«سېنىڭ ھەقىقەت يولۇڭدا يۈرىمەن»
«ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئەي يەھۋا. سېنىڭ ھەقىقەت يولۇڭدا يۈرىمەن». —زەبۇر 86:11.
ناخشىلار: 26، 10
1—3. (1) مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتكە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ). (2) بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەر بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتۇرىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بەزى دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋالغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇۋېتىش پات-پات ئۇچرىشىدۇ. سېتىۋالغان نەرسىلىرى ئويلىغىنىدەك چىقمىغانلىقتىن ياكى بىر كەمچىلىكى بولغانلىقتىن ئادەملەر ئۇنى قايتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ياكى پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ.
2 بىز مۇقەددەس ھەقىقىتىنى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز. بىز ھەقىقەتنى «سېتىۋال»غاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچقاچان «ساتما»سلىقىمىز ياكى تاشلاپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 23:23-نى ئوقۇڭ؛ 1-تىموتىي 2:4). ئاۋۋالقى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلغاندەك، ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىمىزنى چىقاردۇق. بەلكىم، مائاشى يۇقىرى ئىشتىن باش تارتقاندىمىز. يېقىنلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندۇ. ياكى بولمىسا كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتكەندىمىز. يەھۋا خۇداغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەردىن ۋاز كەچتۇق. بىراق، ھەقىقەتنى بىلگەنلىكىمىز تۈپەيلى ئالغان بەرىكەتلەر بىز باش تارتقان ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
3 ئەيسا ئېسىل مەرۋايىت ئىزدەپ يۈرگەن سودىگەر توغرۇلۇق مىسال كەلتۈرگەن. بۇ سودىگەر بەك قىممەت مەرۋايىتنى تاپقاندا، ئۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىدە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساتىدۇ. مىسالدىكى شۇ مەرۋايىت خۇدا پادىشاھلىقىدىكى ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ھەقىقەتنى ئىزدەپ تاپقان ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەت قانچىلىك قىممەت بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (مەتتا 13:45، 46). شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا قىممەت ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرىنچى قېتىم بىلگەندە، ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەردىن باش تارتىشقا تەييار بولدۇق. ھەقىقەت بىز ئۈچۈن قىممەت بولسا، بىز ئۇنى ھېچقاچان تاشلاپ كەتمەيمىز. بىراق ئېچىنارلىقى شۇكى، خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ۋاقىت ئۆتۈپ ھەقىقەتنى قەدىرلىمەي، ھەتتا تاشلاپ كەتكەن. بىز ھەرگىزمۇ شۇنداق قىلىشنى خالىمايمىز! ئەكسىنچە، بىز «ھەقىقەت يولىدا» مېڭىش نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (3-يۇھاننا 2—4-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىمىزنى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىراق، ئادەم ھەقىقەتنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق سېتىۋېتىشى مۇمكىن؟ ھەقىقەتتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدىغانلىقىمىزغا قانداق كۆز يەتكۈزەلەيمىز؟ ھەقىقەتتە يۈرۈش قارارىمىزدا قانداق چىڭ تۇرالايمىز؟
ئادەم ھەقىقەتنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق سېتىۋېتىشى مۇمكىن؟
4. ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە، بەزى شاگىرتلار نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن؟
4 ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغان بەزى شاگىرتلار كېيىن ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن. مەسىلەن، بىر كۈنى ئەيسا مۆجىزە كۆرسىتىپ، ئادەملەرنى ئوزۇقلاندۇرغانىدى. ئۇلار جەلىلىيە دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭغان. بىراق، ئەيسا ئۇلارغا: « ئىنسان ئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەر ھاياتقا ئېرىشەلمەيسىلەر»،— دېگەنىدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئەيسانىڭ نېمە ئېيتماقچى ئىكەنلىكىنى سوراشنىڭ ئورنىغا: «نەقەدەر قورقۇنچلۇق گەپلەر! كىم بۇ سۆزلەرنى تىڭشاپ تۇرالايدۇ؟»،— دېگەن. نەتىجىدە، «شاگىرتلاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى تاشلىغان ئىشلىرى بىلەن قايتا شۇغۇللىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى».—يۇھاننا 6:53—66.
5، 6. (1) بۈگۈنكى كۈندە، بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ھەقىقەت يولىنى تاشلاپ كېتىشى مۇمكىن؟ (2) قانداق قىلىپ ئادەم ھەقىقەتتىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؟
5 ئېچىنارلىقى شۇكى، بەزىلەر ھەقىقەت يولىنى تاشلاپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بەلكىم، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەت ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىنى قوبۇل قىلالمىغان ياكى مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ سۆزى ياكى ئىشى سەۋەبلىك پۇتلىشىپ كەتكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا، مۇقەددەس كىتابتىن بەرگەن نەسىھەتنى ياقتۇرمىغان ياكى جامائەتتىكى بىرىگە قاتتىق رەنجىگەن. ھەتتا بەزىلىرى ھەقىقەتىن چەتنەپ كەتكەنلەرگە ۋە بىز ھەققىدە يالغان سۆز تارقاتقانلارغا ئىشىنىپ كەتكەن. بۇ — بەزىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن يەھۋادىن ۋە جامائەتتىن «يىراقلىشىپ» كېتىشىنىڭ پەقەت بىرنەچچە سەۋەبى (ئىبرانىيلار 3:12—14). بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلار ئەلچى پېترۇسقا ئوخشاش ئەيساغا ئىشەنگەن بولسا، توغرا بولاتتى. خەلق ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولغاندا، ئۇ شاگىرتلىرىدىن: «سىلەرچە، سىلەرمۇ كېتىشنى خالامسىلەر؟»،— دەپ سورىغانىدى. بىراق، پېترۇس ئەيساغا: «ھەزرىتىم، مەڭگۈلۈك ھايات سۆزلىرى سىزدە تۇرسا! كىمنىڭمۇ يېنىغا كېتەرمىز؟»،— دەپ جاۋاب بەرگەن.—يۇھاننا 6:67—69.
6 يەنە بىرلىرى ھەقىقەتتىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بەلكىم، ئۇلار بۇنى بايقىمايدۇ. ھەقىقەتتىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئادەمنى، بارا-بارا قىرغاقتىن يىراقلىشىپ كېتىدىغان كېمە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ھەقىقەتتىن «يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن»، مۇقەددەس كىتاب بىزنى پەخەس بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئىبرانىيلار 2:1). ئادەتتە، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ئادەم شۇنداق قىلىشنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا يول قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشقا بولىدۇ؟
ھەقىقەتنى سېتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
7. ھەقىقەتنى سېتىۋەتمەسلىككە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلىشنى ياكى رەت قىلىشنى ئۆزىمىز قارار قىلالمايمىز
7 ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق يۈرۈش ئۈچۈن، يەھۋانىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. ھەقىقەت ھاياتىمىزدا ئەڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى لازىم ۋە ھەرقانداق ۋەزىيەتتە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. داۋۇت پادىشاھ يەھۋاغا: «سېنىڭ ھەقىقەت يولۇڭدا يۈرىمەن»،— دەپ دۇئا قىلغان (زەبۇر 86:11). داۋۇت ھەقىقەت يولىدا يۈرۈشكە قەتئىي بەل باغلىغان، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق، ھەقىقەت ئۈچۈن ۋاز كەچكەن نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاپ، ھەتتا ئۇلارنى قايتۇرماقچى بولۇشىمىز مۇمكىن. بىراق، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلىش ياكى قايسىسىنى رەت قىلىشنى ئۆزىمىز قارار قىلالمايمىز. بىز ھەقىقەتنى تولۇق قوبۇل قىلىشىمىز لازىم (يۇھاننا 16:13). ئالدىنقى ماقالىدە ھەقىقەتنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ۋاز كەچكەن بەش نەرسىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. ھازىر بولسا، ۋاز كەچكەن نەرسىلەرگە قايتماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.—مەتتا 6:19.
8. ۋاقتىمىزنى ناتوغرا ئىشلەتسەك، قانداقلارچە ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 ۋاقىت. ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى دانالىق بىلەن ئىشلىتىشىمىز مۇھىم. پەخەس بولمىساق، ئويۇن-تاماشا، دەم ئېلىش، قىزىقىشلىرىمىز، ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزورغا ھەددىدىن تاشقىرى ۋاقىت سەرپ قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچ يامىنى يوق. بىراق، بۇ ئىشلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە ھەم ۋەز قىلىشقا بۆلىدىغان ۋاقتىمىزنى ئوغرىلىشى مۇمكىن. ئىمما ئىسىملىك قېرىندىشىمىز شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە ئۇچرىغانa (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئۇ كىچىك چېغىدىن ئاتلارغا ئامراق ئىدى ۋە مۇمكىنچىلىك بولغاندىلا، ئات مىنىپ يۈرەتتى. لېكىن، ئۇ بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ۋاقىت بۆلگەنلىكىنى بايقاپ، ئۆزىنى ئەيىبكار ھېس قىلغان. شۇنداقلا، ئۇ ئات ئۈسىتىدە ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنىغا قاتناشقان كورى ۋېللىس ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگەنگەنb. ھازىر، ئىمما كۆپ ۋاقتىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا، ئۇ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملىنىپ، ۋاقتىنى دانالىق بىلەن ئىشلىتىدۇ.
9. مال-دۇنيانى ھاياتىمىزدا قانداقلارچە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز مۇمكىن؟
9 مال-دۇنيا. ھەقىقەتتە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز مال-دۇنيانى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويماسلىقىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى تونۇغاندا، بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ مال-دۇنيادىن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. ھەقىقەت ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن قۇربانلىق بېرىشكە تەييار بولدۇق. لېكىن، ۋاقىت ئۆتۈپ بىز باشقىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلارنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ خۇشال بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى چەتتە قالغاندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇ چاغدا، بىز قولىمىزدا بارىغا شۈكۈر قىلماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئەمەس، مال-دۇنياغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇمكىن. بۇ دىماس بىلەن بولغان ۋەقەنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئۇ «بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سۆيۈپ»، ھەتتا ئەلچى پاۋلۇس بىلەن قىلغان خىزمىتىنى تاشلاپ كەتكەن (2-تىموتىي 4:10). بەلكىم، دىماس مال-دۇنيانى خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن كۆپرەك ياخشى كۆرگەن. ياكى بولمىسا ئۇ ئەلچى پاۋلۇس بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك قۇربانلىق بېرىشنى خالىمىغان. بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بەلكىم، بۇرۇن بىز مال-دۇنيانى بەك ياخشى كۆرگەندىمىز. پەخەس بولمىساق، مال-دۇنياغا بولغان ھەۋىسىمىز كۈچىيىپ، بىزنى ھەقىقەتكە بولغان سۆيگىمىزدىن ئايرىۋېتىشى مۇمكىن.
10. بىز كىملەرنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك؟
10 باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. ھەقىقەتتە يۈرۈش ئۈچۈن، بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغانلارنىڭ بىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى بىلگەندە، بىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس دوستلىرىمىز ۋە تۇغقانلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگەرگەن. بەلكىم، بەزىلىرى كۆز قارىشىمىزنى ھۆرمەتلىسە، يەنە باشقىلىرى قارشى چىققان بولۇشى مۇمكىن (1-پېترۇس 4:4). ئەلۋەتتە، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىز بىلەن تىل تېپىشىپ، ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بىز يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە پەرۋاسىزلىق قىلمايمىز. شۇنداقلا، 1-كورىنتلىقلار 15:33-ئايەتتە يېزىلغاندەك، بىز يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشىمىز لازىم.
11. بىز ناپاك ئويلار بىلەن يامان ئىشلاردىن قانداق نېرى تۇرالايمىز؟
11 ناپاك ئويلار بىلەن يامان ئىشلار. داۋاملىق ھەقىقەتتە مېڭىش ئۈچۈن، بىز يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا مۇقەددەس، يەنى پاك بولۇشىمىز مۇھىم (يەشايا 35:8؛ 1-پېترۇس 1:14—16-نى ئوقۇڭ). بىز ھەقىقەتنى تونۇپ بىلگەندە، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلچەملەرگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىمىزدا كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى قىلدۇق. بەزىلىرىمىز ھەتتا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئەخلاق جەھەتتىن، پاك ھاياتىمىزنى ئەخلاقسىز ھاياتقا تېگىشمەسلىك ئۈچۈن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. ئەخلاقسىزلىق قىلىش ئازدۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىشى مۇمكىن؟ يەھۋا بىزنىڭ پاك بولۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمە بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ بىزگە سۆيۈملۈك ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەن (1-پېترۇس 1:18، 19). يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇپ قېلىش ئۈچۈن بىز ھەرقاچان ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى قانچىلىك قىممەت-باھالىق ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلىشىمىز لازىم.
12، 13. (1) بىز بايراملارغا نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئوخشاش قارىشىمىز كېرەك؟ (2) ھازىر نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
12 خۇداغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە قائىدە-يوسۇنلار. ئائىلە ئەزالىرىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز ۋە سىنىپداشلىرىمىز بايراملارغا قاتنىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بېسىم قىلىشى مۇمكىن. يەھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن بايراملارغا قاتنىشىش بېسىمىغا قارشى تۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بۇ بايراملار يەھۋاغا نېمە ئۈچۈن ياقمايدىغانلىقىنى ھەردائىم ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز بۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېسىمىزگە سېلىش ئۈچۈن، ماتېرىياللىرىمىزنى تەتقىق قىلساق بولىدۇ. بۇ بايراملارغا نېمە سەۋەبتىن قاتناشمايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، ‹رەببىمىز قوبۇل قىلىدىغان» ھەقىقەت يولى بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يەتكۈزەلەيمىز (ئەفەسلىكلەر 5:10). يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسەك، ئادەملەرنىڭ سۆزىدىن قورقمايمىز.—پەندى-نەسىھەت 29:25.
13 بىز ھەقىقەتتە مەڭگۈ يۈرۈشنى خالايمىز. ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ ئۈچ يولىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇڭ
14. (1) مۇقەددەس كىتابنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (2) بىز نېمە ئۈچۈن دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتكە مۇھتاج؟
14 بىرىنچىدىن، مۇقەددەس كىتابنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. بۇنىڭغا ھەردائىم ۋاقىت بۆلۈڭ. سىز مۇقەددەس كىتابنى قانچە پۇختا ئۆگەنسىڭىز، ھەقىقەتكە بولغان مۇھەببىتىڭىز شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ ۋە ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرىسىز. پەندى-نەسىھەت 23:23--ئايەتتە، بىزنى «ھەقىقەتنى»، «دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى» سېتىۋېلىشقا چاقىرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى بىلىپلا قويۇش يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىمىز لازىم. پاراسەتكە ئىگە بولۇش، يېڭىدىن ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى بۇرۇن بىلگەنلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. دانالىق بىزنى بىلىمگە ماس ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بەزىدە ھەقىقەت بىزنى تەربىيىلەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز مۇنداق تەربىيىگە دەرھال قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا، مۇنداق تەربىيە كۈمۈشتىنمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.—پەندى-نەسىھەت 8:10.
15. ھەقىقەت بىزنى قانداق قىلىپ بەلباغقا ئوخشاش قوغدايدۇ؟
15 ئـىكـكىنـچىـدىن، ھـەر كـۈنـى ئىش-ھـەرىكـەتلىرىـڭىزنى ھەقىـقەتـكە ماسلاشتۇرۇشقا بەل باغلاڭ. مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقەت ئەسكەرنىڭ بەل بېغى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (ئەفەسلىكلەر 6:14). قەدىمقى زامانلاردا ئەسكەر بەل بېغىنى چىڭ باغلىغان ھالەتتىلا، ئۇ ئەسكەرنى قوغدىغان. لېكىن، بەلبېغىنى چىڭ باغلىمىسا، ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايتتى. ھەقىقەت بىزنى قانداق قىلىپ بەلباغقا ئوخشاش قوغدايدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى ھەر ۋاقىتتا چىڭ تۇتساق، بۇ بىزنى ناتوغرا ئوي-پىكىردىن قوغدايدۇ ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياكى يامان ئىش قىلىشقا ئازدۇرۇلغاندا، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت بىزنى توغرا ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەسكەر جەڭگە ھېچقاچان بەلباغسىز چىقمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ھەقىقەتنى ھېچقاچان قالدۇرمايمىز. ھاياتىمىزدا ھەر جەھەتتىن مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتكە ماس ياشاۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، ئەسكەر بەل بېغىدا قىلىچنى ئېسىپ ئېلىپ يۈرگەن. بىزمۇ شۇنداق قىلالايمىز. قانداقلارچە؟
16. ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىزغا قانداق قىلىپ ياردەم بېرىدۇ؟
16 ئۈچىنچىدىن، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كۈچ چىقىرىڭ. مۇقەددەس كىتاب قىلىچ بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئەسكەر قىلىچىنى چىڭ تۇتقاندەك، بىزمۇ خۇدانىڭ سۆزىدىكى قائىدە-پرىنسىپلارنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 6:17). بىز «ھەقىقەت سۆزىنى توغرا ئۇسۇلدا قوللىنىدىغان» بولساق، تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز (2-تىموتىي 2:15). باشقىلارغا تەلىم بەرگەندە، مۇقەددەس كىتابنى قوللانساق، ھەقىقەتنى ياخشىراق بىلىپ، ئۇنى كۆپرەك ياخشى كۆرىمىز. شۇ چاغدا، ھەقىقەت يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلايمىز.
ھەقىقەت — يەھۋادىن كەلگەن ئاجايىپ سوۋغات
17. سىز ھەقىقەتنى نېمە ئۈچۈن قەدىرلەيسىز؟
17 ھەقىقەت — يەھۋادىن كەلگەن ئاجايىپ سوۋغات. ھەقىقەت بىزگە ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئېرىشىش مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ قىممەت-باھالىق نەرسە. يەھۋا خۇدا بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى، لېكىن بۇ باشلىنىشى خالاس. ئۇ بىزگە مەڭگۈ تەلىم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەتنى بىباھا مەرۋايىتتەك قەدىرلەڭ. «ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز ساتما» دېگەن نەسىھەتكە داۋاملىق قۇلاق سالايلى. شۇ چاغدا، داۋۇتقا ئوخشاش بىزمۇ يەھۋاغا: «سېنىڭ ھەقىقەت يولۇڭدا يۈرىمەن»،— دەپ ئېيتالايمىز.—زەبۇر 86:11.
a ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن.
b JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىدىكى سۆھبەتلەر ۋە ۋەقەلەر > ھەقىقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ، دېگەن يەرگە قاراڭ.