كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 3-‏8 ب.‏
  • ‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرى
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 3-‏8 ب.‏
يه‌هۋا گوُۋاهچىلىری بىرگه ئىباده‌ت ئويىنی تازلاۋاتىدوُ

‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏

‏«بىر-‏بىرىمىزگە پە‌قە‌ت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى» (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏18)‏.‏

ناخشىلار:‏ 3،‏ 50

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئە‌ڭ ياخشى تۈرى قايسى؟‏

  • ‏«ساختىسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت» دېگە‌ن نېمە؟‏

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ سە‌مىمىي ئىكە‌نلىكىنى قانداق تە‌كشۈرسە‌ك بولىدۇ؟‏

1.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئە‌ڭ ئالىي بىر تۈرى قايسى ۋە سىز ئۇ‌نى قانداق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌تتىڭىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏7)‏.‏ ئادالە‌تلىك پرىنسىپلارغا ئاساسلانغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت يە‌ھۋانىڭ سوۋغىسى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ بۇ ئالىي تۈرىنى گرېكچە ئاگاپى دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ سۆزنىڭ مە‌نىسىگە يە‌نە ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىللىق سېزىممۇ كىرىشى مۇ‌مكىن،‏ لېكىن بۇ پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ بىلە‌ن چە‌كلە‌نمە‌يدۇ.‏ ئادە‌منىڭ مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۆزىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ باشقىسىنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلە‌پ،‏ غە‌رە‌زسىز ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىدىن كۆرۈنىدۇ.‏ مۇ‌نداق خىسلە‌ت بىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ بۇ تۈرى بىزگە خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىدۇ ۋە ھاياتىمىزنى مە‌نىلىك قىلىدۇ.‏

2،‏ 3.‏ يە‌ھۋا ئىنسانىيە‌تكە بولغان غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

2 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنى ياراتماستىن ئاۋۋال،‏ ئىنسانىيە‌تكە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ يە‌رنى ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كېرە‌كلىك بولغان ھە‌ممە نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تولدۇ‌رغان.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا يە‌رنى پە‌قە‌تلا ياشايدىغان جاي سۈپىتىدە ئە‌مە‌س،‏ ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدىغان ئۆي-‏ماكان قىلدى.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى ئۆزى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بىز ئۈچۈن قىلدى.‏ ئۆي-‏ماكان تە‌ييار بولغاندا،‏ ئۇ ئىنساننى يارىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش پۇ‌رسىتىنى بە‌ردى.‏

3 ئاندىن كېيىن يە‌ھۋا ئىنسانىيە‌تكە بولغان غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌ڭ ئۇ‌بدان ئۇ‌سۇ‌لدا كۆرسە‌تتى.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا خۇ‌داغا قارشى چىقسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىقىدىغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە يە‌رگە ئە‌ۋە‌تتى (‏يارىتىلىش 3:‏15؛‏ يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏10)‏.‏ تۆلە‌م ۋە‌دە قىلىنغاندىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى تۆلە‌پ بولۇ‌نغاندە‌ك قاراپ كە‌لدى.‏ تە‌خمىنە‌ن 4000 يىل ئۆتۈپ،‏ ئۇ يالغۇ‌ز ئوغلىنى ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن پىدا قىلدى (‏يوھاننا 3:‏16)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز!‏

4.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رنىڭ غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

4 نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ بىز غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ چۈنكى يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان،‏ يە‌نى بىز ئۇ‌نىڭغا تە‌قلىت قىلالايمىز.‏ سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ھە‌رقاچان ئاسان ئە‌مە‌س،‏ بىراق بۇ قولۇ‌مىزدىن كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھابىل خۇ‌داغا ئۆزىدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى غە‌رە‌زسىز تە‌غدىم قىلغاندا،‏ ئۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تتى (‏يارىتىلىش 4:‏3،‏ 4)‏.‏ نۇ‌ھنى ئادە‌ملە‌ر تىڭشىمىسىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ خە‌ۋىرىنى نە‌چچە ئون يىل ھارىماي-‏تالماي ۋە‌ز قىلىشى بىلە‌ن غە‌رە‌زسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 2:‏5)‏.‏ ئىبراھىم سۆيۈملۈك ئوغلى ئىسھاقنى قۇ‌ربان قىلىشقا تە‌ييارلىق كۆرسىتىشى بىلە‌ن خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بە‌ك كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىدى (‏ياقۇ‌پ 2:‏21)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ ھە‌تتا ئاسان بولمىغاندىمۇ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكۈمىز كېلىدۇ.‏

ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

5.‏ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى «سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە» كۆرسىتىش كېرە‌كلىكى ئېيتىلغان (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏18)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى سۆزۈمىز بىلە‌نمۇ كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏18)‏.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە «مە‌ن سىزنى ياخشى كۆرىمە‌ن» دە‌پ ئېيتىشلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز بىلە‌ن ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يە‌يدىغان تامىغى بىلە‌ن كىيىدىغان كىيىمى يوق بولسا،‏ ئۇ‌لارغا پە‌قە‌ت ياخشى سۆز ئېيتىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س (‏ياقۇ‌پ 2:‏15،‏ 16)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانى ۋە ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن،‏ بىز ۋە‌ز قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇ‌شىنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىپلا قويماي،‏ ئۆزۈمىزمۇ بارچە كۈچىمىز بىلە‌ن ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىمىز (‏مە‌تتا 9:‏38‏)‏.‏

6،‏ 7.‏ ئا)‏ «ساختىسىز» مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏ ئە)‏ ساختا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ بە‌زى مىساللىرى قانداق؟‏

6 ئە‌لچى يوھاننانىڭ سۆزلىرىگە ماس،‏ بىز بىر-‏بىرىمىزنى «ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە»‏ سۆيۈشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز «ئىككى يۈزلۈك» ئە‌مە‌س،‏ «ساختىسىز» بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏رىملىقلارغا 12:‏9؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏6)‏.‏ بە‌زىدە ئادە‌م مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى سە‌مىمىي ھە‌م ھە‌قىقىيمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ نىيىتى قانداق؟‏ ساختا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ھېچ ئە‌ھمىيىتى يوق،‏ سە‌ۋە‌بى ئىككى يۈزلۈك مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دېگە‌ن خىسلە‌ت يوق.‏

7 ساختا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ بە‌زى مىساللىرىنى قاراشتۇ‌رايلى.‏ ئېرە‌م باغدا ھاۋا ئانا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ شە‌يتان ئۇ‌نىڭغا ياخشىلىق تىلە‌يدىغاندە‌ك كۆرۈندى.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا ئۇ ئۆزىنىلا ئويلاپ،‏ ئىككى يۈزلۈك ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏يارىتىلىش 3:‏4،‏ 5)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشا بولغاندا،‏ ئاخىتوفېل ئىسىملىك بىر دوستى بولغانىدى.‏ لېكىن ئۇ ئۆز پايدىسىنى ئويلاپ،‏ داۋۇ‌تقا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشى ھە‌قىقىي دوست ئە‌مە‌سلىكىنى دە‌لىللىگە‌ن (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 15:‏31)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ مۇ‌ناپىقلار ۋە جامائە‌تتە بۆلگۈنچىلىككە سە‌ۋە‌ب بولىدىغان كىشىلە‌ر «سىلىق-‏سىپايە ۋە خوشامە‌ت سۆزلىرىنى» ئىشلىتىدۇ (‏رىملىقلارغا 16:‏17،‏ 18)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى باشقىلارنى سۆيىدىغاندە‌ك كۆرسە‌تكىنى بىلە‌ن،‏ ئە‌سلىدە ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىنىلا ئويلايدۇ.‏

8.‏ قانداق سوئاللار ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 ساختا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلە‌ر ئۆزىنى ئۇ‌ياتقا قالدۇ‌رىدۇ،‏ چۈنكى مۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌رنى ئالدىساقمۇ،‏ يە‌ھۋانى ئالداش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌يسا ئىككى يۈزلۈمچىلىك ھە‌رىكە‌ت قىلغانلار «ئىنتايىن قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى» ئېيتقان (‏مە‌تتا 24:‏51‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە بىز ھېچقاچان ئىككى يۈز بولۇ‌شنى خالىمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق بولىدۇ:‏ «مېنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم ھە‌قىقىيمۇ؟‏ ياكى بولمىسا ئىككى يۈزلۈك ۋە‌ياكى ساختىمۇ؟‏» ھازىر ئىككى يۈزلۈك ئە‌مە‌س،‏ «ساختىسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى» كۆرسىتىشنىڭ توققۇ‌ز يولىنى قاراپ چىقايلى.‏

ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرى

9.‏ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

9 ھېچكىم كۆرمىسىمۇ،‏ باشقىلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىڭ.‏ بىز باشقىلارغا ھېچكىم كۆرمە‌يدىغاندە‌ك ياخشىلىق قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك ‏(‏مە‌تتا 6:‏1‏—‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھانانىيا بىلە‌ن سافىرا مۇ‌نداق قىلمىدى.‏ ئۇ‌لار مۈلكىنى سېتىپ،‏ قانچە پۇ‌ل ئىئانە تە‌قدىم قىلغانلىقى ھە‌ققىدە يالغان ئېيتقان ۋە ئىككى يۈزلۈمچىلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏1—‏10)‏.‏ ئە‌مما بىز قېرىنداشلىرىمىزنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرسە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌رگە داۋراڭ سالماي،‏ ئۇ‌لارغا ياخشىلىق قىلغانلىقىمىزدىن خوشال بولىمىز.‏ بىز رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شكە روھىي ئوزۇ‌ق تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ردىن ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئاغدۇ‌رمايدۇ ۋە قانداق لايىھە ئۈستىدىن ئىشلىگە‌نلىكىنى باشقىلارغا ئېيتمايدۇ.‏

10.‏ باشقىلارغا قانداقلارچە ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

10 ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ (‏رىملىقلارغا 12:‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلە‌رنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغاندا،‏ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تتى (‏يوھاننا 13:‏3—‏5،‏ 12—‏15)‏.‏ بىزمۇ ئە‌يساغا ئوخشاش كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچىلە‌ر ئە‌يسانىڭ بۇ ئىشى بىلە‌ن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رماقچى بولغانلىقىنى بىردىن چۈشە‌نمىسىمۇ،‏ كېيىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشكە‌ندە بۇ‌نى چۈشە‌نگە‌نىدى (‏يوھاننا 13:‏7)‏.‏ بىز بىلىملىك ياكى باي بولغانلىقتىن ياكى ئالاھىدە ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشكە‌نلىكتىن،‏ ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويمىساق،‏ ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز (‏رىملىقلارغا 12:‏3)‏.‏ بىرسىنى ماختىسا،‏ كۆرە‌لمە‌سلىك قىلماسلىقىمىز ۋە ھە‌تتا بىزمۇ شۇ ماختاشقا لايىق دە‌پ ئويلىساقمۇ،‏ شۇ كىشىنىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئورتاقلىشىشىمىز كېرە‌ك.‏

11.‏ نېمىشقا چىن يۈرە‌كتىن ماختىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 چىن يۈرە‌كتىن ماختاڭ.‏ باشقىلارنى ماختاش ئۈچۈن مۇ‌مكىنچىلىكنى ئىزدە‌ڭ.‏ ماختاش سۆزلە‌ر ئادە‌ملە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏29)‏.‏ بىراق بىز سۆزلىرىمىزنىڭ سە‌مىمىي بولۇ‌شىنى خالايمىز ۋە باشقىلارغا خوشامە‌ت قىلغۇ‌مىز كە‌لمە‌يدۇ.‏ بىز كۆڭۈلدە يوق نە‌رسىنى ئېيتماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ بولمىسا كېرە‌كلىك مە‌سلىھە‌تنى بېرىشتىن تارتىنماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏5)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌منى ماختاپ،‏ لېكىن كە‌ينىدىن ئۇ‌نى يامانلىساق،‏ بۇ ئىككى يۈزلۈك بولىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرگە‌ن.‏ كورىنت شە‌ھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خە‌ت يازغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى ماختىغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏2)‏.‏ ئە‌مما ئۇ‌لارغا مە‌سلىھە‌ت كېرە‌ك بولغاندا،‏ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىق ۋە مېھرىبانلىق بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌نى‍دى (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏20—‏22)‏.‏

قېرىندىشىمىز كونۋېرتقا پوُل سېلىپ،‏ ئوُنی يارده‌مگه موُهتاج قېرىنداشقا بېرىدوُ

ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج قېرىنداشلارغا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌ش بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌م مە‌ردلىك كۆرسىتىمىز (‏12-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

12.‏ مېھماندوست بولۇ‌پ،‏ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

12 مېھماندوست بولۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا بىزدىن قېرىنداشلارغا مە‌رتلىك كۆرسىتىشكە تە‌لە‌پ قىلىدۇ ‏(‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏17نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ لېكىن،‏ بىز توغرا نىيە‌ت بىلە‌ن مېھماندوست بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «ئۆيۈمگە پە‌قە‌ت يېقىن دوستلىرىمنى ياكى ئۆزۈم مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلايدىغان قېرىنداشلارنى تە‌كلىپ قىلىمە‌نمۇ؟‏ ياخشىلىقىمنى قايتۇ‌رالايدىغان ئادە‌ملە‌رنىلا چاقىرىمە‌نمۇ؟‏ ياكى بولمىسا تونۇ‌مايدىغان ياكى ھېچنېمە قايتۇ‌رالمايدىغان قېرىنداشلارغا سېخىي بولىمە‌نمۇ؟‏» (‏لۇ‌قا 14:‏12—‏14)‏.‏ قېرىندىشىمىز ئە‌قىلسىز بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىنىڭ ئاقىۋېتىدە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌پ قالسا،‏ نېمە قىلىمىز؟‏ ياكى بولمىسا چاقىرغان مېھمىنىمىز بىزگە رە‌ھمە‌ت ئېيتمىسىچۇ؟‏ يە‌ھۋا بىزگە شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «نالە قىلماي،‏ ئۆزئارا مېھماندوست بولۇ‌ڭلار» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏9)‏.‏ ئە‌گە‌ر قولۇ‌مىزدا بارىنى توغرا نىيە‌ت بىلە‌ن بۆلۈشسە‌ك،‏ بۇ ئۆزۈمىزگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏

13.‏ ئا)‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە كۆپرە‌ك سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىش كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ ئاجىزلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

13 ئاجىزلارغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئاجىزلارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ڭلار،‏ بارلىقىغا ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىك كۆرسىتىڭلار» دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ ھە‌قىقىي بولغان-‏بولمىغانلىقىنى سىنايدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏14)‏.‏ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز بولغان قېرىنداشلار كېيىن ئىشە‌نچىدە مە‌ھكە‌م تۇ‌رغان.‏ بە‌زىلىرى بولسا،‏ بىزنىڭ سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ياردە‌م بېرىشىمىزگە مۇ‌ھتاج.‏ ئۇ‌لارغا قانداقلارچە ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رالايمىز،‏ بىرگە ۋە‌ز قىلىشقا چاقىرالايمىز ياكى ئۇ‌لارنى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشىيالايمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ قېرىنداشلارنى «كۈچلۈك» ياكى «ئاجىز» دە‌پ ئايرىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ھە‌رقايسىمىزنىڭ ھە‌م كۈچلۈك،‏ ھە‌م ئاجىز تە‌رە‌پلىرىمىز بار ئىكە‌نلىكىنى ئىقرار قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 12:‏9،‏ 10)‏.‏ ھە‌ممىمىز ئۆز-‏ئارا ياردە‌م ۋە تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج.‏

14.‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 تىنچلىقپە‌رۋە‌ر بولۇ‌ڭ.‏ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تىنچلىق ناھايىتى قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏ ئە‌گە‌ر بىرسى بىزنى چۈشە‌نمە‌ي قالسا ياكى رە‌نجىتىپ قويسا،‏ تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏رىملىقلارغا 12:‏17،‏ 18نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىرسىنى خاپا قىلىپ قويساق،‏ كە‌چۈرۈم سورىساقلا بولدى دە‌پ ئويلايدىغاندىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز سە‌مىمىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «كە‌چۈرۈۋە‌تكىنە» دە‌پ ئېيتىشنىڭ ئورنىغا،‏ خاتالىقنى بوينىمىزغا ئېلىپ،‏ «سىزنى سۆزلىرىم بىلە‌ن رە‌نجىتكىنىم ئۈچۈن كە‌چۈرۈڭ» دېسە‌ك ياخشىراق بولىدۇ.‏ نىكاھتا تىنچلىقنى ساقلاش ئالاھىدە مۇ‌ھىم.‏ ئە‌ر-‏ئايال باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر-‏بىرىنى سۆيىدىغاندە‌ك،‏ ئە‌مما يالغۇ‌ز قالغاندا بىر-‏بىرى بىلە‌ن سۆزلە‌شمە‌ي،‏ رە‌نجىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىشى ياكى ھە‌تتا قول كۆتۈرۈشى ناتوغرا.‏

