3-دەرس
مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى قانداق قىلىپ قايتا بايقالغان؟
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەر، 1870-يىللىرى
«كۆزىتىش مۇنارى» نىڭ تۇنجى سانى، 1879-يىل
بۈگۈنكى كۈندىكى «كۆزىتىش مۇنارى»
مۇقەددەس كىتابتا، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ساختا يېتەكچىلەر پەيدا بولۇپ، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى بۇرمىلاپ ساختىلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت قىلىنغان (ئەلچىلەر 20:29، 30). ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دەل شۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن. شۇ يېتەكچىلەر غەيرى دىنىي ئىدىيىلەرنى ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە ئارىلاشتۇرغان، نەتىجىدە مەسىھنىڭ ساختا ئەگەشكۈچىلەر توپى پەيدا بولغان (2-تىموتىي 4:3، 4). مۇقەددەس كىتاب زادى نېمە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنكى كۈندە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىمىزغا قانداق جەزم قىلالايمىز؟
يەھۋانىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. يەھۋا خۇدا: ‹زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ھەقىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولىدۇ› دەپ ئالدىن ئېيتقانىدى (دانىيال 12:4، بج). 1870-يىلغا كەلگەندە، كىچىك بىر گۇرۇپپا ھەقىقەتنى ئىزدىگۈچىلەر دىنىي ئۇستازلارنىڭ تەلىملىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى تەلىملىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىشنى باشلىغان. يەھۋا ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بەرىكەتلىگەن.
سەمىمىي كىشىلەر ئىخلاس بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆگەنگۈچىلىرى، يەنى دەسلەپكى ئىخلاسمەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى بىز ھەم بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىمىز. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى تېما بويىچە بىرمۇ بىر مۇھاكىمە قىلغان. مۇقەددەس كىتابتىكى چۈشىنىش قىيىن بولغان مەزمۇنغا دۇچ كەلگەندە، شۇنى چۈشەندۈرىدىغان باشقا ئايەتلەرنى ئىزدىگەن. ئۇلار باشقا ئايەتلەرگە ماس كېلىدىغان بىر خۇلاسىنى چىقارغاندا، شۇ خۇلاسىنى خاتىرىلەپ قويغان. شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆز-ئۆزىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇلار خۇدانىڭ ئىسمى ۋە پادىشاھلىقى، ئۇنىڭ ئىنسانلار ۋە يەر شارى ئۈچۈن قىلغان مەقسىتى، ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى قايتا بايقىغان. ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشى ئۇلارنى نۇرغۇن دىنىي يالغانچىلىقلار ۋە ناتوغرا ئادەتلەردىن ئازاد قىلغان. — يۇھاننا 8:31، 32.
1879-يىلغا كەلگەندە، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەر ھەقىقەتنى كەڭ دائىرىدە بىلدۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار شۇ يىلى بىر ژۇرنالنى نەشىر قىلىشنى باشلىغان، بۈگۈنكى كۈندە «كۆزىتىش مۇنارى يەھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىماقتا»، دېگەن نام بىلەن شۇ ژۇرنالنى نەشىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ھازىر، بىز 240 دۆلەتتە تەخمىنەن 750غا يېقىن تىللاردا كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئورتاقلىشىۋاتىمىز. ھەقىقىي بىلىم ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك زىيادە مول بولغان ئەمەس!
مەسىھ ئۆلۈمىدىن كېيىن، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەقىقىتىنى قايتا بايقاش ئۈچۈن بىز قانداق ياردەمگە ئېرىشكەن؟