«ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز ساتما»
«ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز ساتما. دانالىق، تەلىم-تەربىيە ۋە پەم-پاراسەتنى ھەم ئال».—پەندى-نەسىھەت 23:23.
ناخشىلار: 37، 29
1، 2. (1) ھاياتىڭىزدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە؟ (2) بىز قانداق ھەقىقەتلەرنى قەدىرلەيمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىملەرگە قاراڭ)
ھاياتىڭىزدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە؟ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغاچقا، بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە — ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. بۇ مۇناسىۋەتنى بىز ھېچنېمىگە تېگىشمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن، ھەقىقەت يەھۋا بىلەن دوست بولۇشقا پۇرسەت يارىتىدۇ، شۇڭا بىز ئۇنى قەدىرلەيمىز.—كولوسىلىقلار 1:9، 10.
2 يەھۋا خۇدا — بىزنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازىمىز. ئۇ مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە ئاجايىپ ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىدۇ. خۇدا ئۆز ئىسىمىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى ئاشكارا قىلغان. يەھۋا ئادەمزاتنى شۇ قەدەر سۆيگەنكى، ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان. يەنە ئۇ ئۆز پادىشاھلىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنىمۇ ئېيتىپ بەرگەن. شۇنداقلا كېلەچەكتە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئاسماندا ياشاش ۋە «باشقا قويلار» ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا قىلغان (يۇھاننا 10:16). يەھۋا بىزگە قانداق ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتلەر بىز ئۈچۈن بىباھا غەزنە، چۈنكى ئۇلار ياراتقۇچىمىزغا يېقىنلىشىشقا ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
3. يەھۋا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن بىزدىن پۇل سورامدۇ؟
3 يەھۋا — سېخىي خۇدادۇر. ئۇ ھەتتا بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى قۇربان قىلغان. يەھۋا كىمدۇ-بىرسىنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ. خۇدا ھەقىقەتنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن بىزدىن ھېچقاچان ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. بىر كۈنى سىمۇن ئىسىملىك كىشى ئەلچى پېترۇسقا پۇل بەرمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، مۇقەددەس روھنى بېرىش قابىلىيىتىنى سېتىۋالماقچى بولغان. بىراق، پېترۇس ئۇنى ئەيىبلەپ: ««سەن خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغاچ، كۈمۈشۈڭ بىلەن بىللە ھالاك بول»،— دېگەن (ئەلچىلەر 8:18—20). ئۇنداقتا، «ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش»، دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
«ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش» دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4. بۇ ماقالىدە ھەقىقەت توغرىسىدا نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
4 پەندى-نەسىھەت 23:23-نى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشىمىز لازىم. بىز ھەقىقەتنى بىلگەندە، ئۇنى «سېتىۋالدۇق» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمدى قەتئىي پەخەس بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇنى «سېتىۋەتمەسلىكىمىز»، يەنى ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. قانداق قىلىپ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى «سېتىۋالىمىز»؟ ئۇنىڭ باھاسى قانچە؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بىزگە ھەقىقەتنى تېخىمۇ قەدىرلەشكە ۋە ئۇنى ھەرگىزمۇ تاشلىماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەقىقەتنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز.
5، 6. (1) قانداق قىلىپ ھەقىقەتنى ھەقسىز سېتىۋالالايمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (2) ھەقىقەتنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
5 بىرەر نەرسىگە ھەقسىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىزمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك. پەندى-نەسىھەت 23:23-ئايەتتىكى «سېتىۋېلىش» دېگەن ئىبرانىيچە سۆزنىڭ «ئېرىشىش» دېگەن مەنىسى ھەم بار. بۇ ئىككىلا سۆز، ئادەم ئۆزى ئۈچۈن قىممەتلىك دەپ ھېسابلايدىغان نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ياكى بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتنى قانداق سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر دۇكاندا بانانلارنى ھەقسىز بېرىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ بانانلار داستىخاندا ئۆزىدىن-ئۆزى پەيدا بولىدۇ دەپ كۈتۈپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. بىز ئۆزىمىز دۇكانغا بېرىپ، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك. گەرچە بۇ بانانلار ھەقسىز بولسىمۇ، ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن، بىزگە پۇلنىڭ كېرىكى يوق، بىراق ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
6 يەشايا 55:1—3-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتلەر «ھەقىقەتنى سېتىۋال» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا ھەقىقەت سۆزىنى سۇ، سۈت ۋە شاراب بىلەن سېلىشتۇرغان. سوغاق سۇ ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغاندەك، خۇدانىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەت بىزنى روھلاندۇرىدۇ. سۈت بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كۈچ بەرگەندەك، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىدۇ. شۇنداقلا، يەھۋا ھەقىقەتنى شاراب بىلەن سېلىشتۇرغان. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، مۇقەددەس كىتابتا شاراب ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان (زەبۇر 104:15). دېمەك، يەھۋا بىزگە «شاراب سېتىۋېلىڭلار» دېگەندە، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سالساق، شاد-خۇراملىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان (زەبۇر 19:8). يەھۋا بۇ سېلىشتۇرمىلار ئارقىلىق ھەقىقەتنى بىلىش ۋە ئۇنى ھاياتىمىزدا قوللىنىشنىڭ پايدىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرگەن. ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانداق بەش نەرسىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېمىدىن باش تارتىش كېرەك؟
7، 8. (1) ھەقىقەتنى بىلىشكە نېمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش كېرەك؟ (2) بىر ئايال ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
7 ۋاقىت. ھەقىقەتنى سېتىۋالماقچى بولغان ھەربىر ئادەم ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك. پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تىڭشاش، مۇقەددەس كىتابنى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇش، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىنىش ۋە ئۇلارغا قاتنىشىش — ھەممىسى ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت تېپىش ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىشلاردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:15، 16-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانچە ۋاقىت كېرەك؟ بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. يەھۋانىڭ دانالىقى، يوللىرى ۋە ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى بىلىم چەكسىز (رىملىقلار 11:33). «كۈزىتىش مۇنارى» تۇنجى سانىدا ھەقىقەت «كىچىك نازۇك گۈل» بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. بۇ ژۇرنالدا: «پەقەت بىر ھەقىقەت گۈلىنى تېپىش يېتەرلىك ئەمەس. ئەگەر بىرى يېتەرلىك بولسا، باشقا گۈللەر بولمايتتى. شۇڭا، بىزمۇ بىرلا ھەقىقەت بىلەن قانائەتلەنمەي، دائىم ئىزدەپ، كۆپرەك توپلايلى»،— دەپ يېزىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «يەھۋانى قانچىلىك ياخشى تونۇپ بىلدىم؟» دەپ ئويلىنىپ كۆرەيلى. بىز ھەتتا مەڭگۈ ياشىساقمۇ، يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ھەممە ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، يەھۋا توغرۇلۇق مۇمكىنقەدەر كۆپرەك بىلىم ئېلىشىمىز مۇھىم. شۇنداق قىلغان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ھەممە ۋاقتىمىزنى پايدىلىنىپ، يەھۋا توغرۇلۇق مۇمكىنقەدەر كۆپرەك بىلىم ئېلىشىمىز مۇھىم
8 مارىكوa (ئىزاھاتقا قاراڭ) ئىسىملىك ياپونىيىلىك بىر ياش ئايال ئوقۇش ئۈچۈن قوشما شتاتلاردىكى نيۇ-يورك شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. بىر كۈنى، بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قېرىنداش ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر بىلەن بۆلۈشكەن. مارىكونىڭ ئۆز دىنى بولسىمۇ، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۆگىنىۋاتقان نەرسىلىرىنى بەك ياقتۇرغاچ، قېرىندىشىمىزنىڭ ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم كېلىشىنى سورىغان. گەرچە مارىكو ئوقۇشى ۋە ئىشى بىلەن بەنت بولسىمۇ، ۋاقىت تېپىپ، جامائەت يىغىلىشىغا بارغان. ئۇ ھەقىقەت توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن ئويۇن-تاماشىغا ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشنىڭ ئارقىسىدا مارىكو يەھۋاغا يېقىنلىشىپ، بىر يىل ئۆتمەي، چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. كېيىن يېرىم يىل ئۆتۈپ، 2006-يىلى پىدائىي ۋەز خىزمىتنى باشلاپ، تا ھازىرغىچە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
9، 10. (1) ھەقىقەتنى بىلگەندە، مال-دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىمىز قانداق ئۆزگۈرىدۇ؟ (2) بىر ياش ئايال نېمىدىن ۋاز كەچكەن، ھازىر ئۇ بۇ قارارى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
9 مال-دۇنيا. ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن مائاشى يۇقىرى ئىشتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەيسا بېلىقچى پېترۇس بىلەن ئەندەرنى ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇشقا چاقىرغاندا، ئۇلار ئىشىنى تاشلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان (مەتتا 4:18—20). ئەلۋەتتە، بۇ ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن ئىشتىن چىقىپ كېتىش كېرەك، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك (1-تىموتىي 5:8). ئەمما، ھەقىقەتنى تونۇپ بىلگەندىن كېيىن، مال-دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىمىز ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، بىز ھاياتتا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. ئەيسا: «يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار، … ئەكسىچە، ئاسماندا ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار»،— دېگەن (مەتتا 6:19، 20). مارىيا ئىسىملىك ياش ئايال ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان.
10 مارىيا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا گولف توپ ئويناشنى ياخشى كۆرگەن. چوڭ سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ گولف توپنى تېخىمۇ ياخشى ئويناشقا باشلىغان. مارىيا بۇ ئويۇننى بەكمۇ ياخشى ئوينىغاچقا، ئۇنى ئۇنىۋېرسىتېتقا ھەقسىز ئوقۇشقا چاقىرغان ئىدى. مارىيانىڭ ھاياتىدىكى مەقسىتى كەسپىي گولفچى بولۇپ، كۆپ پۇل تېپىش بولغان. كېيىن، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاپ، ئالغان بىلىملەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇلارنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مۇقەددەس كىتاب بويىچە ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشقانسېرى، ئۆزۈمنىڭ بەكمۇ بەختلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم». مارىيا تەنتەربىيىگە ۋە روھىي ئىشلارغا بىردەك كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (مەتتا 6:24). شۇڭا، ئۇ ئۆز مەقسەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلغانىدى. ھازىر مارىيا پىدائىي ۋەز خىزمىتى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ: «مەن ئەڭ خۇشال ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرىۋاتىمەن»، دەيدۇ.
ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىز نېمىدىن ۋاز كەچتىڭىز؟
11. ھەقىقەتنى بىلىشىمىز باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
11 باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا باشلىغاندا، تۇغقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە دۇئا قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر» (يۇھاننا 17:17). «مۇقەددەس قىلىش» دېگەن سۆز، «ئايرىپ قويۇش» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. بىز ھەقىقەتكە ماس ھايات كەچۈرۈشنى باشلىغاندا، مۇشۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمايمىز. چۈنكى، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلچەملەرگە ماس ھەرىكەت قىلىمىز.. بىز دوست-بۇرادەرلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تىرىشساقمۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن. بەزىلىرى ھەتتا بىزگە قارشى چىقىدۇ. بىراق، بىز بۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز. چۈنكى، ئەيسا: «ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 10:36). لېكىن، ھەقىقەت ئۈچۈن مەيلى نېمىدىن ۋاز كېچەيلى، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز.—ماركۇس 10:28—30-نى ئوقۇڭ.
12. ئارون ئىسىملىك كىشى ھەقىقەت ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
12 ئارون ئىسىملىك يەھۇدىي كىشى خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بىراق، ئۇ خۇدا ھەققىدە بىلىم ئالغۇسى كەلگەن. بىر كۈنى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى خۇدانىڭ ئىسىمى ئىبرانىي تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن يېزىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلغاندا، «يەھۋا» دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئارونغا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. بۇنى بىلگەندە، ئارون خۇشاللىقىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، دىنىي ئۇستازلارغا خۇدانىڭ ئىسىمى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، ئۇلار خۇشال بولىدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق، ئۇلار ئاروننىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئاروننىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىققان. ئەمما، ئۇ قارشىلىقلارغا قارىماستىن، يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتمىغان. كېيىن ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان. ھەقىقەت ئۈچۈن بىزنىڭمۇ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشى مۇمكىن.
13، 14. ھەقىقەتنى تونۇپ بىلگەندە كۆز قارىشىمىز بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
13 ناپاك ئويلار بىلەن يامان ئىشلار. بىز ھەقىقەتنى بىلىپ، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشنى باشلىغاندا، كۆز قارىشىمىز بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دەپ يازغان: «ئىتائەتچان بالىلاردەك بولۇڭلار، ئىلگىرىكى نادان چاغلىرىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئەمدى ئەگەشمەڭلار. … پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا مۇقەددەس بولۇڭلار» (1-پېترۇس 1:14، 15). قەدىمقى كورىنت شەھىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرگەن. شۇڭا، ئۇلار يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇش ئۈچۈن چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشى كېرەك ئىدى (1-كورىنتلىقلار 6:9—11). بۈگۈنمۇ ھەقىقەتنى تونۇپ بىلگەن ئادەملەر ھاياتىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىدۇ. پېترۇس بۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۆتمۈشتە سىلەر ئەخلاقسىز قىلىقلار، شەھۋانىيلىق ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيىش-ئىشرەت، بەسلىشىپ ئىچىش ۋە يىرگىنىچلىك بۇتپەرەسلىكلەرگە بېرىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار».—1-پېترۇس 4:3.
14 دېۋىن بىلەن ياسمىن نۇرغۇن يىللار ھاراقكەش بولغان. دېۋىن قابىلىيەتلىك بۇغالتىر بولسىمۇ، بىراق ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن، بىر ئورۇندا ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىيەلمىگەنىدى. كىشىلەر ياسمىننى زوراۋان ۋە ئاچچىقى يامان ئايال، دەپ تونۇغان. بىر كۈنى ياسمىن ئىچىۋېلىپ، ئۆيىگە مەس كېلىۋاتقاندا، يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېىتقۇچى ئەر-ئايال ئۇنىڭغا ۋەز قىلغان. ئۇ ئۇلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە كېلىشكەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن، شۇ ئەر-ئايال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ھەر ئىككىلىسى ئىچىۋالغان ئىكەن. دېۋىن بىلەن ياسمىن ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىگە ھەيران قالغانىدى. ۋەز ئېيتقۇچى ئەر-ئايال كېيىنكى قېتىم كەلگەندە، ۋەزىيەت تامامەن باشقىچە بولغان. ياسمىن بىلەن دېۋىن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى بىلىشكە تەشنا ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنى دەرھال ھاياتىدا ئەمەلىي ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا، ئۇلار ھاراق ئىچىشنى تاشلاپ، نىكاھىنى قانۇنىي ھالدا رەسمىيلەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى ئادەملەر دېۋىن بىلەن ياسمىننىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان.
15. بىز ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ بىرى نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؟
15 خۇداغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە قائىدە-يوسۇنلار. بىز ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ بىرى — يەھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە قائىدە-يوسۇنلارغا قاتنىشىشنى توختىتىش. يەھۋانىڭ بۇ ئۆرپ-ئادەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، بەزى ئادەملەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاز كېچىش قىيىن. ئۇلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ياكى دوستلىرىنىڭ بېسىمىدىن قورقىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلەر بەك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ (تەكرار قانۇن 14:1). ئۇنداقتا، كېرەكلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىز ھەقىقەتنى بىلگەندە، ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن يەھۋانىڭ قەدىمقى خىزمەتچىلىرى، مەسىلەن ئەفەستىكى دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۈلگە ئالالايمىز.
16. ئەفەستىكى بەزى ئادەملەر نېمىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولغان؟
16 قەدىمقى ئەفەس شەھىرىدە جادوگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىش كەڭ تارقالغانىدى. بۇرۇن سېھىرگەرلىك قىلغان ئادەملەر مەسىھ ئەگەشچىلىرى بولغاندىن كېيىن نېمە قىلغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «شۇنىڭ بىلەن، سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى. كىتابلارنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ كۆرسە، ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋانىڭ كالامى كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، بارغانسېرى تەسىر كۈچى ئېشىپ باردى» (ئەلچىلەر 19:19، 20). شۇ سادىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قىممەتباھا كىتابلىرىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋا خۇدا ئۇلارغا مول بەرىكەت بەرگەن.
17. (1) ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ۋاز كەچتۇق؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
17 ھەقىقەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىز نېمىدىن ۋاز كەچتىڭىز؟ ھەممىمىز ۋاقتىمىزنى قۇربان قىلدۇق. بەزىلىرىمىز باي بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچتۇق. بەزى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىرىمىز كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتتۇق ھەم يەھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى تاشلىدۇق. بىز مەيلى قانداق قۇربانلىق بېرەيلى، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت ئۇنىڭدىنمۇ نەقەدەر قىممەت-باھا ئىكەنلىكىگە كۆرۈپ يەتتۇق. ھەقىقەت ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتباھا ھەدىيە، يەنى يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان. ھەقىقەت يولىدا مېڭىپ، ئىگە بولغان مول بەرىكەتلەر ھەققىدە ئويلىغاندا، ھەقىقەتنى سېتىۋېتىش ھەتتا خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. بەزىلەر نېمە سەۋەبتىن ھەقىقەتنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن؟ بىز شۇنداق چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشتىن قانداق نېرى تۇرالايمىز؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كېلەركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.
a بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.