50-تەتقىق ماقالىسى
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
ئاتا-ئانىلار، بالاڭلارنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىڭلار
«خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار».—رىملىقلار 12:2.
مەركىزى ئىدىيە
بۇ ماقالىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ خۇداغا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. ئەگەر بالىلار خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىسا، ئاتا-ئانىلار قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك؟
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بالا چوڭ قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر-مېھنەت قىلىش لازىم. ئەگەر سىز ئاتا ياكى ئانا بولغان بولسىڭىز، چوقۇم بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم بېرىۋاتىسىز، شۇ قىلىۋاتقان ئەجىر-مېھنىتىڭىزنى يەھۋا كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ (تەكرار. قا 6:6، 7). بالىڭىز چوڭ بولغانسېرى، بەزى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرى ۋە ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە قارىتا سوئاللارنى سوراشقا باشلىشى مۇمكىن.
2 دەسلەپتە، بالىلار سوئاللارنى سورىسا، بەلكى ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ كەتكەچكە شۇنداق سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ دەپ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بالا چوڭ بولغانسېرى ئۆز ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شۇنداق سوئاللارنى قويۇشى لازىم (1-كورىنت. 13:11). شۇڭا، ئارتۇقچە غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەكسىنچە، بالا سوئال سورىغاندا، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالىڭىزغا ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 مۇشۇ ماقالىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ (1) خۇداغا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشى، (2) مۇقەددەس كىتابتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشى، (3) ئۆز ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشى ئۈچۈن قانداق ياردەم بەرسە بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. مۇشۇ ئارقىلىق، بالىلارنىڭ سوئال سورىشى ئەمەلىيەتتە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
بالىڭىزنىڭ خۇداغا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىڭ
4. پەرزەنتىڭىز قانداق سوئاللارنى سورىشى مۇمكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
4 ھېچكىم مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقاد بىلەن تۇغۇلمايدۇ. سىز يەھۋاغا بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدىڭىز. بالىڭىزمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا چوڭ بولغانسېرى، ئۇنىڭدا بەزى سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خۇدانىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلىمەن؟ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان سۆزلەر راستمۇ؟ ھەقىقەتەن، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان «ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ»، ئۇلارغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىش دانالىقتۇر (رىملىقلار 12:1؛ 1-سالونىكا. 5:21). ئۇنداقتا، بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
5. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (رىملىقلار 12:2)
5 مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ راستلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشى ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىشقا دەۋەت قىلىڭ (رىملىقلار 12:2-نى ئوقۇڭ). بالىڭىز سوئال سورىغاندا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىش قوراللىرىمىزنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىڭ. مەسىلەن، jw.org تور بېكىتىدىن مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلىڭ. تور بېكىتىمىزدە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق فىلىملەر ۋە ماقالىلەر بار. ئۇ يەردە مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن (1-سالونىكا. 2:13). مەسىلەن، تور بېكىتىمىزدە «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» دېگەن سەھىپىگە كىرسىڭىز، «تارىخ ۋە مۇقەددەس كىتاب» دېگەن ماۋزۇنى تاپالايسىز. شۇ يەردە قەدىمقى ئاسسۇرىيە دۆلىتىنىڭ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدا ماقالە بار. مەسىلەن، ئۆتمۈشتە بەزى ئالىملار ئاسسۇرىيىدە ھېچقاچان نىنەۋى دېگەن شەھەرنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 1850-يىللىرى، ئارخېئولوگلار تاپقان نىنەۋى شەھىرىنىڭ خارابىلىكى، مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچىلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى (زەفان. 2:13–15). بۇنىڭدىن باشقا، پەرزەنتىڭىز «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2021-يىل، نويابىر سانىدىكى «سىز بىلەمسىز؟» ناملىق ماۋزۇ ئاستىدىن نىنەۋى شەھىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدىكى بېشارەتنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئوقۇيالايدۇ. بالىڭىزنى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغانلىرىنى ئىشەنچىلىك ئېنسىكلوپېدىيىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىڭ. بۇ ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەقىقەتكە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
6. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
6 بالىڭىزنىڭ تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىڭ. بالىڭىز بىلەن خۇدا ۋە مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق پاراڭلىشىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەڭ. مەسىلەن، بالىڭىز بىلەن مۇزېيى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ۋە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كۆرگەزمىلىرىگە بېرىڭ. مۇزېيغا بېرىپ ياكى ئىنتېرنېت تورىدا زىيارەت قىلغاندا، بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە ۋە بۇيۇملارغا ئاغدۇرۇڭ. مەسىلەن، بالىڭىز خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ تەخمىنەن 3000-يىللىق تارىخقا ئىگە موئاب تاش تاختىسىدا يېزىلغانلىقىنى بىلەمدۇ؟ ئۇ تاش تاختىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پارىژدىكى بىر مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر نيۇ-يوركنىڭ ۋورۋىكتىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ باش ئىدارىسىغا بارسىڭىز، «مۇقەددەس كىتاب ۋە خۇدانىڭ ئىسىمى» ناملىق كۆرگەزمە بۆلۈمىدە موئاب تاش تاختىسىنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىنى كۆرەلەيسىز. ئۇ تاش تاختىدا، موئاب پادىشاھى مېشانىڭ ئىسرائىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى يېزىلغان. بۇ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا تولۇق ماس كېلىدۇ (2-پادىشاھ. 3:4، 5). بالىڭىز مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسە، چوقۇم مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.—2-تارىخنامە 9:6-نى سېلىشتۇرۇڭ.
مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىپ، بالىڭىزنىڭ ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەمسىز؟ (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7، 8. (1) تەبىئەتتە ئۇچراتقان شەيئىلەرنىڭ گۈزەل تۈزۈلۈش شەكىللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ). (2) قانداق سوئاللار بالىڭىزنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىدۇ؟
7 پەرزەنتىڭىزنى تەبىئەت دۇنياسى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىڭ. بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە سەيلە قىلغاندا ياكى گۈل-گىياھ ياكى دەل-دەرەخلەرنى تىكىپ پەرۋىش قىلغاندا، ئۇنىڭ دىققىتىنى تەبىئەتتىكى ۋە شەيئىلەرنىڭ چىرايلىق تۈزۈلۈش شەكىللىرىگە ئاغدۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ تەبىئەتتىكى گۈزەل شەكىللەرنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنى لايىھىلىگەن ئەقىل-پاراسەتلىك ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. مەسىلەن، ئالىملار يېقىنقى يىللاردا ئايلانما شەكىلدىكى تۈزۈلۈشلەرنى كۆپلەپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. نىكولا فامېلى ئىسىملىك بىئو-فىزىكا ئالىمىنىڭ ئېيتىشىچە، تەبىئەتتە ئۇچرايدىغان ئايلانما شەكىلدە تۈزۈلگەن شەيئىلەرنىڭ ئايلانما ئەگرى سىزىقچىلىرىنى سانىسىڭىز، بىر قاتار قانۇنىيەتلىك سانلىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ سانلار فىبوناچچى سانى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداق ئايلانما شەكىلدىكى شەيئىلەر تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئالەم بوشلۇقىدىكى سامانيولى سېستىمىسى يۇلتۇزلار توپى، قۇلۇلە قېپى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ۋە ئاپتاپپەەس گۈلى قاتارلىقلارنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشىدە ئۇچرىتىشقا بولىدۇa.
8 سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز، بەلكىم مەكتەپتە تەبىئەتتە ئۇچرايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تۈزۈلۈش شەكىللىرى توغرۇلۇق ئۆگىنىدۇ. مەسىلەن، ھەربىر قار ئۇچقۇنلىرى دەرەخ شاخلىرى كەبى قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان بىر گېئومېتىرىيەلىك شەكىلدە تۈزۈلگەن. ئۇنى تەكرارلىنىدىغان شەكىل دەپ ئاتايدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇنداق شەكىللەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنداق شەكىللەر ۋە قانۇنىيەتلەرنى كىم ياراتقان؟ پەرزەنتىڭىز شۇنىڭدەك سوئاللار توغرىسىدا چوڭقۇرراق ئويلىنىپ، تەپەككۈر قىلسا، ھەممە نەرسىنى خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن (ئىبرانىي. 3:4). بالىڭىز چوڭراق بولغاندا، مۇنداق سوراپ كۆرىسىڭىز بولىدۇ: «ئەگەر خۇدا بىزنى ياراتقان بولسا، بەختلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشمىز كېرەكلىكىمىزنى، ئۇ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» كېيىن، بەختلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىزگە يېتەكچى سۈپىتىدە بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ.
NASA, ESA, and the Hubble Heritage (STScl/AURA)-ESA/Hubble Collaboration
تەبىئەتتە ئۇچرايدىغان چىرايلىق شەكىللەرنى كىم ياراتتى؟ (7، 8-ئابزاسلارغا قاراڭ)
بالىڭىزنىڭ خۇدانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىڭ
9. بالىڭىز نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىشى مۇمكىن؟
9 ئەگەر بالىڭىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى ھەققىدە سوئال سورىسا، شۇنداق سوئال سورىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. مەسىلەن، ئۇ راستىنلا مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ياكى بولمىسا، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيۋاتامدۇ؟ سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «مەڭگۈ شاد-خۇرام!» دېگەن كىتابىنى ئىشلىتىپ، بالىڭىزغا مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلەيسىزb.
10. بالىڭىزنىڭ يەھۋا بىلەن دوست بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
10 بالىڭىزنىڭ يەھۋا بىلەن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرىڭ. بالىڭىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغاندا، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابتىكى قىستۇرما رەسىملەرنى، تەمسىللەرنى ۋە سوئاللارنى ئىشلىتىڭ. شۇنداق قىلىپ، بالىڭىزنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى چۈشىنەلەيمىز (پەند ن. 20:5). مەسىلەن، 8-دەرستە، يەھۋا خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ياخشى دوست بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. 1-يۇھاننا 5:3-ئايەتنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، بالىڭىزدىن مۇنداق دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ: «ئەگەر يەھۋا ئەڭ ياخشى دوستىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرسە، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟» بۇ ئاددىي بىر سوئال بولسىمۇ، بالىڭىزنىڭ يەھۋا بىزنى سۆيگەچكە، قانۇن-قائىدىلەرنى بەرگەنلىكىگە كۆزىنى يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن (يەشايا 48:17، 18).
11. بالىڭىزنىڭ خۇدانىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ (پەندى-نەسىھەت 2:10، 11)
11 مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ پايدىسىنى مۇھاكىمە قىلىڭ. مۇقەددەس كىتابنى ياكى كۈندىلىك ئايەتنى بىرلىكتە ئوقۇغاندا، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنىڭ ئائىلىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىڭ. مەسىلەن، بالىڭىزنىڭ ئىشچان ۋە راستچىل بولۇش نېمە ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىڭ (ئىبرانىي. 13:18) مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ تەن-سالامەتلىك ۋە روھىي كەيپىياتنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەڭ (پەند ن. 14:29، 30). شۇنىڭدەك پرىنسىپلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش بالىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن.—پەندى-نەسىھەت 2:10، 11-نى ئوقۇڭ.
12. بىر دادا ئوغلىنىڭ يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىپ ياشاشنى قارار قىلىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
12 فرانسىيىدە ياشايدىغان ستېۋ ئىسىملىك بۇرادەر ئايالى بىلەن بىرلىكتە 16 ياشلىق ئوغلى ئېساننىڭ، يەھۋا بارچە قانۇن-قائىدىلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاساسىدا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ بەرگەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مۇنداق سوئاللارنى قويغان: «يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قانۇن-پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇپ ياشىشىمىزنى خالايدۇ؟ بۇ يەھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟ ئەگەر بويسۇنمىساق، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟». مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىش ئېسانغا يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىپ ياشاشنى قارار قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ستېۋ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەقسىتىمىز بولسا، ئوغلىمىزنىڭ خۇدانىڭ دانالىقى ئىنساننىڭ دانالىقىدىن نەقەدەر ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش».
13. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىغا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ھاياتىدا قوللىنىشنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
13 بالىڭىزغا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ھاياتىدا قوللىنىشنى ئۆگىتىڭ. مەكتەپتە مۇئەللىم بالىڭىزغا بىر كىتابنى ئوقۇپ چىقىش تاپشۇرۇقىنى بەردى دەيلى. شۇ كىتابتىكى شەخسلەر يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى، يەنى ۋەھشىي زوراۋانلىق ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىدىغان بولسىمۇ، يازغۇچى ۋەقەلىكنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە شۇ شەخسلەرنى دوراپ بېقىش ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوزغايدىغان ھالەتتە تەسۋىرلىشى مۇمكىن. شۇنداق ۋەزىيەتتە، ئەگەر كىشىلەر شۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلسا، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق بالىڭىزنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىڭ. بۇ بالىڭىزنىڭ يەھۋاغا بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ (پەند ن. 22:24، 25؛ 1-كورىنت. 15:33؛ فىلىپى. 4:8). مەكتەپتە شۇ كىتاب ھەققىدە مۇھاكىمە بولغاندا، بالىڭىز بەلكىم مۇئەللىم ياكى سىنىپداشلىرى ئالدىدا، ئۆز ئىمان-ئېتىقادى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.
بالىڭىزغا ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىتىڭ
14. مەكتەپتە قايسى ماۋزۇدا مۇھاكىمە بولغاندا، بالىلارنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ قورقۇشى مۇمكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 بەزىدە، بالىلار مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىشتىن قورقۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سىنىپتا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى مۇھاكىمە قىلىنغاندا، بەلكىم بالىڭىزنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇئەللىملەر تەدرىجىي تەرەققىياتنى نەزىرىيە ئەمەس، بەلكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان ھەقىقەت دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
15. ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىڭ. بالىڭىز ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن نومۇس ھېس قىلماسلىقى كېرەك (2-تىموت. 1:8). ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ئالىملار كائىنات ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار تەبىئەتتىكى جانلىق نەرسىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ يارىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، چوقۇم ئەقىل-پاراسەتكە تولغان بىر لايىھىلىگۈچى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مەكتەپلەردە ئۆگىتىۋاتقان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پەرزەنتىڭىز باشقا قېرىنداشلار نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچىغا ئىشەنگەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرسە، بۇ ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىدۇc.
16. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-پېترۇس 3:15) (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
16 بالىڭىزغا ياراتقۇچىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق قوغداشنى ئۆگىتىڭ (1-پېترۇس 3:15-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە jw.org تور بېكىتىمىزدىكى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى — نېمە ئۈچۈن خۇداغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىنى مۇھاكىمە قىلىڭ. ئۇ بالىڭىزنىڭ ياراتقۇچى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى باشقىلارغا قورقماي چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بالىڭىزغا سىنىپداشلىرى بىلەن تاللاش-تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. ئەگەر بىرلىرى كۆپرەك پاراڭلىشىشنى خالىسا، بالىڭىزنى ئاددىي مىساللار ئارقىلىق ئەقلىي تەپەككۈر قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ. مەسىلەن، بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا: «مەن پەقەت كۆزۈم كۆرگەن نەرسىگە ئىشىنىمەن. ھېچقاچان خۇدانى كۆرۈپ باقمىغانمەن»،— دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق ۋەزىيەتتە، بالىڭىز ساۋاقدىشىغا مۇنداق جاۋاب بەرسە بولىدۇ: «كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باققىن، ئادەم ياشىمايدىغان بىر ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ كېتىپ، بىر قۇدۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ. سېنىڭچە، بۇ قۇدۇق ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولۇپ قالغانمۇ؟ ياق، شۇ ئاددىي قۇدۇقنى چوقۇم بىرى قازغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، پۈتكۈل كائىناتتىكى سان-ساناقسىز مۇرەككەپ مەۋجۇداتلارنى چوقۇم بىرى ياراتقان بولۇشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟».
ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ئاددىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈڭ (16، 17-ئابزاسلارغا قاراڭ)d
17. ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتىنى ھەقىقەت توغرۇلۇق ۋەز قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە قانداق دەۋەت قىلالايدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
17 پەرزەنتىڭىزنى باشقىلارغا ھەقىقەتنى ئېيتىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلىڭ (رىملىقلار 10:10). باشقىلار ھەقىقەت توغرۇلۇق ۋەز قىلىشنى بىر چالغۇ ئەسۋابنى چېلىشنى ئۆگىنىش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. دەسلەپتە، چالغۇ ئەسۋابنى ئۆگەنگەندە، ئاددىي كۈيلەرنى چېلىشقا باشلايدۇ. بىراق، مەشىق قىلغانسېرى، مۇزىكىلارنى چېلىش ماھارىتى ئۆسىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بالىڭىز دەسلەپتە ئاددىي ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ ساۋاقدىشىدىن مۇنداق سورىسا بولىدۇ: «سەن ئالىملار نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەبىئەتتە بار نەرسىلەرگە تەقلىد قىلىپ كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟ شۇ توغرۇلۇق ساڭا قىزىقارلىق بىر فىلىم كۆرسىتەي». «ئاجايىپ ياراتمىلار» ناملىق بىر قاتار فىلىملەردىن بىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، مۇنداق سورىسا بولىدۇ: «ئالىملار تەبىئەتتە بار نەرسىلەرنى تەقلىد قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن، ئۇنداقتا، شۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى كىم ياراتقان ۋە ئۇ تېخىمۇ مەدھىيىلىشىمىزگە لايىق ئەمەسمۇ؟» بالىڭىز شۇنداق ئاددىي ئۇسۇلدا ساۋاقدىشىنى ئەقلىي تەپەككۈر قىلىشقا دەۋەت قىلسا، ساۋاقدىشى ياراتقۇچى يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشكە تېخىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن.
بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىڭ
18. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 بىز يەھۋا خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسانلار بىلەن تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز (2-پېتر. 3:3). شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم بولۇشىغا ياردەم بېرىڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن، بالاڭلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، ئۇلارنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭلار. ئۇلار بىلەن خۇدا ياراتقان ئاجايىپ مەۋجۇداتلار ھەققىدە پاراڭلىشىڭ ۋە ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. ئەڭ مۇھىمى، پەرزەنتىڭىز بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ!—2-تارىخ. 15:7.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
a كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، jw.org تور بېكىتىمىزدىكى «ئاجايىپ مەۋجۇداتلار خۇدانىڭ ئۇلۇغلىقىنى نامايان قىلىدۇ» (باشقا تىلدا) دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ.
b ئەگەر بالىڭىز، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابىنى ئۆگىنىشنى تاماملىغان بولسا، مەزكۇر كىتابنىڭ 3 ۋە 4-قىسىملىرىدىكى، خۇدانىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى ھەققىدىكى بەزى دەرسلەرنى قايتا مۇھاكىمە قىلساڭلار بولىدۇ.
c «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى، 2006-يىل، سېنتەبىر سانىدىكى «بىز نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز؟» ناملىق ماقالىنى ۋە «ھاياتنىڭ كېلىپ چىقىشى — بەش مۇھىم سوئال» (باشقا تىلدا) ناملىق كىتابچىنى ئوقۇپ چىقىڭ. يەنە، jw.org تور بېكىتىمىزدىكى «ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار» ناملىق بىر قاتار فىلىملەرنى كۆرۈڭ.
d رەسىمدە: ياش گۇۋاھچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قىزىقىدىغان ساۋاقدىشىغا «ئاجايىپ ياراتمىلار» ناملىق بىر قاتار فىلىملەردىن بىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.