شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ
ھەر ھەپتە مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟ بەزىدە ئۆگىنىشنى زېرىكىشلىك ھېس قىلامسىز؟ ھەممىمىزنىڭ شۇنداق ھېس قىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بىراق، دائىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىشلارنى توغرۇلۇق ئويلىنىڭ كۆرۈڭ. مەسىلەن، يۇيۇنۇشنى ئالساق، يۇيۇنۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، تېنىمىزنى يېنىك ۋە راھەت ھېس قىلىمىز. مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشمۇ، خۇددى خۇدانىڭ سۆزى بىلەن يۇيۇنغاندەك ۋۇجۇدىمىزغا راھەت بېغىشلاپ، بىزنى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرىدۇ (ئەف 5:26). ئۇنداقتا، شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان بەزى تەكلىپ-پىكىرلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
جەدۋەل تۈزۈڭ. خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئىنتايىن «مۇھىم»، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ (فىلىپى. 1:10). تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ، شۇ ۋاقىتنى بىر قەغەزگە يېزىپ، مەسىلەن توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكى، كومپيۇتېر ئۈستىلى ياكى باشقا كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇڭ. ياكى بولمىسا تەتقىق ئۆگىنىشى باشلايدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا، ئەسكەرتىشى ئۈچۈن تېلېفون ياكى كومپيۇتېرغا قوڭغۇراق ئاۋازىنى تەڭشەپ قويۇڭ.
ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ۋاقىت ياكى ئۇسۇلنى تاللاڭ. قايسى ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرۈسىز؟ بىر ئولتۇرۇپلا ئاخىرىغىچە ئۆگىنىشكە دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەمسىز ياكى بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ، توختاپ-توختاپ ئۆگىنىش سىز ئۈچۈن ياخشىراقمۇ؟ قايسى ئۇسۇلدا ئۆگىنىشنى پەقەت ئۆزىڭىز ياخشىراق بىلىسىز. شۇڭا، شەخسىي ئۆگىنىشىڭىزنى ئۆز ۋەزىيىتىڭىزگە ماس پىلانلاڭ. ئۆگىنىشنى باشلاش ۋاقتى كەلگەندە، كىتابنى ئېچىشقا ھېچبىر رايىڭىز يوق بولۇپ قالسىڭىز، ئون مىنۇت بولسىمۇ تەتقىق قىلىپ ئۆگۈنۈڭ. گەرچە ئون مىنۇت بولسىمۇ، يەنىلا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، بۇ ھېچنېمە ئۆگەنمىگەندىن ياخشىراق. بەلكىم تەتقىق قىلىشنى باشلىسىڭىز، ئۆگىنىش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.—فىلىپى. 2:13.
تەتقىق قىلىدىغان ماۋزۇنى ئالدىنئالا تاللاڭ. ئەگەر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلايدىغان ۋاقىت كەلگەندە، نېمىنى ئۆگىنىش توغرۇلۇق ئويلىنىشقا باشلىسىڭىز، ۋاقىتتىن «ئۈنۈملۈك» پايدىلانمىغان بولىسىز (ئەفەس. 5:16). تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمەكچى بولغان ماقالىلەر ياكى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ماۋزۇلارنى بىر تىزىملىك قىلىپ يېزىپ قويۇڭ. قانداقتۇ بىر ماۋزۇغا بىلەن باغلىنىشلىق سوئاللارنى يېزىپ قويۇڭ. ھەر قېتىم شەخسىي ئۆگىنىشتىن كېيىن، بەزى ئوي-پىكىرلەر پەيدا بولسا، ئۇلارنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇڭ.
ماسلىشىشچان بولۇڭ. جەدۋىلىڭىزنى ۋەزىيىتىڭىزگە ماسلىشىشچان قىلىپ تۈزۈڭ. مەسىلەن، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ماۋزۇسىنى ۋەزىيىتىڭىزگە قاراپ، ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئەڭ مۇھىمى، قايسى ۋاقىتتا، قانداق ماۋزۇنى، قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆگىنىش ئەمەس، بەلكى دائىم ئۆگىنىشكە ئادەتلىنىش.
ئەگەر دائىم تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك، چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىمىز. بىز يەھۋا بىلەن تېخىمۇ يېقىن دوست بولۇپ، دانالىق بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىمىز ھەمدە ۋۇجۇدىمىز كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىدۇ.—يەشۇ. 1:8.