15.‏ چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏

15 چىن كۆڭۈلدىن كە‌چۈرۈڭ.‏ بىرسى بىزنى خاپا قىلسا،‏ بىز ئۇ‌نى كە‌چۈرۈپ،‏ ئاداۋە‌ت ساقلىمايمىز.‏ ھە‌تتا شۇ ئادە‌م بىزنى رە‌نجىتكە‌تلىكىنى بىلمىسىمۇ،‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارغا كە‌ڭ قورساقلىق بولۇ‌پ،‏ تىنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇ‌رىدىغان رىشتىلىرىدە روھنىڭ بىرلىگىنى ساقلاشقا ئىنتىلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالساق،‏ باشقىلارنى چىن كۆڭۈلدىن كە‌چۈرىمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏2،‏ 3)‏.‏ ئادە‌منى چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ قىلغان ئىشىنى ئۇ‌نتۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ئاداۋە‌ت ساقلىمايدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4،‏ 5)‏.‏ كۆڭلۈمىزدە ئادە‌ۋە‌ت ساقلىساق،‏ پە‌قە‌ت قېرىندىشىمىز بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە زىيان كە‌لتۈرىمىز (‏مە‌تتا 6:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بىزنى رە‌نجىتكە‌ن ئادە‌م ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلساق،‏ ئۇ‌نى چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز (‏لۇ‌قا 6:‏27،‏ 28)‏.‏

16.‏ يە‌ھۋاغا قىلىدىغان خىزمىتىمىزدە ۋە‌زىپىلە‌رگە قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىڭىزنى كۆزلىمە‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئالاھىدە ۋە‌زىپىگە ئېرىشسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئە‌مە‌س،‏ باشقىسىنىڭ پايدىسىنى ئىزدە‌ش ئارقىلىق ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چوڭ يىغىلىشتا خىزمە‌ت قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر شۇ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان يە‌رگە ھە‌ممىسىدىن ئاۋۋال بارىدىغانلىقى ئۈچۈن،‏ ئۆزلىرىگە ياكى ئائىلە ئە‌زالىرىغا ئە‌ڭ ياخشى ئورۇ‌نلارنى ئېگە‌للە‌شنى خالايدىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌نداق بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ كۆپچىلىكى ئانچە قولايلىق بولمىغان ئورۇ‌نلارنى تاللايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار ساختىسىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا قانداق تە‌قلىت قىلالايسىز؟‏

17.‏ بىر قېرىنداش ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسا،‏ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌نى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

17 يوشۇ‌رۇ‌ن گۇ‌ناھنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئايرىلىڭ.‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بە‌زى قېرىنداشلار ئۇ‌نى يوشۇ‌رۇ‌شقا تىرىشقان.‏ ئۇ‌لار خىجالە‌ت بولغانلىقتىن ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قالدۇ‌رماسلىق ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلغاندۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏13)‏.‏ ئە‌مما گۇ‌ناھنى يوشۇ‌رۇ‌ش مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ياتمايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ ئادە‌م ئۆزىگىمۇ،‏ باشقىلارغىمۇ زىيان كە‌لتۈرىدۇ.‏ قانداقلارچە؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا جامائە‌تكە ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بە‌رمە‌ي قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋېتىدە جامائە‌تتە تىنچلىق بولمايدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏30)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان ئېتىقادچىنى ئاقساقاللارغا بېرىپ،‏ تېگىشلىك ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15)‏.‏

18.‏ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏

18 مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ھە‌ممە خىسلە‌تلە‌رنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏13)‏.‏ بۇ خىسلە‌ت كىملە‌رنىڭ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولۇ‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان يە‌ھۋانى ھە‌قىقىي ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1،‏ 2)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئېيتىشىچە،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بولمىسا،‏ ئۇ «ھېچنە‌رسە ئە‌مە‌س» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏2)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ممىمىز بىر-‏بىرىمىزگە «پە‌قە‌ت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىزنىڭ ئۇ‌چىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»!‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بىز «ئىشىمىز» بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ غە‌رە‌زسىز باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش،‏ بە‌زىدە ھە‌تتا قۇ‌ربانلىق بېرىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىسىمۇ،‏ ئە‌مما ياخشىلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

  • بىز «ھە‌قىقە‌ت بويىچە» مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى باشقىلارغا توغرا نىيە‌ت بىلە‌ن ياخشىلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش