تەرجىمىھال
مەيلى ئۇرۇش ياكى تىنچلىق مەزگىلىدە بولسۇن، يەھۋا بىزگە كۈچ بەرگەن
پائۇل: 1985-يىلى نويابىردا تۇنجى قېتىم ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) بولۇپ تەيىنلىنىپ، غەربىي ئافرىقىدىكى لىبېرىيە دېگەن دۆلەتكە ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان ئىدۇق. بۇنىڭدىن خۇشاللىقىمىز كۆككە يەتكەنىدى. بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان سېنېگال دېگەن دۆلەتكە كېلىپ قوندى. ئاننى: «بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن لىبېرىيىدە بولىمىز»،— دېدى. بىراق، تۇيۇقسىز مۇنداق ئۇقتۇرۇش بولدى: «لىبېرىيىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشۈڭلار. لىبېرىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئايروپىلان ئۇ دۆلەتكە قونالمايدۇ». شۇنىڭ بىلەن، بىز ئون كۈن سېنېگالدىكى مىسسىئونېرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدۇق. بىز لىبېرىيە توغرۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق، ئۇ يەردە بەك كۆپ ئادەملەر ئۆلۈپ، ھەممىلا جايلار جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت بولسا پۇقرالارنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق بۇيرۇقىنى چىقىرىپ، كىمكى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلسا، ئېتىپ تاشلاشنى بۇيرۇغان.
ئاننى: بىز ئەزەلدىن تەۋەككۈل قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئېھتىياتچان ئادەملەر ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە، مېنى كىچىكىمدىن «قورققانچاق قىز» دەيتتى. مەن ھەتتا يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، جىددىيلىشىپ كېتەتتىم. بىراق، شۇنداق خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، لىبېرىيىگە بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدۇق.
پائۇل: بىز ئاننى ئىككىمىز ئەنگلىيىنىڭ غەربىي قىسىمىدا توغۇلغان بولۇپ، ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى سەككىز كىلومېتىر ئىدى. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىز پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇق. چۈنكى، بىزنى مېنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئاننىنڭ ئانىسى دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتكە بېغىشلىشىمىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيتتى. مەن 19 يېشىمدا بەيتەلگە تەكلىپ قىلىندىم. ئاننى بولسا، بىز 1982-يىلى توي قىلغاندىن كېيىن، مەن بىلەن بىللە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندە، 1985-يىل 8-سېنتەبىر
ئاننى: بىز بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز. ئەمما، ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى بەك خالايتتۇق. بۇرۇن ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولغان بەيتەلدىكى قېرىنداشلار بىلەن خىزمەتداش بولدۇق. ئۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى ۋە مول تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش خاھىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۈچ يىلچە ھەر كۈنى كېچىسى دۇئادا يەھۋاغا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق ئېيتىپ بېرەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، 1985-يىلى گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 79-قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىزنى لىبېرىيىگە تەيىنلىدى.
قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىزگە كۈچ-مەدەت بەردى
پائۇل: لىبېرىيىگە ئۇچۇش قايتا ئەسلىگە كەلگەندە، بىز بىرىنچى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، لىبېرىيىگە باردۇق. ئۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ھۆكۈمەت تېخىغىچە پۇقرالارنى ئۆيدىن چىقماسلىق بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتاتتى. يوللاردا كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ھاۋا قاپلىشىپ قالغان ئىس-تۈتەك چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن تۇيۇقسىز قاتتىقراق ئاۋاز چىقسا، ئادەملەر ۋارقىرىشىپ تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىشاتتى. بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاخشىمى زەبۇرنىڭ بىر بۆلىكىنى ئوقۇيتتۇق. ۋەزىيەتنىڭ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. ئاننى ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. مەن بولسام بەيتەلدە تەجرىبىسى مول بۇرادەر جون چېرۇك بىلەن خىزمەت قىلدىم. مەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇ لىبېرىيىدە ئۇزۇن يىل تۇرغاچقا، يەرلىك ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ياخشى بىلەتتى.
ئاننى: نېمە ئۈچۈن بىز تېزلا لىبېرىيىدىكى خىزمەتنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق؟ بۇنىڭغا قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە ساداقەتمەنلىكى سەۋەب بولدى. ئۇلار ئىنتايىن خۇشخۇي، چىقىشقاق ۋە سادىق ئىدى. ئۇلار بىلەن يېقىن رىشتە باغلاپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق. ئۇلار بىزگە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، دائىم ئىلھام-مەدەت بېرىپ تۇراتتى. ئۇ يەردىكى ۋەز خىزمەت خۇددى چۈش كۆرگەندەك ئىدى. ئۇ يەردە ئەگەر ئۆي ئىلگىرى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشماي تېزلا كېتىپ قالسىڭىز، ئۇلار ئىنتايىن خاپا بولاتتى. ئادەملەر كوچا دوقمۇشلىرىدا تۇرۇپلا بىر-بىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق سۆزلىشەتتى. ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، پاراڭلىرىغا قوشۇلۇپ سۆھبەتلىشىش ئاسان ئىدى. بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغاچ، ھەممىسى بىلەن ئۆگىنىشكە ۋاقتىمىز يەتمەيتتى. گە ۋاقتىمىز يەتمەيتتى. شۇنداق ئاجايىپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدۇق!
قورقۇنچ ئىچىدە قالغاندا، يەھۋا بىزگە كۈچ-مەدەت بەردى
لىبېرىيىدىكى بەيتەلگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، 1990-يىل
پائۇل: دۆلەت ئىچىدە تۆت يىلچە نىسبەتەن تىنچلىق بولدى. بىراق، 1989-يىلى دەھشەتلىك ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى. 1990-يىلى، 2-ئىيۇل كۈنى ئىسىيانچىلار بەيتەلگە يېقىن ئەتراپتىكى يەرلەرنى قورشاۋالدى. ئۈچ ئاي باشقا دۆلەتلەر بىلەن، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە باش ئىدارە بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. دۆلەت ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ھەممە يەردە قالايمىقانچىلىق، ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك، قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى. پۈتۈن دۆلەت ئىچىگە يامرىغان قالايمىقانچىلىقلار 14 يىل داۋام قىلدى.
ئاننى: بەزى پەرقلىق قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ، بىر-بىرىنى قىرىپ ئۆلتۈردى. كوچىلاردا غەلىتە كىيىنىۋالغان قوراللىق ئىسيانچىلار ئۆيمۇ-ئۆي باستۇرۇپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلاتتى. بەزى قوراللىق توپىلاڭچىلار ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇددى توخۇ ئۆلتۈرگەندەك ئاسان ئىش ئىدى. يول-يوللارغا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا جەسەتلەر دۆۋە-دۆۋە بولۇپ ياتاتتى. شۇنداق ۋەقە بەيتەلگە يېقىن جايدا ھەم شۇنداق ئىش يۈز بەرگەن. بەزى سادىق گۇۋاھچىلارمۇ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى قېرىنداش بار ئىدى.
شۇ چاغدا، توپىلاڭچىلار بەزى قەبىلىلەرگە تەۋە كىشىلەرنى ئۆچ كۆرگەچ، ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆلتۈرەتتى. ئاشۇ قەبىلىلەردىن بولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلارمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. بەيتەلگە قېچىپ كەلگەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيلەردە، بەزىلىرى ئاستىنقى قەۋەتتە تۇردى. بىر ئائىلە كىشىلىرى، يەتتە جان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىمىزدە بىز بىلەن تۇرغان.
پائۇل: قوراللىق توپىلاڭچىلار بىزنىڭ ئادەملەرنى يوشۇرغان-يوشۇرمىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى بەيتەلگە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقاتتى. شۇڭا، بىز تۆت كىشىلىك بىخەتەرلىكنى كۈزىتىش گۇرۇپپىسىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ھەر قېتىم ئىككى كىشى دەرۋازا سىرتىدىكى توپىلاڭچىلار بىلەن سۆزلىشىشكە چىقسا، يەنە ئىككىسى دېرىزىدىن كۈزىتىپ قاراپ تۇراتتى. ئەگەر دەرۋازا سىرتىدىكى ئىككى قوللىرىنى ئالدىدا تۇتسا، بۇ خەۋپ-خەتەر يوقلىقىنى بىلدۈرەتتى، قوللىرىنى كەينىدە تۇتسا، قوراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ ئىنتايىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن دېرىزىدىن قاراپ تۇرغان ئىككى كىشى دەرھال بېرىپ، قېرىنداشلارنى يوشۇرۇپ قوياتتى.
ئاننى: شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر توپ غەزەپلەنگەن توپىلاڭچىلار بەيتەلگە بېسىپ كىردى. مەن بىر قېرىنداش بىلەن قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدۇق. قېرىنداش ئىشكاپنىڭ يوشۇرۇن بىر بۆلىكىگە مۆكۈۋالدى. قوراللىق توپىلاڭچىلار كەينىمدىن ئەگىشىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققان ئىدى. ئۇلار قول يۇيۇش ئۆيىنىڭ ئشىكىنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇ چاغدا، پائۇل ئۇلارنى كىرىشتىن توسۇپ: «ئايالىم قول يۇيۇش ئۆيىنى قوللىنىۋاتىدۇ»،— دېدى. مەن قېرىندىشىمىز يوشۇرۇنغان يەرنى قايتىدىن يېپىپ قويۇۋاتقاندا، تاراق-تۇرۇق ئاۋازلار چىقىپ كەتتى ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن ئىشكاپقا سالغۇچە بىرئاز ۋاقىت ئۆتتى. توپىلاڭچىلار مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمدىن گۇمانلىنىۋاتامدىكىن دەپ قاتتىق ئەنسىرەپ كەتتىم. شۇڭا، پۈتۈن بەدىنىم غال-غال تىترەپ تۇراتتى. ئىشىكنى ئېچىپ، سىرتقا چىقىشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئىچىمدە دۇئا قىلىپ يەھۋادىن ياردەم سوراپ يالۋۇردۇم. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، چاندۇرماي تەمكىنلىك بىلەن سالاملاشتىم. ئۇلارنىڭ بىرى مېنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىچىگە كىرىپ، ئۇدۇل بېرىپ ئىشكاپنى ئېچىپ، ئاستىن-ئۈستۈن ھەممىنى قالايمىقان قىلىپ ئاختۇرۇپ چىقتى. ئۇلار ھېچنەرسە تاپالماي، ھەيران بولۇشتى. كېيىن، بىر توپ كىشىلەر باشقا ئۆيلەرنى ۋە ئۆگزىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقتى. يەنىلا ھېچنېمە تاپالمىدى.
ھەقىقەت نۇرى قاراڭغۇلۇقنى داۋاملىق يورۇتۇپ تۇردى
پائۇل: بىرنەچچە ئاي ئۇزۇق-تۈلۈك قىس بولغاچ، قورساق تويغۇدەك تاماق يېيىشكە مۇمكىنچىلىك بولماي قالدى. ئەمما، بەيتەلدىكى ئەتىگەنلىك ئىبادەت بىز ئۈچۈن ياخشى ناشتىلىق بولغان ئىدى. چۈنكى، روھىي ئوزۇقلۇقلار ھەر كۈنى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرەتتى.
ئەگەر بىز بەيتەلنىڭ ئەتراپىدىن يېمەك-ئىچمەك تېپىپ كېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىدىغان بولساق، بەيتەلدە مۆكۈنۈۋالغان ئىمانداشلىرىمىزنى قوغدىيالمايتتۇق. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. يەھۋا ھەردائىم دەل ۋاقىتىدا، ئاجايىپ يوللار بىلەن ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىزنىڭ قورقۇنچنى يېڭىشىمىزغا ياردەم بەردى.
دۇنيانى قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغانسېرى، ھەقىقەت نۇرى داۋاملىق قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ تۇردى. ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قېرىنداشلار ئامالسىز قايتا-قايتا قېچىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەم ئىدى. ئۇلار تەمكىنلىك بىلەن بارچە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. بەزى قېرىنداشلار، بۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى بىزنىڭ كېلەچەكتىكى «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت»كە تەييارلىنىشىمىزغا ياردەم بەردى دېگەن. ئاقساقاللار ۋە ياش بۇرادەرلەر باتۇرلۇق بىلەن قوللىرىدىن كېلىشىچە ئېتىقادداشلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى. باشقا جايلارغا قېچىپ كەتكەن قېرىنداشلار بىر-بىرىگە ياردەمدە بولغان، قەيەرگە قېچىپ بارسا، شۇ يەردە ۋەز قىلغان. ئۇلار ئورمانلىقتا تاپقان نەرسىلەردىن يىغىلىش زالىنى ياساپ، ئىبادەت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە، جامائەت يىغىلىشلىرى بىلەن ۋەز خىزمىتى قېرىنداشلارغا كۆپ ئىلھام-مەدەت بەرگەن. بىز ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتقاندا، قېرىنداشلار كىيىم-كېچەكنىڭ ئورنىغا ۋەز خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان سومكىلارنى سورىغان. بۇ بىزگە قاتتىق تەسىر قىلدى. رەھىمسىز ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەتنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا چاڭقىغانىدى. شۇنچە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، خۇشال ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى كۆرگەن ئادەملەر ناھايىتى ھەيران بولۇشقان. بۇ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دۇنيادا، ئېتىقادچى قېرىنداشلار خۇددى نۇرغا ئوخشاش چاقنايتتى (مەتتا 5:14–16). ئۇلار شۇنچە قىزغىن ۋەز قىلىپ. ھەتتا قوللىرىدىن قورال چۈشمەيدىغان ۋەھشىي توپىلاڭچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولۇشىغا ياردەم بەرگەنىدى.
كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا، يەھۋا بىزگە كۈچ-مەدەت بەردى
پائۇل: بەزىدە لىبېرىيىدىن ئايرىلىشىمىزغا توغرا كەلدى، ئۈچ قېتىم قىسقا ۋاقىتقا، ئىككى قېتىم بىر يىلغا كېتىپ قايتىپ كەلدۇق. بىر ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان قېرىنداش شۇ چاغلاردا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىمىزنى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەپ بەرگەن: «گىلىئاد مەكتىپىدە بىزگە ئۆز ۋەزىپىمىزگە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى بېغىشلاشنى ئۆگەتكەن، بىز ئۆگەنگىنىمىزدەك قىلدۇق، شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرغان قېرىنداشلارنى تاشلاپ كېتىش، يۈرىكىمىزنى خۇددى پىچاق بىلەن پارە-پارە پارچىلىغاندەك ئاغرىتتى». خۇشاللىنارلىق يېرى، بىز قوشنا دۆلەتتە تۇرۇپمۇ، لىبېرىيىدىكى قېرىنداشلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرالىدۇق.
خۇشاللىق ئىچىدە لىبېرىيىگە قايتىپ كەلدۇق، 1997-يىل
ئاننى: 1996-يىلى، ماي ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، بىز لىبېرىيە بەيتەلدىكى خىزمەتلەر توغرۇلۇق مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، يەنە ئىككى گۇۋاھچى بىلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بەيتەلدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىخەتەر بىر جايغا ماڭدۇق. دەل شۇ چاغدا، بىز تۇرغان رايون ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى. غەزەپلەنگەن توپىلاڭچىلار ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ، بىزنى توختاتتى. ئۇلار ئۈچىمىزنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ كەتتى، پائۇل تېخى ماشىنىدا ئىدى. بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدۇق. تۇيۇقسىز پائۇل بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىپ كەلدى، پېشانىسىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. بىز قالايمىقانچىلىقتا ھودۇقۇپ كەتكەچ، ئۇنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپتۇ دەپ ئويلاپتۇق. بىراق، دەرھال ئەگەر ئۇنىڭ بېشىغا ئوق تەگسە، بۇنداق ماڭالمايدۇ دېيىشتۇق. ئەسلىدە، بىر توپىلاڭچى ئۇنى ماشىنىدىن ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. بىراق، ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس ئىدى.
يېقىن ئەتراپتا بىر ھەربىي يۈك ماشىنىسى قورقۇپ تىترەپ تۇرغان كىشىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ماشىنىدا ئورۇن بولمىغاچ، پەقەت ماشىنىنىڭ يان تەرىپىنى تۇتالىدۇق. بىراق، شوپۇر ماشىنىنى قوزغاپ، تېز سۈرەتتە ماڭدى، يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكىلى ئاز قالدۇق. بىز ۋارقىراپ ماشىنىنى توختىتىشنى ئۆتۈندۇق. بىراق، ئۇ قورقۇپ كەتكەچ، توختىماي ماڭدى. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىز چىڭ تۇتۇپ، كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ بېرىۋالدۇق. بىراق، ھېرىپ-چارچاپ، ئەس-ھوشىمىز يوق، پۈتۈن تېنىمىز غال-غال تىترەپ تۇراتتى.
پائۇل: شۇ چاغدا، بىزدە كىيىۋالغان پاسكىنا ۋە يىرتىق كىيىم-كېچەكتىن باشقا، ھېچنەرسە يوق ئىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ، ھايات قالغانلىقىمىزغا ئىشەنگىمىز كەلمىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ئوقلار تېگىپ ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يېنىدا ئوچۇق دالادا ئۇخلىدۇق. ئەتىسى، شۇ تىك ئۇچار بىلە سېررالېئونغا يېتىپ باردۇق. ھايات قالغىنىمىزغا خۇشال بولساقمۇ، لىبېرىيىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز توغرۇلۇق كۆپ غەم-ئەندىشە قىلدۇق.
يەھۋا باشقا قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ بەردى
ئاننى: بىز سېررالېئوننىڭ فىرىتاۋن شەھىرىگە جايلاشقان بەيتەلگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلدۇق. قېرىنداشلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىراق، مەن ئويلاپ باقمىغان ئىش يۈز بەردى. تۇيۇقسىز لىبېرىيىدە كۆرگەن قورقۇنچلۇق مەنزىرە ئوي-خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولدى. كۈندۈزلىرى قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بېرىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈردۈم. ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە غۇۋا ۋە رېئال ئەمەس، چۈشتەكلا كۆرۈنەتتى. كېچىلىرى بولسا، پۈتۈن بەدىنىم سوغۇق تەرگە چۆمۈپ، تىترەپ تۇراتتى، ھەتتا نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ، بىر قورقۇنچلۇق ئىش يۈر بېرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. پائۇل مېنى باغرىغا بېسىپ، مېنىڭ بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى. بىز تاكى غال-غال تىترەشتىن توختىغانغا قەدەر پادىشاھلىق مەدھىيە ناخشلىرىنى ئېيتاتتۇق. مەن ئۆزۈمنى ساراڭ بولۇپ قېلىپ، قايتا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ قىلالمايمەندەك ھېس قىلدىم.
كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقى مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ. دەل شۇ ھەپتىسى ئىككى ژۇرنال تاپشۇرۇۋالدۇق. ئۇلاردىن بىرى «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى، 1996-يىل، 8-ئىيۇن سانى بولۇپ، ئۇنىڭدا «قورقۇنچ چىرمىۋالغاندا، نېمە قىلالايسىز؟» ناملىق ماقالە بېسىلغان ئىدى. شۇ ماقالىنى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىمنى ياخشىراق چۈشەندىم. ئىككىنچى ژۇرنال بولسا، «كۈزىتىش مۇنارى» 1996-يىلى 15-ماي سانى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇلار كۈچلىرىنى قەيەردىن ئالىدۇ؟» ناملىق ماقالە بېسىلغان بولۇپ، بىر قانىتى ئېغىر زەخمىلەنگەن كېپىنەكنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. ماقالىدە، كېپىنەك قانىتى ئېغىر زەخمىلەنگەن ھالەتتە ھەم داۋاملىق ئۇچۇپ، ئۇزۇق تېپىپ يەيدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ قەلبىمىز زېدە بولغان ھالەتتە ھەم يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىغا تايىنىپ، باشقىلارغا داۋاملىق ياردەم بېرەلەيمىز دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىدى. ئاشۇ ماقالىلەر يەھۋا دەل ۋاقتىدا تەمىنلىگەن روھىي ئوزۇق بولدى (مەتتا 24:45). مەن داۋاملىق شۇنىڭغا ئوخشاش ماۋزۇلاردا يېزىلغان ماقالىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، يىغىپ قويدۇم. ئۇلار ماڭا كۆپ ياردەم بەردى. بىر مەزگىل ئۆتتى، ئاستا-ئاستا غەم-تەشۋىش ۋە بېسىم ھېس قىلىپ قورقۇنچ چىرمىۋالىدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ كەتتىم.
يەھۋا يېڭى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشمىزغا كۈچ-مەدەت بەردى
پائۇل: ھەر قېتىم لىبېرىيىگە قايتىشقا مۇمكىنچىلىك بولغاندا، خۇددى يۇرتىمىزغا قايتقاندەك ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، بىزنىڭ لىبېرىيىگە خىزمەتكە ئەۋەتلىگەنلىكىمىزگە 20 يىلچە بولۇپ قالغانىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، بەيتەلدە بەزى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى پىلانلانغان ئىدۇق. بىراق، تۇيۇقسىز يېڭى بىر ۋەزىپىنى تاپشۇردى.
بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش بىزگە بەك قىيىن كەلدى. لىبېرىيىدىكى قېرىنداشلار بىلەن شۇنچە يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇ كەتكەن ئىدۇق. ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىدى. بىراق، بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمىزدىكى ئائىلىمىزنى تاشلاپ، گىلىئاد مەكتىپىگە بارغان چاغدا، بىز ھەممىنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرغان، ئۇ بىزنى مول بەرىكەتلىگەن ئىدى. مۇشۇ يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ھەم بىز شۇنداق قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن، بىز لىبېرىيىگە يېقىن گانا دېگەن دۆلەتكە بېرىپ، خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق.
ئاننى: گاناغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا، كۆزۈمىزدىن ياش قۇرۇمىدى، كۆپ يىغلىدۇق. بىر ئەقىل-پاراسەتلىك، ياشىنىپ قالغان فرەنك ئىسىملىك بۇرادەر بىزگە: «سىلەر بىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭلار كېرەك!»— دېگەندە، ئىنتايىن ھەيران قالدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سىلەر بىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمىز. بىراق، سىلەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن يېڭى ۋەزىپىنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. چۈنكى، يەھۋا سىلەرگە شۇ ۋەزىپىنى تاپشۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر بارچە سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلارنى گانادىكى قېرىنداشلارغا كۆرسىتىشىڭلار كېرەك»،— دېدى. ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بىزگە كۈچ-مەدەت بەردى. بىز ناتونۇش دۆلەت گاناغا كېلىپلا يېڭى دوستلارنى تۇتۇشقا باشلىدۇق.
پائۇل: بىز گانادىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن تېزلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق. ئۇ يەردە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەك كۆپ ئىدى. يېڭى دوستلارنى تۇتتۇق. ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ۋە كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. گانادا 13 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم بىزنى ھەيران قالدۇرغان بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. شەرقىي ئافرىقىدىكى كېنىيە دېگەن دۆلەتتىكى بەيتەلگە ئەۋەتىلدۇق. گەرچە بىز ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ھەر ئىككى دۆلەتتىكى دوستلارنى ئىنتايىن سېغىنغان بولساقمۇ، ناھايىتى تېزلا كېنىيىدىكى سادىق قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇپ كەتتۇق. بۇ يەردىمۇ، لىبېرىيە ۋە گاناغا ئوخشاش، ۋەز خىزمەت بەك ئالدىراش بولغاچ، بىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش بەك ئىدى.
شەرقىي ئافرىقىدىكى بەيتەلدە يېڭى دوستلىرىمىز بىلەن، 2023-يىل
ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق
ئاننى: شۇنچە يىللار، مەن كۆپلىگەن قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدىم. شۇ كىشىنى تەرگە چۆمدۈرىدىغان قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك ۋەزىيەتلەر بىزگە جىسمانىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىن بەزى زىيان-زەخمەتلەرنى يەتكۈزدى. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە يەھۋانىڭ بىزنى مۆجىزىۋىي يوللار بىلەن قوغداپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلالمايمىز. ھازىر ھەم ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىسام، ئاشقازىنىم ئاغرىپ، ئىككى قولۇم ئۇيۇشۇپ، سەزمەس بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، يەھۋا ئىمانداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بارچە ياردىمىدىن كۈچ-مەدەتكە ئېرىشىشنى ئۆگىنىۋالدىم. يەنە شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئەگەر بىز داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەنسەك، دۇئا قىلساق، جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتناشساق، يەھۋا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
پائۇل: بەزىدە باشقىلار بىزدىن: «سىلەر خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن جايلار قانداق؟ ۋەزىپەڭلارنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. بىز ئۈچۈن قايسى دۆلەتتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىز مۇھىم ئەمەس. بەلكىم، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق دۆلەت بولسىمۇ، ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ، ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، قايسى جايدا خىزمەت قىلغان بولمايلى، شۇ يەردىكى ئىمانداشلىرىمىزغا چىن سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىپ، شۇ ئائىلىمىزنى سۆيۈش ھەممىدىن بەكرەك مۇھىم. گەرچە كېلىپ-چىقىشىمىز پەرقلىق بولسىمۇ، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. ئاننى ئىككىمىز باشقا دۆلەتلەرگە ئىمانداشلىرىمىزغا ئىلھام-مەدەت بېرىشكە ئەۋەتىلدۇق دەپ ئويلايتتۇق، ئەكسىنچە ئۇلار بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىپ، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملىدى.
ھەر قېتىم يېڭى بىر جايغا كۆچۈپ بارغاندا، بىز بۈگۈنكى كۈندىكى بىر مۆجىزە، يەنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق رىشتىنى كۆرىمىز. مەيلى قايسى بىر جامائەتكە بارايلى، بىز ئائىلىمىز، ئۆيىمىزدە بولغاندەك ئۆزىمىزنى ئەركىن-ئازادە، بىخەتەر ھېس قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا خۇداغا تايانساق، ئۇ بىزگە ھەرقانداق ۋەزىيەتتە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ.—فىلىپى. 4:13.