كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 دېكابىر 2-‏7 ب.‏
  • ئە‌يسانىڭ نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسانىڭ نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نان بىلە‌ن بىرقانچە مىڭ كىشىنى تويغۇ‌زۇ‌ش مۆجىزىسى
  • ناننىڭ مە‌نىسى
  • بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى نېمە بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏
  • مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ قىزغىن ۋە‌ز قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 دېكابىر 2-‏7 ب.‏

48‏-‏تە‌تقىق ماقالىسى

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

ئە‌يسانىڭ نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن!‏ كىمكى ماڭا كە‌لسە،‏ ھە‌رگىز ئاچ قالماس»‏‏.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏35.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتا،‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ نان ۋە بېلىقنى كۆپە‌يتىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى تويدۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە ئۇ‌نىڭدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1.‏ قە‌دىمقى زاماندا نان قانچىلىك مۇ‌ھىم بولغان؟‏

قە‌دىمكى زاماندا،‏ نان ئىنسانلار ئۈچۈن ئاساسىي يېمە‌كلىك بولغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغان ئېلىنغان (‏يارىت.‏ 14:‏18؛‏ لۇ‌قا 4:‏4)‏.‏ نان كىشىلە‌رنىڭ كۈن كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇ‌ھىم يېمە‌كلىك بولغاچقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زىدە يېمە‌كلىك سۆزىنىڭ ئورنىغا «نان» سۆزى ئىشلىتىلگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا ئىككى قېتىم ناننى ئىشلىتىپ مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏9،‏ 10‏)‏.‏ شۇ مۆجىزىلە‌ردىن بىرى يۇ‌ھاننا 6-‏بابتا خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ ھازىر بىرلىكتە شۇ مە‌زمۇ‌ننى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

2.‏ قايسى ۋاقىتتا مىڭلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ يېمە‌كلىككە ئېھتىياجى بولغان؟‏

2 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى قىزغىن ۋە‌ز ئېيتىپ،‏ سە‌پە‌ردىن ھېرىپ-‏چارچاپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئارام ئېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى كېمىگە ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ،‏ جە‌لىلىيە دېڭىزىنىڭ قارشى قىرغىقىغا يۈرۈپ كە‌تتى (‏ماركۇ‌س 6:‏7،‏ 30–‏32؛‏ لۇ‌قا 9:‏10)‏.‏ ئۇ‌لار بە‌يتسايداغا يېقىن ئە‌تراپتىكى تىنچ بىر يە‌رگە كە‌لدى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ‌لارنىڭ يولغا چىققانلىقىنى كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغان بىرنە‌چچە مىڭ كىشى ئە‌يسا بىلە‌ن كۆرۈشۈش ئۈچۈن توپ-‏توپ بولۇ‌پ كېلىشتى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلمە‌ي تۇ‌رالمىدى.‏ ئۇ كېسە‌للە‌رنى ساقايتىپ،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشكە باشلىدى.‏ كە‌چ كىرىپ قالغاچ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى خالايىق قە‌يە‌رگە بېرىپ يېمە‌كلىك سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە غە‌م قىلاتتى.‏ چۈنكى،‏ بە‌زىلە‌رنىڭ ئازغىنە يېمە‌كلىكى بولسىمۇ،‏ كۆپىنچە كىشىلە‌رنىڭ يوق بولۇ‌پ،‏ يېقىن ئە‌تراپتىكى يېزا-‏كە‌نتلە‌رگە بېرىپ يېمە‌كلىكلە‌رنى سېتىۋېلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏مە‌تتا 14:‏15؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏4،‏ 5)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا نېمە قىلغان؟‏

نان بىلە‌ن بىرقانچە مىڭ كىشىنى تويغۇ‌زۇ‌ش مۆجىزىسى

3.‏ ئە‌يسا خالايىققا تاماق بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا نېمە قىلىشنى بۇ‌يرىدى؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

3 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «ئۇ‌لارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق،‏ ئۆزۈڭلار ئۇ‌لارغا تاماق بېرىڭلار»،‏—‏ دېدى (‏مە‌تتا 14:‏16‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۇ قانداقمۇ مۇ‌مكىن بولسۇ‌ن؟‏!‏ چۈنكى،‏ ئۇ يە‌رگە توپلانغانلار ئارىسىدا تە‌خمىنە‌ن 5000 ئە‌ر كىشى بار بولۇ‌پ،‏ ئاياللار بىلە‌ن بالىلارنى ھېسابقا ئالساق،‏ تە‌خمىنە‌ن 15 000 كىشىگە تاماق بېرىش كېرە‌ك ئىدى (‏مە‌تتا 14:‏21‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئە‌ندە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ يە‌ردە بىر كىچىك بالىدا بە‌ش ئارپا نېنى بىلە‌ن ئىككى بېلىق بار،‏ لېكىن بۇ‌نچىۋالا كۆپ كىشىلە‌ر ئۈچۈن بۇ نېمە بولىدۇ؟‏!‏» (‏يۇ‌ھاننا 6:‏9)‏.‏ ئارپا نان شۇ زامانلاردا،‏ كە‌مبە‌غە‌ل ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئاساسىي يېمە‌كلىك بولۇ‌پ،‏ كىچىك بېلىق بە‌لكىم تۇ‌زلاپ قۇ‌رۇ‌تۇ‌لغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئازغىنە يېمە‌كلىك بىلە‌ن شۇ‌نچە كۆپ ئادە‌منىڭ قورسىقىنى تويغۇ‌زۇ‌ش مۇ‌مكىنمۇ؟‏

ئە‌يسا نان بىلە‌ن بېلىقنى شاگىرتلىرىغا بېرىۋاتىدۇ.‏ شاگىرتلار بولسا،‏ نان بىلە‌ن بېلىقنى خالايىققا تارقىتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ۋە بالىلار بار.‏

ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلىگە‌ن (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


4.‏ يۇ‌ھاننا 6:‏11–‏13-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

4 ئە‌يسا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تمە‌كچى بولغاچقا،‏ خالايىقنى توپ-‏توپ بولۇ‌پ چىم ئۈستىدە يانپاشلاپ ئولتۇ‌رۇ‌شقا بۇ‌يرىدى (‏ماركۇ‌س 6:‏39،‏ 40؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏11–‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا نان بىلە‌ن بېلىق ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈپ،‏ ئاتىسىغا دۇ‌ئا قىلدى.‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ ئۈلگىسى بىز ئۈچۈن ياخشى ئە‌سكە‌رتىش!‏ بىز يالغۇ‌ز بولايلى ياكى ئە‌تراپىمىزدا باشقا ئادە‌ملە‌ر بولسۇ‌ن،‏ تاماق يېيىش ئالدىدا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا دۇ‌ئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن،‏ شاگىرتلىرىغا نان بىلە‌ن بېلىقنى خە‌لققە تارقىتىپ بېرىشنى ئېيتقانىدى.‏ خە‌لق بولسا تويغىچە يە‌پ،‏ ھە‌تتا ئېشىپ قالغان.‏ ئېشىپ قالغان يېمە‌كلىكلە‌ر ئىسراپ بولماسلىقى ۋە كېيىنرە‌ك ئىستىمال قىلىنىشى ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى شۇ يېمە‌كلىكلە‌رنى يىغىۋېلىشقا بۇ‌يرىغان.‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن قولىمىزدا بار نە‌رسىنى ئىسراپ قىلماي،‏ دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىشنى ئۆگىنىمىز.‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلار بىلە‌ن مۇ‌شۇ ئۈزۈندىلە‌رنى بىللە ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا دۇ‌ئا قىلىش،‏ مېھماندوست ۋە سېخىي بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگىتىڭلار.‏

كوللاژ:‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار تاماق يېيىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ مە‌كتە‌پ ئاشخانىدا سىنىپداشلىرى پاراڭلىشىۋاتقاندا،‏ ياش قېرىنداش دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا ئىشلە‌يدىغان بىر بۇ‌رادە‌ر خىزمە‌تداشلىرى بىلە‌ن چۈشلۈك تاماق يېيىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ بىر دادا ئايالى ۋە قىزى بىلە‌ن تاماق يېيىش ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏ «مە‌ن ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ تاماقنىڭ ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىمە‌نمۇ؟‏» (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


5.‏ خە‌لق ئە‌يسانىڭ قىلغان مۆجىزىسىنى كۆرگە‌ندىن كېيىن قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭغا قانداق يول تۇ‌تقان؟‏

5 خالايىق ئە‌يسانىڭ بە‌رگە‌ن تە‌لىمى ۋە كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلىرىگە ھە‌يران قېلىشتى.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ بىر پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌ۋە‌تىش ۋە‌دىسىنى ئالدىن ئېيتقان.‏ بۇ‌نى بىلگە‌ن خە‌لق «ئە‌جە‌با،‏ ئۇ كىشى ئە‌يسامىدۇ؟‏» دە‌پ ئويلىغان (‏تە‌كرار.‏ قا 18:‏15–‏18)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئىسرائىل خە‌لقى ئە‌يسانى ياخشى پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارغا ئۇ‌زۇ‌ق-‏تۈلۈك تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لە‌يدۇ دە‌پ قارىغاچقا،‏ ئۇ‌نى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى قىلماقچى بولۇ‌شقانىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏14،‏ 15)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا خالايىقنىڭ سۆزىگە كىرىپ،‏ پادىشاھ بولغان بولسا،‏ رىم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشالايتتى.‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلغانمۇ؟‏ ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانى تاغقا چېچىپ كە‌تكە‌نلىكى ئېيتىلغان.‏ خە‌لقنىڭ ئە‌يساغا بېسىم قىلىشىغا قارىماي،‏ ئۇ سىياسە‌تكە ئارىلاشمىغان.‏ ئۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان!‏

6.‏ بىز ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

6 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھېچكىم بىزدىن مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ ناننى كۆپە‌يتكىن،‏ كېسە‌للە‌رنى ساقايتقىن دە‌پ تە‌لە‌پ قىلمايدۇ ياكى بىزنى پادىشاھ تىكلىمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرى ياخشى ھۆكۈمران بولىدۇ دە‌پ ئويلىغان كىشى ئۈچۈن بىزنى سايلامدا ئاۋاز بېرىشكە ياكى ئۇ‌نى باشقىچە ئۇ‌سۇ‌لدا قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ بىزنى سىياسە‌تكە ئارىلىشىشقا مە‌جبۇ‌رلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌ردى.‏ ئۇ سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىشنى رە‌ت قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇ‌نيادىن ئە‌مە‌س» (‏يۇ‌ھاننا 17:‏14؛‏ 18:‏36)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى خۇ‌ددى ئە‌يساغا ئوخشاش ئويلاپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىدۇ.‏ بىز ئە‌يساغا ئوخشاش ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمىز.‏ بىز بۇ پادىشاھلىق ھە‌ققىدە باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىمىز ۋە بۇ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىمىز (‏مە‌تتا 6:‏10‏)‏.‏ ئە‌مدى ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىسىدىن يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

پىلاتۇ‌س ھە‌زرىتى ئە‌يساغا سوئال قويۇ‌ۋاتىدۇ ۋە يېنىدا ئىككى رىم ئە‌سكىرى قاراۋۇ‌للۇ‌ق قىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏

ئە‌يسا سىياسە‌تكە ئارىلاشمىغان.‏ بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە!‏ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


ناننىڭ مە‌نىسى

7.‏ ئە‌يسا نېمە قىلغان ۋە بۇ‌نىڭغا ئە‌لچىلە‌ر قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏16–‏20)‏

7 ئە‌يسا خالايىقنى تويدۇ‌رۇ‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچىلىرىنى كېمىگە ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ،‏ قارشى قىرغاقتىكى كە‌پە‌رناھۇ‌مغا ئە‌ۋە‌تىۋە‌تتى.‏ ئاندىن ئۆزى بولسا پادىشاھ قىلماقچى بولغان خە‌لقتىن ئۆزىنى قاچۇ‌رۇ‌پ،‏ تاغقا كېتىپ قالدى ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏16–‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچىلە‌ر كېمىدە كېتىپ بارغاندا قاتتىق شامال چىقىپ،‏ دېڭىزدا دولقۇ‌نلار پە‌يدا بولدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىپ ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنى سۇ ئۈستىدە مېڭىشقا چاقىردى ۋە ئۇ‌مۇ سۇ ئۈستىدە ماڭدى (‏مە‌تتا 14:‏22–‏31‏)‏.‏ ئە‌يسا كېمىگە چىققاندا،‏ بوران-‏چاپقۇ‌ن دە‌رھال توختىدى.‏ بۇ‌نى كۆرگە‌ن ئە‌لچىلە‌ر ناھايىتى ھە‌يران بولۇ‌پ:‏ «سىز ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى ئىكە‌نسىز» دېيىشتىa (‏مە‌تتا 14:‏33‏)‏.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسىتىپ ناننى كۆپە‌يتكە‌ن ۋاقىتتا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سۇ ئۈستىدە ماڭغاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچىلە‌ر بۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان ئىدى.‏ ماركۇ‌س ھە‌م بۇ ئوخشاش ۋە‌قە توغرىسىدا مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئۇ‌لار ناھايىتى ھە‌يران قېلىشتى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار نانلار توغرىسىدىكى مۆجىزىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نمىگە‌نىدى،‏ ھازىرچە ئۇ‌لارنىڭ ئە‌قلى چۈشىنىشكە يە‌تمە‌يتتى» (‏ماركۇ‌س 6:‏50–‏52)‏.‏ دېمە‌ك،‏ شاگىرتلار يە‌ھۋانىڭ پە‌قە‌ت ئە‌يساغا نان بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئە‌مە‌س،‏ باشقا تۈرلۈك مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىگە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭدىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئە‌يسا ئۆزى نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسى ھە‌ققىدە قايتا سۆزلە‌پ،‏ مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

8،‏ 9.‏ خالايىق نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانى ئىزدىگە‌ن؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏26،‏ 27)‏

8 ئە‌يسا تويدۇ‌رغان خالايىق ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىنى ۋە ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىنى قاندۇ‌رۇ‌شقا كۆڭۈل بۆلگە‌نىدى.‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌تىسى ئۇ‌لار ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار تىبېرىيە‌دىن كېمىگە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌يسانى تېپىش ئۈچۈن كە‌پە‌رناھۇ‌مغا قاراپ ماڭغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏22–‏24)‏.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى كۆپرە‌ك ئاڭلاشنى خالىغاچقا،‏ شۇ‌نداق قىلغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ‌لارنىڭ پۈتۈن ئوي-‏خىيالى قورساق تويغۇ‌زۇ‌ش بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لارغا نان بېرىشىنى ئۈمىد قىلىشقانىدى.‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

9 خە‌لق كە‌پە‌رناھۇ‌م ئە‌تراپىدىن ئە‌يسانى تاپقاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلايلى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ئارزۇ-‏ئىستىكى پە‌قە‌ت قورساق تويغۇ‌زۇ‌ش ئىكە‌نلىكىنى ئوچۇ‌ق كۆرسىتىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نان يە‌پ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار».‏ ئە‌يسا بۇ «ۋاقتىنچە بولىدىغان تاماق» ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنى «مە‌ڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان تاماق ئۈچۈن تىرىشىپ» ئىشلە‌شكە ئۈندىگە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏26،‏ 27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ شۇ‌نداق يېمە‌كلىكنىڭ مە‌نبە‌سى خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ خە‌لق مە‌ڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان يېمە‌كلىك بارلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ ناھايىتى ھە‌يران قالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ قانداق يېمە‌كلىك ۋە ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا قانداق ئېرىشە‌لە‌يتتى؟‏

10.‏ خە‌لق مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك ئىدى؟‏

10 قارىماققا،‏ ئاشۇ يە‌ھۇ‌دىي خە‌لقى شۇ‌نداق يېمە‌كلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن بە‌زى خىزمە‌تلە‌رنى ياكى ئىشلارنى قىلىش زۆرۈر دە‌پ قارىغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار مۇ‌سا قانۇ‌نىدا بە‌لگىلە‌نگە‌ن ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك دە‌پ ئويلىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌ن كىشىگە ئىشىنىڭلار،‏ خۇ‌دانىڭ ئىشى بۇ‌دۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏28،‏ 29)‏.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ۋە‌كىلى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىش كېرە‌ك.‏ ئە‌سلىدە،‏ ئە‌يسا ئىلگىرى بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16–‏18،‏ 36)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسا يە‌نە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك سۆزلە‌پ بېرە‌تتى.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3.‏

11.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ پۈتۈن ئوي-‏خىيالى پە‌قە‌تلا قورساق تويغۇ‌زىدىغان ناندا ئىكە‌نلىكى،‏ ئە‌يسا قانداق ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏24،‏ 25)‏

11 بۇ يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌يسانىڭ «خۇ‌دانىڭ ئىشى» توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌رگە‌ن تە‌لىمىنى قوبۇ‌ل قىلمىغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ سىزگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ بېرىڭ؟‏ قېنى،‏ نېمە ئىش قىلىپ بېرىسىز؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏ ئارقىدىنلا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌سانىڭ زاماندا ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ ئاسماندىن چۈشكە‌ن ماننانى يېگە‌نلىكىنى تىلغا ئالغان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏30؛‏ نە‌ھە‌م.‏ 9:‏15؛‏ زە‌بۇ‌ر 78:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ پۈتۈن ئوي-‏خىيالى پە‌قە‌تلا قورسىقىنى تويغۇ‌زىدىغان ناندا ئىدى.‏ كېيىن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاسماندىن چۈشكە‌ن ھە‌قىقىي نان توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشنىمۇ سورىمىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏32)‏.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت جىسمانىي ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌چكە،‏ ئە‌يسانىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان ھە‌قىقە‌تلە‌رگە پە‌رۋاسىزلىق قىلغان.‏ بۇ ئۈزۈندىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى نېمە بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

12.‏ ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌ندا نېمە بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى،‏ ئە‌يسا قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتىن مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بىز ئۈچۈن يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاش ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏ شە‌يتان مە‌سىھ ئە‌يسانى ئېزىقتۇ‌رغاندا،‏ «ئادە‌م پە‌قە‌ت نان بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھە‌ربىر سۆز بىلە‌ن ياشايدۇ»،‏—‏ دېيىش ئارقىلىق،‏ بۇ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى كۆرسىتىپ ئۆتكە‌ن (‏مە‌تتا 4:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھىتىدە ھە‌م خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌پ ئۆتكە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق دە‌پ سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «ھاياتىمدا جىسمانىي ئېھتىياجلىرىم بىرىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رامدۇ ياكى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىم بىرىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رامدۇ؟‏

13.‏ (‏1)‏ نېمىشقا يە‌پ-‏ئىچىپ ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق؟‏ (‏2)‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏6،‏ 7،‏ 11)‏

13 ئە‌لۋە‌تتە،‏ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌لاردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىپ،‏ كۆڭلىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق (‏لۇ‌قا 11:‏3)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ «ئىنسان ئۈچۈن يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ … ھۇ‌زۇ‌رلىنىشتىن ئارتۇ‌ق ياخشى ئىش يوق … بۇ ھە‌م ھە‌ق خۇ‌دانىڭ قولىدىن كېلىدۇ» دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ز 2:‏24؛‏ 8:‏15؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏17)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌رنىڭ ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ننى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س 1-‏ئە‌سىردە ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خە‌ت يازغاندا،‏ قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ تارىخىنى تىلغا ئېلىپ،‏ ئۇ‌لار سىناي تېغىدا قانداق يامان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئە‌سلىتىپ ئۆتكە‌ن.‏ كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى «خۇ‌ددى [ئىسرائىللارغا] ئوخشاش زىيانلىق ئارزۇ‌لارغا مايىل بولماسلىققا» ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏6،‏ 7،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ ئىسرائىللارغا يېمە‌كلىك بە‌رگە‌ن،‏ لېكىن ئىسرائىل خە‌لقى ئاچكۆزلۈك قىلىپ،‏ نە‌تىجىدە ئۆزلىرىگە زىيان كە‌لتۈرگە‌ن (‏سانلار 11:‏4–‏6،‏ 31–‏34)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىل خە‌لقى ئالتۇ‌ن موزايغا سە‌جدە قىلىپ،‏ يە‌پ-‏ئىچكە‌ن،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشا قىلىشقان (‏چىق.‏ 32:‏4–‏6)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌ينى زاماندىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ ناھايىتى ياخشى قىلغان،‏ چۈنكى شۇ چاغ مىلادى 70-‏يىلى يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ ۋە‌يران قىلىنىدىغان ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانىدى.‏ ھازىر بىزمۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا بىپە‌رۋالىق قىلماي،‏ جىددىي مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز لازىم.‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېمە‌كلىكلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق بېشارە‌تلە‌ر يېزىلغان؟‏

14 ھە‌زرىتى ئە‌يسا «كۈندىلىك نېنىمىزنى بە‌رگە‌يسە‌ن» دە‌پ دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ يە‌نە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى «ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشقاندە‌ك،‏ يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشسۇ‌ن» دە‌پ دۇ‌ئا قىلىشمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏9–‏11‏)‏.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ باققانمۇ‌سىز؟‏ يە‌شايا 25:‏6–‏8-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشقاندا،‏ لە‌ززە‌تلىك يىمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر مول بولىدۇ.‏ يە‌نە زە‌بۇ‌ر 72:‏16-‏ئايە‌تتە:‏ «يە‌ر يۈزىدە زىرائە‌تلە‌ر مول بولار،‏ تاغ چوقىلىرىغىچە تولۇ‌پ تاشار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان نانلارنى پىشۇ‌رۇ‌پ،‏ يېڭى تائاملارنى ئېتىپ ھۇ‌زۇ‌رلىنىپ يە‌ۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرە‌لە‌مسىز؟‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭىزنى بە‌رپا قىلىپ،‏ بە‌رگە‌ن شىرىن-‏تاتلىق مېۋىلىرىنى يە‌يسىز (‏يە‌شايا 65:‏21،‏ 22)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ يېقىن دوست-‏يارە‌نلىرىڭىز بىلە‌ن شۇ ئاجايىپ نازۇ‌نېمە‌تلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىسىز!‏

15.‏ تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشى كېرە‌ك؟‏

15 يۇ‌ھاننا 6:‏35-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا مۆجىزە ئارقىلىق تە‌مىنلىگە‌ن نان بىلە‌ن بېلىقنى يېگە‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە يە‌نە بىر قېتىم ئويلىنىپ كۆرە‌يلى.‏ ھە‌تتا شۇ كىشىلە‌ر ئە‌ينى زاماندا ئە‌يساغا ئىشە‌نمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى تىرىلىپ،‏ بىز ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشىشىمىز مۇ‌مكىن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ:‏ «ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن!‏ كىمكى ماڭا كە‌لسە،‏ ھە‌رگىز ئاچ قالماس» دېگە‌ن سۆزلىرىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا،‏ يە‌نى ئۆز جېنىنى ئۇ‌لار ئۈچۈن پىدا قىلغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ تىرىلگە‌نلە‌رگە ۋە يېڭى دۇ‌نيادا تۇ‌غۇ‌لغان بالىلارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش تە‌لىم-‏تە‌ربىيە خىزمىتى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىمىز.‏ باشقىلارنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورنىتىشىغا ياردە‌م بېرش ھە‌رقانداق لە‌ززە‌تلىك تائاملاردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشتىنمۇ ئارتۇ‌قراق شاد-‏خۇ‌راملىق بېغىشلايدۇ!‏

16.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

16 بىز يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتىن قىسقا بىز ئۈزۈندىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تە‌لىملە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌ينى چاغدا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌يسانىڭ ئېيتقان ھە‌قىقە‌ت سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۈگۈن كۈندە بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ كېيىنكى ماقالىدە يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى داۋاملىق مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  ئە‌يسا نان ۋە بېلىقنى خالايىققا تارقىتىپ بېرىشتىن ئاۋۋال نېمە قىلغان ۋە بىز بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

  •  خە‌لق ئە‌يسانى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولغاندا،‏ ئۇ نېمە قىلغان ۋە بىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

  •  1-‏كورىنتلىقلار 10:‏6،‏ 7،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا قۇ‌لاق سالساق،‏ نېمە ئىش قىلىمىز؟‏

148-‏ناخشا يېگانە ئوغلۇ‌ڭنى بە‌ردىڭ

a  بۇ ھە‌يران قالارلىق ۋە‌قە توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن ‏«ئە‌يسا —‏ يول،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ھاياتلىق» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق كىتابنىڭ 131-‏بېتىگە ۋە ‏«ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق كىتابنىڭ 185-‏بېتىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش