13-دەرس
پىدائىي ۋەز ئېيتىش قانداق خىزمەت؟
كانادا
ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز ئېيتىش
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتى
شەخسەن تەتقىقات قىلىش
«پىدائىي» سۆزى، ئالدىن يېڭى بىر دائىرىنى قىدىرىپ باشقىلارنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن يول ئاچىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا مەسىھ بىر پىدائىي بولۇپ، ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان خىزمەتنى قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشقا يول ئېچىش ئۈچۈن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەنىدى (مەتتا 20:28). بۈگۈنكى كۈندە، مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ‹شاگىرت يېتىشتۈرۈش› ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە كۆپرەك ۋاقىت چىقارماقتا (مەتتا 28:19، 20). ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىز پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، دەپ ئاتايدىغان خىزمەتنى قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان.
تولۇق ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش. بارلىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، ھەر ئايدا 70 سائەت ۋەز خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تۇرمۇشىنى شۇنىڭغا ماس ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ مەقسەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قىسمەن ۋاقىتلىق خىزمەتنى تاللىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر پادىشاھلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچىلەرگە بەكمۇ موھتاج رايونلارغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا تەيىنلىنىدۇ، ئۇلار ھەر ئايدا 130 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋەز ئېيتىدۇ. پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇشقان، يەھۋانىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى موھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (مەتتا 6:31–33؛ 1-تىموتىي 6:6–8). تولۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا ئىمكانىيىتى يوق ئېتىقادچىلار، قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەر ئايدا 30 ياكى 50 سائەت ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىدۇ.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا خۇدانى ۋە باشقىلارنى سۆيۈش تۈرتكە بولغان. ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدىكى بىلىمگە جىددىي موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق (ماركۇس 6:34). بىزدە شۇ كىشىلەرگە ھازىر ياردەم بېرەلەيدىغان ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلارغا كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىلىم بار. شۇ سەۋەب، قوشنىنى سۆيۈش پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى ۋاقىت ۋە كۈچىنى ئايىماي باشقىلارنىڭ خۇش خەۋەرنى بىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغان (مەتتا 22:39؛ 1-سالونىكالىقلار 2:8). شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە شاد-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەلچىلەر 20:35.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەلەيسىز؟
بەزى ئېتىقادچىلارنىڭ تولۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىغا نېمە تۈرتكە بولغان؟