17-تەتقىق ماقالىسى
31-ناخشا بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
بىز ئەسلا يالغۇز ئەمەس
«مەن … ساڭا ياردەم بېرىمەن».—يەشايا 41:10.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋانىڭ قايسى تۆت ئۇسۇلدا بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىز ئەسلا يالغۇز ئەمەس دەپ ئېيتالايمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىمىزنى بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن كىچىك بىر كېمە ئىچىدە يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بىز ئەسلا يالغۇز ئەمەس، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز بېشىمىزغا كەلگەن بارچە قىيىنچىلىقلارنى كۆرىدۇ، ھەتتا ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. يەھۋا سادىق خىزمەتچىلىرىگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان: «ساڭا ياردەم بېرىمەن».—يەشايا 41:10.
2 بۇ ماقالىدە، يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىدىغان تۆت ئۇسۇلنى كۆرۈپ چىقىمىز: (1) بىزگە يوليورۇق بېرىدۇ، (2) ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدۇ، (3) بىزنى قوغدايدۇ ۋە (4) بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. مەيلى قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يەھۋا ھەرگىزمۇ بىزنى ئۇنتۇمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە قىلىدۇ. ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ تاشلىمايدۇ. شۇڭا، بىز ئەسلا يالغۇز ئەمەس.
يەھۋا بىزگە يوليورۇق بېرىدۇ
3، 4. يەھۋا بىزنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟ (زەبۇر 48:14)
3 زەبۇر 48:14-نى ئوقۇڭ. يەھۋا شۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، بىز ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىمىزنى يېتەكلىيەلمەيمىز، شۇڭا ئۇنىڭ يوليورۇقىغا موھتاج. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە خۇدا بىزنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟ بۇنىڭ بىر يولى — ئۇ بىزگە مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق يوليورۇق بېرىدۇ (زەبۇر 119:105). مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزنىڭ دانا قارار چىقىشىمىزغا ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋانىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سالساق، بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىمىز ۋە كەلگۈسىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىزa. مەسىلەن، ئۇ بىزنى ئۆچ-ئادەت ساقلىماي باشقىلارنى كەچۈرۈشكە، ھەممە ئىشلاردا راستچىل بولۇشقا ۋە باشقىلارنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشكە ئۆگىتىدۇ (زەبۇر 37:8؛ ئىبرانىي. 13:18؛ 1-پېتر. 1:22). بىز شۇنداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرسەك، ياخشىراق ئاتا-ئانا، ياخشىراق ئەر ياكى ئايال ۋە يېقىن دوست بولالايمىز.
4 بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا مۇقەددەس كىتابقا نۇرغۇن كىشىلەر توغرىسىدىكى ئىش-ۋەقەلەرنى يازدۇرغان. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە سەلبىي ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلغان (1-كورىنت. 10:13؛ ياقۇپ 5:17). بىز ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار توغرۇلۇق ئوقۇپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللانساق، كەم دېگەندە بىزگە پايدىلىق ئىككى تەرىپىنى كۆرىمىز. بىرىنچى، بىز ئۆزىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى؛ باشقىلارمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز (1-پېتر. 5:9). ئىككىنچى، قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىمىز.—رىملىقلار 15:4.
5. يەھۋا كىملەر ئارقىلىق بىزنى يېتەكلىشى مۇمكىن؟
5 بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارقىلىقمۇ بىزنى يېتەكلەيدۇb. مەسىلەن، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن دائىم جامائەتتىكىلەرنى يوقلاپ كېلىدۇ. ئۇلار ئېيتقان نۇتۇقلار ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (ئەلچى. 15:40–16:5). جامائەتلەردىكى يەرلىك ئاقساقاللارمۇ ھەربىرىمىزنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (1-پېتر. 5:2، 3). ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانى سۆيۈشنى، دانا قارارلارنى چىقىرىشنى ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ (پەند ن. 22:6). ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئايال قېرىنداشلار ياش ئاچا-سىڭىللارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت ۋە ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.—تىتۇس 2:3–5.
6. يەھۋا بەرگەن يوليورۇقنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
6 يەھۋا بىزگە توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىز ۋە خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك مەسلىھەتلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارچە ئىشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ پەندى-نەسىھەت 3:5، 6-ئايەتلەر مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا، ئۆز ئەقلىڭگە تايانما». شۇنداق قىلساق، ئۇ ئۆزى يوللىرىمىزنى تۈز قىلىدۇ، يەنى خۇدا بىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن نېرى تۇرۇشىمىزغا ۋە تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. كۆيۈمچان ياراتقۇچىمىز ھەربىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، زۆرۈر ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارمىز!—زەبۇر 32:8.
يەھۋا ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدۇ
7. يەھۋا بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى قانداق تەمىنلەپ بېرىدۇ؟ (فىلىپىلىكلەر 4:19)
7 فىلىپىلىكلەر 4:19-نى ئوقۇڭ. يەھۋا بىزگە يوليورۇق بەرگەندىن باشقا، تۇرمۇشىمىزنى قامداش، يەنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرىدىغان ئوي-ماكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ئەمگىكىمىزنى بەرىكەتلەيدۇ (مەتتا 6:33؛ 2-سالونىكا. 3:12). ئەلۋەتتە، بەزىدە تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن غەم قىلىش تەبىئىي ئەھۋال بولسىمۇ، يەھۋا بىزنى بۇلار توغرۇلۇق ھەددىدىن زىيادە غەم-ئەندىشە قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ (مەتتا 6:25). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ سادىق خىزمەتچىلىرىگە: «سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!»،— دەپ ۋەدە قىلغان (مەتتا 6:8؛ ئىبرانىي. 13:5). يەھۋانىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرۇپ، بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىمىز.
8. يەھۋا داۋۇتقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
8 يەھۋا داۋۇتقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ پادىشاھ سائۇلدىن قېچىپ يۈرگەن ئاشۇ جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەردە، يەھۋا ئۇنىڭ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بەرگەن. داۋۇت شۇنچە يىللاردىن بېرى يەھۋانىڭ ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئويلىنىپ، مۇنداق دېگەن: «بىر زامانلاردا ياش ئىدىم، مانا مەنمۇ قېرىپ قالدىم، تېخى ھېچبىر ھەققانىي ئادەمنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نان تىلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىم» (زەبۇر 37:25). بەلكىم، داۋۇتقا ئوخشاش، سىزمۇ ھاياتىڭىزدا يەھۋانىڭ سىزگە ياكى ئېتىقادداشلىرىڭىزغا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەنسىز.
9. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا ئاپەتكە ئۇچرىغان خىزمەتچىلىرىگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
9 يەھۋا يەنە ئۆز خىزمەتچىلىرى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان چاغدا، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردە ئاچارچىلىق مەزگىلىدە جاي-جايلاردىكى ئېتىقادداشلار موھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىغا يادەم قولىنى سۇنغان (ئەلچى. 11:27–30؛ رىملىقلار 15:25، 26). بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى سېخىي بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە، جامائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردا ياشايدىغان قېرىنداشلارنى يىمەكلىك، سۇ، كىيىم-كېچەك ۋە دورىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلار ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى ۋە يىغىلىش زاللىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەرھال ئاپەتتە يېقىن كىشىلىرى ۋە ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر ئارقىلىق تەسەللى ۋە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇc.
تەبىئىي ئاپەت مەزگىلىدە يەھۋا بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟ (9-ئابزاسقا قاراڭ)e
10، 11. بورىسنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
10 يەھۋا سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەرگىمۇ غەمخورلۇق قىلىدۇ. بىزمۇ يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەيمىز (گالاتىيا. 6:10). شۇنداق قىلغىنىمىزدا، باشقىلارنىڭ ياراتقۇچى يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشىگە ياردەم بېرەلىشىمىز مۇمكىن. ئۇكرائىنادا ياشايدىغان بورىس ئىسىملىك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئۆزى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىسىمۇ، گۇۋاھچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا دائىم مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلىگەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە، بورىس ئۆزى ياشىغان يېزىدىن كېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەر جايغا كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلغاندا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن. كېيىن، بورىس مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشىلىقلىرى توغرىسىدا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بەردى، مەن ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».
11 بىزمۇ مېھىر-شەپقەتلىك ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ئوخشاش، مەيلى ئۇلار گۇۋاھچى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيمىز (لۇقا 6:31، 36). ئادەملەرگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇشقا دەۋەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز (1-پېتر. 2:12). لېكىن، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىسۇن ياكى تاللىمىسۇن، بىز يەنىلا خۇشال بولىمىز. چۈنكى «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر».—ئەلچى. 20:35.
يەھۋا بىزنى قوغدايدۇ
12. يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان؟ (زەبۇر 91:1، 2، 14)
12 زەبۇر 91:1، 2، 14-نى ئوقۇڭ. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى روھى جەھەتتىن قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. شۇڭا، شەيتان بىزنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا ئەسلا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ (يۇھاننا 17:15). يەھۋا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە بىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىمىزغا ۋە ئاشۇ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.—ۋەھىي. 7:9، 14.
13. يەھۋا ھەربىر خىزمەتچىسىنى قانداق قوغدايدۇ؟
13 يەھۋا ھەربىر خىزمەتچىسىنى قانداق قوغدايدۇ؟ ئۇ مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزنى قوغداپ، بىزگە توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ (ئىبرانىي. 5:14). بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرى بويىچە ياشىساق، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قوغدىيالايمىز ۋە ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرالايمىز (زەبۇر 91:4). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بىزنى جامائەت ئارقىلىقمۇ قوغدايدۇ (يەشايا 32:1، 2). بىز دائىم يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭ تەلەپ-ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىدىغان قېرىنداشلار بىللە بولغاندا، بۇ دۇنيانىڭ يامان تەسىرىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان كۈچ-مەدەتكە ئېرىشەلەيمىز.—پەند ن. 13:20.
14. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى بارچە سىناقلاردىن ھىمايە قىلمايدۇ؟ (2) زەبۇر 9:10-ئايەت بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ).
14 يەھۋا ئۆتمۈشتە بەزى خىزمەتچىلىرىنى زىيانكەشلىك ياكى ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىدىن قوغدىغان ئىدى. لېكىن، ئۇ دائىم شۇنداق قىلمىغان. بەزىدە ھەممىمىز كۈتۈلمىگەن ئىش-ۋەقەلەرگە ياكى ھادىسىگە يولۇقۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن (ۋەز 9:11). ئۇنىڭدىن باشقا، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يەھۋا ھەتتا ئىلگىرى بەزى خىزمەتچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغان (ئايۇپ 2:4–6؛ مەتتا 23:34). بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇنداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەكچۇ؟ بىزمۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنچ قىلالايمىزكى، گەرچە يەھۋا قىيىنچىلىقلىرىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتمىسىمۇ، ئۇ بىزنى ئەسلا تاشلىمايدۇd.—زەبۇر 9:10.
يەھۋا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ
15. خۇداغا دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟ (2-كورىنتلىقلار 1:3، 4)
15 2-كورىنتلىقلار 1:3، 4-نى ئوقۇڭ. بەزىدە بىز ئازاب-ئوقۇبەت ۋە غەم-قايغۇغا پېتىپ قالىمىز. بەلكىم، سىز ھازىر دەل شۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانسىز. روھىڭىز چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىۋاتقانسىز. لېكىن، سىزنى چۈشىنىدىغان بىرى بار. يەھۋا سىزنىڭ ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياراتقۇچىمىز مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. بىز يەھۋاغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ دۇئا قىلساق، ئۇ بىزگە «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خۇدانىڭ تىنچلىقى»نى بېرىپ، كۆڭلىمىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ (فىلىپى. 4:6، 7). بىز يەنە يەھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، كۆڭلىمىزگە تەسەللى تاپالايمىز. ئۆز سۆزى ئارقىلىق يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بىزگە دانا بولۇشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۈمىد بېرىدۇ. بىز يەنە سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىدا مۇقەددەس كىتابتىن كۆڭۈلنى تەسەللى تاپقۇزىدىغان نەسىھەت ۋە مەسلىھەتلەرنى ئۆگىنىمىز.
16. نېيتان بىلەن پرىسسىللانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
16 نېيتان بىلەن پرىسسىللا ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ مىسالىدىن يەھۋا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە قانداق ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللى بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئامېرىكىدا ياشايدىغان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال خېلى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز جايغا كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. نېيتان: «شۇ چاغدا، يەھۋا چىقارغان قارارىمىزنى بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدۇق»،— دەيدۇ. لېكىن، ئۇلار يېڭى جايغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەندە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئاخىرىدا، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان ۋە داۋاملىق ئىقتىسادتا قىينالغان. نېيتان شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «خۇدانىڭ نېمىشقا بىزگە ياردەم بەرمىگەنلىكىنى زادى چۈشەنمىدىم، مەن بىر خاتا ئىش قىلىپ قويدۇممۇ دەپ ئويلۇدۇم». لېكىن، بىر مەزگىلدىن كېيىن، نېيتان بىلەن پرىسسىللا خۇدانىڭ شۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۆزلىرىنى تاشلىمىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ئەڭ قىيىن كۈنلەردە مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئىلھام-مەدەت ۋە يوليورۇقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دانا دوستىمىزغا ئايلانغانىدى. بىز دىققەت-ئېتىبارىمىزنى سىناقلارغا ئەمەس، يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتىشقا تىرىشتۇق. بۇ بىزنى يەھۋانىڭ كېلەچەكتىمۇ چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى».
17. يەھۋا قېرىندىشىمىز ھېلگاغا قانداق تەسەللى بەرگەن؟ (رەسىمگە ھە قاراڭ).
17 يەھۋا يەنە بىزگە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق تەسەللى بېرەلەيدۇ. بۇنى ۋېنگرىيىدە ياشايدىغان ھېلگا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ نۇرغۇن يىللار جەريانىدا، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. كەينى-كەينىدىن كەلگەن سىناقلار ئۇنى چۈشكۈنلەشتۈرگەچكە، ئۇ ئۆزىنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ھېس قىلغان. بىراق، يەھۋا جامائەتتىكى قېرىنداشلار ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن. ھېلگا مۇنداق دەيدۇ: «مەن جاپالىق ئىشلەپ، ئاغرىقچان بالامغا قارىدىم ۋە باشقا جاپا-مۇشەققەتلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردۈم. لېكىن، شۇ پەيتلەردە خۇدا مېنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. 30 يىلدىن بېرى، يەھۋا ھەر كۈنى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ماڭا تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مېنى باشقىلارنىڭ ئىللىق، مۇلايىم سۆزلىرى بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ. ھەمىشە دەل موھتاج بولغان پەيتتە، قېرىنداشلارنىڭ مېنى ماختاپ ۋە تەسەللى بېرىپ ئەۋەتكەن خەتلىرى ياكى ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالىمەن».
يەھۋا باشقىلارغا سىز ئارقىلىق قانداق تەسەللى بېرەلەيدۇ؟ (17-ئابزاسقا قاراڭ)
18. بىز باشقىلارغا قانداق تەسەللى بېرەلەيمىز؟
18 بىزمۇ خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دەرد ئېيتىپ قىلغان سۆزلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشاپ، مۇۋاپىق پەيتىدە كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتساق ۋە ئەمەلىي ياردەم بەرسەك بولىدۇ (پەند ن. 3:27). بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر چېكىۋاتقان ھەممە كىشىلەرگە، ھەتتا خۇداغا ئىبادەت قىلمايدىغانلارغىمۇ تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتىمىز. ئەتراپىمىزدا ياشايدىغان كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان، كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان ياكى غەم-تەشۋىش قىلىۋاتقان بولسا، بىز ئۇلارنى يوقلاپ، دەرد تۆكۈپ قىلغان سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايمىز ۋە مۇقەددەس كىتابتىن تەسەللى بېرىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىمىز. بىز تەسەللىينىڭ مەنبەسى ياراتقۇچى يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز، ھەتتا يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغانلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارنى پاك ئىبادەتكە جەلپ قىلالىشىمىز مۇمكىن.—مەتتا 5:16.
يەھۋا ھەردائىم بىز بىلەن بىللە
19. يەھۋا بىزگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە بىز ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
19 يەھۋانى سۆيگەن ئىنسانلارغا، ئۇ ناھايىتى كۆڭۈل بولىدۇ. بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ بىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ. خۇددى كۆيۈمچان ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىنى يەپ، ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، يەھۋا ئۆزىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ بىزنى يېتەكلەپ يوليورۇق بېرىدۇ، ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەيدۇ، بىزنى قوغدايدۇ ۋە تەسەللى بېرىدۇ. بىزمۇ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ئىلھام-مەدەت بېرىپ، يار-يۆلەك بولالايمىز. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقاندا، ھەربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، يەھۋا ھەردائىم بىز بىلەن بىللە! چۈنكى، ئۇ شۇنداق ۋەدە بەرگەن: «قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن» (يەشايا 41:10). بۇ ۋەدە كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ. دەرۋەقە، يەھۋا دائىم يېنىمىزدا، بىز ئەسلا يالغۇز ئەمەس!
50-ناخشا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببەت ئۈلگىسى
a «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2011-يىل، 15-ئاپرېل سانىدىكى «خۇدانى ئۇلۇغلايدىغان قارارلارنى چىقىرىڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
b «كۈزىتىش مۇنارى» 2024-يىل، فېۋرال سانىدىكى «يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا داۋاملىق ئەگىشىڭ» ناملىق ماقالىنىڭ 11–14-ئابزاسلىرىغا قاراڭ.
c يېقىندا يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەر توغرۇلۇق بىلىش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدىكى «ئىزدەش» دېگەن يەردە «ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ كۆرۈڭ.
d «كۈزىتىش مۇنارى» 2017-يىل، فېۋرال سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.
e رەسىمدە: مالاۋىدىكى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلار ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشىۋاتىدۇ.