كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 27-‏29 ب.‏
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىلىرى
  • ‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە يۈرۈڭلار»‏
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر
  • ‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ»‏
  • ‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئاۋغۇ‌ست 27-‏29 ب.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېسىل پە‌زىلە‌ت

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

  • خۇ‌شاللىق

  • تېنچلىق

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت

  • مېھرىبانلىق

  • ھىممە‌تلىك

  • ئېتىقاد

  • مۇ‌لايىملىق

  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شقا بولىدىغان توققۇ‌ز خىسلە‌ت ھە‌ققىدە يېزىشقا روھلاندۇ‌رغان (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ بۇ گۈزە‌ل خىسلە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىللە «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» دە‌پ ئاتىلىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ‌نداقلا بۇ مېۋە —‏ مە‌سىھىيلە‌ر ئىگە بولىدىغان «يېڭى شە‌خسنىڭ» بىر قىسمى (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏10)‏.‏ ياخشى سۇ‌غۇ‌رۇ‌لغان دە‌رە‌خ مېۋە بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ ھاياتىغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىر قىلىشىغا يول قويىدىغان ئادە‌مدىمۇ مۇ‌نداق ئېسىل خىسلە‌تلە‌ر بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3)‏.‏

پاۋلۇ‌س يازغان بىرىنچى خىسلە‌ت —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏ بۇ خىسلە‌ت قانچىلىك ئېسىل؟‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۇ‌نىڭ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بولمىسا»،‏ ئۇ —‏ «ھېچنە‌رسە ئە‌مە‌س» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏2)‏.‏ ئامما مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگىنىمىز نېمە ۋە بىز ئۇ‌نى قانداق راۋاجلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە نە‌ق ئېنىقلىما بېرىش قىيىن بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌م قانداق ئويلىنىپ،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سۆيىدىغان ئادە‌م «سە‌ۋرلىك ھە‌م مېھرىبان» ۋە «ھە‌قىقە‌تكە شاتلىنىدۇ».‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بار ئادە‌م «ھە‌ممىگە بە‌رداشلىق بېرىدۇ،‏ ھە‌ممىگە ئىشىنىدۇ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە ئۈمى‍دلىنىدۇ،‏ ھە‌ممىنى تاقابىل چىدايدۇ».‏ شۇ‌نداق كىشى ئە‌تراپىدىكىلە‌رگە كۆيۈمچان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى چىن يۈرە‌كتىن ئويلايدۇ ۋە ۋاپادار دوست بولىدۇ.‏ لېكىن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى يوق ئادە‌م قىزغانچۇ‌ق،‏ ماختانچاق،‏ ئە‌دە‌بسىز،‏ شە‌خسىيە‌تچى ۋە باشقىلارنى كە‌چۈرمە‌يدىغان بولىدۇ.‏ مۇ‌نداق يامان ئىللە‌تلە‌رنىڭ ئورنىغا بىز ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكۈمىز كېلىدۇ ۋە مۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىمە‌يدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4—‏8)‏.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىلىرى

‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏8)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ئىشلىرى بۇ‌نى ئىسپاتلايدۇ.‏ خۇ‌دا ئىنسانىيە‌تكە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئە‌ڭ زور ئىپادىسى —‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى بىز ئۈچۈن ئازابلىنىپ ئۆلۈش ئۈچۈن يە‌رگە ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكى.‏ ئە‌لچى يوھاننا بۇ ھە‌ققىدە:‏ «تە‌ڭرىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزگە شۇ‌نىڭدا كۆرۈندىكى،‏ خۇ‌دا ئوغلى ئارقىلىق بىز ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۆزىنىڭ يالغۇ‌ز ئوغلىنى دۇ‌نياغا ئە‌ۋە‌تتى.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنىڭ خۇ‌دانى سۆيگىنىمىزدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ بىزنى سۆيۈپ،‏ ئۆز ئوغلىنى گۇ‌ناھلىرىمىزنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن شە‌پقە‌ت قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە ئە‌ۋە‌تىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىدە»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏9،‏ 10)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى تۈپە‌يلىدىن گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈلىدۇ ۋە بىز ئۈمىد بىلە‌ن ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

ئە‌يسامۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇ‌ربان قىلىشى بىلە‌ن ئىنسانىيە‌تنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تتى.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مۇ‌شۇ «ئىرادە» بويىچە بىر قېتىم ھە‌م مە‌ڭگۈگە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تېنىنىڭ ھە‌دىيە‌سى ئارقىلىق بىز مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ندۇ‌ق» (‏ئىبرانىيلارغا 10:‏9،‏ 10)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌ق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى باشقا ھېچقانداق ئادە‌م كۆرسىتە‌لمە‌يتى.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ بىرە‌ر كىشى «ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئارتۇ‌ق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت يوق» (‏يوھاننا 15:‏13)‏.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئۈلگە قىلالامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە ئۇ‌سۇ‌لىنى قاراپ باقايلى.‏

‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە يۈرۈڭلار»‏

پاۋلۇ‌س بىزنى مۇ‌نداق ئۈندىگە‌ن:‏ «رە‌ببىمىزگە تە‌قلىت قىلىڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌ر ئۇ‌نىڭ سۆيۈملۈك پە‌رزە‌نتلىرى.‏ مە‌سىھ سىلە‌رنى سۆيۈپ،‏ ئۆزىنى سىلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌داغا تاتلىق خۇ‌شپۇ‌راق سۈپىتىدە قۇ‌ربان قىلغىنىدە‌ك،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە يۈرۈڭلار» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1،‏ 2)‏.‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە يۈرۈش» دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ھە‌ردائىم كۆرسىتىش كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بىز باشقىلارغا «مە‌ن سىزنى ياخشى كۆرىمە‌ن» دە‌پلا قويماي،‏ بۇ‌نى ئىشىمىز بىلە‌ن ئىسپاتلايمىز.‏ يوھاننا مۇ‌نداق يازغان:‏ «بالىلىرىم،‏ بىر-‏بىرىمىزگە پە‌قە‌ت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى» (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏18)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌م باشقا ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ «پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى» خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكالايمىز (‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ لۇ‌قا 10:‏27)‏.‏ شۇ‌نداقلا سە‌ۋرچان،‏ مېھرىبان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولساق،‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتە يۈرىمىز».‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «يە‌ھۋا سىلە‌رنى ھىممە‌تلە‌رچە كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏13)‏.‏

بىراق،‏ بىز بىرسىگە مە‌سلىھە‌ت بە‌رسە‌ك ياكى ئۇ‌نى تۈزە‌تسە‌ك،‏ بۇ بىزدە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت يوقلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بالىسى يىغلىمىسۇ‌ن دە‌پ بە‌زى ئاتا-‏ئانا بالىسىنىڭ دېگىنىنى قىلىدۇ.‏ ئە‌مما بالىسىنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-‏ئانا كېرە‌ك چاغدا قاتتىقراق تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولغىنى بىلە‌ن،‏ ئۇ «كىمنى سۆيسە،‏ شۇ‌نى جازالايدۇ» (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏6)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىرسىنى ھاجە‌ت بولغان چاغدا تۈزە‌تسە‌ك،‏ بۇ —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئىپادىسىدۇ‌ر (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏11،‏ 12)‏.‏ لېكىن،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ گۇ‌ناھكار ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە پات-‏پات مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ياخشىراق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ قانداقلارچە؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

بىرىنچىدىن،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراڭ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ھۋانىڭ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىغانلارغا بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتقان (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ دۇ‌ئادا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىشىگە يول قويساق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بارغانسىرى كۆپ بولىدىغانلىقى سۆزسىز (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏16)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقال بولسىڭىز،‏ باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ بۇ‌نى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن قىلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىزنى ئاچچىقلىنىپ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تۈزىتىش ئۈچۈن خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ.‏

ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزىنى ئازابلىغانلارغا قانداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21،‏ 23)‏.‏ سىزنى بىرسى رە‌نجىتكە‌ندە ياكى سىز ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ئە‌يسا نېمە قىلاتتى؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ لى ئىسىملىق قېرىنداشنىڭ ۋە‌قە‌سىدە كۆرۈنگە‌ندە‌ك،‏ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشتىن ئاۋۋال ياخشىلاپ ئويلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ بۆلۈشكە‌ن:‏ «بىر قېتىم مە‌ن بىلە‌ن ئىشلە‌يدىغان بىر ئايال خىزمە‌تداشلىرىمغا مە‌ن ۋە قىلغان ئىشىم توغرىسىدا ناتوغرا نە‌رسىلە‌رنى يېزىپ،‏ ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىپتۇ.‏ بۇ‌نى بىلگە‌ندە،‏ ئىنتايىن خاپا بولدۇ‌م.‏ بىراق،‏ كېيىن «بۇ ئادە‌م بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمدە ئە‌يسانى قانداق دورالايمە‌ن؟‏» دە‌پ ئويلاندىم.‏ ئە‌يسانىڭ مېنىڭ ئورنۇ‌مدا نېمە قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىراز ئويلىنىپ،‏ تۈگمىدە‌ك نە‌رسىنى تۆگىدە‌ك قىلماي،‏ ھە‌ممىسىنى شۇ‌نداق قالدۇ‌رۇ‌شقا قارار قىلدىم.‏ كېيىنرە‌ك شۇ خىزمە‌تدىشىمنىڭ ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن كۈرە‌ش قىۋاتقانلىقىنى ۋە كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا بولغانلىقىنى بىلدىم.‏ شۇ‌ڭا يازغان ئۇ‌چۇ‌رى بىلە‌ن ئۇ مېنى رە‌نجىتكىسى كە‌لمىگە‌ندۇ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كە‌لدىم.‏ ئە‌يسا ھە‌تتا ئاچچىقىنى كە‌لتۈرمە‌كچى بولغان ئادە‌ملە‌رگىمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسى خىزمە‌تدىشىمغا مۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشكە ياردە‌م بە‌ردى».‏ ئە‌گە‌ر بىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلساق،‏ باشقىلارغا ھە‌ردائىم مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىمىز.‏

ئۈچىنچىدىن،‏ جان پىدا قىلىدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى ئۆگىنىڭ.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى شۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت پە‌رقلە‌ندۈرىدۇ (‏يوھاننا 13:‏34،‏ 35)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزى جان پىدا قىلىپ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىنى قالغان.‏ قانداقلارچە؟‏ ئۇ بىزنىڭ مە‌نپە‌ئىتىمىز ئۈچۈن،‏ «تاكى ئۆلۈمىگىچە»،‏ «ئۆزىنى ھە‌ممە نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قىلىپ»،‏ جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلدى (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏5—‏8)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ،‏ پىداكارلىق بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ ئويىمىز بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز ئۇ‌نىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ ۋە بىز باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزۈمىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان بولىمىز.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىش كۆپ بە‌رىكە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىككىسىنى قاراپ چىقايلى.‏

هه‌ر توٰرلوٰك ياشتىكی ۋه مىللىتی ئوخشىمايدىغان يه‌هۋا گوُۋاهچىلىری ئىباده‌ت ئويىده سوزلىشىۋاتىدوُ

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىش قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

  • خە‌لقئارالىق قېرىنداشلىق.‏ بىر-‏بىرىمىزنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ دۇ‌نيانىڭ قايسى جايىدىكى جامائە‌تكە بارمايلى،‏ قېرىنداشلارنىڭ بىزنى قۇ‌چاق ئېچىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ «دۇ‌نيادىكى ئېتىقادداشلىرىڭىز» سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە دېگە‌ن زور بە‌رىكە‌ت!‏ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏9)‏.‏ مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى پە‌قە‌ت خۇ‌دا خە‌لقنىڭ ئارىسىدا تاپالايمىز.‏

  • ئىناقلىق.‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىمىزگە كە‌ڭ قورساقلىق بولۇ‌ش» ئارقىلىق ئارىمىزدىكى «تېنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇ‌رىدىغان رىشتىسىنى» ساقلالايمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏2،‏ 3)‏.‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىمىز بىلە‌ن چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا جە‌م بولغاندا،‏ بىز مۇ‌نداق ئىناقلىقنى ھېس قىلىمىز.‏ بۆلگۈنچىلىككە تولغان بۇ دۇ‌نيادا ئارىمىزدىكى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ بار بولغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏165؛‏ يە‌شايا 54:‏13)‏.‏ بىز باشقىلار بىلە‌ن ئىناق بولۇ‌شقا كۈچ چىقارساق،‏ ئۇ‌لارنى ھە‌قىقە‌تە‌ن سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز ۋە ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1—‏3؛‏ مە‌تتا 5:‏9‏)‏.‏

‏«مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ»‏

پاۋلۇ‌س:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏.‏.‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏1)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌تنىڭ 13-‏بابىدا پاۋلۇ‌س مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئادە‌منى قانچىلىك مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئويلايدۇ ۋە ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24؛‏ 13:‏5)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت غە‌مخورچان،‏ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىناۋە‌تكە ئالىدىغان،‏ سە‌ۋرچان ۋە مېھرىبان بولغانلىقتىن،‏ ئۇ ئائىلىلە‌رگە مە‌ھكە‌م ئاساس سېلىپ،‏ جامائە‌تتە ئىناقلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە تە‌سىر قىلىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏14)‏.‏

قېشىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن ئۇ‌سۇ‌لى بار،‏ ئامما ئە‌ڭ قىممە‌ت-‏باھالىق ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت—‏خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر.‏ نېمىشقا؟‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى بىرلە‌شتۈرىدۇ.‏ كېلىپ چىقىشى،‏ ئىرقى ۋە تىلى ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋاغا «بىر جان بىر تە‌ن بولۇ‌پ»،‏ ئىناقلىقتا ئىبادە‌ت قىلىدۇ (‏سە‌فانىيا 3:‏9)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ مېۋىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ ئېسىل پە‌زىلە‌تنى كۆرسىتىشكە بە‌ل باغلايلى.‏

a بۇ —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى بولغان خىسلە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ربىرى مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان توققۇ‌ز قىسىملىق بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ بىرىنچىسى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش