

19 ‏«بىر ئايالنىڭ ئېرى»‏ بولۇ‌شى لازىم‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز توي قىلغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ دە‌سلە‌پتە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان نىكاھ تۈزۈمىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ بىرلا ئاياللىق بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏مە‌تتا 19:‏3–‏9‏)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ھە‌رگىزمۇ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ياكى زىنا قىلماسلىقى كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏4)‏.‏ دېمە‌ك،‏ چوقۇ‌م ئۆز ئايالىڭىزغا ۋاپادار بولۇ‌پ،‏ ھە‌رگىزمۇ باشقا ئاياللار ھە‌ققىدە رومانتىك ئوي-‏خىياللاردا بولماسلىقىڭىز لازىم.‏—‏ئايۇ‌پ 31:‏1.‏

20.‏ «ئۆز پە‌رزە‌نتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇ‌رىدىغان» بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

20 ‏«ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇ‌رىدىغان بولسۇ‌ن».‏ ئە‌گە‌ر ئائىلە بېشى بولسىڭىز،‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرىڭىزگە ئە‌ستايىدىل مۇ‌ئامىلە قىلىڭ.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزۈشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ڭ؛‏ ئائىلە ئە‌زالىرىڭىز بىلە‌ن بىرلىكتە ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىڭ؛‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشىغا ياردە‌م بېرىڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4)‏.‏ ئائىلىنىڭ بېشى بولغان كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ياخشى غە‌مخورلۇ‌ق قىلالىسا،‏ دېمە‌ك ئۇ جامائە‌تكە ياخشى غە‌مخورلۇ‌ق قىلالايدۇ.‏—‏1-‏تىموتىي 3:‏5-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

21.‏ ئە‌گە‌ر سىز تېخى ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نمىگە‌ن بولسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

21 بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ر تېخى ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نمىگە‌ن بولساڭلار،‏ مۇ‌شۇ ماقالىنى ئە‌ستايىدىل ئوقۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭلار.‏ ۋاقىت چىقىرىپ،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا قويۇ‌لغان تە‌لە‌پلە‌رنى تە‌تقىق قىلىڭلار ۋە شۇ تە‌لە‌پلە‌رگە لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىڭلار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭلارنى كۈچە‌يتىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ ئۇ‌لارغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8،‏ 10)‏.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىڭ،‏ شۇ‌ندا جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنى ھېس قىلىسىز.‏ كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دا مول بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن!‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏13.‏

بۇ ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز …‏

  •  مە‌تتا 20:‏28‏؟‏

  •  ماركۇ‌س 6:‏31–‏34؟‏

  •  1-‏تىموتىي 3:‏8–‏10،‏ 12؟‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a مۇ‌قاۋىدىكى:‏ سولدا،‏ ئە‌يسا كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن شاگىرتلىرىغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ؛‏ ئوڭدا،‏ بىر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى جامائە‌تتە ياشانغان بۇ‌رادە‌رگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش