46-تەتقىق ماقالىسى
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇرادەرلەر ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا ئىنتىلىۋاتامسىلەر؟
«بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر».—ئەلچى. 20:35.
مەركىزى ئىدىيە
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەرلەرنى ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا ئىنتىلىشكە ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەلەپلەرگە لايىق بولۇشىغا دەۋەت قىلىش.
1. ئەلچى پاۋلۇس خىزمەت ياردەمچىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولغان؟
جامائەتلەردە ياردەمچى خىزمەتچىلەر ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ساداقەتمەن بۇرادەرلەرنى قەدىرلىگەن. مەسىلەن، فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خەت يازغاندا، ئاقساقاللار بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى خىزمەتچىلەرگىمۇ سالام يوللىغان ئىدى.—فىلىپى. 1:1.
2. لۇئىس ئىسىملىك بۇرادەر ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ھەققىدە نېمىنى دېگەن؟
2 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن نۇرغۇن بۇرادەرلەر ياش ياكى ياشانغان بولسۇن، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ جامائەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن زور خۇشاللىق تاپىدۇ. مەسىلەن، دېۋېن 18 ياشتا، لۇئىس 50 ياشلاردا ياردەمچى خىزمەتچى بولغان. لۇئىس مۇنداق دەيدۇ: «مەن جامائەتتە ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ، قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلغىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئىلگىرى قېرىنداشلار ماڭا تۈرلۈك يوللار بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى، مانا ھازىر نۆۋەت ماڭا كەلدى». بۇ بارلىق ياردەمچى خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدۇر.
3. بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەر بولسىڭىز، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا ئىنتىلىۋاتامسىز؟ ئالدىڭىزغا شۇنداق مەقسەت قويۇشنى خالامسىز؟ سىز مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان قايسى تەلەپلەرگە لايىق بولۇشىڭىز؟ مۇشۇ ماقالىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز. بىراق، ئالدى بىلەن ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەتتە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
ياردەمچى خىزمەتچىلەر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟
4. ياردەمچى خىزمەتچىلەر قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
4 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بۇرادەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا تەيىنلىنىدۇ. ئۇلار جامائەتتە ئاقساقاللارغا ياردەم بېرىدۇ. بەزى ياردەمچى خىزمەتچىلەر قېرىنداشلار ۋەز قىلىدىغان رايونلارنىڭ خەرىتىسىنى ۋە نەشىرى ماتېرىياللارنى تەييارلاش؛ بەزىلىرى يىغلىش زالىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ۋە رېمونت قىلىپ ئاسراش؛ باشقىلىرى جامائەت يىغىلىشلىرىغا كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىش ۋە ئاۋاز كۈچەيتىش ئۈسكىنلىرى ۋە مىكروفون يەتكۈزۈپ بېرىش، سەھنىنى ھازىرلاشتەك ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىدۇ. بىراق، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار يەھۋا خۇدانى سۆيۈشى ۋە ئۇنىڭ ئادىل ئۆلچەم-تەلەپلىرى بويىچە ياشىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشى كېرەك (مەتتا 22:37–39). ئۇنداقتا، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەرلەر ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟
خىزمەت ياردەمچىسى ئەيسانى دوراپ باشقىلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ (4-ئابزاسقا قاراڭ)
5. سىز ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشنى خالىسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
5 مۇقەددەس كىتابتا ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشنىڭ تەلەپلىرى يېزىلغان (1-تىموت. 3:8–10، 12، 13). ئەگەر ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشنى خالىسىڭىز، بۇ ئايەتلەردىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە شۇ تەلەپلەرگە لايىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ. ئەمما، ئاۋۋال، نېمە ئۈچۈن ياردەمچى خىزمەتچى بولماقچى بولغانلىقىڭىزنى، يەنى نىيىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىز لازىم.
نېمە ئۈچۈن ياردەمچى خىزمەتچى بولماقچىسىز؟
6. نېمە سىزنى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك؟ (مەتتا 20:28؛ مۇقاۋىدىكى رەسىم)
6 ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ ئاتىسى يەھۋانى ۋە باشقىلارنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن. بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەيسانى باشقىلار ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىشقا، ھەتتا باشقىلار تۆۋەن كۆرگەن ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلغان (مەتتا 20:28-نى ئوقۇڭ؛ يۇھاننا 13:5، 14، 15). ئەگەر سۆيگۈ-مۇھەببەت سىزنىمۇ ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا دەۋەت قىلسا، يەھۋا سىزنى بەرىكەتلەپ، سىزنىڭ شۇ كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.—1-كورىنت. 16:14؛ 1-پېتر. 5:5.
مەسىلەن، ئەيسا ئەلچىلىرىگە نام-ئاتاققا ئىنتىلماي، باشقىلارغا كىچىك پېئىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئۆگەتكەن (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7. نېمە ئۈچۈن بىر بۇرادەر شەخسىيەتچى خاھىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك؟
7 بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا كىشىلەر ئۆزىنى مەشھۇر، ھەممىگە تونۇتۇشقا تىرىشقان ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىدۇ. لېكىن، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر بىر بۇرادەر ئەيساغا ئوخشاش، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ھەرگىزمۇ نام-شۆھرەت ۋە مەرتىۋىگە ئىنتىلمەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ بۇرادەر ياردەمچى خىزمەتچى ياكى ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنسە، يەھۋانىڭ پادىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشتا زۆرۈر بولغان بەزى ئىشلارنى قىلىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى، كەمتەرلىكنى تەلەپ قىلىدىغان شۇ ئىشلارنى مۇھىم ئەمەس، ئابرويۇمنى چۈشۈرىدۇ دەپ قارايدۇ (يۇھاننا 10:12). يەھۋا ھەرگىز تەكەببۇر ۋە شەخسىيەتچى كىشىلەرنى بەرىكەتلىمەيدۇ.—1-كورىنت. 10:24، 33؛ 13:4، 5.
8. ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەلچىلىرىگە قانداق نەسىھەت بەرگەن؟
8 ئەيسانىڭ يېقىن دوستلىرى ئارىسىدا بەزى ۋەزىپىلەرگە ئىنتىلگەنلەر بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرى ناتوغرا ئىدى. مەسىلەن، ئەلچىلەردىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئەيسادىن ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ئۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشىنى سورىغان. ئەيسا ئۇلارنىڭ شۇ ئۆتۈنۈشىنى ماختىمىغان. ئەكسىچە، 12 ئەلچىسىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا كىم يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ باشقىلارغا خىزمەتكار بولسۇن. ئاراڭلاردا كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ھەممىڭلارغا قۇل بولسۇن» (ماركۇس 10:35–37، 43، 44). توغرا نىيەت-مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلگەن بۇرادەرلەر جامائەت ئۈچۈن ئاجايىپ بەرىكەت بولىدۇ.—1-سالونىكا. 2:8.
باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟
9. ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولمىسا، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
9 شەك-شۈبھىسىزكى، سىز يەھۋا خۇدانى سۆيىسىز، باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنى خالايسىز. بىراق، ياردەمچى خىزمەتچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغاچ، شۇ ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىش قانچىلىك زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر» (ئەلچى. 20:35). ئۇ ئۆزى بۇ سۆزلەرگە لايىق ياشىغان، باشقىلارغا خىزمەت قىلىپ ھەقىقىي خۇشاللىقنى تاپقان. سىزمۇ ئۇنىڭدەك خۇشاللىق تاپالايسىز.
10. ھەزرىتى ئەيسا باشقىلارغا خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق تاپقانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (ماركۇس 6:31–34)
10 ئەيسا باشقىلارغا خىزمەت قىلىپ، خۇشاللىق تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر مىسالىنى كۆرۈپ چىقىڭ (ماركۇس 6:31–34-نى ئوقۇڭ). بىر كۈنى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى قاتتىق ھېرىپ چارچىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلار جىمجىت بىر يەرگە بېرىپ، بىر ئاز ئارام ئالماقچى بولغان. لېكىن، ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان ئادەملەر شۇ يەرگە ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىۋالغان. ئەيسا شۇ كىشىلەرگە تەلىم بېرىشنى رەت قىلسا ياكى بىرنەچچە ئېغىر ۋەز-نەسىھەت سۆزلىرىنى قىلىپلا ئۇلارنى ئۆيلىرىگە يولغا سېلىۋەتسە بولاتتى، چۈنكى ئۇ ۋە ئەلچىلىرىنىڭ «تاماق يېيىشكە ۋاقتى يوق ئىدى». بىراق، سۆيگۈ-مۇھەببەت تۈرتكىسىدە، ئەيسا «كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە» باشلىغان، ھەتتا «كەچ كىرىپ» كەتكۈچە تەلىم بەرگەن (ماركۇس 6:35). ئەيسا بۇنى شۇنداق قىلشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىغانلىقى ئۈچۈن قىلغان. ئۇ ئۇلارنى سۆيگەچكە، ئۇلارغا تەلىم بېرىشنى خالىغان. باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئەيساغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغان.
11. ھەزرىتى ئەيسا ئادەملەرگە قانداق ئەمەلىي ياردەم بەرگەن؟ (ماركۇس 6:31–34)
11 ئەيسا ئادەملەرگە تەلىم بېرىپلا قالماي، ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىپ بېلىق بىلەن ناننى كۆپەيتكەن ۋە شاگىرتلىرى شۇ يېمەكلىكلەرنى خالايىققا تارقاتقان (ماركۇس 6:41). شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا باشقىلارغا قانداق خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇلار باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە ياردەمچى خىزمەتچىلەر دەل شۇنداق ئىشلارنى قىلماقتا. شاگىرتلار ئەيسا بىلەن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىپ، بېلىق ۋە نان بىلەن كىشىلەرنى تويدۇرغاندا، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! (ماركۇس 6:42). بۇ ئەيسا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن يۇقىرى قويغانلىقىنى پەقەت بىرلا مىسالى. ئۇ يەر يۈزىدە بولغاندا، باشتىن-ئاخىرى باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان (مەتتا 4:23؛ 8:16). ئەيسا كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە تەلىم بېرىشتىن ئۆزىگە زور خۇشاللىق تاپقان. سىزمۇ ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ باشقىلارغا پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى سىزمۇ شۇنداق خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز.
يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى سىزنى جامائەتتە ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ)a
12. نېمە ئۈچۈن جامائەتكە ھەسسە قوشىدىغان قابىلىيىتىم يوق دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك؟
12 ئەگەر مېنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتىم يوق دەپ ئويلىسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ھەربىر كىشىنىڭ چوقۇم جامائەتكە ھەسسىسىنى قوشۇشقا ئىمكانىيەت بېرىدىغان گۈزەل پەزىلەتلىرى ياكى ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. پاۋلۇسنىڭ 1-كورىنتلىقلار 12:12–30 ئايەتلەردىكى سۆزلىرىنى ئوقۇپ، شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. ئاشۇ سۆزلەردىن يەھۋانىڭ ھەربىر خىزمەتچىسىنىڭ جامائەتتە ئۆز ئورنىڭىز ۋە قەدىر-قىممىتىڭىز بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيسىز. ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا ھازىرچە تېخى لاياقەتلىك بولالمىسىڭىز، بەل قويۇۋەتمەڭ. قولىڭىزدىن كېلىشىچە، يەھۋاغا ۋە قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشقا تىرىشىڭ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئاقساقاللار سىزنىڭ قابىلىيەتلىرىڭىزنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، سىزگە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرىدۇ.—رىملىقلار 12:4–8.
13. ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە قويۇلغان تەلەپلەرگە لاياقەتلىك بولۇش شۇنچە قىيىنمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
13 يەنە ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر مۇھىم نۇقتا بار: مۇقەددەس كىتابتا ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە قويۇلغان تەلەپلەر ئەمەلىيەتتە بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ھەم قويۇلغان. مەسىلەن، ھەممىمىز يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىشىمىز، خۇشاللىق بىلەن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىمىز ۋە خۇدانىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرى بويىچە ياشىشىمىز لازىم. ئۇنداقتا، بىر بۇرادەرلەر ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن زادى نېمە قىلىشى كېرەك؟
ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
14. ئەستايىدىل بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (1-تىموتىي 3:8–10، 12)
14 ھازىر بىرلىكتە، 1-تىموتىي 3:8–10، 12-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) تىلغا ئېلىنغان بەزى تەلەپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. ياردەمچى خىزمەتچىلەر «ئەستايىدىل بولۇشى» كېرەك. بۇ سۆز-ئىبارىنى «مەسئۇلىيەتچان» ياكى «ھۆرمەتكە سازاۋەر» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ كۈلۈشىڭىزگە ياكى چاقچاق قىلىشىڭىزغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ (ۋەز 3:1، 4). بارلىق تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرگە ئەستايىدىل قاراپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇندىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ، جامائەتتە قېرىنداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز.
15. «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە «ھارام پايدىنى تەمە قىلىدىغان ئاچكۆز بولمىسۇن» دېگەنلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
15 «ئىككى يۈزلىمىچى» بولماسلىقى كېرەك. بۇ راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك، ئېيتقان سۆزىدە تۇرىدىغان ۋە ئالدامچىلىق قىلمايدىغان ئادەم بولۇشنى بىلدۈرىدۇ (پەند. نە 3:32). «ھارام پايدىنى تەمە قىلىدىغان ئاچكۆز بولمىسۇن». بۇ باشقىلار بىلەن سودا-تىجارەت، قەرز ئېلىش-بېرىش دېگەندەك ئىشلاردا راستچىل بولۇش ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپرەك پايدا ئېلىپ پۇل تېپىشقا ئۇرۇنماسلىقنى بىلدۈرىدۇ.
16. (1) «شاراب ئىچىشكە ئامراق … بولمىسۇن» دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) «پاك ۋىجدانى» بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
16 «شاراب ئىچىشكە ئامراق» بولماسلىقى لازىم. بۇ ئۆزىگە چەك قويالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا شارابخور دېگەن نام-ئاتاقنى ئالمىغان بىرى بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. «پاك ۋىجدانى» بولۇشى لازىم. بۇ خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىشنى؛ گەرچە نامۇكەممەل بولسىڭىزمۇ، يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشنى بىلدۈرىدۇ.
17. «ئۇلارنىڭ سىناپ كۆرۈڭلار» دېگەن سۆزلەر بىلدۈرىدۇ؟ (1-تىموتىي 3:10؛ رەسىمگە ھەم قاراڭ).
17 «ئالدى بىلەن ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار» دېگەن سۆزلەر، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىشەنچىلىك بىرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئاقساقاللارغا كۆرسىتىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئاقساقاللار قانداقتۇ بىر ئىشنى تاپشۇرسا، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە تەشكىلاتنىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنۇڭ. نېمىلەرنى قىلىش ۋە قاچان تۈگىتىش كېرەكلىكىنى ئېنىقراق چۈشىنىۋېلىڭ. تاپشۇرۇلغان ھەربىر ئىشنى ئەستايىدىل ئورۇندىسىڭىز، جامائەتتىكى قېرىنداشلار بارغانسېرى ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايدۇ. ئاقساقاللارمۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەرلەرگە ئۆگىتىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك (1-تىموتىي 3:10-نى ئوقۇڭ). جامائىتىڭىزدە 10–14 ياش ئارىسىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بالىلار بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شەخسىي تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئادىتى بارمۇ؟ جامائەت يىغىلىشلىرىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ كېلەمدۇ؟ دائىم جاۋاب بېرەمدۇ؟ ۋەز خىزمىتىگە چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلارغا يېشىغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان-بولمىغانلىقى سىنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا لاياقەتلىك بولالىشى مۇمكىن.
ئاقساقاللار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەرلەرگە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى «سىناپ» كۆرەلەيدۇ (17-ئابزاسقا قاراڭ)
18. «ئەيىبسىز» بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
18 «ئەيىبسىز» بولۇش، ھېچكىمنىڭ سىزنى ئېغىر گۇناھ قىلدى دەپ ئەيىبلەيدىغانغا ئاساسى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىدە مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ناھەق ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەيسا مەسىھمۇ شۇنداق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ۋە ئۇ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ شۇنداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:20). لېكىن، سىز ئەيساغا ئوخشاش داۋاملىق يۈرۈش-تۇرۇشتا پاك، بولسىڭىز، جامائەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاققا ئېرىشەلەيسىز.—مەتتا 11:19.
19. «بىر ئايالنىڭ ئېرى» بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
19 «بىر ئايالنىڭ ئېرى» بولۇشى لازىم. ئەگەر سىز توي قىلغان بولسىڭىز، يەھۋانىڭ دەسلەپتە ئورۇنلاشتۇرغان نىكاھ تۈزۈمىگە بويسۇنۇپ، بىرلا ئاياللىق بولۇشى كېرەك (مەتتا 19:3–9). مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ھەرگىزمۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ياكى زىنا قىلماسلىقى كېرەك (ئىبرانىي. 13:4). دېمەك، چوقۇم ئۆز ئايالىڭىزغا ۋاپادار بولۇپ، ھەرگىزمۇ باشقا ئاياللار ھەققىدە رومانتىك ئوي-خىياللاردا بولماسلىقىڭىز لازىم.—ئايۇپ 31:1.
20. «ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان» بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
20 «ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان بولسۇن». ئەگەر ئائىلە بېشى بولسىڭىز، مەسئۇلىيەتلىرىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ؛ ئائىلە ئەزالىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ۋەز خىزمەتكە چىقىڭ؛ پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىڭ (ئەفەس. 6:4). ئائىلىنىڭ بېشى بولغان كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ياخشى غەمخورلۇق قىلالىسا، دېمەك ئۇ جامائەتكە ياخشى غەمخورلۇق قىلالايدۇ.—1-تىموتىي 3:5-نى سېلىشتۇرۇڭ.
21. ئەگەر سىز تېخى ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ تەيىنلەنمىگەن بولسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
21 بۇرادەرلەر، ئەگەر سىلەر تېخى ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ تەيىنلەنمىگەن بولساڭلار، مۇشۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىڭلار. ۋاقىت چىقىرىپ، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا قويۇلغان تەلەپلەرنى تەتقىق قىلىڭلار ۋە شۇ تەلەپلەرگە لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. يەھۋا خۇدا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلارنى كۈچەيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىڭلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (1-پېتر. 4:8، 10). ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ، شۇندا جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشتىن كېلىدىغان شاد-خۇراملىقنى ھېس قىلىسىز. كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى يەھۋا خۇدا مول بەرىكەتلىسۇن!—فىلىپى. 2:13.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a مۇقاۋىدىكى: سولدا، ئەيسا كىچىك پېئىللىق بىلەن شاگىرتلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؛ ئوڭدا، بىر ياردەمچى خىزمەتچى جامائەتتە ياشانغان بۇرادەرگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.