11-دەرس
بىز نېمە ئۈچۈن چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىمىز؟
مېكسىكا
گېرمانىيە
بوتسۋانا
نىكاراگۇئا
ئىتالىيە
نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن؟ چۈنكى، ئۇلار چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدىن بىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. يىلدا ئۈچ قېتىم يىغىلىشقا بۇيرۇلغان قەدىمقى زاماندىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ توپ توپ بولۇشۇپ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەشنامىز (تەكرار قانۇن 16:16). ھەر يىلى ئۈچ چوڭ پائالىيىتىمىز بار: ئىككى قېتىم بىر كۈنلۈك «رايونلۇق چوڭ يىغىلىش» ۋە «ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىش». شۇ يىغىلىشلاردىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىمىز؟
قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىدۇ. خۇددى قەدىمدە ئىسرائىللار «جامائەتلەرنىڭ ئىچىدە» يەھۋانى مەدھىيىلەپ شادلىق قىلغىنىدەك، بىز ھەم بىرلىكتە چوڭ يىغىلىشلاردا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ شاد خۇراملىققا چۆمىمىز (زەبۇر 26:12؛ 111:1). بۇ جەم بولۇشلار باشقا جامائەتلەردىكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن گۇۋاھچىلار بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ. چۈشتە، يىغىلىش قىلغان جايدا بىرلىكتە غىزالىنىش، بۇ روھىي سورۇنلىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ، دوستلۇق رىشتىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ (ئەلچىلەر 2:46). شۇ پەيتلەردە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنى ئۇيۇشتۇرىدىغان مېھىر-مۇھەببەتنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. — 1-پېترۇس 2:17.
روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىللار شەرھلەنگەن ئايەتلەرنى چۈشىنىپ مەنپەئەتلەنگەنىدى (نەھەمىيا 8:8، 12). بىزمۇ چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا بېرىلگەن مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى قەدىرلەيمىز. ھەربىر چوڭ يىغىلىشنىڭ تېمىسى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان. نۇتۇقلار، يۈرۈشلۈك نۇتۇقلار ۋە كەچۈرمىشلەرنى نەمۇنە كۆرسىتىشلەردىن ھاياتىمىزدا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قانداق ئورۇنداشنى ئۆگىنىمىز. بۇ تەس كۈنلەردە خۇدا يولىنى تۇتۇپ ياشاش جەريانىدا قېرىنداشلارنىڭ دۇچار بولغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزدا كۆپ ئىلھام ئالىمىز. «ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىش»لاردا، مۇقەددەس كىتابتىكى مەزمۇنلارنى رېئال تۇرمۇشقا ئېلىپ كىرىدىغان درامىلار ئارقىلىق بىزگە تەربىيە-ساۋاقلارنى بېرىدۇ. ھەربىر چوڭ يىغىلىشلاردا، ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن چوڭ يىغىلىشلار ھەممە شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغان پەيت؟
چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش سىزگە قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