25-ناخشا
ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
(يۇھاننا 13:34، 35)
1. ماڭماق بولساق مەسىھ يولىدا،
بويسۇنماق شەرت بىر قانۇنغا.
بۇ خۇدا شاھلىق قانۇنىدۇر؛
مەسىھ كۆرسەتكەن سۆيگۈدۇر.
قۇربان قىلىپ مەسىھ جېنىنى؛
كۆرسەتتى چىن مۇھەببەتنى.
ئۇنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشەيلى؛
ھەقىقىي شاگىرت بولايلى.
2. چىن مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،
بۇرچ بىزگە ئاجىزنى يۆلەش.
مۇھەببەت قەرز، ئۇنى تۆلەش شەرت،
ھەر كۈن خۇداغا قىل خىزمەت.
تېپىلماس باشقا يەردىن پەقەت،
دوستلار ئارا چىن مۇھەببەت.
چىن مۇھەببەت يولىدا ماڭايلى؛
ئۈزۈلمەس رىشتە باغلايلى.
(رىملىقلار 13:8؛ 1-كورىنتلىقلار 13:8؛ ياقۇپ 2:8؛ 1-يۇھاننا 4:10، 11-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).