كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 دېكابىر 8-‏13 ب.‏
  • مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھاياتلىق بېرىدىغان نان ۋە ئە‌يسانىڭ تېنى
  • ئىككى ۋە‌زىيە‌ت ئېيتقان سۆزلىرى ئارىسىدىكى پە‌رقلە‌ر
  • ئە‌يسا شۇ سۆزلە‌رنى سىزگىمۇ قارىتا ئېيتقان
  • ئە‌يسانىڭ نان بىلە‌ن قىلغان مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاخىرقى 40 كۈنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئە‌يسا ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم بولغان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 دېكابىر 8-‏13 ب.‏

49‏-‏تە‌تقىق ماقالىسى

12-‏ناخشا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌ڭگۈ ھاياتلىق

مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

‏«ئوغلىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ كۆرگە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ھە‌ربىر كىشىنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇ‌ر»‏‏.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏40.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ۋە باشقا قويلارنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏

1.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدا نېمە ئويلايدۇ؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر تە‌ن-‏ساغلام ۋە ئۆمرى ئۇ‌زۇ‌ن بولۇ‌شى ئۈچۈن توغرا ئوزۇ‌قلىنىش ۋە تە‌نتە‌ربىيە بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار شۇ تىرىشچانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ قېرىپ،‏ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىش ئۇ‌لار ئۈچۈن خام خىيالدە‌ك بىلىنىدۇ.‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16 ۋە 5:‏24-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنىڭ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.‏

2.‏ يۇ‌ھاننا 6-‏بابتا،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھايات توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏39،‏ 40)‏

2 ئالدىنقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى نان ۋە بېلىق بىلە‌ن تويدۇ‌رغانa‏.‏ ئۇ كىشىلە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رغانىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌تىسى ئە‌يسانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى خالايىقنى تېخىمۇ بە‌كرە‌ك ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ خە‌لق ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ،‏ جە‌لىلىيە دېڭىزى بويىغا يېقىن جايلاشقان كە‌پە‌رناھۇ‌م شە‌ھىرىگە كە‌لگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە مە‌ڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏39،‏ 40-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىڭىز ياكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى شۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار تىرىلدۈرۈلۈپ،‏ سىز ۋە يېقىنلىرىڭىزنىڭ مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يدىغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىراق،‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتىكى ئە‌يسانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشىنىش نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن قىيىن بولغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ بىرلىكتە،‏ ئە‌يسانىڭ شۇ چاغدا نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى!‏

3.‏ يۇ‌ھاننا 6:‏51-‏ئايە‌تتە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌ن؟‏

3 ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ نان بىلە‌ن خالايىقنى تويدۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆتمۈشتە ئاتا-‏بوۋىلىرىغا چۆل-‏باياۋاندا ماننا بە‌رگە‌نلىكىنى ئېسىگە ئالغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ماننانى «ئاسماندىن چۈشە‌رگە‌ن نان» دە‌پ ئاتىغان (‏زە‌بۇ‌ر 105:‏40؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏31)‏.‏ ئە‌يسا ماننانى مىسال كە‌لتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان.‏ گە‌رچە خۇ‌دا مۆجىزە قىلىپ،‏ ماننانى چۈشۈرۈپ بە‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌نى يېگە‌نلە‌ر ئاخىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏49)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌يسا ئۆزىنى «ئاسماندىن چۈشكە‌ن ھە‌قىقىي نان»،‏ «خۇ‌دانىڭ نېنى» ۋە «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» دە‌پ ئاتىغان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏32،‏ 33،‏ 35)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزى بىلە‌ن ماننا ئارىسىدىكى مۇ‌ھىم پە‌رقنى كۆرسىتىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «ئاسماندىن چۈشكە‌ن ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن.‏ كىمكى بۇ ناندىن يېسە،‏ مە‌ڭگۈ ياشايدۇ»،‏‏—‏ دېگە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏51-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان يە‌ھۇ‌دىيلار گاڭگىراپ،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆزىنى ئاسماندىن چۈشكە‌ن «نان» دە‌پ ئاتايدۇ؟‏ ئۇ قانداقمۇ خۇ‌دا مۆجىزە كۆرسىتىپ ئۇ‌لارنىڭ ئاتا-‏بوۋىلىرىغا بە‌رگە‌ن ماننادىن ياخشىراق «نان» بولىدۇ؟‏ دە‌پ،‏ ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ قېلىشقان.‏ ئە‌يسا سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ:‏ «مە‌ن بە‌رمە‌كچى بولغان نان مېنىڭ تېنىمدۇ‌ر‏»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ چۈنكى،‏ بىزنىڭ ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ مە‌ڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى توغرا چۈشىنىشىمىز لازىم.‏ بىرلىكتە ئە‌يسانىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

ھاياتلىق بېرىدىغان نان ۋە ئە‌يسانىڭ تېنى

4.‏ خە‌لق نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالغان؟‏

4 ئە‌يسا ئۆز تېنى توغرىلىق:‏ «مە‌ن ئۇ‌نى دۇ‌نيادىكى ئىنسانلارغا ھاياتلىق بە‌رسۇ‌ن دە‌پ بېرىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلار گاڭگىراپ قالغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە ئۆز تېنىنى ئۇ‌لارغا يېيىشكە بېرىدۇ دە‌پ قارىغانمۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏52)‏.‏ ئە‌يسا سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ بە‌كرە‌ك ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان گە‌پنى قىلغان.‏ ئۇ:‏ «ئىنسان ئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە،‏ سىلە‌ر ھاياتقا ئېرىشە‌لمە‌يسىلە‌ر».‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏53.‏

5.‏ ئە‌يسا ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە كىشىلە‌رنى ئۇ‌نىڭ قېنىنى ئىچىشكە دە‌ۋە‌ت قىلمىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

5 نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا،‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ قاننى ئىستىمال قىلىشنى مە‌نئىي قىلغان ئىدى (‏يارىت.‏ 9:‏3،‏ 4)‏.‏ ئە‌سىرلە‌ر ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق تە‌ۋراتتا ئىسرائىللارغا قان توغرىسىدىكى مە‌نئىي قىلىش بۇ‌يرۇ‌قىنى تە‌كرارلىغان.‏ كىمكى قاننى ئىستىمال قىلسا،‏ ئۇ چوقۇ‌م ئۆلتۈرۈلۈشى كېرە‌ك ئىدى (‏لاۋى.‏ 7:‏27)‏.‏ ئە‌يسامۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنى تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى ئورۇ‌نلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 5:‏17–‏19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ توپلاشقا خالايىقنى ئۆزىنىڭ ھە‌قىقىي تېنىنى يە‌پ،‏ قېنىنى ئىچىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىشى ئە‌قىلگە سىغمايدىغان ئىش.‏ ئە‌سلىدە،‏ ئە‌يسا مۇ‌شۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان ئىدى.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏54.‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ ئە‌سلىدە،‏ ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلە‌رنى كۆچمە مە‌نىدە ئېيتقانلىقى ئېنىق.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئىلگىرى سامارىيىلىك ئايال بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ كۆچمە مە‌نىدە سۆزلە‌رنى قىلغان.‏ ئە‌يسا سامارىيىلىك ئايالغا:‏ «ئە‌مما،‏ كىمكى مە‌ن بېرىدىغان سۇ‌نى ئىچسە،‏ مە‌ڭگۈ ئۇ‌سسىمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە مە‌ن بېرىدىغان سۇ،‏ شۇ سۇ‌نى ئىچكە‌ن كىشىنىڭ ۋۇ‌جۇ‌دىدا ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇ‌لاققا ئايلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 4:‏7،‏ 14)‏b‏.‏ ئە‌يسا بۇ ئايالغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى سۇ‌نى ئىچىش توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلمىغان.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ كە‌پە‌رناھۇ‌م شە‌ھىرىدە توپلاشقان خالايىققا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسا بىر كىشى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى تېنىنى يە‌پ،‏ قېنىنى ئىچىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان.‏

ئىككى ۋە‌زىيە‌ت ئېيتقان سۆزلىرى ئارىسىدىكى پە‌رقلە‌ر

7.‏ يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى بە‌زىلە‌ر قانداق چۈشىنىدۇ؟‏

7 ئۆزىنى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتايدىغان بە‌زى دىندار كىشىلە‌ر،‏ يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى،‏ مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىن ئېيتىلغان بېشارىتى دە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ شۇ كە‌چلىك داستىخاندا ھە‌م ئە‌يسا ئوخشاش گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلغان (‏مە‌تتا 26:‏26–‏28‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ كە‌چلىك داستىخان يىغىلىشىغا كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ناندىن يە‌پ،‏ شارابتىن ئىچىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش توغرىمۇ؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ر يىلى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر بۇ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى بىلە‌ن خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ پە‌رقلىق مە‌نىسى بار.‏ ھازىر بۇ ئىككى ۋە‌زىيە‌تتە ئېيتىلغان سۆزلە‌رنىڭ قانداق پە‌رقى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

8.‏ بۇ ئىككى ۋە‌زىيە‌ت ئارىسىدا پە‌رقلە‌ر بار؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

8 ئاۋۋال،‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر قايسى ئىككى جە‌ھە‌تتىن پە‌رقلىنىدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلايلى.‏ بىرىنچى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ يۇ‌ھاننا 6:‏53–‏56-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى قە‌يە‌ردە ۋە قاچان ئېيتقان؟‏ يېرۇ‌سالېمدا خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شتىن تە‌خمىنە‌ن بىر يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئە‌يسا جە‌لىلىيىدە،‏ مىلادى 32-‏يىلى يە‌ھۇ‌دىيلارغا شۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان ئىدى.‏ ئىككىنچى‏،‏ كىمگە قارىتا بۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان؟‏ جە‌لىلىيە‌دە بىر توپ كىشىلە‌رگە شۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان ئىدى،‏ لېكىن كۆپىنچە كىشىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم ئېلىشقا ئە‌مە‌س،‏ قورساق تويغۇ‌زۇ‌شقا بە‌كرە‌ك كۆڭۈل بۆلگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 6:‏26)‏.‏ ناھايىتى ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىش قىيىن بولغاندا،‏ ئۇ‌لار دە‌رھال ئۇ‌نىڭدىن ئۈمىد ئۈزۈپ،‏ ئىشە‌نچىسىنى يوقاتقان.‏ ھە‌تتا بە‌زى شاگىرتلار ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شمە‌يدىغان بولغان ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏14،‏ 36،‏ 42،‏ 60،‏ 64،‏ 66)‏.‏ ئە‌مدى شۇ‌نىڭدىن بىر يىل ئۆتۈپ،‏ ئە‌يسا مىلادى 33-‏يىلى 11 سادىق ئە‌لچىسى بىلە‌ن خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ بارچە تە‌لىملىرىنى پۈتۈنلە‌ي چۈشە‌نمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌يساغا سادىق بولۇ‌پ قالغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىن كە‌لگە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار جە‌لىلىيە‌دە توپلاشقان كۆپىنچە كىشىلە‌ردىن پە‌رقلىق بولغان (‏مە‌تتا 16:‏16‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى ماختاپ:‏ «مە‌ن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سىلە‌ر مە‌ن بىلە‌ن بىللە بولغانسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 22:‏28)‏.‏ بۇ ئىككى پە‌رق شۇ‌نى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرە‌لە‌يدۇ‌كى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى قىلىش ئارقىلىق ھە‌رگىزمۇ كە‌چلىك داستىخاننىڭ قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى چۈشە‌ندۈرمە‌كچى بولغان ئە‌مە‌س.‏ بۇ ئىككى ۋە‌زىيە‌ت ئارىسىدا يە‌نە باشقا پە‌رقلە‌رمۇ بار.‏ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئە‌يسا خالايىققا سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن يىغىلىپ،‏ خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى.‏

سول تە‌رە‌پتە:‏ يۇ‌ھاننا 6-‏بابتا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جە‌لىلىيە‌دە خالايىققا ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغان.‏ ئوڭ تە‌رە‌پتە:‏ ئە‌يسا بىر يىلدىن كېيىن يېرۇ‌سالىمدا سادىق ئە‌لچىلىرى تە‌شكىل قىلغان بىر كىچىك توپقا سۆزلە‌ۋاتىدۇ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


ئە‌يسا شۇ سۆزلە‌رنى سىزگىمۇ قارىتا ئېيتقان

9.‏ ئە‌يسا خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ كىمگە قارىتا سۆز قىلغان؟‏

9 خاتىرىلە‌ش داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا،‏ ئە‌يسا پېتىر ناننى شاگىرتلارغا سۇ‌نۇ‌پ بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا:‏ «ناننى ئېلىڭلار،‏ يە‌ڭلار.‏ بۇ مېنىڭ تېنىمنى بىلدۈرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ شارابنى شاگىرتلىرىغا بېرىپ:‏ «مېنىڭ ئە‌ھدە قېنىمنى بىلدۈرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 14:‏22–‏25؛‏ لۇ‌قا 22:‏20؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 11:‏24)‏.‏ ئە‌يسانىڭ «ئە‌ھدە» توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرى ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ ئە‌يسا بۇ ئە‌ھدىنى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت «[روھىي] ئىسرائىل خە‌لقى» بىلە‌ن،‏ يە‌نى «خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا» بولىدىغانلار بىلە‌ن تۈزگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 8:‏6،‏ 10؛‏ 9:‏15)‏.‏ گە‌رچە شۇ ۋاقىتتا ئۇ يە‌ردە بولغان ئە‌لچىلە‌ر بۇ سۆزلە‌رنى پۈتۈنلە‌ي چۈشە‌نمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌زاق ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىناتتى.‏ شۇ چاغدا،‏ يېڭى ئە‌ھدە كۈچكە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن پادىشاھ بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشە‌تتى.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏2،‏ 3.‏

10.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جە‌لىلىيە‌دە ئېيتقان سۆزلىرى بىلە‌ن كە‌چلىك داستىخاننى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا ئېيتقان سۆزلىرى ئارىسىدا قانداق پە‌رقلە‌ر بار؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

10 خاتىرىلە‌ش داستىخىنىدا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ «كىچىك پادىغا» قارىتا ئېيتقان سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر داستىخاندا ئولتۇ‌رغان سادىق ئە‌لچىلە‌ر مۇ‌شۇ كىچىك توپنىڭ بىرىنچى ئە‌زالىرى ئىدى (‏لۇ‌قا 12:‏32)‏.‏ خاتىرىلە‌ش داستىخىنىغا قاتناشقان بۇ كىچىك توپ سادىق ئە‌لچىلە‌ر ۋە كېيىنرە‌ك ئۇ‌لارغا قوشۇ‌لىدىغان باشقا كىشىلە‌ر كىچىك پادىنى تە‌شكىل قىلاتتى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پە‌قە‌ت كىچىك پادىنى تە‌شكىل قىلغۇ‌چىلارلا ناندىن يە‌پ ۋە شارابتىن ئىچىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ لېكىن ئە‌يسا جە‌لىلىيە‌دە،‏ ئۇ توپ-‏توپ كىشىلە‌رگە قارىتا سۆز قىلغان.‏

بۇ‌رادە‌ر خاتىرىلە‌ش داستىخىنى يىغىلىشىدا نانغا ئېغىز تە‌گكۈزۈۋاتىدۇ.‏

نان بىلە‌ن شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزىدىغانلارنىڭ سانى چە‌كلىك،‏ لېكىن ھە‌رقانداق ئادە‌م ئە‌يساغا ئىشىنىپ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


11.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ جە‌لىلىيە‌دە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ سان-‏ساناقسىز ئىنسانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

11 مىلادى 32-‏يىلى،‏ ئە‌يسا جە‌لىلىيە‌دە سۆز قىلغاندا،‏ ئۇ‌نى تىڭشاپ تۇ‌رغانلارنىڭ ھە‌ممىسى نانغا ئېرىشىشىنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌لارنىڭ دىققىتىنى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى يېمە‌كلىككە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭدىنمۇ مۇ‌ھىمراق ھە‌قىقە‌تكە قاراتقان.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشە‌لە‌يتتى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ قايتا تىرىلىپ،‏ مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ شۇ ۋە‌زىيە‌تتە بولسا،‏ ئە‌يسا كە‌چلىك داستىخاننى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ۋاقىتتىكىدە‌ك،‏ ئۇ كىچىك بىر توپ كىشىگە سۆز قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە جە‌لىلىيە‌دە پۈتۈن ئىنسانلارنى كۈتۈپ تۇ‌رغان بە‌رىكە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغان ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «‏كىمكى بۇ ناندىن يېسە،‏ مە‌ڭگۈ ياشايدۇ.‏ مە‌ن بە‌رمە‌كچى بولغان نان مېنىڭ تېنىمدۇ‌ر.‏ مە‌ن ئۇ‌نى دۇ‌نيادىكى ئىنسانلارغا ھايات بە‌رسۇ‌ن دە‌پ بېرىمە‌ن».‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏51.‏

12.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

12 جە‌لىلىيە‌دە،‏ ئە‌يسا يە‌ھۇ‌دىيلارغا بۇ دۇ‌نيادا ياشىغان ھە‌ربىر ئىنسان مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ دېمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ پە‌قە‌ت كىمكى «بۇ ناندىن يېسە»،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نسە،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۆزىنى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتايدىغان كىشىلە‌رنىڭ قارىشىچە بولغاندا،‏ پە‌قە‌ت ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆزىنىڭ قۇ‌تقازغۇ‌چىسى دە‌پ قارىسا،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏29)‏.‏ ئە‌مما،‏ پە‌قە‌ت ئە‌يساغا ئىشىنىش،‏ بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى،‏ جە‌لىلىيە‌دە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر دە‌سلە‌پتە ئە‌يساغا ئىشىنىشكە‌ن،‏ لېكىن كېيىنرە‌ك ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق ئىشىنىشتىن ۋاز كە‌چكە‌ن ئىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

13 ئە‌يساغا ئە‌گە‌شكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئېھتىياج بولغانلار نە‌سىلە‌رگە ئېرىشە‌لىگە‌نلىكى ئۈچۈنلا،‏ ئە‌يسانىڭ كە‌ينىدىن ماڭغان ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كېسە‌للىرى ساقايتىلغان،‏ ھە‌قسىز تاماققا ئېرىشكە‌ن ياكى قولىغا خۇ‌ش ياقىدىغان تە‌لىملە‌رنى ئاڭلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا شۇ‌نى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌نكى،‏ ئۇ يە‌ر يۈزىگە پە‌قە‌ت ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن كە‌لمىگە‌ن.‏ بە‌لكى،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىشكە كە‌لگە‌ن.‏ كىشى ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ن بارچە تە‌لىملە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشىسا،‏ شۇ‌ندىلا ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتى بولالايدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 5:‏40؛‏ 6:‏44.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ تېنى بىلە‌ن قېنى ئېرىشتۈرىدىغان مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 ئە‌يسا توپلاشقان خە‌لققە ئىشە‌نچىنى كۆرسىتىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمىگە ئىشىنىشى كېرە‌كتى؟‏ ئە‌يسا پات يېقىندا تېنى بىلە‌ن قېنىنى قۇ‌ربان قىلاتتى.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر بۇ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌كتى.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌ينى زاماندىكى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىشە‌نچ قىلىشى ناھايىتى مۇ‌ھىم بولغاندە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭمۇ ئىشە‌نچ باغلىشىمىز ناھايىتى مۇ‌ھىم (‏يۇ‌ھاننا 6:‏40)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ردە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىشىمىز شە‌رتتۇ‌ر.‏ بۇ ئىلتىپاتقا سان-‏ساناقسىز ئىنسانلار ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7.‏

15،‏ 16.‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتىن قانداق مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

15 يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابنىڭ مە‌زمۇ‌نى،‏ بىز ۋە يېقىنلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ جە‌لىلىيە‌دە بولغاندا،‏ ئاغرىقلارنى ساقايتقان،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بە‌رگە‌ن ۋە ئاچ قورساق كىشىلە‌رنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قورسىقىنى تويغۇ‌زغان (‏لۇ‌قا 9:‏11؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏2،‏ 11،‏ 12)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئىكە‌نلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏35،‏ 48.‏

16 ھە‌ر يىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگە‌ندە،‏ «باشقا قويلارغا» نان بىلە‌ن شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزمە‌سلىكى لازىم (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىق،‏ ئۇ «تېنى» ۋە «قېنى» ئېرىشتۈرىدىغان ئاجايىپ ئىلتىپاتقا ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏53)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ يېڭى ئە‌ھدە ئاستىدا بولغانلار،‏ كە‌لگۈسىدە ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار بولغاچقا،‏ كە‌چلىك داستىخان يىغىلىشىدا نان بىلە‌ن شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزۈشى لازىم.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىق كېرە‌ككى،‏ مە‌يلى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولسۇ‌ن ياكى «باشقا قويلار» قاتارىدىكى ئېتىقادچىلار بولسۇ‌ن،‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 6-‏بابتىكى مە‌زمۇ‌ن ھە‌ممىمىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ بۇ بىزگە،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھكە ۋە ئۇ‌نىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  •  يۇ‌ھاننا 6-‏بابتىكى ئە‌يسانىڭ مىلادى 32-‏يىلى ئېيتقان سۆزلىرى بىلە‌ن مىلادى 33-‏يىلى كە‌چلىك داستىخاننى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا ئېيتقان سۆزلىرى ئارىسىدا قانداق پە‌رقلە‌ر بار؟‏

  •  «باشقا قويلار» نان بىلە‌ن شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزمە‌سلىكى كېرە‌ك،‏ شۇ‌نداقتىمۇ يۇ‌ھاننا 6-‏باب ئۇ‌لارغا قانداق ئاجايىپ ئۈمىدنى بېرىدۇ؟‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

a  ئالدىنقى ماقالىدە،‏ يۇ‌ھاننا 6:‏5–‏35-‏ئايە‌تلە‌ر مۇ‌ھاكىمە قىلىنغان ئىدى.‏

b  ئە‌يسا تىلغا ئالغان «سۇ»،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغان ۋە ھازىر قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش