1924—يۈز يىل بۇرۇن
«ئۇقتۇرۇش»a 1924-يىل، يانۋار سانىدا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «يىلنىڭ باشلىنىش پەيتى ھەربىر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى». شۇ يىلى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، جاسارەت بىلەن ۋەز قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆردى ۋە يۈرەكلىك بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى داۋاملاشتۇردى.
رادىئو ئارقىلىق خۇش خەۋەرنى تارقىتىش
بەيتەلدىكى يىگىتلەر نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ سىتاتىن ئارىلىدا WBBR رادىئو ئىستانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق ئىشلىرىنى قىلغان. ئاۋۋال ئۇلار شۇ جايدىكى دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، تۈز بىر يەرنى تەييارلىغان. كېيىن ئىشچىلار ئۈچۈن يوغان بىر ئۆي سالغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئاڭلىتىش-تارقىتىش ئۈسكۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم بىر ئۆي سالغان. بۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۇرادەرلەر رادىئو ئاڭلىتىشىنى باشلاش ئۈچۈن زۆرۈر ئۈسكىنە ۋە ئاپپاراتلارنى قۇراشتۇرۇپ، ھەممىنى تەييارلىغانىدى. لېكىن، ئۇلار ئاۋۋال بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى.
بۇرادەرلەر رادىئو ئىستانىسىنىڭ ئاساسىي ئانتېننا تۈۋرۈكىنى ئورنىتىش ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئېگىزلىكى 91 مېتىر ئانتېننانى 61 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تۈۋرۈك ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇقىملاشتۇرۇپ ئورنىتىش كېرەك ئىدى. لېكىن، بىرىنچى قېتىم ئورناتقاندا ئانتېننا يىقىلىپ چۈشتى. كېيىن، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورنىتىلدى. بۇ قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتناشقان كالۋېن پروسسېر بۇرادەر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئانتېننانى بىرىنچى قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورناتقان بولساق، چوقۇم پەخىرلىنىپ: «قاراڭلار! بۇنى بىز قىلدۇق»،— دېگەن بولاتتۇق». شۇ چاغدا، قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئىشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى ئۈچۈن يەھۋانى مەدھىيىلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى. لېكىن، قىيىنچىلىقلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەنىدى.
WBBR رادىئو ئىستانىسىنىڭ ئانتېنناسى ئورنىتىلىۋاتقاندا
شۇ زامانلاردا، رادىئو ئارقىلىق ئاڭلىتىش ئىشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بولغاچقا، زۆرۈر ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىش بەك قىيىن ئىدى. لېكىن، بۇرادەرلەر يېقىن ئەتراپتىن بىرى ئۆيىدە ئۆزى ياسىۋالغان ئىككىنچى قول سىمسىز ئېلېكتېر دولقۇنى تارقىتىش ئاپپاراتىنى (500 ۋات) تاپقان. ئۇلار مىكروفون سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئاددىي تېلېفوننىڭ مىكروفونىنى ئىشلەتكەن. شۇنداق قىلىپ، فېۋرالنىڭ بىر كۈنى ئاخشىمى، بۇرادەرلەر ئاددىي ئۈسكىنىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ رادىئو ئاڭلىتىش پروگراممىسى بولۇشى كېرەكتى. شۇڭا، كۆپچىلىك بىرلىكتە پادىشاھلىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى قارار قىلىشقان. ئېرنېست لوۋ بۇرادەر شۇ كۈنى يۈز بەرگەن قىزىقارلىق بىر ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇرادەرلەر ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سوتچى رۇتېرفوردb بۇرادەردىن تېلېفون كېلىپتۇ. ئەسلىدە، ئۇ 25 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان برۇكلىندا رادىئودىن ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
رۇتېرفورد بۇرادەر: «بولدى بەس! ئېيتماڭلار، بىر توپ مۈشۈكلەرگە ئوخشاش مىياڭلىماڭلار!»— دېگەن. بۇرادەرلەر بىرئاز خىجىل بولۇشۇپ، دەرھال رادىئو ئاڭلىتىش ئاپپاراتىنى ئۆچۈرۈپ قويغان. لېكىن، ئۇلار رادىئو ئىستانىسىنىڭ ئاڭلىتىشنى ئەمدى باشلاشقا تەييار بولغانلىقىنى بىلگەنىدى.
1924-يىلى 24-فېۋرال كۈنى، رۇتېرفورد بۇرادەر تۇنجى قېتىملىق ئاڭلىتىش پروگراممىسىدا، بۇ رادىئو ئىستانىسىنىڭ «مەسىھ پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى جاكارلاش» ئۈچۈن بېغىشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ رادىئو ئىستانىسىنىڭ مەقسىتى بولسا، ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ۋە مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش».
سولدا:رۇتېرفورد بىرىنچى رادىئو ئاڭلىتىش پروگراممىسىدا
ئوڭدا:سىمسىز رادىئو ئېلېكتېر دولقۇنى تارقىتىش ئاپپاراتى ۋە رادىئو ئاڭلىتىش ئۈسكىنىلىرى
ئاشۇ بىرىنچى قېتىملىق رادىئو ئاڭلىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كېيىنكى 33 يىل جەريانىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشتا WBBR رادىئو ئىستانىسىنى ئىشلەتتى.
دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ساختىپەزلىكىنى پاش قىلىش
1924-يىلى ئىيۇلدا، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئوخايو شىتاتى كولۇمبۇس شەھىرىدە چوڭ ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن قېرىنداشلار مېھمان بولۇپ كەلگەن. ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، گرېكچە، ۋېنگىرچە، ئىتالىيانچە، پولەكچە، رۇسچە، ئۇكرائىنچە ۋە سكاندىناۋىيە تىللىرىدا نۇتۇقلار ئېيتىلغان. پروگراممىنىڭ بەزى قىسىملىرى رادىئو ئاڭلىتىشى ئارقىلىق تارقىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرادەرلەر بىر يەرلىك گېزىتخانا بىلەن چوڭ يىغىلىشتىكى پروگراممىلار توغرۇلۇق ھەر كۈنى خەۋەرلەرنى بېسىش كېلىشىمىنى تۈزگەن ئىدى.
1924-يىلى ئوخايو شتاتىنىڭ كولۇمبۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىش
24-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، چوڭ يىغىلىشقا كەلگەن 5000 دىن كۆپرەك قېرىنداشلار ۋەز خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇلار تەخمىنەن 30 000 پارچە كىتاب تارقىتىپ، نەچچە مىڭلىغان كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشنى باشلىغان. «كۈزىتىش مۇنارى» شۇ كۈننى «چوڭ يىغىلىشتىكى ئەڭ خۇشال بىر كۈن» دەپ ئاتالغان.
25-ئىيۇل جۈمە كۈنى، چوڭ يىغىلىشتىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولغان. شۇ كۈنى بۇرادەر رۇتېرفورد بىر نۇتۇقىدا، يۈرەكلىك بىلەن دىنىي رەھبەرلەرنى تەنقىد قىلىپ بىر ئەيىبنامىنى ئوقۇغان. ئۇ ئەيىبنامە قانۇنىي ھۆججەت شەكلىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مۇنداق تەنقىد قىلىنغان: «سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ئىنسانلارنى خۇدانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان پادىشاھلىق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىنىشتىن توسۇپ قويۇۋاتىدۇ». رۇتېرفورد بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر» دەپ ئاتالغان ئىتتىپاقداشلىقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ۋە شۇ سىياسىي كۈچلەر ئورتاق گەۋدىسىنى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئادەملەرگە بۇنداق خەۋەرنى تارقىتىش ئۈچۈن، جۈرئەت ۋە جاسارەتكە مۇھتاج ئىدى.
كېيىنرەك، بۇ قېتىملىق چوڭ يىغىلىش ھەققىدە «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا مۇنداق خۇلاسە سۆزلىرى بېسىلغان: «كولۇمبۇستا توپلانغان رەبنىڭ بۇ كىچىك قوشۇنىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەملەندى… . ئۇلار ھارقانداق دۈشمەنلەردىن قورقمايدۇ، دۈشمەنلەرنىڭ ئاتقان بارچە ئوتلۇق ئوقلىرىغا قارشى تۇرۇشقا تەييار». شۇ چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان لىئو كلائۇس بۇرادەر ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدا، بىز ھەممىمىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان، قىزغىنلىق بىلەن ئادەملەرگە شۇ ئەيىبنامىنى تارقىتىشقا ئالدىرىغان ئىدۇق».
دىن رەھبەرلەرنى تەنقىد قىلغان ئەيىبنامە ۋاراقچىسى
رۇتېرفورد بۇرادەر چوڭ يىغىلىشتا ئوقۇغان شۇ ئەيىبنامىنى، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۆكتەبىر ئېيىدا «دىنىي رەھبەرلەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئەيىبنامە» ناملىق ۋاراقچە شەكلىدە نەشىر قىلىپ، ئادەملەرگە نەچچە مىليون پارچە ۋاراقچىنى تارقاتقان. ئوكلاخوما شىتاتىنىڭ كلېۋېلەند دەپ دېگەن كىچىك شەھىرىدە، فرانك جونسون مۇشۇ ۋاراقچىلارنى تارقاتقان. ئۇ ۋاراقچىلارنى تارقىتىپ بولۇپ، باشقا قېرىنداشلارنى 20 مىنۇت كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلگەن. لېكىن، ئۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان جايدا كۈتۈپ تۇرسا بولمايتتى، چۈنكى شۇ يەردىكى كىشىلەر ۋاراقچىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە ھەممە جايدا تارقاتقان كىشىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدى. شۇڭا، فرانك يېقىن ئەتراپتىكى چېركاۋغا كىرىپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان. چېركاۋغا كىرىپ قارىسا، ھېچكىم يوق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاراقچىنى دىنىي يېتەكچى ئوقۇيدىغان مۇقەددەس كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان ۋە كىشىلەر ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچىدىن قويۇپ قويغاندىن كېيىن چاپسان چېركاۋدىن چىقىپ كەتكەن. يەنە بىرئاز ۋاقىت بولغاچقا، ئۇ باشقا ئىككى چېركاۋغا بېرىپ، ئۇ يەرلەردە ھەم ۋاراقچىلارنى قويۇپ قويغان.
بۇرادەر فرانك قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغان جايغا چاپسان قايتىپ كېلىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ، ئۇنى ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ماشىنىنى ھەيدەپ، ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتىدۇ، بىراق ئۇنى كۆرمەيدۇ. ئۇلار كېتىپ قېلىشىغا، يېقىن ئەتراپتا ۋەز قىلىپ يۈرگەن قېرىنداشلار ماشىنا بىلەن كېلىپ، فرانكنى ئېلىپ كېتىدۇ.
ئۇلاردىن بىرى شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز شۇ كىچىك شەھەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ھېلىقى ئۈچ چېركاۋنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۇق. ھەربىر چېركاۋنىڭ ئالدىدا، 50چە ئادەم تۇراتتى. بەزىلىرى ۋاراقچىنى ئوقۇۋاتقان بولسا، بەزىلىرى ۋاراقچىنى دىنىي يېتەكچىلەرگە كۆرسىتىۋاتاتتى. ھېلىمۇ ياخشى، ۋەزىيەت يامانلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇ يەردىن كېتىپ قاپتۇق. بىزنى قوغدىغان ۋە پادىشاھلىق بىلەن دۈشمەنلەشكۈچىلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت بەرگەن يەھۋا خۇداغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتتۇق».
ۋەز خىزمىتىدە جاسارەت كۆرسىتىش
جوسېف كرىت
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار باشقا دۆلەتلەردىمۇ باتۇرلۇق بىلەن خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلدى. مەسىلەن، جوسېف كرىت بۇرادەر فرانسىيىنىڭ شىمالىدا پولشادىن كەلگەن كۆچمەن ئىشچىلارغا ۋەز قىلغان. ئۇ «پات-يېقىندا ئۆلگەنلەر تىرىلىدۇ» ناملىق نۇتۇقنى ئېيتىشنى پىلانلىغان. قېرىنداشلار كىشىلەرنى مۇشۇ نۇتۇققا چاقىرىپ، تەكلىپنامە ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. يەرلىك دىنىي يېتەكچى بولسا، ئادەملەرنى نۇتۇق ئاڭلاشقا بارماڭلار دەپ ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانىدى. نۇتۇقنى تىڭشاش ئۈچۈن 5000دىن كۆپرەك ئادەم كەلگەن، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى دىنىي يېتەكچىمۇ بار ئىدى. بۇرادەر كرىت شۇ دىنىي رەھبەرنى ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى قوغداشقا چاقىرغان. لېكىن، ئۇ شۇنداق قىلىشنى رەت قىلغان. شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىگە بولغان روھىي چاڭقاشلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن بۇرادەر كرىت ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەلگەن كىتاب-ژۇرنال ۋە ۋاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەرگەن.—ئاموس 8:11.
كلائۇد بروۋېن
كلائۇد بروۋېن ئىسىملىك بۇرادەر ئافرىقىدىكى ئالتۇن دېڭىز قىرغىقى (ھازىر بولسا گانا) دەپ ئاتالغان دۆلەتكە خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئېيتقان نۇتۇقلىرى ۋە تارقاتقان كىتاب-ژۇرنال ۋە ۋاراقچىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەقىقەتنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇ چاغدا تىببىي ئىلىم يۇرتىدا دورىگەرلىك كەسپىنى ئۆگىنىۋاتقان جون بلانكىسون ئىسىملىك يىگىت كلائۇدنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن. جون شۇ چاغلىرىنى ئەسكە ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتنى تاپقىنىمغا ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ، ھاياجان ئىچىدە مەكتەپتە ئۇچراتقانلا كىشىلەرگە ھەقىقەت توغرۇلۇق سۆزلەپ يۈردۈم».
جون بلانكىسون
جون خۇدا ئۈچبىرلىك دېگەن تەلىمات مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن. شۇڭا، بىر كۈنى چېركاۋغا بېرىپ، دىنىي يېتەكچىدىن ئۈچبىرلىك تەلىماتى توغرۇلۇق سوئاللارنى قويغان. شۇ دىنىي خىزمەتچى قاتتىق غەزەپلىنىپ: «سەن ئەيساغا ئىشەنمەيسەن، سېنى ئىبلىس ئەۋەتكەن! چىق، بۇ يەردىن يوقال!»— دەپ ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئۇنى قوغلاپ چىقارغان.
جون ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ ئاشۇ دىنىي يېتەكچىگە خەت يېزىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈچبىرلىك تەلىماتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان دىنىي رەھبەر جون ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە بېرىپ، ئۇنى چاقىرتىپ، مەكتەپنىڭ ئالىي پروفېسسورى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتقان. پروفېسسور جوندىن دىنىي يېتەكچىگە شۇ خەتنى يازغان-يازمىغانلىقىنى سورىغان.
جون: «مەن يازدىم، پروفېسسور»،— دەپ جاۋاب بەرگەن.
پروفېسسور جونغا قايتا دىنىي يېتەكچىگە كەچۈرۈم سوراپ خەت يېزىشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن، جون مۇنداق يازغان:
«ھۆرمەتلىك دىنىي ئۇستاز، پروفېسسور ماڭا سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ خەت يېزىشنى ئېيتتى. ئەگەر سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، مەن سىزدىن كەچۈرۈم سوراپ خەت يازىمەن».
— بۇنى كۆرۈپ، ھەيران بولغان پروفېسسور: «بلانكىسون، سەن راستىنلا شۇنداق دەپ يازامسەن؟»،— دېدى.
— شۇنداق پروفېسسور، يازسام، پەقەت شۇنداق دەپ يازالايمەن.
— ئۇ دۆلەت قوللايدىغان چېركاۋنىڭ دىنىي ئۇستازى تۇرسا، ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىپ، قانداقمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيالايسەن؟ سەن مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنىسەن!
— لېكىن پروفېسسور، ئەگەر سىز دەرس سۆزلىگەندە، بىز بىر نەرسىنى چۈشەنمىسەك، سىزدىن سوئال سورىيالايمىز، توغرىمۇ؟
— ئەلۋەتتە، سوئال سوراش توغرا.
— پروفېسسور، خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇ دىنىي ئۇستاز بىزگە مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بەرسە، مەن ئۇنىڭدىن سوئال سورىسام، ئۇ سوئالىمغا جاۋاب بېرەلمىسە، نېمە ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ خەت يېزىشىم كېرەك؟
نەتىجىدە، جون بلانكىسون مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنمىغان ۋە دىنىي ئۇستازدىن كەچۈرۈم سوراپ خەتمۇ يازمىغان.
كېيىن نېمە بولغان؟
شۇ يىلى بولغان ئىش-ۋەقەلەرنى خۇلاسىلەپ، «كۈزىتىش مۇنارى» مۇنداق دېگەن: «بىز داۋۇتنىڭ ئۇشبۇ قەلب ساداسىغا چىن كۆڭلىمىزدىن قوشۇلىمىز: «سەن جەڭ ئۈچۈن بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن باغلايسەن» (زەبۇر 18:39). شۇ يىلى ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. چۈنكى، ۋەز خىزمەتتە يەھۋانىڭ ياردەم قولىنى كۆردۇق… . خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە خۇش خەۋەرنى خۇشاللىق بىلەن جاكارلىدۇق».
1924-يىلى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، قېرىنداشلار رادىئو ئارقىلىق خۇش خەۋەرنى جاكارلاش خىزمىتىنى كەڭرەك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن چىكاگوغا يېقىن يەردە بىر رادىئو ئىستانىسى قۇرۇشنى پىلانلاپ، تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ يېڭى رادىئو ئىستانىسى WORD، يەنى «سۆز» دەپ ئاتالغان، سەۋەبى مۇشۇ رادىئو ئىستانىسى ئارقىلىق خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرگە ئاڭلىتىش ئىدى. ئۇلار 5000 ۋاتلىق سىمسىز ئېلېكتېر دولقۇنى تارقىتىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى تېخىمۇ يىراقتىكى ئىنسانلارغا، ھەتتا شىمالدىكى كاناداغا يەتكۈزمەكچى ئىدى.
1925-يىلى، يەھۋا ئۆز خەلقىگە ۋەھىي كىتابى 12-بابتىكى مۇھىم ھەقىقەت نۇرىنى يورۇتۇپ بەردى. بۇ يېڭى چۈشەنچە بەزىلەر ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش بولۇپ، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتتى. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئېتىقادچىلار يېڭى چۈشەنچىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. چۈنكى، ھەقىقەت نۇرى ئۇلارنىڭ ئاسماندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ خۇدانىڭ يەر يۈزىدە ياشايدىغان خەلقى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
a ھازىر بۇ «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ
b شۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان رۇتېرفورد بۇرادەر «سوتچى رۇتېرفورد» دەپ ئاتالغان. ئۇ بەيتەلدە خىزمەت قىلىشتىن ئاۋۋال مىسسۇرى شتاتىدىكى 8-ئەدلىيە رايونى سوت مەھكىمىسىدە ئالاھىدە سوتچى بولۇپ ئىشلىگەن.