4-دەرس
«يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نى نېمە ئۈچۈن نەشىر قىلدۇق؟
كونگو (كىنشاسا)
رۋاندا
ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى ئەسىرگە تەۋە، سىمماكۇس قول يازمىسىنىڭ زەبۇر 69:31-ئايىتىدە، ئۇلۇغ ئىسىم ئىشلىتىلگەن
نەچچە ئون يىللار مابەينىدە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەر خىل نەشىرى نۇسخىلىرىنى ئىشلەتكەن، بېسىپ چىقارغان ۋە تارقاتقان. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىم ئېلىشىغا كۆپرەك ياردەم بېرەلەيدىغان يېڭى بىر تەرجىمىنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق (1-تىموتىي 2:3، 4). شۇڭا، 1950-يىلىدىن باشلاپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئىنگلىزچە «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نى بۆلەكلەر بويىچە نەشىر قىلىپ تارقاتتۇق. بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ھازىرغىچە 130 دىن ئارتۇق تىللارغا توغرا تەرجىمە قىلىندى.
چۈشىنىشلىك بىر مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسىنىڭ بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تىللاردا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. كۆپلىگەن تەرجىمىلەر مەنىسى ئېنىقسىز ياكى قوللىنىشتىن قالغان سۆز ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچ، ئوقۇپ چۈشىنىش ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ قەدىمقى قول يازمىلار تېپىلغان. شۇلار مۇقەددەس كىتاب زامانىدىكى ئىبرانىي، ئارامىي ۋە گرېك تىللىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
خۇدا سۆزىگە سادىق بىر تەرجىمىنىڭ بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر بولغان. مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي، ئەسلى تېكىستكە سادىق تەرجىمە قىلىشى شەرت. ئەمما، كۆپىنچە مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە نۇسخىلىرىدا ئۇلۇغ ئىسىم، يەھۋا، ئىشلىتىلمىگەن.
مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپىگە شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بىر تەرجىمىنىڭ بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر بولغان (2-سامۇئىل 23:2). تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن سۈرەتتىكىگە ئوخشاش، قەدىمقى مۇقەددەس كىتاب قول يازمىلىرىدا، يەھۋا، دېگەن ئىسىم 7000 قېتىمچە ئۇچرايدۇ. شۇ قول يازمىلاردا يېزىلغىنى بويىچە، «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»دە يەھۋا دېگەن ئىسىم ئەسلى ئورنىغا قايتا قويۇلغان (زەبۇر 83:18). كۆپ يىللىق تىرىشىپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، ئوقۇغاندا كىشىگە زوق بېغىشلايدىغان، خۇدانىڭ كۆزقارىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر تەرجىمە بارلىققا كەلگەن. سىزدە ئانا تىلىڭىزدىكى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سىزنى يەھۋانىڭ سۆزىنى كۈندە ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۈندەيمىز. — يەشۇ 1:8؛ زەبۇر 1:2، 3.
نېمە ئۈچۈن بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى بىر تەرجىمىسى بولۇشى زۆرۈر دېگەن قارارغا كەلدۇق؟
نېمىنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش خۇدا ئىرادىسىنى بىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق؟